بۇنداق ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر ئۇلارغا قانداقمۇ ماس كەلسۇن!

文摘   2024-11-01 20:01   新疆  


-چىن چىڭ، بۈگۈن بوۋامنىڭ 70 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، بىزنىڭ سوۋغاتلىرىمىز نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ ھەتتا مىليوندىن ئاشىدۇ، ئەمما سەن ئاران بىر پارچە تورت سوۋغات قىلامسەن -نەدىمۇ ساڭا ئوخشاش پىخسىق نەۋرە قىز بولسۇن؟-دېدى.
ئۇنىڭ چىن چىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇرۇندىنلا چىن چىڭنىڭ ئۆزىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەسەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇ تاپتا چىن چىڭنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ پەس ئاۋازدا چۈشەندۈرۈپ:
-ئاچا، مېنىڭمۇ پەقەت بىر تورتلا سوۋغا قىلغۇم يوق، لېكىن ھازىر ئائىلىمىز قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى، شىركەتمۇ تاقىلىپ قالاي دېدى، پەقەت شۇ…
-قانداق -ئەمدى نامراتلىق دەستىدىن يىغلاپ قاخشاشقا باشلىغان ئوخشمامسەن؟ سەن نامرات بولغاچقىلا نېمىلا ئىش قىلساڭ يوللۇق بولامدىكەن؟
چىن لەن سوغۇق كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن ئوڭ قولىنى بىرلا شىلتىپ تورتنى يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى-دە:
-بۇنداق ئەسكى تورتنى ئىتمۇ يېمەيدۇ! سېنىڭ بۇنداق نەرسىنى ئېلىپ بوۋامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە قانداق يۈزۈڭ كۆتۈردى؟-دېدى.
يەرگە چۈشكەن تورتنى كۆرۈپ، چىن چىڭنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى، تورتنى ئۇ بىر كېچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان، بۇ ئۇنىڭ كۆڭلى ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۆيىدىكىلىرى بۇ تورتنى ياقتۇرمىغان ئىدى. چىن لەننىڭ ئاكىسى چىن خەي ئالدىدىكى چىن چىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن:
-چىن چىڭ، سز ئۆزىڭىز خالىغان سوۋغاتتىن بىرنى بېرىپلا ئاندىن ئېسىل تاماق يىمەكچىما؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ قېتىم بوۋامنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە نۇرغۇن ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر تەييارلاندى، پۇرسەتتىن ھەقىقەتەن ياخشى پايدىلىناي دەپسىز جۇمۇ!-دېدى.
نەق مەيداندىكى مېھمانلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-چىن خەينىڭ دېگىنى توغرا، ئۇلار تاماق يېگىلى كەلگەندەك قىلىدۇ!
-بىراق بۇنداق ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر ئۇلارغا قانداقمۇ ماس كەلسۇن!
-بولمىسا ئاشخانىدىكلەرگە دەپ ئۇلارغا بىر قاچىدىن چۆپ سېلىپ بېرىشكە بۇيرىمامدۇق؟
-ئۇلارغا ھېلىمۇ بەك ئېتىبار قىلدۇق، تۈنۈگۈنكى ئېشىپ قالغان تاماقلاردىن ئازراق بېرەيلى! ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇمۇ بىر كاتتا تاماق!
چىن بوۋايمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن:
-بىر قاچا ئۈگرە ئەكىلىپ بېرىڭلار، ئېشىپ قالغان تاماق، ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى ئىت يېسۇن!-دېدى.
-يەنىلا بوۋامنىڭ كۆڭلى ياخشى! چىن چىڭ،  يەنە بوۋامغا رەھمەت ئېيتماي تۇرىسەنغۇ؟
چىن لەن چىن چىڭغا مەسخىرە نەزىرى بىلەن قاراۋاتقان بولۇپ، چىن چىڭ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ، كۆز چاناقلىرى قىزارغان ھالەتتە زۇۋان سۈرمىدى.
-بولدى، زىياپەت باشلىناي دەپ قالدى، چىن لەن، كۆپچىلىكنى ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇڭلار!
چىن بېگىم چىن چىڭنىڭ ئىنكاسىغا پىسەنت قىلماستىن، قولىنى پۇلاڭلىتىپ بۇيرۇق قىلدى. چىن لەن چىن بوۋاينىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلاپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ:
-چىن ئائىلىسىگە 10 مىليون يۈەن قىممىتىدىن ئارتۇق سوۋغات ئەكەلگەنلەر ئاساسلىق ئۈستەلدە ئولتۇرۇڭلار، چىن جەمەتىگە بەش مىليون يۈەن قىممىتىدىن ئارتۇق سوۋغات ئەكەلگەنلەر بىرىنچى رەتتە ئولتۇرۇڭلار! چىن ئائىلىسىگە بىر مىليون يۈەن قىممىتىدىن ئارتۇق سوۋغات ئەكەلگەنلەر……
ناھايىتى تېزلا، ھەممە ئادەم ئورۇنلىشىپ بولغان بولۇپ، پەقەت چىن چىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىلا مەيداندا قېلىپ، ئوڭايسىزلىنىپ قالدى. چىن چىڭنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ئۇ:
-چىن لەن، بىز قەيەردە ئولتۇرىمىز؟-دەپ سورىدى. چىن لەن مەسخىرە قىلىپ:
-بۇلۇڭدا بىر يۈرۈش قاتلىما ئۈستەل-ئورۇندۇق بارغۇ، خالىغانچە ئولتۇرساڭلا بولمىدىمۇ؟ سەل تۇرۇپ سىلەرگە ئۈچ قاچا چىلىغان كۆكتاتلق چۆپ ئەكېلىپ بېرەي!-دېدى.
بۇ گەپتىن چىن چىڭ بەك ھاقارەت ھېس قىلدى، ئۇ تۆكۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋېلىپ:
-ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرساق سەن نېمىشقا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟-دېدى. چىن لەن مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن كۈلۈپ قويۇپ:
-نېمە؟ سەن تېخى قايىل بولمامسەن؟ بۇ يەردىكى ئورۇننىڭ ھەممىسى چىن ئائىلىسىگە سوۋغات ئەكەلگەن كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، سوۋغات قانچە چوڭ بولسا ئورۇن شۇنچە ياخشى بولىدۇ، ئەكەلگەن سوۋغات قانچە كىچىك بولسا ئورۇنمۇ شۇنچە ناچار بولىدۇ!-دېدى. دەل شۇ چاغدا ئىشىك تۈۋىدىن:
-ئەمسە ئون مىليارتلىق سوۋغات ئەكەلگەن ئادەم قايسى ئۈستەلدە ئولتۇرىدۇ!-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
-نېمە؟
-كىم ئون مىليارتلىق سوۋغات كۆتۈرۈپ كەپتۇ؟
-بۇنداق گەپنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغۇدەك بۇ زادى كىم؟
زالدىكى مېھمانلار ئالدى تەرەپكە قاراپ، ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ لى فېڭ ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەش-پەش دېگۈچە قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. 
بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章