-شۇ كۈنى كەچتە، مەن يۇرتۇمدىكى ئۆينىڭ لەمپىسىدە يېتىپ ئايغا قارىدىم.
-سىز نېمىنى كۆردىڭىز؟ ئاي توشقىنىمۇ؟-دېدى لى دوختۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.
لىن چىيې بېشىنى چايقىدى، ئۇنىڭ كېيىنكى بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىغان لى دوختۇرنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم شۇ ھامان يوقالدى.
-ياق، مەن بىر پەرىنى كۆردۈم.
لىن چىيې ئەستايىدىللىق بىلەن ئېغىز ئاچتى، ھەمدە ئىككى قولى بىلەن كۆرگەن نەرسىسىنى ھاۋاغا سىزىشقا باشلىدى.
-ئالتۇن رەڭلىك نۇر چېچىپ تۇرغان، ئالتە ئاق قانىتى بار چوغدەك پەرىدىن بىرنى كۆردۈم.
ياتاق قىسقا ۋاقىتلىق جىمجىتلىققا چۆمدى.
بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن، لى دوختۇر ئۆزىنى سەل توختىتىۋالغاندىن كېيىن:
-چوغدەك پەرى؟
-شۇنداق.
-ئۇ چاغدا نېمە ئىش قىلىۋېتىپتىكەن.
-ھېچ ئىش قىلماپتۇ، ئۇ خۇددى ئالتۇن رەڭلىك ھەيكەلگە ئوخشاش، غايەت زور ئاي شارى ئازگىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ يەر شارىغا قاراپ تۇرۇپتۇ، خۇددى... بىر قاراۋۇلغا ئوخشاش.
لى دوختۇر كۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ، خۇددى ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك ئېغىز ئاچتى:
-چىيې، ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
-400 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ،-دېدى لىن چىيې ناھايىتى تەمكىن ھالدا.
-توغرا 400 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ.
لى دوختۇر يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى:
-ئەڭ ئىلغار ئاسترونومىيە تېلېسكوپى بولسىمۇ، ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئەھۋالىنى ئاران كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما سىز يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى پەقەت يۇرتىڭىزنىڭ لەمپىسىدە يېتىپلا، ئاي شارىدىكى پەرىنى كۆزىڭىز بىلەن كۆرەلىدىڭىزمۇ؟
-مەن ئۇنى كۆرمىدىم،-دېدى لىن چىيې ئاستا-ئاستا ئېغىز ئېچىپ،-ئۇ مېنى كۆردى، مەن پەقەت بېشىمنى كۆتۈردۈم، كۆزۈم خۇددى بىرسى بوشلۇقتىن سۆرەپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا قارىغۇزغاندەك بولدى.
-بۇ گەپچە، سىزنى مەجبۇرلاپتىكەندە؟
-شۇنداق، بولمىسا مەن ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قانداق كۆرەلەيمەن؟ مېنىڭ يا ئۆتكۈر كۆزۈم بولمىسا.
-ئەگەر ئاي شارىدا راستتىنلا بىر پەرى مەۋجۇت بولسا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىنسانلار تەرىپىدىن بايقالمايدۇ؟
-بىلمەيمەن،-دېدى لىن چىيې بېشىنى چايقاپ،-بەلكىم ھېلىقى چوغدەك پەرى ئۆزىنىڭ بايقىلىپ قېلىشىنى خالىماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە... ئىنسانلار راستتىنلا ئاي شارىنى چۈشىنەمدۇ؟
لىن چىيې ناھايىتى سەمىمىي سۆزلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان لى دوختۇر دەرھال تېلېفون قىلىپ ماشىنا چاقىرىپ ئۇنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەتمەكچى بولدى.
لى دوختۇر نېمىلا دېگەن بىلەن مەخسۇس روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دوختۇر، ئۇ ھەر خىل روھىي كېسەللىكلەرنى كۆپ كۆرگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مېدىتسىنا ھاياتىدا مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىققان، قانچە ئەستايىدىل بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاڭلىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك بىلىنسە، كېسىلىنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.
-ئۇنداقتا سېنىڭ كۆزۈڭچۇ؟ نېمە ئىش بولدى؟
لىن چىيې قولىنى سوزۇپ، ئىككى كۆزىدىكى قارا رەختنى يېنىك سىيلاپ قويدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كەيپىياتىنىڭ داۋالغۇپ تۇرغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
-ئۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر دەقىقە قارىشىپ قالدىم، ئاندىن... مەن قارىغۇ بولۇپ قالدىم.
لى دوختۇر ئاغزىنى ئېچىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قولىدىكى كېسەللىك تارىخىغا قاراپ، سۈكۈتكە چۆمدى.
كۆرمەس بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى دېگەن كاتەكچىگە پەقەت تۆت خەت يېزىلغان.
-سەۋەبى نامەلۇم.
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار