بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن
ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (275): ئۇ سىزنى ئاسانلىقچە بوش قويۇۋەتمەيدۇ
3-بۆلۈم 118-باب: مېنىڭچە سىزمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس
ساۋ مىڭيى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئورۇندۇقلۇق سافادا ئولتۇرغان چياۋ لىغا قاراپ قويۇپ، ۋۇ بودىن سورىدى.
-بۇ گەپچە، مەن بۇ ئايالدىن يىراقراق تۇرۇشۇم كېرەك ئىكەن-دە؟
-سىزگە گەپنى يەتكۈزۈپ قويدۇم، سىزنىڭ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن يىراقراق تۇرۇش-تۇرماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، مېنىڭ سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقۇم يوق!-دېدى ۋۇ بو چاندۇرماستىن.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بىر چەتتە تۇرغان شياۋ لەنگە قاراپ ئېيتتى:
-شياۋ لەن، بىز ماڭايلى!
-ھە!
شياۋ لەن بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، دەرھال ۋۇ بو بىلەن بىللە ئايرىمخانىدىن چىقتى. ۋۇ بو بىلەن شياۋ لەننى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، ساۋ مىڭيى چياۋ لىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-قەدىرلىكىم، بۈگۈن كەچتە قىلىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى، سىزگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم!
-ھېلىقى ۋۇ فامىلىلىك بايا سىزگە نېمە دېدى؟-دەپ سورىدى چياۋ لى.
-ھېچ...ھېچنىمە دېمىدى،-دېدى ساۋ مىڭيى سەل خۇدۈكسىرىگەن ھالدا.
-ئۇنداقتا سىز بايا ماڭا ۋەدە بەرگەن ئىش يەنە ھېسابمۇ؟-دەپ سورىدى چياۋ لى.
-نېمە ئىش؟
ساۋ مىڭيى قەستەن ساختىپەزلىك قىلدى.
-سىز ماڭا 500 مىڭ يۈەن بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىزغۇ؟ نېمىشقا بۇنچە تېزلا ئۇنتۇپ قالىسىز؟-دېدى چياۋ لى ئەسكەرتىپ.
-ياقەي، بىراق يېقىندىن بېرى قولۇم سەل قىسقا بولۇپ قالدى، ماڭا بىر مەزگىل ۋاقىت بېرىڭ، مەن پۇلنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن دېيىشەيلى!-دېدى ساۋ مىڭيى ئەپلەپ-سەپلەپ جاۋاب بېرىپ.
-دېمەك، سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، مېنى قەستەن خۇشال قىلدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى چياۋ لى سەل خاپا بولغان ھالدا.
-ياق، مەن...قانداقسىگە سىزنى ئەخمەق قىلىمەن؟-دېدى ساۋ مىڭيى بېشىنى چايقاپ.
-ئۇنداق بولمىسا، بىز تېلېفون نومۇرىمىزنى ساقلىۋالايلى، ۋاقتى كەلگەندە، مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن!-دېدى چياۋ لى ئەستايىدىللىق بىلەن.
-مېنىڭچە بولدى قىلايلى، ئايالىم دائىم يانفونۇمنى ئاختۇرىدۇ، ئەگەر ئۇ تېلېفون دەپتىرىدە سىزنىڭ تېلېفونىڭىز بارلىقىنى بايقاپ، بىزنىڭ يەنە بېرىش-كېلىش قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلسە، ئۇنداقتا ئاۋارىچىلىق بولىدۇ،-دېدى ساۋ مىڭيى ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
-مېنىڭچە، سىزنىڭ مەن بىلەن پەقەتلا بېرىش-كېلىش قىلغۇڭىز يوق، ھۇ ئالدامچى، ئەمدى سىزنى كۆرگۈم يوق!
چياۋ لى ساۋ مىڭيىگە ئالىيىپ قويۇپ، بۇ گەپنى تاشلاپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال سافادىن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي KTV ئايرىمخانىسىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى.
ئۇ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقماقچى بولغاندا، ساۋ مىڭيى ئالدىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنى چاقىردى.
-چياۋ لى، توختاپ تۇرۇڭ...
چياۋ لى قەدىمىنى توختىتىپ، كەينىگە بۇرۇلدى.
-بىرەر ئىشىڭىز بارمۇ؟
-ئاۋۋال چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ...-دېدى ساۋ مىڭيى ئالدىراپ-تېنەپ.
-سىزدەك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، مەندەك ھەمراھ خانقىزىغا يەنە نېمىنى چۈشەندۈرەتتىڭىز؟ بولدى قىلىڭ!
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشىكنى ئۇرۇپ چىقىپ كەتتى. چياۋ لىنىڭ كېتىشىگە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ساۋ مىڭيى ئايرىمخانىدا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كەيپىياتى خېلىلا مۇرەككەپ بولۇپ، ھەم بۇ جەلىپكار ئايال چياۋ لىغا ئېرىشىشنى ئويلايتتى، ھەم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاپەت يۇلتۇزى بولۇپ قېلىشىدىن، ئۆزىنىڭ قارا چۈشىگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.
ئەمما چياۋ لىنىڭ قوللانغان بۇ ھىيلىسى ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ھىيلىسى ئىدى. ئۇ ساۋ مىڭيىنىڭ قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى، يەنە كېلىپ چېن بىڭنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنىمۇ ساقلىۋالدى، ئەگەر چېن بىڭ بىلەن بىرلىشىپ ساۋ مىڭيىگە تاقابىل تۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولاتتى.
ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ چوقۇم ساۋ مىڭيىنى ئۆزىگە رام قىلىپ، ياۋاشلىق بىلەن ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان 500 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ، ئاندىن ئامال قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالاتتى.
-ساۋ مىڭيى، مەن ھامان سېنى بەدەل تۆلەتكۈزىمەن، سەن بەرىبىر مېنىڭ ئالقىنىمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن!
406-نومۇرلۇق ئايرىمخانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چياۋ لىنىڭ چىرايىدا ئازراق كۈلكە پەيدا بولدى.
...
ۋۇ بو شياۋ لەننى باشلاپ 408-ئايرىمخانىغا قايتىپ كېلىپ، سافادا قايتىدىن ئولتۇرغاندىن كېيىن، شياۋ لەن بىزارلىق بىلەن ئېغىز ئاچتى:
-ساۋ مىڭيىنىڭ بۇرنىغا راستتىنلا سۇ كىرمەيدىكەن، بايا ئۇ ئايرىمخانىدا چېن بىڭغا يامان غەرەزدە بولماقچى بولغاندا، بىز ئۇنى تۇتۇۋالدۇق، ھازىر ئۇ يەنە چياۋ لى بىلەن ئايرىمخانىدا ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن پوق يېيىش ئادىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن!
-شۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مەن ئۇنىڭ قولىدىن شىركەتنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى يېرىنىڭ قۇرۇلۇش تەستىق ھۆججىتىنى ئالماقچى بولمىغان بولسام، ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئەدىپىنى بەرگەن بولاتتىم، ئۇنىڭ بىلەن چياۋ لى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇ ئىش بىلەن نېمە كارىم بولسۇن؟-دېدى ۋۇ بو قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.
-شۇنداق، يېزنە، ئەتە قۇرۇلۇش نازارىتىگە بېرىپ ئۇنى ئىزدەپ تەستىق ھۆججىتىنى ئالسىڭىزلا، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، بۇنداق داشقاللار ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتسۇن!-دېدى شياۋ لەن غەزەپ بىلەن.
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشىك ئالدىدا ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ۋۇ بو بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ، ساۋ مىڭيىنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىدى.
-يېزنە، سىز نېمىشقا داۋاملىق ئوينىمىدىڭىز؟ چياۋ لىچۇ؟
-سىز توغرا دەيسىز، مەن ئەمدى چياۋ لىدەك ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى، مەن ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇم!-دېدى ساۋ مىڭيى ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا.
-ئۇنداق بولسا، مەن گۇرۇپپا باشلىقىغا سىزگە قايتىدىن بىر ھەمراھ خانقىزى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتاي، سىزنىڭچە قانداق؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو تەكلىپ بېرىپ.
-بولدى، مېنىڭ ھازىر ئازراقمۇ ئوينىغۇدەك كەيپىياتىم قالمىدى، ياخشىسى دەرھال ئۆيگە قايتاي، ئەگەر كەچ قالسام، نەۋرە ئاچىڭىز مېنىڭ سىرتتا لاغايلاپ يۈرگىنىمدىن گۇمانلىنىپ قېلىشى مۇمكىن!-دېدى ساۋ مىڭيى بېشىنى چايقاپ.
-مەيلى ئەمىسە، ئەمىسە سىز قايتىپ تۇرۇڭ، مەن ھېلى ھېساباتنى قىلىۋېتەي، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن، سىز شىركىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش تەستىق ھۆججىتى تەستىقلاپ بەرگەندىن كېيىن، بىز ئاندىن ئەتە كەچتە ياخشىراق تەبرىكلەيلى!-دېدى ۋۇ بو بېشىنى لىڭشىتىپ.
-بولىدۇ، ئۇنداقتا سىلەر داۋاملىق ئويناڭلار، مەن ئاۋارە قىلماي، ماڭغاچ تۇراي!
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ، كارىدورنى بويلاپ لېفىت ئېغىزى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ۋۇ بو ساۋ مىڭيىنىڭ لېفىتتا غايىب بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن ئايرىمخانىغا قايتىپ كېلىپ، شياۋ لەننىڭ يېنىغا كېلىپ، خىجىل بولغان ھالدا ئېغىز ئاچتى:
-شياۋ لەن، سىزمۇ كۆردىڭىز، بايا چېن بىڭ بىلەن قېيدىشىپ قالدىم، ئەگەر مەن ئۆيگە قايتمىسام، ئۇ ئىشلارنى يەنە باشقا يەرگە ئاپىرىپ ئويلايدۇ، مەن قايتاي...
-بولىدۇ، بۈگۈن كەچتە، چېن بىڭ ساۋ مىڭيى دېگەن قېرى ئەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، ئۇمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، پەرىزىمچە ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى ئەمەس، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇنى ھەرگىز بەك ئەيىبلەپ كەتمەڭ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماڭ، چۈشەندىڭىزمۇ؟-دېدى شياۋ لەن تاپىلاپ.
-چۈشەندىم، يەنىلا مېنىڭ قېيىنسىڭلىم ئىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ، ئەگەر كېيىن قايسى ئەر سىزدەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئايالنى خوتۇنلۇققا ئالسا، چوقۇم بەختلىك بولىدۇ!-دېدى ۋۇ بو كۈلۈپ تۇرۇپ.
-قۇرۇق گەپ قىلماڭ، سىلەر ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۈجمە كۆڭۈل، مەن خالىغانچە ياتلىق بولۇشقا پېتىنالمايمەن!-دېدى شياۋ لەن ۋۇ بوغا ئالىيىپ قويۇپ.
-ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ جۇمۇ، مەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىر ئايالنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر جۇمۇ!-دېدى ۋۇ بو ئۆزىنى ماختاپ.
-سىز تېخى پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بىر ئايالنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ساۋ مىڭيى نېمىشقا خوتۇنىنى سىزنىڭ نەۋرە ئاچىڭىز ئەمەس، بەلكى سىزنى ئۇنىڭ سىرتتا باققان ئاقپىشمىقى دەيدۇ؟-دېدى شياۋ لەن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
-ساۋ مىڭيى بايا ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىكىنى ئېيتتىغۇ؟ ئەجەبا سىزمۇ ماڭا ئىشەنمەمسىز؟-دېدى ۋۇ بو كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئاقلاپ.
-مەن ھەممە نەرسىگە ئىشەنسەممۇ، سىلەر ئەرلەرنىڭ گېپىڭلارغا ئىشەنمەيمەن، مېنىڭچە سىزمۇ ياخشى نەرسە ئەمەس!
شياۋ لەن شۇنداق دېگەچ سافادىن تۇردى، ئاندىن گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپ 408-ئايرىمخانىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى.
-شياۋ لەن، ماڭا ئىشىنىڭ، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ...
ۋۇ بو بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنى قوغلىدى. ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئايرىمخانىدىن چىقىپ، پۇل ئېلىش ئورنىغا بېرىپ ھېسابات قىلماقچى بولغاندا، بىر جۈپ ئەر-ئايال نەپىس قەدەملەر بىلەن ئۇلار تەرەپكە قاراپ كەلدى.
بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنى كۆرۈپلا، ئىككىسى تەڭلا ھەيران قالدى.
بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 277-قىسىم