ئايالىمنىڭ يالغانچىلىقى(118): ئېرىم، سىزدىن ئاجرىشىپ كېتەلمەيمەن

文摘   2024-11-04 20:03   新疆  

235-باب: راستتىنلا ئامالسىز تاللاشمۇ؟

-ئېرىم، سىزنىڭ بۇرۇن زادى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى چوقۇم بەك بىلگىڭىز بار شۇنداقمۇ؟-ئايالىم كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى يېنىك لىڭشىتىپ قويدۇم.

-سىز ئىلگىرى مەندىن 2010-يىلى گۇاڭجۇغا بېرىپ باققانمىدىڭىز، دەپ سورىغان ئىدىڭىز. مەن شۇ چاغدا بېرىپ باقمىغانلىقىمنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، ئەينى ۋاقىتتا سىزنى ئالداپ قويغان، 2010-يىلى مەن ھەقىقەتەن گۇاڭجۇغا بېرىپ باققان. ئەسلى مەن ئۇ يەرگە بېرىپ قوشۇمچە خىزمەت قىلىشنى ئويلىغان، ساۋاقدىشىمنىڭ ياردىمىدە لى خۇڭيىڭ بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ قاۋاقخانىدا ئىشلىسە ياخشى پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى دېگەن بولغاچقا، مەنمۇ ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمىگەن ئىكەنمەن...

ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇددى ھەش-پەش دېگۈچە بىرى كانىيىمنى سىقىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. كۆڭلۈمدە بەي سەيشيانىڭ ئايالىمغا بەك ئوخشايدىغان بىر ئادەمنى كۆرگەنلىكىنى ئېسىمگە ئالدىم. قارىغاندا ھازىر مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىممۇ پۈتۈنلەي بەربات بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئايالىم ماڭا 2010-يىلى ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇدا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچىدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىپ بېرىدىغاندەك قىلاتتى. مەن گەرچە قاتتىق غەزەپلەنگەن بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق شەپە چىقارمىدىم، يەنىلا ئايالىمنىڭ يەنە نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم.

-ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، مەن ئەسلىدە ھاراققا ھەمراھ بولغۇچى قىز بولىدىغانلىقىمنى بايقىدىم، لېكىن قاراقچىلار كېمىسىگە چىقىپ بولغان بولغاچقا، مېنىڭمۇ باشقا ئامالىم يوق، ئامال بار ئۆزۈمنى ئۇ يەردە بۇلغاشتىن قوغدىمىسام بولمايتتى. گەرچە مەن كۈتكۈچى قىز بولساممۇ، لېكىن ئەزەلدىن تېنىمنى ساتمايمەن، بۇ مېنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىم!

ئايالىمنىڭ بۇ گېپى ماڭا بەك كۈلكىلىك تۇيۇلدى، ئۇنداق يەرگە بارغان ئادەم يەنە نېمىشقا ئۆزىنى ساتمايمەن دەيدۇ؟ ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن پاكىز ئايال بولسا ئۇنداق يەردە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئامال قىلىپ ئۇنى پاتقاققا سۆرەپ كىرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ پۇلدارلار ئۇنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىگە بىر كېچە ھەمراھ قىلىدۇ، بۇنداق كېچىككە بىرلا دەسسەپ سالغان ئادەمنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشى ئىنتايىن تەس ئىدى. ئايالىمنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى باشقىلار ئاڭلىسا قانداق ئويلايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن چوقۇم ئىشەنمەيتتىم.

-مەن ھېلىقى قاۋاقخانىدا ئىشلەپ ئۈچىنچى كۈنى ۋۇ دىرېكتور بېرىپلا مېنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، مېنى بىر ھەپتىلىك ھۆددىگە ئالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئەينى چاغدا مەنمۇ ئامالسىز، شۇڭا بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلدىم. ئۇ مېنى ھۆددىگە ئالغان كۈننىڭ ئەتىسى كەچتە ماڭا دورا بېرىپ تېنىمگە ئېرىشمەكچى بولغاندا مەن بايقاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن ھاجەتخانىغا كىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، لى خۇڭيىڭ بىلەن قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتىم. لى خۇڭيىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ ماڭا ياردەم قىلسا ۋۇ خوجايىننىڭ مېنى بىر ھەپتىلىك كۆتۈرەگە ئالغان ھەققىنىڭ %70نى ئالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ چاغدا مەن ئامال قىلالماي ئۇنىڭغا ماقۇل بولغان ئىدىم...

ئايالىمنىڭ بۇ گېپى بىلەن ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ گېپىدە چوڭ پەرق يوق ئىدى.

-ئۇنى قانداق جايلىدىڭلار؟-دەپ سورىدىم.

-لى خۇڭيىڭ مېنى يالغاندىن كىرىپ ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ دورا سالغان ھارىقىنى تۆكۈۋېتىشكە بۇيرۇدى، ئاندىن ۋۇ باش دىرېكتورغا ئايرىمخانىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنى، ئۈستۈنكى قەۋەتتە ياتاق بارلىقىنى ئېيتىپ، ۋۇ باش دىرېكتورنى ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىشىمنى ئېيتتى. ۋۇ دىرېكتور ئەينى چاغدا ئاساسەن مەست بولۇپ قالغان، گېپىمدە يالغانچىلىق بارلىقىدىن گۇمانلانمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئەگىشىپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە چىقتى. شۇ كۈنى كەچتە، ۋۇ باش دىرېكتور خېلى كۆپ ھاراق ئىچتى، مەن ئۇنىڭغا چىراغنى ياندۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى ئېيتتىۋىدىم، ئۇ چىراغنى ئۆچۈردى، كېيىن لى خۇڭيىڭ مېنىڭ ئورنۇمدا ۋۇ باش دىرېكتور بىلەن بىللە بولدى. لى خوڭيىڭ ۋۇ باش دىرېكتورنى مۇشۇنداق ئالدىساق مېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار ھېلىقى ئىشنى قىلغاندا مەن چاندۇرماستىن ئوغرىلىقچە سىنغا ئالدىم، ئاندىن تېلېفون قىلىپ ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ لى خۇڭيىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى پاش قىلدىم. پولاتتەك پاكىتلار بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى خۇڭيىڭ ۋۇ باش دىرېكتورنى باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ تۇرۇۋالغان بولغاچقا، شۇڭا ۋۇ باش دىرېكتور قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى. لى خۇڭيىڭمۇ مۇرادىغا يېتىپ، كۆتۈرىگە ئېلىش ھەققىنىڭ %70گە ئېرىشتى، مەنمۇ ئۇ قاۋاقخانىدىن ئايرىلدىم. ئەسلىدە شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئالدىنقى بىر مەزگىلدە تۇيۇقسىز لى خۇڭيىڭدىن تېلېفون كەلدى. ئۇ ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ئېيتتى، يەنە كېلىپ ئۇنى ئىزدەپ بېرىپتۇ، مەن پەقەت گۇاڭجۇغا بېرىپ ۋۇ باش دىرېكتور بىلەن كۆرۈشسەملا، بۇرۇنقى بارلىق ئىشلارنى بىراقلا بولدى قىلىۋېتىدىكەن.

ئايالىم بىردەم تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى داۋام ئەتتى:

-مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشمەكچى ئىدىم. ئەينى يىللاردىكى ئىشلارنى ئۇ يامان نىيەتتە قىلغان، مەنمۇ ئامالسىز شۇنداق قىلغان، شۇڭا لى خۇڭيىڭ بىلەن بۈگۈن ئەتىگەن گۇاڭجۇغا بېرىشقا دېيىشىپ قويدۇم. ئاڭلىشىمچە، ۋۇ باش دىرېكتور ئۇ يەردە ياتاق ئېچىپ قويۇپتۇ، مەن ئۇنىڭغا بىر قېتىم ھەمراھ بولساملا ئۇ مېنى قويىۋېتىدىكەن، لېكىن شىركەتنىڭ ئىشى چىقىپ قالغان بولغاچقا، گۇاڭجۇغا بارمىدىم، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن لى خۇڭيىڭ مېنىڭ گۇاڭجۇغا بارالمايدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى، يەنە كېلىپ ۋاڭ دىرېكتور ئارقىلىق مېنى تېپىپتۇ. لى خۇڭيىڭ بۈگۈن كەچتە يەنە مېنى ئالداپ، ۋاڭ باش دىرېكتورنىڭ يېنىغا بېرىپ، ۋۇ باش دىرېكتورغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى، ئويلىمىغان يەردىن لى خۇڭيىڭ بىلەن ۋاڭ باش دىرېكتورنىڭ يالغاندىن مېنى خاتىرجەم قىلىشى، ۋۇ باش دىرېكتورنى كۈتۈش ئۈچۈن ئىكەن. كېيىنكى ئىشلارنى سىزمۇ كۆردىڭىز...

ئايالىمنىڭ بۇ گەپلىرىنى جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، كۆڭلۈمدە قانداق ھېسسىياتتا بولۇشنى بىلەلمەي قالدىم. ئايالىمنىڭ دېگىنى ھېلىقى ۋۇ دىرېكتورنىڭ دېگىنى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئۇ ئەينى يىلى ھاراققا ھەمراھ بولىدىغان خانقىز بولغان چاغدا ھېلىقى لى خۇڭيىڭ بىلەن بىللە ۋۇ دىرېكتورنى قەستلىگەن، ئۇ ھازىر ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالغىلى كەلدى. ھازىرچە ئايالىمنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئايالىمنىڭ 2010-يىلى گۇاڭجۇدا ھەمراھ خانقىز بولۇپ ئىشلىگەنلىكى ئېنىق بولدى، يەنە كېلىپ مەندىن شۇنچە يىل يوشۇردى، مەيلى ئۇ نېمە دېسۇن، مەن يەنە نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟ ئايالى ئىزچىل ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە سەمىمىي بولۇش، ئىشىنىش كېرەكلىكىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەجەبا بىر-بىرىگە مۇشۇنداق ئىشىنىش كېرەكمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئەڭ ئاغرىتىدىغىنى مەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان خۇشال ھالدا ئۆزۈمنى بىر چىرايلىق، پەزىلىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەمىمىي رەپىقە ۋە پەزىلەتلىك ئانا بىلەن توي قىلدىم دەپ قاراپ كەپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن بىر قاۋاقخانىدىكى ھەمراھ خانقىز بىلەن توي قىپتىمەن.

ئايالىم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۆزىنى ساتماسلىق ئەڭ تۆۋەن چېكىم دەيدۇ، لېكىن مېنىڭچە ئۇ پەقەت ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداپ يالغان ئېيتتى، ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ھېلىقىدەك ساتىراشخانىغا بېرىپ پەقەت بەدىنىمنىلا ئۇۋۇلىتىپ كەلدىم، لېكىن پاھىشىۋازلىق قىلمىدىم دېسەم، ئۇ ماڭا ئىشىنەمدۇ؟ ئۇ ھېلىقى ۋۇ باش دىرېكتور بىلەن بىرەر ئىش قىلىپ باقمىسىمۇ، لېكىن باشقا كېلىشكەن ئەر خېرىدارلارنى رەت قىلمىدى دەپ كىم بىر نېمە دېيەلەيدۇ؟ ۋۇ دىرېكتور بەلكىم باھانى دېيىشىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئايالىم بىلەن لى خۇڭيىڭنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئايالىمنىڭ مەندىن يەنە قانچىلىك ئىشنى يوشۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭ بايا دېگىنى پەقەت ئۇنىڭ گۇاڭجۇدىكى نۇرغۇنلىغان ھېكايىلىرى ئىچىدىكى بىر ھېكايە بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھېكايە دەل مەن بىلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈنلا ئاشكارىلاندى، بولمىسا مەڭگۈ ئايالىمنىڭ ئاغزىدىن بۇ توغرىسىدىكى بايانلارنى ئاڭلىيالماي ئۆتۈپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى.

ئەينى چاغدا مەن ئۇنىڭدىن سورىغاندا ئۇ گۇاڭجۇغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان، ھازىر گۇاڭجۇدىكى بىر قاۋاقخانىدىكى ھەمراھ خانقىز بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتتى. گۇاڭجۇغا پەقەت كاماندىروپكا ئۈچۈن بارىمەن دەپ ئېيتقان، مانا ئەمدى ئەسلىدە ۋۇ باش دىرېكتور بىلەن كۆرۈشۈش ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە كېلىپ ھەممىدىن بەك كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ئايالىمنىڭ ئائىلە شارائىتى ناچار ئەمەس، نېمىشقا ئازراق پۇل ئۈچۈن قوشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ؟ يەنە كېلىپ ئالايىتەن گۇاڭجۇغا بېرىپ قاۋاقخانىدا ئىشلەيدۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن بۇنىڭدىن تۈزۈكرەك جايدا خىزمەت قىلىش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ پەقەت بىرلا چۈشەندۈرۈشى بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى شاللاقلىق، بۇ ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز، پەقەت ئۇ مۇشۇنداق يەردە ئىشلەشنى خالايدۇ. ئەگەر بەي سەيشيانى ئائىلە شارائىتى بىر قەدەر ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بولمىغاچقا ئامالسىز شۇ يولدا ماڭدى دېسەك، مەن ئايالىمنىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىغا ھېچقانداق سەۋەب تاپالمىدىم. ئەگەر يۈز ئالماشتۇرۇپ رول ئېلىش ماھارىتى جەھەتتە بەسلىشىدىغان ئىش بولسا، مېنىڭچە ئايالىم بەلكىم ئوسكار ئالتۇن مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئايال باش قەھرىمانى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

* * *

138-باب: ئېرىم، سىزدىن ئاجرىشالمايمەن

بۈگۈن كەچتە ئۇنى قۇتقۇزۇشنىڭ يەنە قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلمەيلا قالدىم! بۇنداق ئايالنى زادى قانداق قىلىۋەتسەم بولار؟

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۈگۈن ھېلىقى مو يىفەنگە بىر كۈن ھەمراھ بوپتۇ، مو يىفەن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي تۇرۇپمۇ يەنە شۇنچە چوڭ توختامغا ئىمزا قويۇپتۇ...مېنىڭچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. يەنە تېخى ئۇلارنىڭ ھېلىقى ۋېن باش دىرېكتورىمۇ بار، ئەينى چاغدا ئايالىم ئۇنىڭغا گۇاڭجۇغا كاماندىروپكىغا چىقىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشى بارلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۇ يەنە قوشۇلغان. مەن ئىختىيارسىز ئالدىنقى قېتىم ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ يىغىلىشىدا ۋېن دىرېكتورنىڭ ئايالىمغا قارىغاندىكى سىرلىق كۆزلىرىنى ئەسلەپ قالدىم، بىراق ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ۋېن باش دېرىكتوردەك ئادەملەر بىر چوڭ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بولغاندىن باشقا ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ ئايالى قانداقسىگە ياڭ زىۋېن بىلەن ئاشنا ئوينايدۇ؟ ئۇنىڭ ئايالىدەك ئاياللار ئەرلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ، ۋېن باش دىرېكتورنىڭ باشقا ئاياللارغا كۆز تاشلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. بۇنداق ئويلىغاندىن كېيىن، ۋېن باش دىرېكتورنىڭ ئايالى بىلەن چوقۇم پاراڭلىشىشىم كېرەكتەك ھېس قىلىۋاتىمەن، بەلكىم يىپ ئۇچى تېپىپ قېلىشنىمۇ بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى.

-ئېرىم، مەن بۇلارنى قەستەن سىزدىن يوشۇرمىدىم، مېنى كەچۈرۈڭ، سىزگە دېمەسلىكىمدىكى سەۋەب، سىزنىڭ مېنى خاتا ئويلاپ قېلىشىڭىزدىن، مېنى ئەخلاقسىز ئايال دەپ قېلىشىڭىزدىن قورقتۇم، راستتىنلا كەچۈرۈڭ!-ئايالىم سۆزلەۋېتىپ يەنە يىغلاپ كەتتى.

مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ چىرايلىق چىرايغا قاراپ، نېمە ئۈچۈن شۇنچە چىرايلىق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىككى خىل قىياپىتى بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىم. لى ۋېننا ئەينى چاغدا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا ناھايىتى شاللاق بولسىمۇ، لېكىن چياڭزىنىڭ مۇھەببىتىگە يۈزلەنگەندە ناھايىتى يېقىملىق كۆرۈنەتتى. ئەمما ئايالىمچۇ، ئەزەلدىن شۇنداق پەزىلەتلىك كۆرۈنىدىغان بۇ ئايال ئەمەلىيەتتە شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق! ئۇنىڭغا قارىغانسېرى كۆڭلۈم شۇنچىلىك سوۋۇپ كەتتى. ئۇنىڭغا شۇنچە ئۇزۇن ئەخمەق بولغىنىمغا ئۆزۈمگىمۇ ئاچچىقىم كەلدى. مېنىڭ ئايالىمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشنى يەنە تەكشۈرگۈم يوق، ئۇنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگۈم يوق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر قانداق ئىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى.

-كەچۈرۈڭ، مېنىڭ سىزنى راستتىنلا ئالداش مەقسىتىم يوق، پەقەت سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقتۇم، شۇڭا سىزدىن يوشۇردۇم!-ئايالىم يىغلىغىنىچە بىلىكىمنى كۈچەپ سىلكىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەندە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى.

-ئېرىم، ماڭا ئىشەنمەيۋاتامسىز؟ مەن سىز بىلەن توي قىلغاندا ھەقىقەتەن پاكىز ئىدىم، كاپالەت بېرەي، مەن سىزنى يېرىم ئېغىز ئالدىغان بولسام مەڭگۈ يەنە بالىلىق بولالماي...

ئاناڭنى، يەنە باشلىدى! ئايالىم تۇنجى قېتىم ئالدىمدا مۇشۇنداق گەپ قىلغاندا مەن راستتىنلا بەك ھەيران قالغان. يەنە كېلىپ ئۇ شۇ چاغدا خېلى ئېغىر گەپلەر بىلەن كاپالەت بەرگەن، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن قېتىم مېنى ئالدىغان بولغاچقا، ھازىر بۇ كاپالەتنىڭ ماڭا نىسبەتەن ئوسۇرۇقچىلىق ئەھمىيىتى يوق ئىدى. مەن ئەمدى ئۇنىڭ ھەر قانداق كاپالىتىگە ئىشەنمەيمەن، ئۇنىڭ ھەر قانداق گېپىنى ئاڭلىغۇم يوق.

-دادىسى، ماڭا بىر گەپ قىلىڭچۇ؟ بۇنداق قىلماڭ، ماڭا بىر گەپ قىلىڭا!-ئايالىم بىلىكىمنى سىلكىگەچ شۇنچىلىك قاتتىق يىغلاۋاتقان ئىدى.

مەن بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ توينىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ھەقىقەتەن ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇنداقتا مەن يەنە نېمىگە چىڭ تۇرىمەن؟ يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك ھەر ئىككى ئادەم تېخىمۇ ئازابلىنىمىز، نېمىشقا مۇشۇنداقلا ۋاز كەچمەيمەن؟ توي قىلىش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس، ئۇنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ھەم قەدىرلەشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن قەدىرلەشنىڭ ھاجىتى يوق چاغدا، بىر-بىرىنىڭ ھاياتىنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

-بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى!-مەن بۇ گەپنى سۇسلا قىلىپ دېگەندىن كېيىن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالكونغا چىقتىم ۋە دېرىزە سىرتىدىكى يىراقتىكى چىراغ نۇرىغا قاراپ، شۇ تاپتا تۇيۇقسىز كىشىلىك ھاياتتا بىر مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. مەن لېي تيەنلېينىڭمۇ مۇشۇنداق بىر كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن.

-ئېرىم، نېمە دەۋاتىسىز؟-ئايالىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك قىلاتتى.

-مەن سەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتىمەن!-بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ رايىم بارمىدى.

-ئېرىم!-ئايالىم يىغلاپ كەلگىنىچە كەينىمدىم قۇچاقلىۋالدى،-مېنى كەچۈرۈڭ، مەن راستتىنلا سىزدىن قەستەن يوشۇرمىدىم، بۇ قېتىم مېنى كەچۈرۈڭ، بۇنىڭدىن كېيىن سىز مېنى نېمە قىلسۇن دېسىڭىز مەن رازى، پەقەت سىز مەن بىلەن ئاجرىشماڭ، بولامدۇ؟-دېدى.

-تېخى بۈگۈن ئەتىگەن نېمە دەۋاتقان ئىدىڭ؟ گۇاڭجۇدىن قايتىپ كېلىپلا ئاجرىشىپ كېتەيلى دېگەن ئىدىڭغۇ، مانا ئەمدى ياخشى بولدى، سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزەي، ئەجەبا سەن مېنىڭ ئاجىزلىقىمنى تۇتۇۋالغاندا ئاجرىشىپ كەتسەڭ بولىدۇ، مەن سېنىڭ ئۆزۈم قوبۇل قىلالمايدىغان قارا ئۆتمۈشۈڭنى بىلىپ قالغاندا ئاجرىشىپ كەتسەك بولمامدۇ؟! بولدى، مېنىمۇ، ئۆزۈڭنىمۇ بۇ ئازابتىن خالىي قىل!

-دادىسى، ياق، ياق، سىز بىلەن ئاجراشمايمەن، ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ سىز بىلەن ئاجراشمايمەن! بىزنىڭ يەنە بىر ئوماق قىزىمىز بار، بىز ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك...-ئايالىم بۇ گەپلەرنى قىلغاندا بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن كەينىگە داجىدى، ئاۋازىمۇ بارغانسېرى پەسىيىپ كەتتى.

ئۇنىڭ قىزىمنى تىلغا ئالغانلىقى تېخىمۇ بەك نېرۋامغا تەگدى، ئېنىقلا ۋۇ خوجايىنغا ھەمراھ بولۇش نىيىتى بىلەن گۇاڭجۇغا ماڭغان بىر ئايالنىڭ يەنە قىزىنى تىلغا ئېلىش سالاھىيىتى بارمۇ؟

«گۈپ!»...

مەن مۇشۇ خىياللارنى قىلغاندا ئارقامدىن تۇيۇقسىز يىقىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئايالىم سافانىڭ يېنىغا يىقىلغان بولۇپ، ھوشىدىن كەتكەندەك ياتقان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ دەسلەپتە سەل چۆچۈپ كەتتىم، ئايالىمنىڭ نېرىپى بىر قەدەر سەزگۈر ھەم ئاجىز، بىر ئىشلارنىڭ ئاسان تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن مەن ئۇنىڭ گۇاڭجۇدا ھەمراھ بولۇپ ھاراق ئىچكەن خانقىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى يالغان دەپ ئويلىدىم، شۇڭا پەرىزىمچە ئايالىمنىڭ بۇ قېتىم ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلىشىمۇ قەستەن مېنى قورقۇتۇپ ھېسداشلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى، لېكىن مەن بىر ئاز ۋاقىت قارىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن ماغزاپ قايناشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتىم ھەم ئېڭىشكىنىمچە ئۇنى بىر نەچچە قېتىم چاقىرغاندىن كېيىن، ئايالىمنىڭ راستتىنلا ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. گەرچە بايا كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىر نېمىلا دېگەن بىلەن بىز تېخى ئاجراشمىدۇق، شۇڭا مەن ئايالىمنى كۆتۈرگىنىمچە تېز سۈرئەتتە بىنادىن چۈشۈپ، ماشىنىغا چىقىپ ئۇنى ئېلىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردىم.

دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشى بىلەن ئايالىم ھوشىغا كەلدى، ئۇ مېنى كۆرگەندە تۇنجى بولۇپ:

-ئېرىم، مەندىن ئاجرىشىپ كەتمەڭ، سىز بولمىسىڭىز مەن ياشىيالمايمەن!-دېدى.

ئايالىمنىڭ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ گەپنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئەگەر مەن ھازىر يەنە داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويسام، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي بىرەر ئىش يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم.

ئايالىم ماڭا تىكىلگىنىچە جاۋابىمنى كۈتۈۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۆزۈممۇ باغرىم يۇمشاپ قالغاندەك ھېس قىلىپ:

-مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن، سىزدىن ئايرىلمايمەن!-دېدىم.

-راستما؟ ئېرىم، دېگىنىڭىز راستمۇ؟-ئايالىم شۇ ھامان خۇددى بىر كىچىك بالىدەك، چىرايىدا چوڭلارنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان بىر قىسىم خۇشال چىراي ئىپادىلىرى ئەكس ئەتتى.

-راست!-بېشىمنى لىڭشىتتىم.

ھەر قانچە ئويلىساممۇ، دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىمەن دېسەم قاملاشمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنايدۇ؟

-ئۇنداق بولسا مېنى سۆيۈپ قويۇڭ!-ئايالىم راستتىنلا كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

مەن يېنىمدىكى دوختۇر بىلەن سېستراغا قارىدىم، ئۇ دوختۇر سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، سېسترا ئوغرىلىقچە كۈلدى. دوختۇر:

-دەرھال ئۇنى سۆيۈپ قويۇڭ، ئاندىن ئۇنى كېسەلخانىغا ئەكىرىپ قويايلى، ئەگەر ئەتە ئەتىگەندە ئۇنىڭغا باشقا ئىش بولمىسا سىلەر كەتسەڭلار بولىدۇ!-دېدى.

دوختۇرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، مەنمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم، قارىغاندا بۇ دوختۇرمۇ ئۆيگە قايتىپ ئۇخلاشنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئېڭىشىپ ئايالىمنى سۆيۈپ قويدۇم، ئارقىدىن دوختۇرغا رەھمەت ئېيتتىم، ئىككى سېسترا ئايالىمنى كېسەلخانىغا ئىتتىرىپ ئەكىرىپ كەتتى. سېسترا كەتكەندىن كېيىن، مەن ئۆزۈم يالغۇز كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدا كارىۋاتتىكى ئايالىمغا قارىدىم ۋە كۆڭلۈمدە «بۇ زادى قانداق ئايال؟» دەپ ئويلىدىم.

-ئېرىم، نىڭئېرچۇ؟-ئايالىم تۇيۇقسىز سورىدى. ئايالىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم، ئاپلا، چاتاق بولدى، نىڭئېر تېخى ئۆيدە يالغۇز ئىدى. ئىلگىرى ئالدىراپ چىققان بولغاچقا، مەن نىڭئېرنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

-ئېرىم، نىڭئېر يەنىلا ئۆيدە شۇنداقمۇ؟-ئايالىم خۇددى ھېچ ئىش بولمىغان ئادەمدەك ئورنىدىن تۇرۇپ، تېخىچە ئۇرۇلۇۋاتقان ئوكۇل يىڭنىسىنى تارتىۋەتتى ھەمدە مېنى ئىتتىرگىنىچە:

-ئېرىم، بىز دەرھال ئۆيگە قايتايلى، نىڭئېر ئۆيدە يالغۇز قالسا بولمايدۇ!-دېدى.

ئايالىمنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ سەل ھەيران قالغان بولساممۇ، شۇ تاپتا مېنىڭمۇ باشقا ياخشى ئامالىم يوق ئىدى. بەختكە يارىشا ئايالىمغا ھېچ ئىش بولماپتۇ، شۇڭا مەن دەرھال ئۇنىڭ بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن چىقىپ، ئاندىن ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ھېلىمۇ ياخشى، بىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، نىڭئېر تېخىچە ئۆزىنىڭ ياتىقىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، ئايالىم ئېڭىشكىنىچە نىڭئېرنىڭ ئوماق يۈزىگە قاراپ، كۆزلىرى ياشقا تولدى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:119-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章