ـــ بىرنى يەڭسەم قانچە پۇل بېرىسەن؟ ـــ دەپ سورىدى چېن يۈندۇڭ بوينىغا ئىت باغلايدىغان زەنجىرىدىنمۇ توم ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان تاقىرباشقا قاراپ.
ـــ بىر مەيدان ئۇتساڭ 2000 يۈەن. ـــ دېدى تاقىرباش يېنىدىكى ئىنتايىن قىسقا يوپكا كىيىۋالغان سەتەڭنىڭ ساغرىسىنى سىلىغاچ چېن يۈندۇڭغا قاراپ.
ـــ 2000 يۈەن؟ بەك ئازكەن، تېخىمۇ جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش يوقمۇ؟ قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى. ـــ چېن يۈندۇڭ پەستىكى ئاددىي چامباشچىلىق سۇپىسىدا جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان ئىككى مۇشتلاشچىغا قاراپ قويۇپ تاقىرباشتىن يەنە سورىدى.
ـــ ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ جىقراق پۇل تېپىشنىڭمۇ ئامالى بار، ئۆزۈڭ يالغۇز ئىككى ئادەم بىلەن ئېلىشىپ يېڭىۋالساڭ، بىر مەيداندا 20 مىڭ يۈەن بېرىمەن، ئەمما شۇنچىلىك كارامىتىڭ بارمۇ سېنىڭ. ـــ دېدى تاقىرباش.
ـــ نەق پۇلما؟ ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ سەل قىزىقىپ.
ـــ ئەلۋەتتە نەق پۇل. ـــ دېدى تاقىرباش ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇلغان بىر دۆۋە 100 يۈەنلىك پۇللارنى كۆرسىتىپ، ـــ سولتەك، بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قوياي، پۇل تاپىمەن دېسەڭ بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال شۇ پۇلغا ئېرىشەلىگۈدەك جېنىڭ بارمۇ ئويلىشىپ قوي. بۇ يەر دېگەن قاراڭغۇ بازار، يارىلىنامسەن، ئۆلەمسەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، بۇ سۇپىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق، ھېچكىم ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ جۇمۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە مۇشتلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىچىكىدىن باشلاپ چامباشچىلىقنى ئۆگەنگەنلەر، بۇ يەرنى ئاچقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆزى يالغۇز ئىككى ئادەمنى يېڭىۋالغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم. بوپتۇ ئەگەر سەن يېڭەلىسەڭ، ساڭا 30 مىڭ يۈەن بېرەي، بىراق بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسەڭ مەندىن ئاغرىنما جۇمۇ!
ـــ ئۆزۈم يالغۇز بەشى بىلەن مۇشتلىشىمەن، ئۇتۇۋالسام 300 مىڭ يۈەن بېرىسەن، نەق پۇل ئالىمەن. ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ پەستە مۇشتلىشىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرغان تاقىرباشقا. پەستە بىرسى قانغا مىلەنگىنىچە مىدىرلىماي ياتاتتى، ئۆلۈك-تىرىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، تاماشا كۆرۈۋاتقانلار ھەدەپ تەنتەنە قىلىۋاتاتتى.
ـــ نېمە؟ ئۆزۈڭ يالغۇز بەشكە چىقامسەن؟ ئادەم چېلىۋاتامسەن نېمە؟ ـــ تاقىرباش ئورنىدىن تۇرۇپ چېن يۈندۇڭغا سەت تىكىلدى.
ـــ سېنى چېلىۋاتامدىم ھېلى مەيدانغا چۈشكەندە بىلىپ قالىسەن، مەن بايا قاراپ باقتىم، دو تىكىشىدىغان ئىشكەنغۇ بۇ. شۇڭا ئۆزۈم يالغۇز بەشكە چىقسام مېنى ئۇتتۇرىدۇ دەپ دو تىكىدىغانلار بەك جىق چىقىدۇ، ئەگەر ئۇتۇۋالسام سەن چوقۇم جىق پۇل تاپالايسەن، ناۋادا ئۇتتۇرۇۋەتسەممۇ جىق زىيان تارتىپ كەتمەيسەن. ئۆلىدىغان ئادەم مەن، سەن پۇل تېپىشنى بىلسەڭلا بولدى، بۇنداق سودىنى قىلماسلىققا باھانەڭ يوق سېنىڭ؟ ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ سۇس تەلەپپۇزدا.
تاقىرباش چېن يۈندۇڭغا بىردەم تىكىلىپ قارىدى، ئاندىن ئۈستەلدىن 300 مىڭ يۈەننى ساناپ ئېلىپ چېن يۈندۇڭنىڭ ئالدىغا قويدى: ـــ يېڭەلىسەڭ بۇ 300 مىڭ سېنىڭ بولىدۇ، دەرھال ئېلىپ كېتەلەيسەن. بىراق يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي، بۇ يەر قاراڭغۇ بازار، يارىلىنامسەن، ئۆلەمسەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە كېلىپ مۇشتلىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ كەسىپتىن چېكىنگەنكەر، ئەڭ ياخشىسى ئوبدانراق ئويلاپ قارار قىل.
ـــ قاچان باشلىنىدۇ؟ ـــ دەپ سورىدى چېن يۈندۇڭ چامباشچىلىق سۇپىسىغا قاراپ.
ـــ سەن قاچان باشلىماقچى؟
ـــ ھازىرلا، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. ـــ دېدى چېن يۈندۇڭ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي...داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:1-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا رومانلار