-دوكىلات!
بۇ ئاۋاز سىنىپتىكى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھەممەيلەن ئوخشىمىغان غەيرى نەزەردە يې لياڭغا قارىماقتا، يې لياڭ گاڭگىراپ قالدى، بۇ ۋاقىتتا دوسكا ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچى گەپ باشلىدى:-ساۋاقداش، نېمە ئىشىڭىز بار؟-مۇئەللىم، مەن مەكتەپ ئالمىشىپ يېڭى كەلگەن ئىدىم، مۇشۇ سىنىپقا بۆلۈنگەن!-ھە، ئەمسە كىرىڭ، ئۆزىڭىز ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇڭ!بۇ گەپنى ئاڭلاپ يې لياڭ سىنىپقا كىردى ۋە ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى بىر بوش ئورۇننى نىشانلاپ ماڭدى، دەل شۇ چاغدا بىر پارچە كىتاپ تۇيۇقسىزلا يې لياڭغا ئېتىلدى، يې لياڭمۇ ھېچ بىر تەمتىرىمەيلا كىتابنى توسۇۋالدى، يەنە كېلىپ كىتاب يەرگە چۈشمەستىن يې لياڭنىڭ چاققانلىقى بىلەنلا بىر بارمىقى ئۈستىدە چۆگىلەشكە باشلىدى، ئارقىدىنلا يې لياڭ بۇ كىتابنى ئۆزىگە ئاتقان ساۋاقداشقا قارىدى، چېچىنى خۇددى خورازنىڭ تاجىسىغا ئوخشاش قاتۇرۇپ بويىۋالغان گازىر كۆز بىرى يې لياڭغا تىكىلىپ تۇراتتى، قارىماققا ئۇ خېلىلا قاۋۇل بەدەنلىك سولتەك ئىدى...-ساۋاقداش، كىتابىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي!يې لياڭ شۇنداق دەپلا بارمىقى بىلەن كىتابنى تېخىمۇ تېز پىرقىراتتى ۋە بىرلا سىلكىپ كىتابنى ئۇچۇرىۋەتتى، كىتاب ئۇدۇل بېرىپ بايىقى خوراز تاجىسىنىڭ ئالدىغىلا چۈشتى، يې لياڭمۇ ئۇدۇل بېرىپ ئەڭ ئاخىرقى قاتاردىكى بىر بوش ئورۇندا ئولتۇردى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۇ يېڭى پارتىدېشىغا قارىدى...قارىماققا بەدەن قۇرۇلمىسى تولىمۇ ئۆلچەملىك، چىرايى كىشىنى بەكلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان بىر گۈزەل قىزچاق نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى، بۇنچە ئۇدۇل كېلىشلەر ئادەتتە پەقەت تېلىۋېزورلاردىلا، ياكى بولمىسا توردىكى رومانلاردىلا يۈز بېرەتتى، چۈنكى بۇ دەل بايا يې لياڭ تاماق يەۋاتقاندا ئۇچراتقان گۈزەل قىز شۇ ئەمەسمۇ! بۇ جاھان نېمانچە كىچىكتۇ!يې لياڭ ئەسلىدە ئۇنىڭغا ھېچ بولمىغاندا قول ئىشارىتى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ گۈزەل قىزنىڭ ئۆزىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ رايىدىن ياندى، ھەمدە ئۆزىنىڭ كونا ئادىتى بويىچە پارتىغا بېشىنى قويۇپلا ئۇيقۇغا كەتتى، ئىلگىرىكى مەكتەپتە يې لياڭدىن باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلايتتى، لېكىن بۇ مەكتەپتە بولسا، يەنى بۇ سىنىپتا باشقا ساۋاقداشلارمۇ ھېچ بىر دەرس ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس، ۋاراڭ چۇرۇڭ بولغاچقا يې لياڭمۇ ئانچە ئۇخلىيالمىدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يەنە قويۇپ، ئۇياق-بۇياققا قاراپ يۈرۈپ بۇ سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشتى، يې لياڭ ھاجەتخانىغا چىقىشمۇ خوشياقماي يەنىلا بېشىنى قويۇپ ياتاتتى، تۇيۇقسىزلا بىرى پارتىغا قاتتىق مۇشتلىدى ۋە قوپال ئاۋازدا دېدى:-سەن سولتەك ئادەم كۆزگە ئىلمامسەن نېمە؟ ئورنۇڭدىن تۇر!ئارقىدىنلا بىرى يې لياڭنىڭ چېچىغا ئېسىلدى، يې لياڭ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، ھازىر ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋالغىنى دەپ بايا ئۆزىگە كىتاب ئاتقان «خوراز تاجىسى» ئىدى، يې لياڭمۇ ئانچە ھودۇقمايلا ئۇنىڭغا دېدى:-ئۇرۇشماقچى ئوخشىمامسەن، قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقارماقچى بولساڭ مانا مەن تەييار! بۇ مەكتەپتە راستىنلا غەلىتە ئىشلار كۆپ ئىكەن!يې لياڭ شۇنداق دەپلا ئالدىدىكى بۇ «خوراز تاجىسى»نىڭ ئۆزىنىڭ چېچىنى قاماللاپ تۇرغان قولىغا ئېسىلدە ۋە چىڭ سىقتى، «خوراز تاجىسى»نىڭ چىرايى ئۆزگىرىپلا كەتتى ۋە دۇدۇقلاشقا باشلىدى:«خوراز تاجىسى» شۇنداق دەپلا قولى ئاغرىپ يې لياڭنىڭ چېچىنى قويۇۋەتتى، يې لياڭ ئارقىدىن «خوراز تاجىسى»غا دېدى:-بىز سىنىپتىن چىقىپ سىرتتا بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلايلى!يې لياڭ شۇنداق دەپلا سىنىپنىڭ ئىشىكىدىن چىقتى، «خوراز تاجىسى» بۇ ۋاقىتتا نارازى بولغان ھالدا ئەتراپىغا قارىدى ۋە دېدى:-نېمىگە قارىشىپ تۇرىسەن، مەن بىلەن مېڭىش!قارىغاندا بۇ «خوراز تاجىسى» سىنىپتىكى ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ چىقماقچى بولغاندەك قىلاتتى، راست دېگەندەك ئونغا يېقىن ئوغۇل بالا «خوراز تاجىسى»غا ئەگىشىپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى، يې لياڭنىڭ ھازىرقى پارتىدېشىمۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى...سىنىپتىن چىقىپ كارىدوردا ئوندىن ئارتۇق ئوغۇل بالا ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ تۇراتتى، يې لياڭ يەنىلا ئۆزى يالغۇز، كەيپىيات بەكلا سوغۇق ئىدى، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن قىز ساۋاقداشلارمۇ ھەيرانلىق بىلەن گەپ باشلىدى:-بۇ ساۋاقداش كېلىپلا قانداقسىگە دۈەن زې بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاندۇ؟-شۇ ئەمەسمۇ، يېڭى كېلىپلا بۇنداق ئىش يۈز بەردى دېسە، ئۇ ئۆزى يالغۇز بۇ ھالىتىدە قانداقسىگە دۈەن زې بىلەن تىركىشەلەيدۇ؟ بۇ بالا ئۆزى خېلى كېلىشكەن ئىكەن، لېكىن بىردەمدىن كېيىن تاياق يەپ قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن!يې لياڭ بۇ گەپلەرنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇراتتى، ئۇلار دەۋاتقان دۈەن زې ئېنىقلا ھازىر ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ «خوراز تاجىسى» شۇ ئىدى، لېكىن بايىقى قىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە گېپى يې لياڭنى نارازى قىلدى، چۈنكى يې لياڭ بۇ ئەھۋالدا ئالدىدىكى ئون ئادەمدىن قورقۇپ قالمايتتى...بۇ مەكتەپتە راستىنلا قىزىقارلىق، ئۆزگىچە، قالايمىقان، غەلىتە ئىشلار كۆپ ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ مەكتەپنىڭ ساھىبجاماللار مەكتىپى دەپ ئاتىلىشىمۇ مۇشۇنداق غەلىتە سەۋەب بىلەن ئىدى، بۇ مەكتەپتە ئەر كىشى ۋە ئوغۇل بالىلارنىڭ ھوقۇقى يوق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى بارلىق ھوقۇق دەل سەككىز نەپەر ساھىبجامالنىڭ قولىدا ئىدى، يەنە كېلىپ مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇرۇھۋازلىق قىلمىشى تولىمۇ چەكتىن ئاشقان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا قۇرۇلغان بۇ ئۇيۇشمىلار مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ كەتكەن ئىدى، بۇلارنى ئۇيۇشما دېگەندىن كۆرە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان گۇرۇھ دېيىشكىمۇ بولاتتى.-قېنى كېلىشمەمسەن! يەنە ساقلاپ تۇرساڭلار دەرسكە كىرىپ كېتىمىز!-دېدى يې لياڭ ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئالدىدىكى بۇ بىر توپ لۈكچەك ساۋاقداشلىرىغا تىكىلىپ قاراپ...داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار