قولۇڭنى تارت، سەن نېمە قىلماقچى؟

文摘   2024-11-01 20:01   新疆  

-بىمار ئۆلۈپ كەتتى...

-جۆيلۈمە، ئاپام ئۆلمىدى!

قەدىمكى تېۋىپلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىغا ئېرىشكەن يې بۇفەن بىر قاراپلا ئوۋياڭ لەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېنىق بىلدى، ھازىر پەقەت ئۆلۈش ئالدىدىكى يالغان ئۆلۈش ھالىتىدە بولۇپ، ھەقىقىي ئۆلمىگەن ئىدى. ئۇ ئالدىغا بېرىپ جاڭ شياۋمەننى ئىتتىرىۋېتىپ، يانچۇقىدىن كۈمۈش يىڭنىنى ئېلىپ، تېزلىكتە بىر تال كۈمۈش يىڭنىنى ئوۋياڭ لەننىڭ بەدىنىگە سانجىدى.

شيې خەيتاۋ يې بۇفەننىڭ ھەرىكىتىدىن ھاڭ-تاڭ قالدى، يې بۇفەن ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالغاندىن كېيىن:

-سولتەك، ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا، يەنە نېمىگە ھەپىلىشىسەن؟ ۋاپادار قىياپەتكە كىرىۋېلىش شۇنداقمۇ؟ ۋاپادار بولساڭ بالدۇرراق 50 مىڭ يۈەن تەييارلاپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولساڭ، ئاپاڭمۇ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولاتتى، پۇلۇڭ بولمىغىنى بىلەن، ياسالمىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن، مەن سەندەك ئادەمنى پەقەت كۆزگە ئىلمايمەن،-دېدى.

ئۇ بىر چەتتە تۇرۇپ توختىماي سۆزلەۋاتاتتى، لېكىن يې بۇفەن پەرۋا قىلماي، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوۋياڭ لەنگە يىڭنە سانجىدى.

-سولتەك، سېنى دەۋاتىمەن، ئاڭلىدىڭمۇ؟!

شيې خەيتاۋ كۆز ئالدىدىكى ياشنىڭ ئۆزىگە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا ئاچچىقلاپ ۋارقىرىدى:

-سەن دوختۇرمۇ؟ بىر تال ئەسكى يىڭنىنى قالايمىقان سانجىپ، ئاپاڭ ئۆلۈپ كەتسىمۇ خاتىرجەم بولالماي، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟! ساڭا دەپ قوياي، بۇ ICU كېسەلخانىسى، سائەت بويىچە ھەق ئالىدۇ، بۇرۇن قەرز بولۇپ قالغان دورا پۇلىنى تېخى تۆلەپ بولالمىدىڭ، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ دەرھال قولۇڭنى تارت!

يې بۇفەن ئاخىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يىڭنىنى سانجىپ بولغاندىلا ئۇھ دېدى. ئانىسى تۇيۇقسىز مېڭىگە قان چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەل قەدىمكى تېۋىپلارغا نىسبەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى، ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا قايتىپ كەلدى، ئەگەر يەنە بىر ئاز كېچىككەن بولسا ئانىسىنى مەڭگۈ كۆرەلمىگەن بولاتتى.

-سولتەك، جېدىلىڭ تۈگىدىمۇ؟ بايىقى مەزگىلدىمۇ ھەق ئېلىنىدۇ،-دېدى شيې خەيتاۋ، ئارقىدىن ئۇ جاڭ شياۋمەنگە،-دەرھال دەپنە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىڭلار، جەسەتنى ئېلىپ كەتسۇن،-دېدى.

يې بۇفەن سوغۇق ئاۋازدا:

-ھۇ ئالدامچى دوختۇر، نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن؟ ئانام تېخى ھايات!-دېدى.

شيې خەيتاۋ پىسەنت قىلمىغان ھالدا:

-ھاياتمۇ؟ كاللاڭدا مەسىلە بارمۇ قانداق؟ ئەگەر ئاپاڭ ھايات بولسا، مەن بۇ مۇدىرلىق ئورنىنى ساڭا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن،-دېدى.

ئۇ سۆزلەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كارىۋات بېشىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن ئاۋاز چىقتى، ئوۋياڭ لەننىڭ يۈرەك سوقۇشى ئەسلىگە كەلگەنىدى.

بىر قېتىم... ئىككى قېتىم، دەسلەپتە سەل ئاستا بولدى، بىراق ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى.

-بۇ... بۇ قانداق ئىش؟

شيې خەيتاۋ بىلەن جاڭ شياۋمەن ھاڭۋىقىپ قالدى. بايا بىماردا ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى يوق ئىدى، نېمىشقا تۇيۇقسىز ھايات قالىدۇ؟ ئەگەر بۇ ICU كېسەلخانىسى بولمىسا، ئۇلار راستتىنلا جەسەت دەپ قالاتتى.

يې بۇفەن ئانىسىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىنى كۆرۈپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ بەدىنىدىكى كۈمۈش يىڭنىنى تولۇق يىغىۋالدى ھەمدە نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېلىۋەتتى. ئۇ بۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوۋياڭ لەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتراپقا سەپسېلىپ قاراپ:

-ئوغلۇم، مەن قەيەردە؟-دېدى.

-ئاپا، ئاخىرى ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز.

يې بۇفەن ھاياجانلانغان ھالدا ئوۋياڭ لەننىڭ قولىنى تۇتتى. ئەگەر قەدىمكى تېۋىپلىق ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلمىغان بولسا، ئانا-بالا ئىككىسى مەڭگۈ كۆرۈشەلمىگەن بولاتتى. شيې خەيتاۋ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئىشلارغا ئىشىنەلمەي كۆزلىرىنى چەكچەيتتى. ئوۋياڭ لەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۇنىڭغا ئەڭ ئېنىق، ئۆلمىگەن ئەھۋالدىمۇ بۇنداق تېز ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

-ئوغلۇم، نېمە بولدى؟ مەن ئاغرىپ قالدىممۇ قانداق؟ نۇرغۇن پۇل كېتەمدۇ؟

-ھېچقىسى يوق ئاپا، سىز ياخشى بولۇپ قالدىڭىز، بىز ھازىرلا ئۆيگە قايتايلى.

يې بۇفەن ئەمدىلا ئانىسىنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈشنى داۋالاپلا قالماي، بەدىنىدىكى باشقا يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنىمۇ بىر قېتىم رەتلەپ چىقتى.

ھازىر ئوۋياڭ لەن ھەرقانداق ئادەمدىن ساغلام، تەبىئىيكى، بۇ يەردە تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

-ئۇنداقتا ياخشى، بىز ماڭايلى، كىچىك كېسەللەرنى دوختۇرغا كۆرسەتمىسەكمۇ بولىدۇ، ئارام ئالساملا ياخشى بولۇپ كېتىمەن،-دېدى ئۇ.

ئوۋياڭ لەن ئۆزى يالغۇز يې بۇفەن ئاكا-سىڭىلنى بېقىپ چوڭ قىلغان بولۇپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى، دوختۇرخانىغا بېرىپ پۇل خەجلەشتىن ئەڭ ئەنسىرەيتتى. ئۇ شۇنداق دېگەچ كارىۋاتتىن چۈشۈپ، يې بۇفەن بىلەن بىللە كەتمەكچى بولدى.

-توختاڭلار، سىلەر كەتسەڭلار بولمايدۇ،-شيې خەيتاۋ ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ ئالدىنى توستى.

يې بۇفەن قوشۇمىسىنى تۈردى:

-سەن نېمە قىلماقچى؟

-كەتمەكچى بولساڭ بولىدۇ، ئالدى بىلەن داۋالىنىش ھەققىنى تۆلىۋەت،-دېدى شيې خەيتاۋ.

-ھە، شۇنداق، قانچە پۇل كېتىدۇ، دوختۇر؟-سورىدى ئوۋ ياڭلەن. داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم

بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章