ھاممامنىڭ ئېرى مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى

文摘   2024-09-30 23:52   新疆  

20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئالتىنچى بېگىم مېنى زۈيشياڭ تاماقخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ بىزنىڭ بازاردىكى ئەڭ ياخشى تاماقخانا ئىدى. ئاددىيلا بىزەلگەن ئايرىمخانىدا ئالتىنچى بېگىم سېرىق ماخىل ياغىچىدىن ياسالغان غاڭزىنى چىشلەپ ئولتۇراتتى، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بولسىمۇ يەنىلا ھۇجۇدىدىن قىرانلىق چىقىپ تۇراتتى.

-ھاراقنى قۇيە... –دېدى ئۇ ماڭا شەرەتلەپ.

كۆك گۈللۈك فارفۇر شىشىگە قاچىلانغىنى 30 يىللىق ئېچىتىلغان ھاراق بولۇپ، چېنىگە قۇيۇلىشى بىلەن خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلدى.

-شياۋ ليۇ، ماڭا ئەگىشىۋاتقىنىڭغا قانچىلىك بولدى؟

-13 يىل ئىككى ئاي 22 كۈن.

-ساڭا نىمە ئۆگەتتىم؟

-نەيرەڭ ھۈنىرى.

-ئۇ قانداق ھۈنەر؟

-كۆز بويامچىلىق ماھارىتى.

ئالتىنچى بېگىم بېشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قويدى، مېنىڭ جاۋابىمدىن خېلى رازى بولغاندەك قىلاتتى. غاڭزىسىنى ئۇرۇپ قويۇپ، ھاراق قۇيۇلغان قاچىنى ئېلىپ ماڭا:

-بۇ ھاراقنى ئىچكەندىن كېيىن ھۈنەر ئايرىساڭ بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئەگىشىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. –دېدى.

بۇ كۈننىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن 20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە كېلىشىنى ئويلىماپتىمەن.

-شياۋ ليۇ، ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئۆگەنگىنىڭ نەيرەڭ ھۈنىرى، ماڭغىنىڭ كۆك يول، ھازىردىن باشلاپ سەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس، سەن بىر نەيرەڭچى بولدۇڭ.

ئاتالمىش كۆك يول بارلىق نەيرەڭچى قىمارۋازلار تۇتقان يولنى كۆرسىتىدۇ. دادام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى، ئادەتتىكى ئادەم بول، ھەرگىز قىمارغا يېقىن يولىما دېگەن، ئويلىمىغان يەردىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ مەن يەنىلا بىر نەيرەڭچى بولۇپ قالدىم. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىر نەرسە دېمەك قېيىن دېمەي ئامال يوق.

-شياۋ ليۇ، سەندىن يەنە بىر قېتىم سوراي، بۇنىڭدىن كېيىن ئېسىل ياشاپ، نوچى ئۆتكۈڭ بارمۇ ياكى ئاقنانچى بولامسەن؟

-نوچى ئادەم بولىمەن، بىر ئاغا بولىمەن!

-ياخشى، ئۇنداق بولغاندىكىن، بۇ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىشلىتىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە نەيرەڭچىلەر ئارىسىدا چۇ ليۇ بېگىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۈچ يىل؟ قىلالارمەنمۇ؟ ئازراق گاڭگىراپ قالدىم. بۇ يىللاردا گەرچە مەن ئالتىنچى بېگىم بىلەن سانسىزلىغان تاۋكا، چوڭ-كىچىك قىمارخانىلارغا بارغان بولساممۇ، بىراق ئەزەلدىن سورۇندا قىمار ئويناپ باقمىغان. سەۋىيەمنىڭ زادى قانداقلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن مەن يەنىلا ماقۇل بولدۇم. ئالتىنچى بېگىم ماڭا نەيرەڭچىگە ئەڭ تەس بولغىنى ماھارەت ئەمەس، بەلكى روھى ھالەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئالدىدا ئۆمۈر بويى ئۆگەنگەنلىرىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىق تۈپ ئاساس.

-بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭ يالغۇز جاھاندارچىلىق قىلىسەن. –دېدى ئالتىنچى بېگىم تاماكىسىنى شوراپ قويۇپ.

مەن جاھاندارچىلىق دېسە قانداقتۇ دەپ ئويلاپ كەتكەن، لېكىن شەھەرگە كەلگەندىن كېيىن، ھەممە نەرسىنىڭ مەن چوڭ بولغان كىچىك بازاردىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. ناھايىتتى شۇ رەڭگارەڭ چىراغلار، ئېگىز بىنالار ۋە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كوچىلار ئارتۇق ئىكەن.

مەن شەھەرگە ماڭغاندا ئالتىنچى بېگىم ماڭا پەقەت 100 يۈەن يول كىراسى بەردى. ئۇنىڭدا پۇل يوق ئەمەس، بولمىسا ئۇنچە كۆپ ئايال بىلەن ئارلىشالمايتتى. لېكىن ئۇ ماڭا پۇلنى ئۆزۈمنىڭ تېپىشىنى، قىزلار بىلەن ئارلاشماقچى بولساممۇ ئۆزۈمگە تايىنىشىمنى ئېيتتى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

تەڭداشسىز ھۆكۈمرانخاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章