بۇ دىسكا نەدىن كەلدى؟

文摘   2024-11-02 20:00   新疆  

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، قەھۋەخانىدا، روڭ چيەن ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە ئېرەنسىزلىك بىلەن دېرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇراتتى، قوشۇق بىلەن ئاللىقاچان سوۋۇپ كەتكەن قەھۋەنى ئارىلاشتۇرغاچ نەچچە قېتىم قاتتىق ئەسنىگۈسى كەلدى. ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئەر ئىزچىل گەپ قىلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى، لېكىن پاراڭلىشىدىغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بولغان بولسىمۇ، روڭ چيەندىن يەنىلا ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىدى.

ئەر كۈلۈپ قويۇپ بېشىنى چايقىدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن:
-روڭ خانقىز، مەن بىلەن پاراڭلاشقۇڭىز يوقمۇ؟-دەپ سورىدى.
روڭ چيەن ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، بېشىنى بۇراپ ئۇنىڭغا قارىدى ۋە ئۇدۇللا قىلىپ:
-شۈ ئەپەندى، سىز مېنى تەكلىپ قىلغاندا، مەن ھازىر مېنىڭ ھېچقانداق پىلانىم يوقلىقىنى، لايىق ئىزدەشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتقانىدىم، سىز كۆڭلۈمگە ئالمايمەن دېگەچكە، ئاران تەستە كەلدىم،-دېدى.
شۈ ياڭ يالغاندىن كۈلۈپ قويدى، ئۇ ئەسلىدە ئۇنى پەقەت تەكەللۇپ بىلەن گەپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن، روڭ چيەن راستتىنلا ئۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانىدى.
-روڭ خانقىز، قارىغاندا مەن ھەقىقەتەن بىخەستەلىك قىپتىمەن، سىزگە بەك قىزىقىپ قالدىم، ئەسلىدە مەنمۇ سىزگە ياخشى تەسىر قالدۇردۇم دەپ ئويلاپتىكەنمەن،-شۈ ياڭ نېمىلا دېگەن بىلەن چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن قابىلىيەت، گەپ-سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشى ناھايىتى مۇلايىم، سىلىق-سىپايە ئەر ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قاملاشقان تاشقى قىياپىتى ۋە سالاھىيىتىنى، ھېچقانداق ئايالنىڭ رەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
كۈن بويى بىر توپ قوپال ئەرلەر بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدىغان روڭ چيەن بۇنداق ئەرنى كۆرگەندە ئەسلى رەت قىلمىسا توغرا بولاتتى. لېكىن روڭ چيەن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا پەقەتلا قىزىقمىدى ۋە ئۇنى كېسىپلا رەت قىلدى، قىلچىلىك پۇرسەتمۇ قالدۇرمىدى.
شۈ ياڭ ۋاز كەچتى، بىراق بىر ئىشتىن ھەيران قېلىپ سوراپ باققۇسى كەلدى:
-روڭ خانقىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بارمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس، سىز نەدىن بىلدىڭىز؟-روڭ چيەن بىر قوشۇق بۆلجۈرگەن قىيامىنى ئاغزىغا سېلىپ مەززە قىلىپ يېگىلى تۇردى، ئوبرازىغا قىلچە پەرۋا قىلمىدى.
شۈ ياڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ بىر ھازادىن كىيىن:
-قارىماققا كۆڭلىڭىزدە بىرەر ئىش باردەك قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھاڭۋىقىپ تۇرغاندا، بىرەر ئادەمنى ئويلاۋاتقاندەك قىلىسىز،-دېدى.
-ھە؟-روڭ چيەن قوشۇمىسىنى تۈردى، بۇنداق سوئالنى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى ئەمەس ئىدى.
ئۇ ھەر قېتىم بىكار بولۇپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇرغاندا، بەزىلەر ئۇنىڭدىن «يۈرگىنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىڭمۇ» دەپ سوراپ قالاتتى.
ئۇ ھازىرغىچە بويتاق، ھەتتا ياخشى كۆرىدىغان لايىقىمۇ يوق ئادەم، قانداقسىگە مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ؟ پەقەت بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنى چەكسىز يالغۇزلۇق چىرمىۋالاتتى.
شۈ ياڭ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىردەم پاراڭلاشماقچى بولدى، بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، روڭ چيەن تېلېفوننى ئېلىپ:
-ئىدارىدە دېلو بار،-دەپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. شۈياڭ ئۇنىڭ قايتقان يولىغا قاراپ ئەپسۇسلاندى.
روڭ چيەن ئىدارىسىغا بارغاندىن كېيىن، بىر ئالاھىدە دېلو تاپشۇرۇۋالدى. مەلۇم بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ بىر پارچە يەر ئېچىپ، داچا رايونى قۇرماقچى بولغانلىقىنى ۋە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقاندا يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بىر پىكاپ بايقالغانلىقى، پىكاپتا يەنە بىر جەسەتنىڭ بارلىقىنى مەلۇم بولدى.
قۇرۇلۇش ئورنى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى ۋە قېزىش ماشىنىسىدا ھېلىقى پىكاپنى چىقاردى. تەكشۈرۈشتە بۇنىڭ 30 نەچچە يىل ئىلگىرى شاڭخەي ماركىلىق كونا تىپتىكى پىكاپ ئىكەنلىكى، يەنى ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغانلىقى ئېنىقلاندى.
بۇنىڭ قەستلەش بىلەن مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈپ گۇماندىن ساقىت قىلىندى. جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسلىرى يەر ۋە تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇنىڭ پەقەت بىر تاسادىپىيلىق بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بايقىدى.
30 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ يەر تاغ ئېتىكى بولۇپ، تۇپراق يۇمشاق بولغاچقا، قارا يامغۇردىن كېيىن لاي-لاتقا ئېقىنى بېسىۋالاتتى. ئەگەر دەل شۇ ۋاقىتتا ماشىنا ئۆتۈپ كەتسە، ھەقىقەتەن كۆمۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
بۇ خىل پەرەزگە قارىتا، روڭ چيەن مۇتەخەسسىسنىڭ تەتقىق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۇ نۇقتىلىق ھالدا پىكاپ ئىچىدىكى جەسەت سۆڭىكىگە دىققەت قىلدى، جەسەت شۇنچە يىل كۆمۈلۈپ ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
ئىسكىلىت قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئۆلگۈچى ئەر كىشى بولۇپ، يېشى 30 ياش ئەتراپىدا، تەكشۈرۈشتە سۆڭىكىدە ھېچقانداق يارا بايقالمىدى، دەسلەپكى قەدەمدە قەستكە ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ.
ماشىنىدىن ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بىر قىسىم نەرسىلىرى تېپىلدى، بەك كۆپ ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامىمۇ يوق ئىدى. پەقەت بىر تال سېسىپ كەتكەن پۇل قاپچۇقى، بىر تىزىق داتلىشىپ كەتكەن ئاچقۇچ، ئەينى يىلى ناھايىتى مودا بولغان ناخشا چولپىنى پىلاستىنكىسى، يەنە بىر نەچچە پارچە سۈرەت بار، توپا بىلەن كۆمۈلۈپ قالغىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا چىرىپ كەتكەن، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئىدى.
ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆلگۈچىنىڭ 30 نەچچە يىل ئىلگىرى لاي-لاتقا ئېقىنىدا تاسادىپىي قازا قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، جەسەتنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خەۋەرداش قىلىش ۋە ئېلىپ كېتىشنى مەقسەت قىلىپ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا خەۋەر بەردى. خەۋەر ئېلان قىلىنغان كۈنى، روڭ چيەن يانفونىنى ئېچىپ قاراپ قويۇپ، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى. مۇخبىرلار سۈرەتكە تارتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىمۇ قوشۇپ سۈرەتكە تارتىۋالغانىدى.
بۇ يەرنى بېسىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章