بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
117-باب: زىياپەتتىكى ھەيران قالارلىق ئۇچرىشىش
106 | 105 | 104 | 103 | 102 |
111 | 110 | 109 | 108 | 107 |
116 | 115 | 114 | 113 |
ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (116): ئۇنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن!
سۇ چىڭنىڭ ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ زىياپەتكە بارغىدەك بىرەر مۇراسىم كىيىمىمۇ تاپالمىغانلىقىنى كۆرگەن چياۋ لى ئىختىيارسىز ھالدا:
-ئاچا، سىز بۇ بىر نەچچە يىلدا بىزنىڭ قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ھەر كۈنى مۈشكۈل ئەھۋالدا يۈرسەك، نەدىمۇ مۇراسىم كىيىمى سېتىۋالغۇدەك پۇل بولسۇن؟-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ ئويلاپ قالدى، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ زىياپەتكە ماس كېلىدىغان بىر ئىككى كۆڭلىكى بار ئىدى، لېكىن ئىككى بالا تۇغقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدىنىدە روشەن ئۆزگىرىش بولغانىدى، ھازىر ئۇ كۆڭلەكلىرى ئۇچىسىغا چىڭ كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدى، لېكىن ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىيسە، ئىشىكتىن كىرەلمەيتتى، بۇنى ئويلاپ ئۇنى غەم بېسىۋالدى.
چياۋ لى تۇيۇقسىز كۈلۈپ كەتتى:
-سىز ئالدىنقى قېتىم توي قىلغاندا كىيگەن توي كۆڭلىكىڭىز، يەنە مەن قولداش بولغاندا كىيگەن كىيىممۇ بار، قاراپ بېقىڭ، كىيەلەمدىكەنسىز؟
چياۋ لى يەنە بىر تەرەپتىكى ئىشىكنى ئاچتى، ئىچىدە گۇەن چىجېڭ ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل خەجلەپ زاكاز قىلغان توي كۆينىكى ئېسىقلىق تۇراتتى.
ئۇ توي كۆينىكىنى كۆرۈپ، ئىلگىرىكى ھەر خىل ئىشلار كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، سۇ چىڭنى بىردىنلا غەمكىنلىك بېسىۋالدى.
بۇ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، گۇەن چىجېڭ ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى، ئۇ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلمىدى، ھەتتا چۈنچۈننى كۆرگىلىمۇ كەلمىدى، گۇەن چىجېڭنى ئويلىسا، سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدىغا بېرىپ كىيىم ئىشكاپىنى ئېتىپ، ئاچچىق كۈلگىنىچە چاقچاق قىلىپ:
-مەن توي كۆڭلىكى كىيسەم خەق مېنى نېرۋا كېسەل دەپ قالمامدۇ؟-دېدى.
-شۇڭا سىزنىڭ باشقا تاللىشىڭىز قالمىدى.
چياۋ لى ھېلىقى تەشمە نەقىشلىك كۆينەكنى سۇ چىڭنىڭ قۇچىقىغا تاشلىدى.
شۇ تاپتا سۇ چىڭدا بۇ قىسمەتكە تەن بەرمەي ئامال قالمىغانىدى، بۇ كۆڭلەك بايىقى دۈمبىسى ئوچۇق كۆڭلەكتىن كۆپ ياخشى ئىدى.
كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا، سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لى تەكلىپنامىنى ئېلىپ خىلتون مېھمانسارىيىغا باردى. پائالىيەت زالىغا كىرىشى بىلەنلا، سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
نېمىلا دېگەن بىلەن سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لى گەرچە تەڭداشسىز ساھىبجامال بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ تېرىسى ئاق، چىرايلىق، بولۇپمۇ بەدىنى زىلۋا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى گىرىمى نەپىس، كىيىنىشى تەنناز بولغاچقا، خانىملار ئارىسىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېمەكلىك تىزىلغان ئۇزۇن ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلدى، سۇ چىڭ تۆت ئەتراپقا نەزەر سالدى، بۈگۈنكى كۆرۈنۈش ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ھەممىلا يەرگە گۈل، يېمەكلىك، ھاراق تىزىلغان، ھەتتا يەنە نۇرغۇن تاراتقۇلار كامېرانى كۆتۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىۋاتاتتى.
نەق مەيدانغا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم كەلگەنىدى، ھەممىلا يەردە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ئەرلەر ۋە چىرايلىق كىيىنىۋالغان ئاياللار بار ئىدى، سۇ چىڭ ھەممىلا يەردە ئەتىرنىڭ پۇرىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ ئۇچىسىدىكى كىيىم بىلەن ئەركىن-ئازادە ھېس قىلالماي، مەيدىسىنى سىلاپ قويدى.
بۇ چاغدا، چياۋ لى پەس ئاۋازدا ئۇنىڭغا:
-سىز تەبىئىي بولسىڭىز قانداق؟-دەپ ئەسكەرتتى.
-نەرىم تەبىئىي بولمىدى؟
سۇ چىڭنىڭ يۈرىكى پوك-پوك ئىدى، ئەزەلدىن بۇنداق ئادەمنى خىيالىي تۇيغۇغا چۆمدۈرىدىغان كىيىمنى كىيىپ باقمىغانىدى، بايا تاكسىدا ئۇ پۇشايمان قىلىپ، ۋاقتىنچە بىر قۇر كىيىم ئالمىغىنىدىن ئۆزىگە ئاچچىقى كەپ قالغانىدى.
-بۇ تۇرقىڭىزدا تەبىئىيلىكتىن ئەسەر يوق.
ئارقىدىن سۇ چىڭ قەددىنى رۇسلاپ، كۆڭلىدە: «نەق مەيداندىكى ئاياللارنىڭ قايسىسىنىڭ گۆشلىرى كۆرۈنمەي قاپتىكەن؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
يا ئۇ ئۆزى يالغۇز بۇنداق قىلمىسا، ئەمدىلىكتە يەنە نېمىدىن قورقاتتى؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھازىر ئەرلەرگە پەرۋا قىلغۇدەك كەيپىياتى يوق ئىدى، ئەگەر ئىلگىرى بولغان بولسا ئۇنىڭ بۇ ياسىنىشى چوقۇم گۇەن مۇنىڭ بىۋاسىتە ئۆيگە ئېلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولاتتى.
ئۆلگۈر، ئۇ نېمىشقا تۇيۇقسىز گۇەن مۇنى ئويلاپ قالدى؟
سۇ چىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنى ئۇ ئادەمنى ئويلىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
-ھېلىقى يې شىچاۋ كەلگەنمىدۇ؟
سۇ چىڭنىڭ كۆزلىرى تەقەززالىق بىلەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.
يې شىچاۋ كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىسمى، بايا تاكسىدا، سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لى يان تېلېفونىغا قاراپ، ئۇنىڭ يول بويى چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قىياپىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى كۆڭلىگە خاتىرىلىۋالغانىدى، ئۇ ئەينى چاغدا گۇەن مۇنى كۆرگەندىمۇ بۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ باقمىغان ئىدى.
ئۆلگۈر، نېمىشقا يەنە ھېلىقى ئەبلەخنى ئويلاپ قالىدۇ؟
سۇ چىڭ ئۆزىنى تىللاپ قويدى.
-ياق، مەن بىر تاقىرباش بوۋاينى كۆرمىدىم!
چياۋ لىمۇ تۆت ئەتراپقا قاراۋاتاتتى.
كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خوجايىنى تاقىر باش بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكنى پەرق ئېتىش ناھايىتى ئاسان ئىدى.
سۇ چىڭ كىشىلەر ئارىسىدىن ئۇ تاقىرباش بوۋاينى تاپالمىدى، لېكىن كىشىلەر توپى ئارىسىدىن بىر سوغۇق چىراينى كۆردى.
گۇەن مۇ؟
سۇ چىڭنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى.
ئۇ قانداقسىگە بۇ يەردە بولىدۇ؟
بۇ بەك ئۇدۇل كېلىپ قالدىمۇ قانداق؟
بىراق ئويلاپ باقسا ئەقىلگە مۇۋاپىق، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ قېتىمقى پاراۋانلىق كېچىلىكىنىڭ جياڭجۇدىكى كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جياڭجۇدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېلىدىكەن، شۇنداق بولغان ئىكەن، تەبىئىيكى، بۇنداق ئېسىلزادىلەر كەم بولمايتتى.
گۇەن مۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرۇپ، بىر نەچچە ئەر بىلەن بىر نەرسە توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى، قولىدا بىر ئىستاكان قىزىل ھاراقنى تۇتۇپ تۇراتتى، چىرايى سوغۇق، ياداڭغۇ بولۇپ، چىرايىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى.
سۇ چىڭ يىراقتىن ئۇنىڭغا قاراپ، نېمىشقىدۇر كۆڭلى يېرىم بولدى، چۈنكى ئۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئورۇقلاپ كەتكەنىدى ھەم بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ سوغۇققان بولۇپ قالغانىدى.
راست گەپنى قىلغاندا، كۆرۈشمىگىلى نەچچە ئاي بولغاندا، تۇيۇقسىز بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغاچقىمۇ، سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇمۇ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشىنىڭ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
دەل مۇشۇ پەيتتە، گۇەن مۇ سۇ چىڭنى بايقاپ قالدى، سۇ چىڭ دەرھال بېشىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
سۇ چىڭ بىر مەھەل نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، ئۇ قولىنى سوزۇپ قۇلاق تۈۋىدىكى چېچىنى ئوڭشىدى، ئاندىن قولىنى قەيەرگە قويۇشنى بىلەلمەي قالدى.
ئەمەلىيەتتە، سۇ چىڭ بىلەن چياۋ لى زىياپەت زالىغا كىرگەن چاغدىلا، گۇەن مۇ ئۇنى بايقاپ قالغانىدى.
ئۇنىڭ بۈگۈنكى كىيىمى ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى، شۇڭا ئىزچىل چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى. ئۇ نەزىرىنى سۇ چىڭغا قاراتقان ئەرلەر گە قارىدى، شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى مەڭگۈلۈك مۇزغا تولغاندەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى، ئەگەر كۆز نۇرىمۇ ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ ئەرلەر ھازىر ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى.
دەل شۇ چاغدا، چياۋ لى سۇ چىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويدى.
-سۇ چىڭ، تاقىر باش بوۋاي كەلدى!
سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا پەرۋا قىلماستىن، دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلگەن تاقىرباش بوۋايغا قارىدى.
يې شىچاۋ ئوتتۇرا بوي، قورسىقى يوغان، بېشى پارقىراق، بىراق كىيىنىشى ناھايىتى مودا، سۈت رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن، قارا رەڭلىك گالىستۇك تاقىۋالغان، يىراقتىن ئۇنىڭ بارمىقىدىكى يېشىل رەڭلىك ئۈزۈكنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.
سۇ چىڭ ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندى، سۈرەتتىكى بىلەن ئوپئوخشاش بولۇپ، تونۇماق بەك ئاسان ئىدى، بىراق سۇ چىڭ يې شىچاۋنىڭ بىلىكىنى قولتۇقلىۋالغان مەرۋايىتتەك ياسانغان ئايالنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھاڭ-تاڭ قالدى!
-خۇ لىچىڭ؟
يې شىچاۋنىڭ بىلىكىنى قولتۇقلىۋالغان ئايال خۇ لىچىڭ ئىدى، سۇ چىڭ خاتا كۆرۈپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، يەنە تەپسىلىي قارىدى.
بۈگۈن كەچ خۇ لىچىڭ ئۇچىسىغا يىپەك ئۇزۇن چىپاۋ كىيىۋالغان بولۇپ، ئاق رەڭلىك گۈل كەشتىلەنگەن، تىكىلىشى ناھايىتى نەپىس، بىر قاراشقىلا قىممىتى يۇقىرىلىقى چىقىپ تۇراتتى، يې شىچاۋ بىلەن كىيىۋالغىنى خۇددى ئاشىق-مەشۇقلار كىيىمىگە ئوخشاپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇلىقى، بوينى ۋە قولىغا بىر يۈرۈش يېشىل زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالغان بولۇپ، ھەشەمەتلىك كۆرۈنەتتى.، ئەگەر خۇ لىچىڭنىڭ يۈزىدىكى قويۇق گىرىمنى كۆرمىگەن بولسا، سۇ چىڭ بۇنىڭدىن بۇنچە ھەيران قىلىپمۇ يۈرمەيتتى.
-ھېلىقى بوۋاي شۇ، ئەمدى قاراۋەرمەڭ!
چياۋ لى بىر چەتتە ئالدىدىكى ئىككى ئادەمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان سۇ چىڭنى ئەسكەرتتى.
-مەن يې شىچاۋغا قارىمىدىم.
ئۇنىڭ شۇ تاپتا تامغا ئۈسكۈسى كېلىپ قالدى، خۇ لىچىڭدەك بۇنداق رەقىبى بىلەن قانداقلارچە بۇنداق تار يولدا ئۇچرىشىپ قالىدۇ؟
ھازىر ئۇ لى چوڭ ئانا دېگەن خۇ لىچىڭنىڭ يېنىدىكى پۇلدار ئادەمنىڭ يې شىچاۋ ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
ئۇنىڭ سۇ جيەنچياڭنى بىر تېپىپلا ھەيدىۋېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن، ئەسلىدە ئۇ مۇشۇنداق ئېگىز شاخقا يامىشىپ چىققانىدى.
بۇ قېتىم خۇ لىچىڭ ھەقىقەتەن بەك كاللىسىنى ئىشلەتكەنىدى، يې شىچاۋدەك پۇلدار ئادەمنى قولغا چۈشۈرۈۋالغىنى ئۇنىڭ كارامىتى دېيىشكە بولاتتى.
شۇ تاپتا، سۇ چىڭ يې شىچاۋنى بىردىنلا بېيىپ كەتكەن ئادەم ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلىنىپ قالدى، بولمىسا خۇ لىچىڭدەك ئايالنى قانداق قىلىپ ياقتۇرۇپ قالىدۇ؟
-ئەمىسە سىز كىمگە قاراۋاتىسىز؟
چياۋ لى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى تۈردى.
-ئۇنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يېڭى ئايال ئەسلى خۇلىچىڭ ئىكەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، چياۋ لى دەرھال يې شىچاۋنىڭ بىلىكىنى قولتۇقلىۋالغان قېنىق گىرىم قىلىۋالغان ئايالغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھەيران بولغان ھالدا ئېغىزىنى ئېچىپ قالدى.
-تازىمۇ بىر، مەنمۇ بىلمەپتىمەن!
چياۋ لى تەبىئىيلا ھەيران قالدى، خۇلىچىڭ دېگەن بۇ ئايالنى چياۋ لى بىر-ئىككى قېتىم كۆرگەن، گەرچە ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىسىم ناھايىتى داڭلىق ئىدى، بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان چياۋ لى سۇ چىڭنىڭ ئاغزىدىن بۇ ئىسىمنى نەچچە يۈز قېتىم ئاڭلىغاندۇ؟
كېيىنكى دەقىقىدە، يې شىچاۋ بىلەن خۇ لىچىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىر جۈپ ياش ئەر-ئايال كىرىپ كەلدى.
ئەر بەك كېلىشكەن ئىدى، ئايالنىڭ گىرىمى بەك چىرايلىق، راستىنى ئېيتقاندا، بەدەن شەكلىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ بۇرنى، كۆزلىرى گىرىم بىلەن ئۆزگىچە تۈسكە كىرىپ قالغان، ئەسلى قىياپىتىنى يوشۇرۇپ قالغانىدى.
سۇ چىڭ تېخىچە ئېسىگە كېلىپ بولالمىغانىدى.
بۇ چاغدا چياۋ لى چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا ھېلىقى بىر جۈپ ياش قىز-يىگىتكە قاراپ ئېغىز ئاچتى:
-مەن سىز بىلەن خۇلىچىڭ ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ چوڭقۇر ئاداۋىتى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ، چياۋ لىنىڭ نۇرىنى بويلاپ يې شىچاۋ بىلەن خۇ لىچىڭنىڭ كەينىدىكى ئالتە-يەتتە مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان تەرەپكە قارىدى، ئۇ ئىختىيارسىز يەنە ھاڭۋىقىپ قالدى!
چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدە يې زىشۈەن بىلەن خۇ پېي بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇ پېي يې زىشۈەننىڭ بىلىكىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى.
خۇ پېنىڭ، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى، يې زىشۈەننىڭ چىراي ئىپادىسى سەل قېتىپ قالغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن بىر ئاز مەجبۇرلانغاندەك تۇيغۇ پارلاپ تۇراتتى.
سۇ چىڭ خۇ پېينى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى:
-قارىغاندا، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مەندە ئۆچى بار ئوخشايدۇ.
سۇ چىڭ بۇ قېتىمقى پاراۋانلىق كېچىلىكىدە ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان بۇ بىر جۈپ ئادەم نېمىشقا يەنە بىر يەرگە كېلىپ قالدى؟
ئۇلار ئانا-بالا ئىككىسى بىلەن نېمىشقا بۇنداق بىللە كېلىپ قالىدۇ؟
يې شىچاۋ، يې زىشۈەن، ئۇلارنىڭ فامىلىسى يې، يەنە كېلىپ بىللە پەيدا بولغانىدى.
ھە راست، يې زىشۈەننىڭ ئاپىسىمۇ يېقىندا ئۆلۈپ كەتكەن، يې شىچاۋنىڭ ئايالىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن، ئەجەبا...ئەجەبا ئۇلار ئاتا-بالا مۇناسىۋەتتە ئوخشىمامدۇ؟
بۇ خۇلاسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، سۇ چىڭ بىردىنلا كۆزىنى يوغان ئاچتى.
بۇ، بۇ بەك رەزىل بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ نېمىشقا بۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالىدۇ؟
چياۋ لى يې شىچاۋ بىلەن خۇ لىچىڭنىڭ بىر-بىرىدىن پەقەتلا ئايرىلالمايدىغان قىياپىتىگە قاراپ قالدى، ئاندىن ئىككىسىنىڭ توختىماستىن ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن سالاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭغا:
-قارىغاندا پۇرسەت كۈتىدىغان ئوخشايمىز، ھازىر ۋاقتى ئەمەسكەن،-دېدى.
-ھە.
سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن بۇرۇلۇپ بىر ئىستاكان قىزىل ھاراقنى ئالدى، بىراق يەنىلا بايىقى گۇمان ئۇنى ئازابلاپ تۇرۇۋاتاتتى.
خۇ لىچىڭ يې شىچاۋنىڭ يېڭى خوتۇنى، ھېلىقى توختىماي ساختىپەزلىك قىلىپ پۇل تېپىۋاتقان ئادەم دەل ئۇ. بۇ چاغدا، ئۇچىسىغا كۈل رەڭ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ئېگىز بىر ئەر سۇ چىڭنىڭ كەينىگە كېلىپ، بىر ئىش قىلماقچى بولۇپ، يەنە ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى.
چياۋ لى بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆز ئالدىدىكى ئادەمنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىزلا:
-گۇەن ئادۋوكات؟-دەپ توۋلاپ سالدى.
سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلدى، دەرۋەقە گۇەن چىجېڭ ئالدىدا تۇراتتى.
تۇيۇقسىز ئۇنى كۆرۈپ، سۇ چىڭنىڭ قولىدا ئىستاكان سەل تەۋرىنىپ قالدى.
بىر نەچچە ئاي كۆرۈشمەي، ئۇ بۇرۇنقىدىن سەل ئورۇقلاپ قالغاندەك قىلاتتى، لېكىن باشقا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانىدى، پەقەت ئۇ ئۇنىڭ كۆزىدە بىر خىل تەمكىنلىك بارلىقىنى كۆردى، بۇ تەمكىنلىك سۇ چىڭنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇردى.
ئىلگىرى ئۇ گۇەن چىجېڭ بىلەن ناھايىتى يېقىن بولۇپ، خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئۆتەتتى، گەرچە بۇ خىل تۇيغۇ ھازىر يوقاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەقىقەتەن ناتونۇش بولۇپ قالغانىدى، جاھاننىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن ئويۇنغا ئوخشايتتى، كېيىنكى سېكۇنتتا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، چياۋ لى مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-ھېلىقى...قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، ئاۋۇ ياققا بېرىپ تورت ئېلىپ يەي، سىلەر پاراڭلىشىڭلار!-چياۋ لى گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
سۇ چىڭ ئەسلىدىلا گۇەن چىجېڭغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيتتى، چياۋ لىنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى، لېكىن كېچىككەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلىشمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى.
گۇەن چىجېڭ سۇ چىڭنىڭ بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا قاراپ مۇلايىملىق بىلەن ئېغىز ئاچتى:
-خاتىرجەم بولۇڭ، مەن پەقەت سىز بىلەن سالاملاشقىلى كەلدىم، سىزگە چاپلىشىۋالمايمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ سەل ئوڭايسىزلىنىپ، قۇلىقىنىڭ تۈۋىدىكى ئۇزۇن چېچىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى.
-مەن...ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.
-يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
گۇەن چىجېڭنىڭ كۆزلىرى يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈشكە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى كونترول قىلىشنى بىلىپ بولغانىدى.
-ھەئە،-دېدى سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، سەل قورۇنغاندەك قىياپەتتە.
-چۈنچۈنمۇ ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟
گۇەن چىجېڭ يەنە سورىدى.
-ناھايىتى ياخشى، بويى يەنە ئۆستى، جىق گەپ قىلالايدىغان بولدى.
سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ جاۋاب بەردى.
-ئۇنداق بولسا ياخشى.
گۇەن چىجېڭمۇ بېشىنى لىڭشىتتى.
ئۇلار بىر-بىرىگە بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇردى، خۇددى پاراڭلاشقۇدەك تېما قالمىغاندەك...
گۇەن چىجېڭ بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ قويدى.
-ئۇ يەردە يەنە بىر نەچچە دوستۇم بار ئىدى، بېرىپ كېلەي.
-ھىم.
سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتتى.
-توختاپ تۇرۇڭ!-سۇ چىڭ تۇيۇقسىزلا گۇەن چىجېڭنى چاقىردى.
گۇەن چىجېڭ كۆزلىرى ئۈمىدكە تولغان ھالدا سۇ چىڭغا قارىدى.
سۇچىڭ ئالدىغا بىر قەدەم چىقىپ، گۇەن چىجېڭغا يېقىنراق كېلىپ پەس ئاۋازدا:
-يې زىشۈەن بىلەن يې شىچاۋنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟-دەپ سورىدى.
ئۇ تۇيۇقسىز گۇەن چىجېڭ بىلەن يې زىشۈەننىڭ دوست ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، يې زىشۈەننىڭ سالاھىيىتىنى تەبىئىيلا بىلىدۇ دەپ قاراپ سورىغانىدى.
گۇەن چىجېڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ:
-ئۇلار ئاتا-بالا،-دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ ھاڭۋىقىپ قالدى. قارىغاندا ئۇنىڭ ھۆكۈمى توغرىدەك قىلىدۇ، يې شىچاۋ بىلەن يې زىشۈەن راستتىنلا ئاتا-بالا ئىكەن، خۇ لىچىڭ تۇتقان پۇلدار كىشى يې شىچاۋ، ئۇ بىر ئۆرۈلۈپلا يې زىشۈەننىڭ ئۆگەي ئاپىسى بولۇپ قالغانىدى، خۇ پېي بولسا يې زىشۈەننىڭ ئۆگەي سىڭلىسى بولۇپ قالغانىدى.
ئاتتتام...بۇ مۇناسىۋەت بەك مۇرەككەپقۇ؟
گۇەن چىجېڭ سۇ چىڭنىڭ ھاڭۋىقىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، يې زىشۈئەن تەرەپكە قاراپ قويدى، ئاندىن پەس ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى:
-سىزمۇ كۆرگەنسىز؟ خۇ پېينىڭ ئاپىسى، ھېلىقى خۇ لىچىڭ، ئۇ ھازىر يې زىشۈەننىڭ دادىسى يې شىچاۋغا ياتلىق بولۇپ، بىر سىلكىنىپلا كەيجى يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ باش مۇدىر خانىمى بولۇپ قالدى.
سۇ چىڭ نائىلاج كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب قايتۇردى:
-دۇنيا ھەقىقەتەن كىچىككەن، ئۇلار بىلەن رەقىب بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن.
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، گۇەن چىجېڭ قوشۇمىسىنى تۈردى.
-ھېچ ئىش بولمىدى.
سۇ چىڭ ئۆزىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشنى خالىمىغانىدى.
-بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇقتىڭىزمۇ؟دېسىڭىز، بەلكىم مەن سىزگە ياردەم قىلالىشىم مۇمكىن!-دېدى گۇەن چىجېڭ.
-رەھمەت، سىز ماڭا ياردەم قىلالمايسىز.-سۇ چىڭ شۇنداق دېگىنىچە بۇرۇلۇپ كەتمەكچى بولدى.
گۇەن چىجېڭ بىر مەھەل جىددىيلىشىپ، قولىنى سوزۇپ سۇ چىڭنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى.
سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گۇەن چىجېڭنىڭ قولىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.
گۇەن چىجېڭ سۇ چىڭنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال ئۇنىڭ بىلىكىنى قويۇۋەتتى.
-كەچۈرۈڭ.
-ھېچقىسى يوق.
سۇ چىڭنىڭ ھازىرقى كەيپىياتى سەل قالايمىقان بولۇپ، گۇەن چىجېڭ بىلەن بولغان ئوڭايسىز ئەھۋالغا قاراشقا چولىسى تەگمىدى.
شۇ تاپتا ئۇلار شۇنچە يېقىن تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە پۇت-قولى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانىدى، شۇڭا باشقىلارنىڭ سىرلىق نەزىرىگە چۈشۈپ قالغانىدى.
ئۇلاردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بىر جۈپ سوغۇق نۇر ئۇلارغا تىكىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ رومكىنى تۇتقان قولى شۇ تاپتا رومكىنى چىڭىپ كەتكەنىدى، كىشىگە كېيىنكى دەقىقىدە ئەينەك رومكا ئۇنىڭ قولىدا كۇكۇم-تالقان بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
سۇ چىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئويلاندى، يىراقتىكى يې شىچاۋنىڭ خۇ لىچىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بىردىنلا يوققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
سۇ چىڭنىڭ نەزىرىنى بويلاپ گۇەن چىجېڭ ئېغىز ئاچتى:
-كوچىدىكى مىش-مىش گەپلەرگە قارىغاندا، خۇ لىچىڭ يې زىشۈەننىڭ قېيىنئانىسى سالاھىيىتى بىلەن يې ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدەپ بېرىپ ھېساب-كىتاب قىلىپ ئاندىن يې شىچاۋ بىلەن تونۇشقان، ئۇ چاغدا يې زىشۈەننىڭ ئانىسى تېخى ھايات بولغاچقا، ئۇ تەبىئىيلا پايدا ئالالماپتىكەن. بىراق، يې زىشۈەننىڭ ئانىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرۈپ، خۇ لىچىڭ يې شىچاۋغا يېپىشىۋاپتۇ. يې شىچاۋ ئىلگىرى ناھايىتى دانا ۋە قابىلىيەتلىك ئىدى، ھازىر دەرىجىسى خېلىلا تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ، ئۇ خۇ لىچىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن چاغدا يۇقىرى تەبىقىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا سوۋغات بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن زىياپەتكە بارمىدى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتۇ.
-قارىغاندا يې شىچاۋ خۇ لىچىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ، پەقەت كەيجيې يۇمشاق دېتالىنى ئۇ بىر قوللۇق قۇرغان، ھازىر خۇ لىچىڭ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ قاپتۇ، ئەجەبا ئۇ ئۆزى قول سېلىپ قۇرغان زېمىننى بۇ ئايالنىڭ قولىدا ۋەيران قىلماقچىمىدۇ؟
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:117-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار