بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن
277 |
(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)
ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (277): پاش قىلىش
3-بۆلۈم 120-باب: ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرەمسىز؟
-ئەپەندىم، 410-ئايرىمخانىنى سىزگە ساقلاپ بېرەيمۇ؟
شېن خاۋ ياڭ سىچىنى قوغلاپ ئەمدىلا ئىككى قەدەم مېڭىشىغىلا، تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئۇنى توسۇۋالدى.
-قىز دوستۇم قېچىپ كەتكەن تۇرسا، يەنە ساقلاپ بەرگىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى؟ نېرى تۇرۇڭ، مېنى بۇنداق توسسىڭىز، قىز دوستۇمغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئۈستىڭىزگە ئالالامسىز؟-دېدى شېن خاۋ گۇرۇپپا باشلىقىغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ.
گۇرۇپپا باشلىقى بىر نەچچەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭنى ئېنىق ئاڭلىغاچقا، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەرنىڭ قۇرۇق سۆلەت بايۋەچچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا قاراپ يېقىملىق كۈلۈپ قويۇپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-قىز دوستىڭىز قېچىپ كەتسە كەتمەمدۇ؟ بىزنىڭ بۇ يەردە چىرايلىق ئاياللار كۆپ، ھەممىسى مۇلايىم ھەم كەڭ قورساق، سىز خالىغانچە تاللىسىڭىز، خالىغانچە كۆڭۈل ئاچسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنى رازى قىلىدۇ!
شېن خاۋنىڭ كۆڭلى سەل تەۋرەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋۇ بو بىلەن شياۋ لەننىڭ مايمۇن ئويۇنى كۆرۈۋاتقاندەك ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، گۇرۇپپا باشلىقىنى سوغۇق تەلەپپۇزدا رەت قىلدى.
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نېرى تۇرۇڭ!
گۇرۇپپا باشلىقى شېن خاۋنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، چاندۇرماستىن ئېغىز ئاچتى:
-بولىدۇ، مەن ۋاقتىنچە 410-ئايرىمخانىغا مېھمان ئورۇنلاشتۇرماي، سىلەرنىڭ كېلىشىڭلارنى ساقلاپ تۇراي!
شېن خاۋ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا ئېرىنىپ، ئالدىراپ-تېنەپ لېفىت ئېغىزىغا كەلگەندە، ياڭ سىچىنىڭ لېفىتقا چىقىپ بولغانلىقىنى بايقىدى. لېفىتقا ئولتۇرۇپ پەسكە چۈشكەندە، ياڭ سىچى كۆرۈنمىدى، ئۇ دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ياڭ سىچىغا تېلېفون قىلدى، ئەمما تېلېفون قوڭغۇرىقى خېلى ئۇزۇن سايرىغان بولسىمۇ، ياڭ سىچى تېلېفوننى زادىلا ئالمىدى.
«ياڭ سىچى راستتىنلا مەن بىلەن ئايرىلىپ كېتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟»
شېن خاۋ ياڭ سىچىنىڭ تېلېفونىغا يەنە بىر قېتىم تېلېفون ئۇرغاندا، ئۇنىڭ تېلېفونى ئاللىقاچان ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكى بىردىنلا جىغغىدە قىلىپ قالدى.
«قارىغاندا، ياڭ سىچى بۇ بىر جۈپ ئىت ئەر-ئايالنىڭ گېپىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىپ، مەن بىلەن داۋاملىق بىللە يۈرۈشنى خالىمىغان ئوخشايدۇ، بۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شياۋ لەن ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى ئەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەن بۇ بىر جۈپ ئىت ئەر-ئايالنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر قىلىۋېتىمەن!»
شېن خاۋ كۆڭلىدە بىر ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ۋۇ بونىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ ئاندىن بىر نېمە دېيىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال يان تېلېفون خاتىرىسىدىن بىر نومۇرنى چىقىرىپ تېلېفون قىلدى.
ناھايىتى تېزلا تېلېفون ئۇلاندى. قارشى تەرەپ قىزغىنلىق بىلەن سورىدى.
-شېن بەگزادە، قانداقسىگە ماڭا تېلېفون قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟
-مەن سىزنى ماڭا ياردەم قىلىپ بىر ئادەمنى سۈرۈشتۈرۈپ بەرسۇنكەن دەيمەن!-دېدى شېن خاۋ ئاچچىقى كەلگەن ھالدا.
...
ياڭ سىچى بىلەن شېن خاۋ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، شياۋ لەن ۋۇ بونىڭ قولىنى تۇتۇپ 408-ئايرىمخانىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئورۇندۇقلۇق سافادا يانمۇيان ئولتۇردى. ۋۇ بو چۈشەنمىگەن ھالدا شياۋ لەندىن سورىدى.
-سىز بايا ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى نەرسە ئەمەس دەپ، بۇ ئايرىمخانىدىن قېيداپ چىقىپ كەتكەنتىڭىزغۇ؟ نېمىشقا يەنە مېنى تارتىپ كىرىسىز؟
-مەن سىزنى ماڭا ھەمراھ بولۇپ بىردەم ئوينىسۇن دېمەكچى، ئەجەبا بولمامدۇ؟-دېدى شياۋ لەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىراق سىز قانداق ئوينىماقچى؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو چۈشەنمەي.
شياۋ لەن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ۋە ئاستا ئېغىز ئاچتى:
-ئەمەلىيەتتە، مەن سىزدىن بىر سوئال سورىماقچى ئىدىم!
-قانداق سوئال؟
ۋۇ بو گۇمانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى. شياۋ لەن ئاستا ۋۇ بودىن سورىدى.
-يېزنە، سىزنىڭچە بۇرۇنقى قىز دوستىڭىز شېن خاۋدىن ئىبارەت بۇ داشقال ئەردىن ئايرىلىپ كېتەرمۇ؟
-شۇنداق بولىدۇ!-دېدى ۋۇ بو ناھايىتى ئېنىق قىلىپ.
-نېمىشقا؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن چۈشەنمەي.
-چۈنكى ياڭ سىچى پۇل-مالنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغان، كۆزىگە يېرىم تال قۇمنىمۇ سىغدۇرالمايدىغان ئايال، مېنىڭچە ئۇ شېن خاۋنىڭ ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ، شېن خاۋنىڭ ئۆزىنى ئەخمەق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چوقۇم قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ!-دېدى ۋۇ بو راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىپ.
-بۇمۇ ياخشى بولدى، ئىشقىلىپ ياڭ سىچى شېن خاۋنىڭ قولىدا دەپسەندە بولمىسىلا بولدى، ھە راست، سىزنىڭچە ياڭ سىچىنىڭ يەنە سىز بىلەن بىللە بولۇشى مۇمكىنمۇ؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن.
-چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟ مەن چېن بىڭ بىلەن توي قىلىپ بولغان تۇرسام، ياڭ سىچى قانداقمۇ مەن بىلەن بىللە بولسۇن؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو ھەيران بولۇپ.
-بۇنداق بولۇشى ناتايىن، ئەمەلىيەتتە، مەن سىز بىلەن چېن بىڭنى ئانچە ماسلىشىدىغاندەك ھېس قىلمىدىم، ئەگەر سىز چېن بىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتسىڭىزلا، سىلەر بىللە بولالايسىلەر!-دېدى شياۋ لەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
-سىز نېمىگە ئاساسەن چېن بىڭ ئىككىمىزنى ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىڭىز؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو.
-چۈنكى، چېن بىڭ دېگەن بۇ ئايال قارىماققا بىر قەدەر سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇ رەت قىلىشقا ماھىر ئەمەس، ئۇنىڭ جەمئىيەت مۇناسىۋىتى بەك مۇرەككەپ، سىلەرنىڭ بىللە بولغان ۋاقتىڭلار ئۇزارغانچە بىر-بىرىڭلارغا ئىشەنمەيدىغان، بىر-بىرىڭلاردىن گۇمانلىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، ئىشلار مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، سىلەرنىڭ ئىدىيەڭلار بۇرمىلىنىپ، تۇرمۇشۇڭلارمۇ تەبىئىي ھالدا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىڭلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەكسىچە، مېنىڭچە ياڭ سىچى سىزگە بەكرەك ماس كېلىدىكەن!-دېدى شياۋ لەن چۈشەندۈرۈپ.
-بۇ مۇمكىن ئەمەس، مەن ياڭ سىچى بىلەن ئايرىلىپ كەتكىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەيلا دېدىم، چېن بىڭ بىلەن ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتسەكمۇ، مەن ياڭ سىچىنى ئويلاشمايمەن،-دېدى ۋۇ بو بېشىنى چايقاپ.
-يېزنە، ئالدىمدا تولا يالغان سۆزلىمەڭ، سىزنىڭ ياڭ سىچىنى كۆرگەن چاغدىكى چىراي ئىپادىڭىزنى ئەجىبا مېنى كۆرۈپ بىلەلمىدى دەپ قالدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-قانداق چىراي ئىپادىسىنى؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو سەل خۇدۈكسىرەپ.
-ھەم ھاياجانلىنىدىغان، ھەم ئىنتىلىدىغان، ھەم جىددىي، ھەم ئازراق چۈشكۈنلەشكەن چىراي ئىپادىسى، بۇ خىل چىراي ئىپادىسى پەقەت ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە سېغىنغان ئادەمگە يۈزلەنگەندىلا ئىپادىلىنىدۇ!-دېدى شياۋ لەن جاۋاب بېرىپ.
-خاتا دەپ قويدىڭىز، ياڭ سىچى مەندىن يوشۇرۇنچە ئايرىلغاندا، مەن ئۇنى بەكلا سېغىنغان ۋە ئەسلەپ يۈرگەن ئىدىم، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ھېسسىيات بالدۇرلا يوقاپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭغا ئازراقمۇ ھېسسىياتىم قالمىدى،-دېدى ۋۇ بو كۈچەپ ئۆزىنى ئاقلاپ.
-ئۇنداقتا سىزنىڭ كىمگە ھېسسىياتىڭىز بار؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن قىزىقىپ.
-ئەلۋەتتە سىزگە...
ۋۇ بو ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاغزىدىن چىقىرىۋەتتى.
-مەنمۇ؟
شياۋ لەن بىر بارمىقىنى چىقىرىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سورىدى.
-شۇنداق، شۇ كۈنى كەچتە، ميەنچېڭدىكى دىخاۋ كۇلۇبىنىڭ ئويۇن قويۇش زالىدا سىزنى تۇنجى كۆرۈپلا، مەن ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالىمنىڭ يەنە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم،-دېدى ۋۇ بو ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ.
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىڭ، گەپلىرىڭىز ئازراقمۇ سەمىمىي ئەمەس، مەن ئىشەنمەيمەن، مەن دېگەن سىزنىڭ قېيىنسىڭلىڭىز، ھەرگىز مېنىڭ كويۇمدا بولماڭ جۇمۇ!-دېدى شياۋ لەن ۋۇ بوغا ئالىيىپ قويۇپ.
-قېيىنسىڭىل دېگەن يېزنىسىنىڭ يېرىمى، ئاچىڭىز ھايات ۋاقتىدا، مەن سىزنىڭ كويىڭىزدا بولمىسام بولىدۇ، لېكىن ئاچىڭىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە نەچچە يىل بولدى، مەن نېمىشقا سىزنىڭ كويىڭىزدا بولسام بولمايدۇ؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو بوشقىنە كۈلۈپ قويۇپ.
-ئەگەر سىز مېنىڭ كويۇمدا بولماقچى بولسىڭىز، يەنىلا ئۆيگە قايتىپ خوتۇنىڭىز بىلەن بولغان ئىشىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ ئاندىن بىر نېمە دەڭ، مەن دېگەن شياۋ ئائىلىسىنىڭ چوڭ خانقىزى، باشقىلارنىڭ ئاشنىسى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن!-دېدى شياۋ لەن مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا.
-سىز بايا چېن بىڭ ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ھامان بىر كۈنى بۇزۇلىدۇ دېمىدىڭىزمۇ؟ شۇ كۈنى كەچتە، سىز بىلەن ميەنچېڭ مېھمانسارىيىنىڭ 1208-ياتىقىدا مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، مەن ھەر كۈنى سىز بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلاپ، ئۆزۈمنىڭ فامىلىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالدىم...-دېدى ۋۇ بو.
-ھىم، ياغلىما گەپلىرىڭىز تەييار ئىكەن، مەن سىزگە تەڭ كېلىپ بولالمىغۇدەكمەن!-دېدى شياۋ لەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-شۇنداق بولغان ئىكەن، بۈگۈن كەچ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ!-دېدى ۋۇ بو.
-ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز، مېنى ئالدىڭىزدا ئازراقمۇ قورۇنمايدىغان، ئەسكى ئايالدەك قىلىپ قويسىڭىز، ئاندىن قانائەت ھېس قىلامسىز؟
شياۋ لەن ۋۇ بونىڭ مۈرىسىگە بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇپ قويۇپ، سۇس كۈلۈپ قويدى. ۋۇ بومۇ كۈلۈپ قويۇپ، قولىنى سوزۇپ شياۋ لەننى قۇچاقلىدى.
بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 279-قىسىم