ۋەھىمە: قىزلار ياتىقىدىكى غەيرى ئىشلار

文摘   2024-11-06 20:01   新疆  

كېچە سائەت ئۈچ بولغاندا مەن دەل ۋاقتىدا بىناغا چىقىپ چارلاشنى باشلىۋەتتىم. بۇ قېتىملىق چارلاش تولىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى، مەن ئوڭ تەرەپتىكى پەلەمپەيدىن بىرىنچى قەۋەتكە شۇنداقلا چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا، پەلەمپەينىڭ يېنىدىكىلا بىر ياتاقنىڭ يوچۇقىدىن ھالرەڭلىك چىراغ نۇرىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى، يەنە تېخى لەرزان پىيانىنو ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.

ۋوي! بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ مەن دەرھال ئىشىك ئەينىكىنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىدىم-دە، شۇ تاپتا كۆرگەنلىرىمگە قاراپ، كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم.

ياتاق ئىچىدە ئۇزۇن چاچلىرى بېلىگە چۈشكەن، قىزىل رەڭلىك كۆينەك ۋە قارا رەڭلىك يىپەك پايپاق كىيىۋالغان، تەنناز ھەم شۇنچىلىك بىر گۈزەل ساھىبجامال ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. بەلكىم «ساڭا دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرسا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى نەدىن بىلدىڭ؟» دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ئۇمۇ شۇ تاپتا بىر ئەينەككە قاراپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بولۇپ، غۇۋا چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭ ئەينەكتىن قايتقان سىيماسى ۋە تولغان كۆكسى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا مەيلى ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى بولسۇن ياكى چىرايلىق بەدىنى بولسۇن، مېنى ئۆزىگە شۇنچىلىك رام قىلىۋالغان ئىدى.

ئۇنىڭ گۈزەل ھەم ئاستا ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە، يىلاندەك تولغىنىپ تۇرغان ئاشۇ بېلىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئىدىم، تۇيۇقسىز مۈرۈمگە «پاققىدە» قويۇلغان ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا لاۋ جاڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

-شياۋلى، نېمە قىلىۋاتىسەن؟

مەن قورققىنىمدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم ۋە دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ لاۋجاڭغا قارىدىم. شۇ تاپتا بەكلا ئوڭايسىزلاندىم ھەم ئۇنىڭغا ئۇنى-بۇنى دېمەكچى بولۇپ شۇنداقلا بېشىمنى ئالدىمغا قارىتىشىمغا، تېخىمۇ بەك ھەيران قالدىم.

مەن بايا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن قاراپ تۇرغان بۇ ياتاقنىڭ ئىچىدە نەدىمۇ ھالرەڭلىك چىراغ نۇرى، نەدىمۇ پىيانىنو ئاۋازى، نەدىمۇ قىزىل كۆڭلەك كىيىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان تەنناز ساھىبجامال بولسۇن؟

مەن شۇ تاپتا گاڭگىرىغىنىمچە تۇرغان ئورنۇمدا تۇرۇپلا قالدىم...روماننىڭ داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ


باشقا رومانلار



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章