-سەن قانچە ياشقا كىردىڭ؟-قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرغان ئەرمۇ سەل ھاڭۋىقىپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قىزنىڭ ئاۋازى تەلۋىلەرگە خاس ئاۋاز ئىدى.
-16گە كىردىم،-دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. مۇشۇ دەملەردە ئۇ «تاغ»نىڭ ئاستىدا قالغان بولغاچقا، كۆكسى سىقىلىپ نەپەس ئالالماي قالدى.
-ئۇنچە كىچىكمۇ ئەمەسكەنسەن، تولا خۇپسەنلىك قىلما!-دېدى ئۇ ئەر.
بۇ چاغدا پويىز توختىدى. رەتلىك ئاياغ تىۋىشى ئۇخلاپ ياتقان يولۇچىلارنى ئويغىتىۋەتتى، ۋاگوندا ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى.
ئارقىدىنلا، ھەربىيلەر ۋاگون تەكشۈرگىلى كەلدى.
-چىرقىرا دېدىم!-ئەرنىڭ ئاۋازى جىددىي چىقتى. ئۇ ئەر ئۇنى «كارىۋاتتىكى داد-پەرياد» ئاۋازلىرىنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى،-يەنە چىقىرىمىساڭ، مەن راستتىنلا قول سالىمەن جۇمۇ...
ئۇ ئەرنىڭ بەدەنلىرى قاۋۇل بولۇپ، ئاۋازى بوم چىقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پىچاق يەنىلا ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلەنگەن ھالەتتە ئىدى.
جېنىدىن تويغان ئادەمگە ئۇچراپ قالغان بولغاچقا، ئۇمۇ قاراملىق قىلىشقا پېتىنالمايتتى. شۇڭا ئۇ بۇ ئەرنى بويسۇندۇرۇشقا ئىشەنچ قىلالماي، دەرھال كەسكىن قارارغا كېلىپ، يېنىك ئىڭراشقا باشلىدى.
ئاياللار سۆيۈلگەندەك، ياق، خۇددى بىر ۋەقە يۈز بېرىۋاتقاندەك...
ئۇ ساددىلىق بىلەن ئىڭراپ توختىمىدى. ئەرنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستى تەرىپى سەل-پەل چىڭقىلىپ، توغاندىن سۇ تېشىپ كېتىشكە ئازلا قالغاندەك تۇيغۇ بار ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاسلاندەك ئىڭرىشى، ئەرنى سەل ئېزىقتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
ۋاگوننىڭ ئىشىكى قوپاللىق بىلەن ئېچىلغاندا، ئۇ ناھايىتى رىتىملىق ئىڭراشقا باشلىدى. چۈنكى بۇ چاغدا، ئەرنىڭ قولىدىكى پىچاق ئۇنىڭ دۈمبىسىگە يۆتكەلگەنىدى. ئاندىن، ئۇ خۇددى كىرگەن ئادەمگە قاراپ چۆچۈپ كەتكەندەك بولۇپ، ئىڭراشتىن توختاپ قالدى.
قولچىراغنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ قاردەك ئاپئاق كۆكسى يوتقاننىڭ سىرتىدا يېرىم كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ تېرىسى ئاپئاق بولۇپ، چاچلىرى قويۇق ھەم كۆكۈچ رەڭدە ئىدى، بېشى بولسا «رازىمەنلىك تۇيغۇسى»دا ياستۇقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغانىدى.
ھايالشىمايلا، ئۇ داۋاملىق ئىڭراشنى باشلىدى. يەنە تېخى، ئۈستىدىكى ئەرنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى. ۋوگونغا كىرگەن ئوفىتسېر قولچىراغنىڭ نۇرىدا ھەممە يەرنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۆيدىكى «خۇش پۇراق»تىن ھەيران بولدى، ياش ئوفىتسېر ئازراق خىجىل بولغاندەكمۇ تۇراتتى. ھالبۇكى، ئۇ ۋاگوننى تەكشۈرگىلى كىرگەن ئوفىتسېرغا جىددىي ھالەتتە تىكىلىپ قارىدى، ئوفىتسېرمۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي ئوڭايسىزلىنىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى قالايمىقان سوقۇپ، «ئېرى»نىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدى.
كېيىن، ھېلىقى چارلىغۇچى ئوفىتسېر ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ:
-بۇ يەردە يوقكەن!-دەپ ۋارقىرىدى. ئارقىدىن، ئاياغ تىۋىشى يىراقلاپ كەتتى.
پۈتۈن پويىز بىر قېتىم تەكشۈرۈلدى. يېرىم سائەتلىك ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن كېيىن، پويىز قايتىدىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەرمۇ پىچاقنى يىغىشتۇردى.
-ساڭا كۆپ رەھمەت،-ئۇ ئەر شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى كىيىشكە باشلىدى.
گۇ چىڭجوۋمۇ ئۆزىنىڭ يانتۇ پەشلىك كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتتى، لېكىن ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. پويىز يېنىك تەۋرىنىپ، تەكشى سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىدى. ۋاگون ئىچىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم
خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم |