-شياۋشى، سىز مەن بىلەن بىللە بۇ جەڭنى قىلىشنى خالامسىز؟ـ دېدى.
-ئەلۋەتتە! مەن ئىزچىل پەقەت سىزگىلا تەۋە ۋاسىتىچى، سىز نەدە بولسىڭىز مەن شۇ يەردە، ئاۋۇ ئىت ئەر-ئايال بۇرۇنلا كۆزۈمگە سىغماي قالغان ئىدى، پۇرسەت تېپىپ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ قويغۇم بارتى.-شياۋشى شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدى. چىن جېڭ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.
-ياخشى، ئۇنداقتا مېنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىم توغرىسىدىكى خەۋەرنى تارقىتىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تورنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇنىڭدىن ئازراق سىن كۆرۈنىشىنى كېسىپ مىكرو بىلوگقا چىقىرىپ قويۇڭ.-شياۋشى گۇمان بىلەن چىن جېڭنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئېچىپ كۆرۈۋىدى، 45 مىنۇتتىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى سىنئالغۇ فىلىمى چىقتى. بۇ سىنئالغۇ فىلىمىدىكى ئەر-ئايال پېرسۇناژ دەل شېن يىشىڭ بىلەن چىن ۋەنئېر ئىدى.
-ۋاي ئانامەي، سىز...-فىلىمدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، شياۋشىنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى، ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن چىن جېڭغا قارىدى. چىن جېڭ:
-مەن ھېسداشلىققا موھتاج ئەمەس، ئاجىزلار ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. مەن چىن جېڭغا ئۇ كېرەك ئەمەس! ئۇ قايتىپ كېلىدۇ، تاماشا ساھەسىگە قايتىپ كېلىدۇ. قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ! ئەينى چاغدا تاماشا ساھەسىدىكى تىزىملىكنىڭ چوققىسغا چىققاندا شېن يىشىڭنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە تايانغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرۈپ قويىدۇ. چىن ۋەنئېرنىڭ قولىدىن ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان نەرسىلەرنى قايتۇرىۋالىدۇ.-دېدى.
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، شياۋشى چىن جېڭغا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ماشىنا ئىزدەپ كەتتى. شياۋشى كېتىشىگىلا بىر كۈل رەڭلىك مايباخ چىن جېڭنىڭ ئالدىدا توختىدى. ئارقا ئورۇندۇقنىڭ ئەينىكى ئاستا-ئاستا چۈشۈپ، ئىنتايىن كېلىشكەن بىر چىراي كۆرۈندى. كۆزلىرىدىن ئېسىلزادىلەرنىڭ تۇغما سالاپىتى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-ماشىنىغا چىقىڭ.-ئاددىي ھەم قىسقا ئىككى سۆزدىن رەت قىلىشىغا بولمايدىغان زومىگەرلىكنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. چىن جېڭ ئۇنىڭ بىلەن لىڭ يىتيەننىڭ ئىشىنى باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشنى خالىمىغاچقا يۇۋاشلىق بىلەن ماشىنىغا چىقتى. ئولتۇرۇپ بولغىچە ماشىنا ھەرىكەتكە كېلىپ، چاڭ-توزان چىقىرىپ مېڭىپ كەتتى.
-توختاپ تۇرۇڭ، مەن شياۋشىغا تېلىفون قىلىۋالاي. ئۇ ماشىنا ئىزدىگىلى كەتتى، ناۋادا مېنى تاپالمىسا ئۇ ئەنسىرەپ قالىدۇ.-لىڭ يىتيەنمۇ قارشىلىق قىلمىدى، تىنچ تۇرۇپ ئۇنىڭ تېلىفون قىلىۋېلىشىنى كۈتتى. تېلىفوندا چىن جېڭ شىياۋشىغا تاپىلاپ شېن يىشىڭ بىلەن چىن ۋەنئېرغا كۆز قۇلاق بولۇشنى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ قارا ماتېرىيالىنى يېغىپ قويۇشىنى ئېيتتى. تېلىفوننى قويۇپ تۇرۇشىغا ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېڭىكنى سىقىپ، سوغۇق ھەم ناچار ئاۋازدا ئېيتقان سۆزى قۇلاق پەردىسىگە كىرىپ كەلدى:
-بۇنداق ئىشنى مېنىڭ ئالدىمدا دېيىشكە جۈرئەت قىلىۋاتىسىزغۇ؟ سىزنى دۆت دېيىش كېرەكمۇ ياكى بەك ساددا دېيىش كېرەكمۇ؟ ئەڭ ئەقەللىي بولغان قوغدىنىش ئېڭىمۇ يوقكەنغۇ سىزدە؟
-مېنىڭ قوغدىنىش ئېڭىم بار، ئەمما سىزنىڭ ئالدىڭىزدىلا يوق. ھازىر شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق.-چىن جېڭ قىلچە قورقۇپ قالمىدى، ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ:
-چۈنكى سىز مېنىڭ ئەسكى ئايال ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، سىزدە ماڭا نىسبەتەن باشقىچە ئوي-خىيال پەيدا بولمايدۇ. ئىككىيلەن گەرچە توي قىلغان بولساقمۇ، لېكىن توختامغا ئىمزا قويدۇق. توختامدا ئېنىق يېزىلغان، ئا تەرەپ ب تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا بولمايدۇ، ب تەرەپنىڭ ئا تەرەپكە بولغان قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى بولسا، ئۇنىڭ ياشلىق باھارىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ. ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا ئىككى تەرەپنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا بولمايدۇ. زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئىككى يىللا ۋاقىت خالاس، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسىۋەت قالمايدۇ. لىڭ يىتيەننىڭ ئۆزىنى توختىتىپ قولىنى ئاستا قايتۇرۇۋالدى.
ـ ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولسام، ئۇ ئىككىسىگە تېخىمۇ قاتتىق قول بولاتتىم.
«قارىغاندا لىڭ يىتيەنمۇ ئۇنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشىنى كۆرگەن ئوخشايدۇ......» شياۋشىنىڭ لىفىتتا ئېيتقان دوختۇرخانىنىڭ توسىمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشنى باغلاشتۇرۇپ، ئۇ بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
ـ بۈگۈن ماڭا ياردەم قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.-ئەگەر بىرسى «پۈتۈن A شەھىرىدە كىمنىڭ مۇشۇنداق كارامىتى بار، كىشىلەر كىمدىن قورقۇپ كىمنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؟» دەپ سورايدىغان بولسا، جاۋابى ئېنىقلا «لىڭ يىتەندىن باشقىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» بولاتتى.
لىڭ يىتيەن ئەسلىدە «ئەرزىمەيدۇ» دېمەكچى ئىدى، ئەمما چىن جېڭنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن، قەستەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى.
-ئۇنداقتا سىز...-لىڭ يىتيەن چىرايىنى ئۆزگەرتىپمۇ قويماي ئۇدۇل كېلىپ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە چاپلاشتى. ئەرلەردە بولىدىغان پۇراق چىن جېڭنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلۇپ دىماقلىرىنى ئېيچىشتۇرۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. ـ ماڭا قانداق رەھمەت ئېيتماقچىسىز؟-دېدىدە ئاندىن ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى.
-لىڭ دېرىكتور، سىزنىڭچە قانداق رەھمەت ئېيتسام بولار؟-لىڭ يىتيەن قېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
-بۈگۈن ئىككىمىز توي قىلدۇق، توي كېچىسىنىڭ ھەر دەقىقىسى ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك، بولمىسا بېرىپ توي كېچىسىنىڭ پەيزىنى سۈرسەك قانداق دەيسىز؟-ئىزچىل تەمكىن، سالماق قىياپەتتە تۇرغان چىن جېڭنىڭ بۇ پەيتتە چىرايىدىكى سۇس كۈلكە يوقاپ كەتتى. ئۇ نەزىرىنى سىرتقا يۆتكەپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئاندىن بۇ تەرەپكە قارىغاندا چىرايىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى:
-ئېتىراپ قىلىمەن، سىز بىلەن بۇنچە تېزلا توي قىلىشىم پەقەت شۇ بىر دەملىك ئاچچىقىمنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىدى. ئەمما خاتىرجەم بولۇڭ، سىز بىلەن توي قىلىش قارارىنى چىقارغىنىمغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن. توختامدا گەرچە ھېسىيات جەھەتتە سىزنى چەكلەشكە بولمايدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشىمىز چەكلەنمىگەن. بىراق ئالدىڭىزدا ناھايىتى خىجىلمەن، مەن بايىلا بىر قېتىملىق مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولدۇم. گەرچە مەن ئۇ ئادەمنىڭ داشقال ئەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، لېكىن كۆڭلۈمدە يەنىلا «ئۇ» بار. مېنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلغۇم يوق، سىزنى ھېلىقى «داشقال ئەر»نى ئۇنتۇپ كېتىشتىكى دەستەك قىلىۋېلىشنى خالىمايمەن.
چىن جېڭنىڭ قارىشىچە، لىڭ يىتيەن ئۆزىگە بۇنچە ياردەم قىلىۋاتسا، يەنە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ شېن يىشىڭنى ئۇنتۇيمەن دېسە بولمايتتى، ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلسا ئۇنداقتا شېن يىشىڭدىنمۇ بەكرەك داشقالغا ئايلىنىپ قالاتتى. يەنە بىر قېتىم مۇھەببەتلەشكەن تەقدىردىمۇ، پاك-پاكىز ھالدا ھەممىنى قايتىدىن باشلاش كېرەك ئىدى.
لىڭ يىتيەن ئەسلىدە ئۇنى ئىككىسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى «ھەمكارلىق»نى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن مېھمانسارايغا بېرىپ بىللە بولىدىغان پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويمايدۇ، دەپ ئويلىغان. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ھەققانىي سۆزلەر بىلەن ئۇنى رەت قىلىۋەتتى. ئۇ ئالدىدىكى بۇ قىزغا سىنچىلاپ قارىدى. جۇغى كىچىك، سىرتقى قىياپىتى ئاجىز كۆرۈنسىمۇ، بىراق كۆزلىرىدىن، تۇرقىدىن يەنىلا ئوچۇق-يورۇقلۇق ۋە مەردانىلىق، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان جاسارەت چىقىپ تۇراتتى: «بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى قىزلاردىن ئەمەس، ھۆرمەتلەشكە ئەرزىگۈدەك قىز ئىكەن!» دەپ ئويلىدى. داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم