231-باب: ئايالىمنىڭ ئىزىغا چۈشۈش
تېلېفوننى قويۇۋېتىپلا ئاچچىقىم كېلىپ قالدى، فاڭ لىتىڭنىڭ تازا ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چوپچوڭ ئادەم بىر چاماداننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىب بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلمەي قالغىنى نېمىسى؟ بىراق بۇ ئىشتا پۈتۈنلەي ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقىمۇ بولمايتتى. قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈممۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تۈزۈك نەرسىنى تەكشۈرۈپ چىقالمىدىم، يەنە خەقتىن ئاغرىنغىدەك يۈزۈم بارمۇ؟ مەن بىردەم ئولتۇرۇپ كاللامنى تىنىچلاندۇرىۋالغاندىن كېيىن يەنە فاڭ لىتىڭغا تېلېفون قىلدىم.
-ۋەي، لېي ئاكا، مەن بايا مالىيە بۆلۈمى ئىشخانىسىغا بېرىپ سوراپ باقتىم، ئۇلار خې ھەدەمنىڭ گۇاڭجۇغا بېرىش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ بۈگۈن كۆرۈشىدىغان مۇھىم بىر مېھمىنى بار ئىكەن، سىز دەرھال قايتىپ كېلىڭ!-دېدى فاڭ لىتىڭ. بۇ چاغدا مەن ئاساسىي جەھەتتىن چۈشەندىم، ئەسلىدە خوتۇنۇم مېنى ئالداپ شۇنچە يىراق يەرگە ئەۋەتىۋېتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىكەن، ئۇ كونا ئاشىقى مو يىفەن بىلەن شىركەت ئىشىنى بىلەن باھانە قىلىپ ئۇچرىشىشقا چىقماقچى. دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ شىركىتىگە نىسبەتەن مۇھىم مېھمان دېگەن مو يىفەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ تېخى ئۆتكەندىلا ئۇلارنىڭ شىركىتىنى 40 مىليون يۈەنلىك چوڭ توختام بىلەن تەمىنلىدى، بۇمۇ دەل ئايالىمنىڭ تۆھپىسىدىن بولغان ئىدى. ھې ھې، ياخشى، خوتۇنۇمنىڭ مېنى ئەخمەق قىلىش ئۇسۇلىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ چياڭزىغا ئوخشاپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەينى چاغدا لى ۋېننا دېگەن قانجۇقمۇ بىچارە ئاغىنەمنى مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىپ، ئاخىرىدا پىچاق ئۇنىڭ سۆڭىكىگە يەتكەندە بىراقلا ساراڭ بولغان ئىدى. مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا مېنىڭمۇ ساراڭغا ئايلىنىشىمغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
مەن چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەتسەم ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگەمدۇ يوق مېنىڭمۇ كارىم يوق، ئىشقىلىپ بۇ قېتىم قايتىپ كېتىپ چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىمەن! ئۇ ئاجرىشىمەن دەۋاتمامتى، مانا ئەمدى ياخشى بولدى، ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇ كىمنى ئىزدىگۈسى بولسا شۇنى ئىزدىسۇن!
-ھە، ماقۇل، مەن ھازىرلا قايتاي!-دېدىم مەن.
-ھىم، قانداق ئەھۋال بولسا سىزگە دەيمەن!
-بولىدۇ لىتىڭ، بايا كەچۈرۈڭ ھە!
-ھېچقىسى يوق، لېي ئاكا، سىزنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، سەل تۇرۇپ خې ھەدەمنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سوراپ باقاي، قانداق يېڭى ئەھۋال بولسا بىز ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشايلى!
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، مەن ئالدىراپ بېلەت سېتىش زالىغا بېرىپ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالدىم. لېكىن ئەڭ يېقىندىكىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بولۇپ، بىزنىڭ ئۇ يەرگە قايتىپ كەلگەندە كەچ سائەت يەتتىدىن ئېشىپ قالاتتى. مەن ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتقاندا كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن، ئايالىم ئۇچرىشىشقا چىققان بولسىمۇ ئاللىقاچان ئىشىنى تۈگىتىپ بولاتتىم. بۇلارنى ئويلاپ ماغدۇرسىزلانغان ھالدا ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدۇم. كىم مېنى كاللىسىنى ئىشلەتمەي خوتۇنىغا ئالدىنىپ بۇ يەرگە كەلسۇن دەپتىكەن، يەنە كىمدىن ئاغرىناتتىم....
ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن سائەت تۆتتىن ئاشقاندا نىڭئېرنى ئالىدىغان ئادەم يوق ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالدىم. ئەگەر سەل تۇرۇپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ يان تېلېفۇننى ئېتىۋەتسەم، فاڭ لىتىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئامالسىز قالىمەن! شۇنىڭ بىلەن مەن فاڭ لىتىڭغا يەنە تېلېفون قىلدىم.
-ۋەي لېي ئاكا، بېلەت ئېلىپ بولدىڭىزمۇ؟ سائەت قانچىدە قايتىپ كېلىسىز؟
-ئېلىپ بولدۇم، مەن بارغۇچە سائەت يەتتىدىن ئاشىدىغان ئوخشايدۇ، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، سائەت تۆتتىن ئاشقاندا يەسلىگە بېرىپ نىڭئېرنى ئالغاچ كەلسىڭىز بولامدۇ؟
-خاتىرجەم بولۇڭ لېي ئاكا، سىز ئۇلارنىڭ يەسلىسىنىڭ ئادرېسىنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، ئاندىن مۇئەللىمگە تېلېفون قىلىپ قويۇڭ، مەن باشقىلارنىڭ خاتا ھالدا مېنى ئەسكى ئادەم دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن!
-ھە، بولىدۇ، رەھمەت سىزگە لىتىڭ!
-لېي ئاكا، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا مۇشۇنداق گەپ قىلىش كېتەمدۇ؟ خاتىرجەم بولۇڭ، مەن نىڭئېرنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىمەن، سىز قايتىپ كەلگەندە ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ!....
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن نىڭئېرنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا فاڭ لىتىڭ ئىسىملىك بىر قىزچاقنىڭ نىڭئېرنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ بۇ جەھەتتىكى ئىشتا بولسىمۇ ئازراق خاتىرجەم بولدۇم. ئارقىدىن ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلاپ، يەنە تۇرۇپلا فاڭ لىتىڭنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالارمۇ؟ بەلكىم ئايالىم ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئايال خوجايىنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككىمىز تونۇشقانغىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بولدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى مەنمۇ بىلىمەن. ئۇ چياۋ يۆرەن بىلەن ئوتتۇرامدا يۈز بەرگەن ئىشنى بىلگەندىن كېيىن مەندەك لۈكچەك تاغىسىنى يەنىلا قوبۇل قىلغاندەك قىلاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئاجرىشىپ كەتسەممۇ مەيلى، تەن يۈخې بەرگەن ئىككى مىليون يۈەننى ئايالىم تېخى بىلمەيدۇ، مال-مۈلۈكنى بۆلگەندە بۇ پۇلنى يوشۇرۇپ قويسام تامامەن بولاتتى. ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، نىڭئېرغا كۆپرەك پۇل تەييارلاپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلماقچى، كېيىن ئۇنى يەنە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىپ، تېخىمۇ ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.
سائەت ئۈچتىن ئاشقاندا ئايروپىلانغا چىقىپ، سائەت يەتتىدە دەل ۋاقتىدا بىزنىڭ شەھەرگە قايتىپ كەلدىم. بۇ ئارىدا لىتىڭ ئۈندىداردا ماڭا توختىماي ئۇچۇر يوللىغان بولۇپ، مەن ئەڭ بېشىغا سېرىپ ئۇ يوللىغان ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆرۈشكە باشلىدىم.
-لېي ئاكا، مەن نىڭئېرنى ئېلىۋالدىم، ئۇنى مىس قازان شورپىسى يېگىلى ئېلىپ باردىم، ئۇ يەپ بولغۇچە يۈز-كۆزلىرى ھۆل بولۇپ كەتتى، ھا ھا ھا... ئارقىدىن ئۇ ماڭا يەنە بىر پارچە سۈرەت يوللاپ قويغان بولۇپ، سۈرەتتىكى نىڭئېرنىڭ ئاغزىدا يەنە بىر پارچە گۆش بار، بۇرنىدىمۇ ئازراق دۇفۇ قالدۇقى بار، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە كۆڭلۈم بىردىنلا ئىللىپ قالدى، نىڭئېرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم. بەلكىم بىزنىڭ لىتىڭ توي قىلغاندىن كېيىنمۇ نىڭئېرغا داۋاملىق ياخشى مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن كەينىدىكى بىر نەچچە ئۇچۇرنى كۆرگەندە، بايا نىڭئېرنىڭ سۈرىتى پەيدا قىلغان ئىللىقلىق ھەش-پەش دېگچە غايىب بولۇپ، ۋۇجۇدۇم قايتىدىن مۇز ئۆڭكۈر ئىچىگە قاپسىلىپ قالغاندەك بولدى. فاڭ لىتىڭ ماڭا يەنە:
-لېي ئاكا، مەن نىڭئېر بىلەن ئۆيگە قايتقاندا جىنشيۇيۈەننىڭ ئالدىدا خې ھەدەمنى كۆردۈم!-دەپ يازغان بولۇپ، جىنشيۇيۈەن بىزنىڭ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي، ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك دەرىجىسى پايتەختتىكى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كاتتا ئاقسۆڭەكلەردىن باشقا يەنە بۇ شەھەردىكى بايلار چەمبىرىكىدىكى كىشىلەر ئىدى. ئاڭلىسام بۇ مېھمانسارايغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەزاسى بولۇشى كېرەك ئىكەن، بولمىسا پۇلى بولغان بىلەنمۇ كىرگىلى بولمايدىكەن.
ئەجەبا ئايالىم بىلەن باشقىلار جىنشيۇيۈەندە بىر كۈن تۇردىمۇ ياكى ئۇ يەرگە بېرىپ ياتاق ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟ ئايالىم بىلەن بىللە جىنشيۇيۈەنگە كەلگەن ئەر چوقۇم كاتتا باي، مو يىفەن بولۇشى ئېھتىمالغا ھەممىدىن بەك يېقىن ئىدى. خۇددى مو يىفەن مېنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا ئالىي دەرىجىلىك رېستۇرانغا باشلىغانغا ئوخشاش، ئايالىم بىلەن ياتاق ئاچسىمۇ مۇشۇنداق قالتىس مېھمانخانىنى تاللايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاياللار ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىدۇ... بۇمۇ ئەرلەرنىڭ ئادەتلەنگەن ۋاسىتىسى، پۇل ۋە قىياپەت بىلەن ئاۋۋال ئاياللارنى قورقۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى ياۋاشلىق بىلەن كارىۋاتقا چىقىشقا قايىل قىلاتتى.
-ئاكا، ئۇلار جىنشيۇەنگە كىرگەندە ئاچامدىن باشقا يەنە بىر نەچچە ئەر بار!
ئاناڭنى، قارىغاندا ئايالىم ئۆزى يالغۇز بىرگە كۆپ ئوينايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ خوتۇنۇمنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىكىدەك چوڭ ئەمەس ئىكەن جۇمۇ، ئەجەبا مو يىفەن يەنە بىر نەچچە ئەر كىشىنى چاقىرىپ كېلىپ خوتۇنۇم بىلەن ئوينىماقچىمۇ؟ بۇ چاغدا مەن ھېلىقى سىرلىق ئادەمنى ئەسلەپ قالدىم، ئۇ بىر نەچچە ئەر ئايالىڭ بىلەن بىللە ئويناپ باققان دېگەن ئىدىغۇ؟ ئەجەبا بۈگۈن يەنە تارىخ تەكرارلىنامدۇ؟
-لېي ئاكا، مەن يېرىم سائەت ساقلاپ تۇردۇم، خې ھەدەم بىلەن بىر ئەر يەنە بىر ئايال چىقتى، ئۇ ئەر سېمىز، قۇلاقلىرى يوغان، يەنە كېلىپ توكۇر ئىكەن، ئۇ ئايال خېلى يامان ئەمەس، بىراق قارىماققا يېشى چوڭ ئىكەن! خې ھەدەم بىلەن ھېلىقى ئىككى ئادەم بىر بېنىز ماركىلىق دالا ماشىنىسىغا چىقتى...
سېمىز، يوغان قۇلاق، تېخى توكۇر بولسا بۇ چوقۇم مو يىفەن ئەمەس. ئۇ كىم؟ ئەگەر ئىلگىرى سېمىز، قۇلىقى ئۇزۇن ئادەم بولسا تەڭدىن تولىسى ياڭ زىۋېن بولغان بولاتتى، لېكىن ھازىر ياڭ زىۋېن دوختۇرخانىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ زىۋېنمۇ توكۇر ئەمەس! بۇ ئايالىم ھەتتا مۇشۇنداق ئادەملەر بىلەنمۇ بىللە يۈرەلىسە ئۇنىڭ قىممەت قارىشىغا ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم. بەلكىم خوتۇنۇم قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا ئوخشاش تاللاش ئالدىدا ھەر بىر ئايال مويىفەنگە ئوخشاش ئادەمنى تاللايدۇ، يەنە كېلىپ مو يىفەن پۇلدار ھەم كېلىشكەن، مۇھىمۇ ھېلىقى ئىشنى قىلغاندا قاپچۇق تاقىمىسىمۇ بولىدۇ... بەلكىم ئايالى مويىفەننىڭ تۇغدۇرالماس ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن؟ ھا، ھا، ئەگەر ئۇ كەلگۈسىدە مو يىفەن بىلەن توي قىلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ياتلىق بولغان ئادىمىنىڭ كارغا كەلمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا ئاچچىقتىن ئۆلۈپ قالارمۇ؟ بۇنداق ئويلاپ، مەن تۇيۇقسىز ئىچىمدە ئازراق مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى شەكىللەندى. مو يىفەن مېنىڭ خوتۇنۇم بىلەن ياتقان بولسا مەنمۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن يېتىپ بولدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن كۆپ قېتىم ياتىمەن....بۇمۇ ھېسابتا بىر خىل ئۆچ ئېلىش ھېسابلىناتتى.
-لېي ئاكا، مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ بىر ئولتۇراق رايونغا كىردىم، ئۇلار ئۈستىگە چىقتى، لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن...
بۇ ئەڭ ئاخىرىقى ئۇچۇر بولۇپ، يەنە كېلىپ بەش مىنۇت بۇرۇن يوللانغان، دېمەك ئايالىم ئۇ ئولتۇراق رايونغا بارغىلى ئۇزۇن بولمىدى، ھازىر بارسام ئۈلگۈرۈش ئېھتىماللىقىم بار ئىدى. ئارقىدىنلا فاڭ لىتىڭغا تېلېفون قىلدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي فاڭ لىتىڭ تېلېفوننى ئېلىپ:
-ۋەي، لېي ئاكا، قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.
-شۇنداق! قايتىپ كەلدىم، سىز قەيەردە؟ مەن ھازىرلا بارىمەن!
-مەن نۇرلۇق يولى 17-نومۇر ۋېنخۇ ئولتۇراق رايونىدا، ئۇلارنىڭ كىرىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولمىدى، سىز دەرھال كېلىڭ!
232-باب: ئايالىمنىڭ قارا تارىخى
نۇرلۇق يولى 17-نومۇر ۋېنخۇ ئولتۇراق رايونى دەل بايلار توپلاشقان جاي، ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ ئۆيلەر، يەنە كېلىپ ئەينەك قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر، بىزنىڭ بۇ ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەردىمۇ ئۇ يەردىكى ئۆينىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەندىن باشلىناتتى. مەن تېلېفوننى قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇرۇن ئايالىمنى ئىز قوغلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھېلىقى ئەپ دېتالىنى ئاچتىم ۋە ھەيران قالارلىق بىر ئىشنى بايقىدىم. يەنى يانفون ئېكرانىدىكى ھېلىقى ئىز قوغلىغۇچقا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىزىل چىراغ يېنىق ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، دېمەك مەن ھازىر ئايالىمنىڭ ئىزىغا چۈشەلەيدىكەنمەن. ئارقىدىن خەرىتىنى چوڭايتىپ قاراپ، دەرۋەقە ۋېنخۇ ئولتۇراق رايونىدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
ئايالىمنىڭ قايسى ۋاقىتتا يەنە ھېلىقى ئىز قوغلاش ئەسۋابىنى يانفونىغا ئورناتقانلىقىنى بىلمەيمەن، ئېسىمدە قېلىشىچە ئالدىنقى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا قىزىل چېكىت يەنىلا تۇتۇق ئىدى، بۇ زادى ئايالىمنىڭ مېنى ئازدۇرماقچى بولغىنىمۇ ياكى قانداق ئىش؟
ئارقىدىن مەن يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا بېرىپ ماشىنىنى ئالدىم، ئاندىن ئۇدۇل نۇرلۇق يولى ۋېنخۇ ئولتۇراق رايونىغا قاراپ ماڭدىم. يېرىم سائەتتىن كېيىن، مەن نۇرلۇق يولى 17-نومۇرغا كەلدىم. اشىنىنى ۋېنخۇ ئولتۇراق رايونىغا يىراق بولمىغان يولغا توختىتىپ قويدۇم، ئاندىن بېرىپ ئولتۇراق رايونغا كىرەي دەپ تۇرغاندا، ئامانلىق ساقلىغۇچى توسۇۋالدى-دە:
-نېمە ئىش قىلىسىز؟ كىمنى ئىزدەيسىز؟-دەپ سورىدى. ئۇ ئامانلىق ساقلىغۇچى 20 نەچچە ياش يىگىت بولۇپ، بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايوننىڭ باشقۇرۇشى مۇنتىزىم بولغاچقا، تەكلىپ قىلغان ئامانلىق ساقلىغۇچىمۇ مۇشۇنداق كەسىپىي سەۋىيەدە ئىكەن، باشقا ئولتۇراق رايونلاردىكى مائاشنى ئاز بەرسىمۇ رازى بولىدىغان ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە كىرىۋالغان ئوسال بوۋايلارغا ئوخشىمايتتى.
-مەن بۇ ئولتۇراق رايونغا يېڭى كۆچۈپ كەلگەن، تېخى ئىشىك كارتىسى بىجىرىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم!-دېدىم مەن يالغان سۆزلىدىم.
-ئەمسە سىز قانچىنچى بىنا قانچىنچى ئۆيدە تۇرىسىز؟-دېدى ئۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ چىرايىدىن گۇمان چىقىپ تۇراتتى.
-2-بىنا 3-كورپۇس 12-قەۋەتتە!
-ئىسمىڭىز نېمە؟ مەن تەكشۈرۈپ باقاي!-دېدى ئامانلىق ساقلىغۇچى شۇنداق دېگەچ كومپيۇتېرنى ئاچتى. بۇلارنى كۆرۈپ بېشىم قېيىپ كەتتى، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى خىزمىتىنى بەكلا ياخشى ئىشلەيدىكەن، مەن فاڭ لىتىڭنىڭ قانداق كىرگەنلىكىگە قىزىقىپ قالغان ئىدىم.
-ھېلىقى، بىز تېخى نوپۇس يۆتكەش ۋە تىزىملاشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق، شۇڭا سىز كومپيۇتېردىن مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى تەكشۈرەلمەيسىز، ئەتە مەن نوپۇس يۆتكەپ بولۇپلا كېلىپ تىزىملىتىۋېتەي بولامدۇ؟-دېدىم مەن يەنىلا ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن بۇ ئامانلىق ساقلىغۇچىغا داۋاملىق يالغان سۆزلىدىم.
-ھە، مۇنداق دەڭ! ئۇنداق بولسا تىزىملىتىپ قويۇڭ، ئەتە كېلىپ ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇقلىۋېتىڭ!-دېدى ئۇ يىگىت بىر دەپتەر ۋە بىر قەلەمنى ماڭا سۇندى. مەن قەلەمنى ئېلىپ، دەپتەرگە شارىلدىتىپ كىمنىڭ ئىسمىنىمۇ يازغىنىمنىمۇ بىلمەيلا يالغاندىن بىر نېمىلەرنى يېزىپ قويغاندىن كېيىن، ئامانلىق ساقلىغۇچى ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ بەردى. ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچىگە كەلگەندە، مەن فاڭ لىتىڭغا تېلېفون قىلدىم.
-ۋەي، لېي ئاكا، كېلىپ بولدىڭىزمۇ؟
-كەلدىم، سىز قايسى بىنانىڭ ئالدىدا؟
-5-بىنا 3-كورپۇسنىڭ ئالدىدا، بۇ ياققا كېلىڭ! مەھەللە ئىشىكىدىن كىرىپ ئۇدۇل ماڭسىڭىز ئالدىڭىزدا بىر چوڭ تاش بار، چوڭ تاشتىن ئايلىنىپ ئۆتسىڭىز يېتىپ بارىسىز!
-بولىدۇ، مەن ھازىرلا بارىمەن!
فاڭ لىتىڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مەن بەشىنچى بىنانىڭ يېنىغا بېرىپ، فاڭ لىتىڭنىڭ نىڭئېرنى ئېلىپ ھويلىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ھېلىمۇ ياخشى ھويلىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، بولمىسا ئۇلار چوقۇم ئولتۇراق رايوندىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ياكى باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان بولاتتى.
-لېي ئاكا!-دېدى فاڭ لىتىڭ مېنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا ۋارقىرىدى.
-دادا!- دېدى نىڭئېر مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئارقىدىن فاڭ لىتىڭنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە قۇچىقىمغا ئۆزىنى ئاتتى. نىڭئېرنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، مەن يىغلاپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم. ئايالىم قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نىڭئېر گۇناھسىز، ئۇ نېمىشقا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ جاپانى تارتىدۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى فاڭ لىتىڭ بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا ئۇ قانداق قىلغان بولاتتى؟
-قوزام، مەن كەچ قالدىم، مېنى كەچۈرگىن!-دېدىم مەن نىڭئېرنى قۇچاقلاپ ئۇزۇنغىچە قويۇپ بېرىشنى خالىمىدىم.
-لېي ئاكا، مەن بۇ يەردە يېرىم سائەت قاراپ تۇردۇم، ئۇلار تېخى چۈشمىدى!-دېدى فاڭ لىتىڭ. ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە رەسمىي ئىش بىلەن كەلگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن نىڭئېرنى قويۇۋېتىپ:
-قوزام، مېنى بىردەم ساقلاپ تۇر، مەن ئۈستىگە چىقىپ چۈشەي، ئاندىن بىز ئۆيگە قايتايلى ھە؟-دېدىم.
-ماقۇل دادا!-دېدى نىڭئېر. ئۇنىڭ يۇۋاشلىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىشى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى، مەن ئايالىمنىڭ ئىشى سەۋەبىدىن نىڭئېرنىڭمۇ نۇرغۇن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىمەن، ئىلگىرى پات-پات چياۋ يۆرەننى ئۇنى ئالغىلى بارغۇزاتتىم، بۈگۈن فاڭ لىتىڭ بىلەن بىللە ئايالىمنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ئۇمۇ خېلىلا چارچىغاندەك قىلاتتى. ئارقىدىن مەن فاڭ لىتىڭغا:
-مەن ئۈستىگە چىقىپ قاراپ باقاي، نىڭئېر ئىككىڭلار ياندىكى كىچىك شىپاڭغا بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار!-دېدىم.
-ھە، ماقۇل لېي ئاكا، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ!
-ھە، خاتىرجەم بولۇڭ!-دېدىم مەن سۆزلەۋېتىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم.
يانفۇندىكى قىزىل چېكىتكە ئاساسەن مەن لېفىتقا ئولتۇرۇپ 8-قەۋەتكە چىقتىم، ئارقىدىن تېزلا خوتۇنۇم تۇرۇشلۇق ئۆينى تاپتىم. مەن ئۇ ئۆينىڭ ئالدىدا بىردەم تۇرساممۇ، ئىچىدە ھېچقانداق ئاۋاز يوق ئىدى. دەل شۇ چاغدا يەنە بىر لىفىت ئېچىلدى-دە، ئىچىدىن ئۈچ ئەر چىقتى. باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، مەن ئامالسىز يولدىن ئۆتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئاندىن باشقا يەرگە قاراپ ماڭدىم. لېكىن بۇ چاغدا مېنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى، ئۇ ئەرلەر ئىشىكنى چەككەن ئىدى، خوتۇنۇم تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئۇ ئۈچ ئەر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئارقىدىن ئىشىك يەنە يېپىلدى. مەن دەرھال يەنە ھېلىقى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ، پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئىچىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا باشلىدىم.
-ۋاڭ دېرىكتور، سىلەر نېمە قىلماقچى؟!
بۇ چاغدا مەن خوتۇنۇمنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، ئارقىدىنلا يەنە بىر ئەر:
-خې شۆچىڭ، تولا خۇپسەنلىك قىلما، 6 يىل بۇرۇن سەن گۇاڭجۇدا ۋۇ باش دېرىكتورغا زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنى ئالتە يىل تۈرمىدى ياتقۇزىۋەتكەن، ئەجىبا بۇنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟-دېدى.
ئالتە يىل ئىلگىرى، گۇاڭجۇ؟! ئۇنداقتا ئالتە يىل بۇرۇن خوتۇنۇم راستىنلا گۇاڭجۇدا ئىكەن-دە! شۇ تاپتا كاللام سەل قالايمىقان، ئىچىدە نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلاش ئۈچۈن، قۇلىقىمنى ئىشىككە چىڭ چاپلىدىم. ئارقىدىن ئايالىمنىڭ:
-ۋۇ خوجايىن، ئالتە يىل بۇرۇنقى ئىشتا ئەسلى سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز قىلغان، مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-خې شۆچىڭ، مەن 6 يىل بۇرۇن گۇاڭجۇدا شامال دېسەم شامال چىقاتتى، يامغۇر دېسەم يامغۇر ياغاتتى! سېنى ياقتۇرۇپ قالغىنىممۇ سېنىڭ تەلىيىڭ، سەن تېخى مەن بىلەن قارشىلىشىشقا پېتىنىۋاتامسەن؟ يەنە تېخى ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپ 6 يىل تۈرمىدە ياتقۇزدۇڭ، بۇ ھېسابنى قانداق قىلىشىمىز؟-دېدى يەنە بىر ئەر.
-قالايمىقان ئىشنى ئۆزۈڭ قىلغان تۇرۇپ يەنە مەندىن ئاغرىنىۋاتامسەن؟!-دېدى ئايالىم.
-بۈگۈن ئەسلى سەن گۇاڭجۇغا بارماقچى ئىدىڭ، لېكىن تۇرۇپلا بارالمايدىغان بولۇپ قالدىڭم شۇڭا مەن سېنى يوقلاپ كەلدىم، بۈگۈن ئالتە يىلنىڭ ئالدىدىكى ھېساباتنى ماڭا قايتۇرىدىغانسەن؟!-دېدى ھېلىقى ئەر.
-مەن نېمە دەپ قايتۇرىدىكەنمەن، ئەينى يىلى سېنى سوتقا ئەرز قىلغان ئادەم مەن بولمىسام، سەن نېمىشقا بۇ ئىشلارنى مەندىن كۆرىسەن؟!-دېدى ئايالىم.
-ھا، ھا، توغرا دېدىڭ، ئەينى چاغدا سەن جالاپ كاللا ئوينىتىپ ماڭا باشقا بىرىنى سولاپ بەرگەن، ساڭا دەپ قوياي، ئالتە يىل بۇرۇن مەن ساڭا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ بىراق ئالتە يىلدىن كېيىن قارىسام يەنىلا شۇنداق چىرايلىق تۇرۇپسەن! بولمىسا بۈگۈن كەچ سەن بىز بۇرادەرلەرگە ھەمراھ بول، ئالتە يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى بىراقلا يوق قىلىۋېتەيلى!-دېدى ھېلىقى گەپ قىلىۋاتقان ۋۇ باش دېرىكتور سۆزلەۋېتىپ كۈلۈپ كەتتى، قالغان بىر نەچچەيلەن «ھا، ھا، ھا» دەپ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.
-لى ھەدە، سىز ماڭا ساتقىنلىق قىلماقچىمۇ؟-دېدى ئايالىم زەردە بىلەن. بۇ چاغدا يەنە بىر ئايال:
-خې شۆچىڭ، مەندىن ئاغرىنما، ئەينى ۋاقىتتا مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بەدەل تۆلىمىگەن بولسام، سېنىڭ نەدىمۇ بۈگۈنكى كۈنۈڭ بولىدۇ!-دېدى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:117-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار