-تېز قاراڭلار، ئۇ نېمە؟
مەن لاۋۋاڭ كۆرسەتكەن يەرگە سىنچىلاپ قارىسام، ئالدىمىزدىكى يول ئېغىزىنىڭ يېنىدا بىر دۆۋە قىپقىزىل نەرسە چېچىلىپ ياتاتتى، سىىنچلاپ قارىسام ئۇ پۇلدەك قىلاتتى؟ شۇ چاغدا ئۈچىمىز بەكلا ھاياجانلاندۇق، قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇنداق كۆپ پۇلنىڭ يەرگە چېچىلىپ كەتكىنىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانمەن. پۇللارنىڭ ھەممىسى قىپقىزىل يۈز يۈەنلىك پۇل ئىدى.
مەن بەكلا ھەيران قالدىم، بۇ كوچىدا نېمىشقا بۇنچە كۆپ پۇل بولىدۇ؟
بىرىنچى بىۋاسىتە سېزىم، بۇ پۇللار ساختا. بىراق مەن بىر قەغەز پۇلنى ئېلىپ كۆرۈپ باقتىم، پۇللارنىڭ ھەممىسى راست پۇل ئىدى. بىر چەتتە تۇرغان لاۋۋاڭ بىلەن شياۋليۇمۇ بۇنىڭ راست پۇل ئىكەنلىكىگە چىنپۈتتى. كۆز ئالدىمىزدا تۇيۇقسىز شۇنچە كۆپ پۇل پەيدا بولدى، بۇ چاغدا يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، ئەتراپقا ئەنسز قارىدىم، قۇپقۇرۇق كوچىدا يەنىلا بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.
-كىم بۇنچە كۆپ پۇلنى بۇنداق چېچىپ قويغاندۇ؟-دەپ سورىدىم مەن لاۋۋاڭدىن.
ئەمما لاۋۋاڭ:
-ئاكاڭ قارىغاينىڭ بۇنچە كۆپ ئىشلانى ئويلاشقا ۋاقتى يوق، ئىشقىلىپ بۇ قېتىم بىز بېيىپ كەتتۇق، بۇنچە كۆپ پۇل ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىدۇ، بىز ئۈچىمىز تەڭ بۆلۈشىمىز، بۇ ئايدا ماجاڭ ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويغان پۇلنىڭ ھەممىسى قايتىپ كېلىدىغان بولدى،-ئۇ شۇنداق دېگەچ شياۋليۇ بىلەن تەڭلا يەردىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى تېرىۋالدى. توپتوغرا 60 مىڭ يۈەن پۇل ئىكەن.
مەن ئۇلارغا:
-بولدى بۇ پۇلغا كۆز قىزارتمايلى، بولمىسا ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرەيلىمىكىن،- دەپ نەسىھەت قىلدىم. ئۇ ئىككسى پۇلنىڭ خۇشاللىقىدا، نەسىھىتىمگە قۇلاق سالمىدى.
ئۇلار ھەر بىرىمىزگە 20 مىڭ يۈەندىن تېگىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پۇلنى بۆلۈشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 20 مىڭ يۈەننى ماڭا سۇندى، ئالغۇم يوق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئالدىم. راستىنى دېسەم، مەن بىر يالاڭتۆش، تۇيۇقسىز بۇنچە كۆپ پۇلنى كۆرۈپ، ئازراقمۇ كۆز قىزارتمىدىم دېسەم يالغان گەپ قىلغان بولىمەن. لاۋ ۋاڭ بىزگە پۇلنى تېپىۋالغان ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى، جۈملىدىن ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىمىزغىمۇ ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى.
لاۋۋاڭ ئىككىمىز ياش جەھەتتمۇ ئانچە پەرقلەنمەيمىز، ئۇ سىچۈەنلىك. مەن سەھرادىن بۇ يەرگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن،
بىز بىر ئاشخانىدا ئىشلەيمىز، مەن مۇلازىمەتچى، ئۇ ئاشپەز، ئەينى چاغدا مەن ئىجارە ئۆي ئىزدىگەندە،
دەل ئۇ ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ يېنىدا بىر ئېغىز بوش ئۆي بار ئىكەن، شۇڭا بىز خىزمەتداش بولۇپلا قالماي، يەنە قوشنا بولۇپ قالدۇق، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئىدى.
شياۋليۇ بولسا مەن بىلەن يۇرتداش، ئۇ بۇ شەھەردە بىر رېمونتچىغا شاگىرت بولۇپ ئىشلەيدۇ. گەرچە ئىككىمىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ بىللە تۇرمىغان بولساقمۇ، لېكىن سورۇنلاردا دائىم بىللە يىغىلاتتۇق، مەن پۇلنى ئىجارە ئالغان ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، بىر تۆمۈر قۇتىغا سېلىپ قويدۇم، ئەگەر ئىگىسى ئىزدەپ كەلسە، بۇ پۇلنى مەن تەمتىرىمەيلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئويلىدىم، ئىشقىلىپ كۆڭلۈمدە بىر خىل ئەندىشە بار ئىدى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، شۇ كۈنى كەچتە مەن گاراڭ ھالدا غەلىتە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە قولۇمدا بىر دۆۋە پۇلنى تۇتۇپ، خۇشال بولۇپ كېتىپتىمەن، بۇ پۇللارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ساناپ باقاي دەپ تۇرسام، تۇيۇقسىز پۇللانىڭ ھەممىسى بىر دۆۋە ئۆلۈك پۇلغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
گەرچە چۈشۈم بولسىمۇ، لېكىن چۈشۈمدە مەن ناھايىتى سەگەك ئىدىم، بۇنىڭ ئۆلۈكنىڭ پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، مەن قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، قولۇمدىكى پۇلنى دەرھال تاشلىۋەتمەكچى بولدۇم. لېكىن مەن ھەر قانچە تاشلىساممۇ، ئۇ پۇلنى تاشلىيالمىدىم، تاشلىۋەتسەم پۇل لەيلەپ ـ لەيلەپ يەنە قولۇمغا كىرىپ قالاتتى، مەن چۈشۈمدە قاتتىق ھودۇقۇپ شۇنداقلا ئۆرۈلگىنىمنى بىلىمەن. بىر چاغدا ئېسمگە كېلىپ ئۆزۈمنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. قايتا كارىۋاتقا چىققىنىمدا پۈتۈن بەدىنىمنى سوغۇق تەر قاپلاپ كەتكەنىدى. سائەتكە قارىسام سائەت كېچە ئۈچتىن ئاشقانىدى.
بېشىم ئاغرىپ تۇراتتى، مەن يەنە داۋاملىق ئۇخلىماقچى بولدۇم، لېكىن دەل شۇ چاغدا كۆزۈم كارىۋاتنىڭ بېشىغا چۈشۈپ قالدى. قاراپلا يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى، بۇ زادى نېمە نەرسىدۇ؟ كارىۋاتنىڭ يېنىدا بىر ئادەمنىڭ سايىسى تۇراتتى. داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار