مېنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمىغان سالاھىيەتلىرىم بار، ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئوخشىمىغان سالاھىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىمەن. كۈندۈزى بېشىمنى چۈمكەپ ئۇخلايمەن، كەچ كىرگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ «خىزمەت»نى باشلايمەن. لېكىن مەن كەچلىك كۇلۇبلاردا لەلەڭشىپ يۈرىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس، مېنىڭ سالاھىيىتىم ئىنتايىن ئالاھىدە. مەن تۇيۇقسىز بېيىپ كەتكەن پۇلدارلارنى بىر كېچىدىلا خانىۋەيران قىلىۋېتەلەيمەن، شۇنداقلا بىر ئادەتتىكى ئادەمنى بىر كېچىدىلا قالتىس ئالقىشقا ئېرىشكۈچىلەردىن قىلالايمەن.
چۈنكى مەن بىر ھىيلىگەر قىمارۋاز!
قىمار دۇنياسى ئىنتايىن ئاجايىپ بىر دۇنيا، ئۇتقان چاغدىكى ھېسسىيات جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن پەيتتىكى تۇيغۇدىنمۇ بەكرەك كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ، ئەمما بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ دوستى يوق، ھېچكىمگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. دادام دەل ناكەس دوستلىرىغا ئىشىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئاقىۋەتتە خانىۋەيران بولدى، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى تاللىدى!
ئەگەر پۇل ئېھتىياجى بولمىغان بولسا، بۇ كەسىپكە كىرىشنى راستتىنلا خالىمايتتىم. ئەمدى سىزگە قىمار دېگەن بۇ ناتوغرا كەسىپتىكى قىلىشقا بولمايدىغان چەكلىمىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي!
ئالدى بىلەن، ھەممەيلەن بىلىۋېلىشى كېرەككى: ئون قىمارنىڭ توققۇزى ئالدامچىلىق!
جەمئىيەت دېگەن بۇ «ئالىي مەكتەپ»تە، ھەر خىل-ھەر قىسما ئادەملەر مەۋجۇت، ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. ئەمدى دەيدىغانلىرىم جەزمەن سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن تىلغا ئالماقچى بولغىنىم ھىيلىگەر قىمارۋازلارنىڭ ئالتە ھۈنىرى، يەنى «دانىشمەن ھۈنىرى»، «قول چاققان ھۈنىرى»، «لەيلەتمە ھۈنىرى»، «جەڭۋازلىق ھۈنىرى»، «شاخسۇندى ھۈنىرى»، «رەڭۋازلىق ھۈنىرى».
ئەگەر سىز بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر ھۈنەرنى ئىگىلىيەلەيدىغان بولسىڭىز، قىمار سورۇنىدا ساختىلىق قىلىپ، نەچچە مىليوننىڭ ئىگىسى بولغان كاتتا دۆلەتمەنگە ئايلىنىسىز.
دادام ماڭا ئالدىنقى بەش خىل ھۈنەرنى ئۆگەتتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر ھۈنەرنى ئۆگىتىشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆلۈپ كەتتى. ئەگەر مەندىن دادامنىڭ نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، جاۋاب ئوخشاشلا ھىيلىگەر قىمارۋاز. دادام جىم تۇرمايدىغان ئادەم بولۇپ، ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئامراق ئىدى، قارتىنىمۇ خىلى بەلەن ئوينايتتى. كېيىنچە ئۈچىنچى تاغام ئۇنىڭ بۇ تالانتنى بايقاپ، قىمارخانىغا ئېلىپ كىرگەن ئىدى.
ئۈچىنچى تاغام قىمارۋاز، ئۆيىدىكى مال-بىسات، پۇل-پۈچەكنىڭ ھەممىنى قىمار سورۇنلىرىدا ئۇتتۇرۇپ تۈگەتتى. ئايالىمۇ ئوغلىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى.
دەسلەپتە دادام قىمارنىڭ خەتىرىنى بىلىدىغان بولغاچقا، قىمار سورۇنلىرىغا قەدەم بېسىشنى رەت قىلدى، لېكىن ئۇ چاغلاردا مەن كىچىك ئىدىم، دادام تۇرمۇش بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۈچىنچى تاغامنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان غايەت زور پايدىغا گول بولۇپ، ھىيلىگەر قىمارۋازلىق يولىغا ماڭدى.
بىر قانچە يىلغا قالماي، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى خېلىلا ياخشىلاندى. ئۇ ۋاقىتتا مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، دادام ھەمىشە تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى ئىشلىتىپ، ماڭا كۈن بويى سېھىرگەرلىك ئويۇنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مېنى ئوينىتاتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەنمۇ ئاز-تولا ھۈنەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم.
ئاپام دادامغا بىر قانچە قېتىم قىماردىن قول ئۈزۈش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى، ئەمما دادام ئۇ چاغلاردا قىمارنىڭ پايدىسىنى تازا ئوبدان تېتىپ باققان بولغاچقا، بۇ پاتقاقتىن ئۆزىنى قاچۇرالمىدى، تاكى بىر كۈنى ئاپام دادامغا تەھدىت سېلىپ: «يەنە قىمارغا ئارىلىشىدىغان بولسىڭىز، ئاجرىشىپ كېتىمەن!» دېگەنگە قەدەر.
شۇ كۈنى كەچتە دادام مېھمانخانىدا بوغۇلۇپ ئولتۇرۇپ، بىر كېچە تاماكا چەكتى. ئۇ ئاخىرى قارار چىقىرىپ، ئۈچىنچى تاغامغا تېلېفون قىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىمار ئوينىمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشتىن تولۇق قول ئۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. ئۈچىنچى تاغامنىڭ تېلېفوندا دادامغا نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن. دادام سەل ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئاخىرى: «ماقۇل ئەمىسە، بۇ قېتىمقىسىغا مەيلى دەي» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
تېلېفوننى قويۇپ، دادام ئاپامغا بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسى ئىكەنلىكىنى، ئۈچىنچى تاغامنىڭ ئۇنىڭغا بۇ قېتىمقى سورۇندىن يۈز نەچچە مىڭ يۈەن ئۈندۈرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى سورۇننى تۈگەتكەندىن كېيىن، بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دەل مۇشۇ قېتىمقى سورۇندا چاتاق چىقتى. دادامنىڭ ھۈنىرى بايقىلىپ قېلىپ، باشقىلار ئۇنى تۇتۇپ قالدى. قارشى تەرەپ دادامدىن بىر مىليون تۆلەپ بېرىشنى، ئۇنىڭ بولمايدىكەن ئانا-بالا ئىككىمىزنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. ئۇ كۈنى دادام ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تولۇق بىر كۈن قايتىپ كەلمىدى. كەچ بولغاندا دادام ئاندىن ماڭا تېلېفون قىلىپ، ئەزەلدىن چىدامچان دادام بۇ قېتىم تېلېفوندا يىغلاپ تۇرۇپ:
-ئوغلۇم، داداڭغا ۋەدە بەرگىن، بۇنىڭدىن كېيىن قىمار دېگەن نەرسىگە يېقىن يولىغۇچى بولما!-دېدى.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا، تېلېفوندىن «پاڭ» قىلغان ئاۋاز كەلدى. بەك قورقۇپ كەتتىم، كېيىن دادامنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
دادام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، مەھەللىمىزدىكى كىشىلەر ئائىلىمىزنىڭ كەينىدىن گەپ توقۇشقا باشلىدى. ئاپامنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىدى. ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇ بولدىكى، دادام ئۆلۈپ كەتكەن شۇ كۈنى كەچتە، ئۈچىنچى تاغام ھەممەيلەندىن بەكرەك قايغۇردى، يەرگە يىقىلىپ تىزلانغىنىچە كۆز ياشلىرى يامغۇردەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى. يەنە تېخى: «ئاكا، نېمىشقا بۇنداق يەڭگىلتەكلىك قىلىسىز؟» دەپ كەتتى.
مەن نەپرەتلىنىمەن، ئۈچىنچى تاغامدىن نەپرەتلىنىمەن. دەل ئۇ دادامنى مۇشۇ كەسىپكە باشلاپ كىرگەن. دەل ئۇ دادامنى بۇ كەسىپتىن قول ئۈزۈشكە يول قويمىغان بولغاچقا، ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ئىش كېلىپ چىقتى. بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسېرى كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. شۇ پەيتتە ياندىن بىر ئورۇندۇقنى كۆتۈرۈپ ئېلىپلا، غەزەپ بىلەن ئۈچىنچى تاغامنىڭ بېشىنى نىشانلاپ ئۇردۇم. بۇ يەرنى بېسىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار