بۇ ئايال كەچ بولغاندا، ئۇيەردە نېمە قىلىدىغاندۇ؟

文摘   2024-11-05 20:03   新疆  

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ۋاقىت كەينىگە يانمايدۇ. قۇياشمۇ غەربتىن چىقىپ شەرققە پېتىۋېرىدۇ. بىر سېكۇنت ئۆتسە ئۆلۈمگە بىر قەدەم يېقىنلىشىپ بارىمىز، شۇڭا ھەر بىر مىنۇت سېكۇنت ۋاقىتنى غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىرىشىشىمىز، ئەمگەك قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھەركىم پەقەت ئۆزىنىڭ ھاياتىغىلا جاۋابكار.

مۇئەللىم شۇنداق دەپ دەرس سۆزلەۋاتاتتى. بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىغان ئىدى. شۇڭلاشقا، مۇئەللىمنىڭ قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان خاتا سۆزىگە ھېچكىممۇ رەددىيە بەرمىدى. بۇ ناھايىتىمۇ چەت بىر تاغلىق رايونغا جايلاشقان كىچىككىنە كەنت بولۇپ، ئىككى تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى بولسا، مەھەللىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان چوڭ بىر دەرياغا تۇتىشاتتى. بۇ چوڭ دەريا، مۇشۇ كەنىتنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، دەريانىڭ بىر تەرىپىدىكى مەھەللىدە، ئاساسەن دېگۈدەك راھىبلار تۇراتتى. بالىلارغا قېتىرقىنىپ دەرس سۆزلەۋاتقان بۇ مۇئەللىم ئەنە شۇ دەريانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن كەلگەن ئىدى. بۇ مەھەللىنىڭ ئاساسلىق ئاھالە نوپۇسى بەش مىڭغىمۇ يەتمەيتتى. گەرچە ئادىمى ئاز بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىرى ھەقىقەتەن ئىجىل-ئىناق ئۆتەتتى. بۇ مەكتەپ مۇشۇ كەنتتىكى بىردىنبىر بالىلارغا دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتە پەقەت ئۈچ سىنىپ، 150 ئوقۇغۇچى ئوقۇيتتى. بۈگۈنمۇ شاۋخەي دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالغانىدى. مۇئەللىم ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىردى:

-شاۋخەي، ئورنىڭدىن تۇرە، دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالساڭ بولمايدۇ دېگەن ئىدىمغۇ، تېز ئورنىڭدىن تۇر.

بىراق شاۋخەي ھازىر قاتتىق ئۇيقۇدا بولۇپ، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى يېنىك ئىتتىرىپ قويدى. ساۋاقدىشىنىڭ ئويغىتىشى بىلەن شاۋخەي تەسلىكتە ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. مۇئەللىم ئۇنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سوئال سورىدى. بىراق شاۋخەي دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالغاچقا، مۇئەللىمنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم:

-شاۋخەي، بۇ سېنىڭ تۇنجى قېتىم دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپ قىلىشىڭ ئەمەس، بۈگۈن سەن باشقىلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، پولنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت،-دېدى. شۇنىڭ بىلەن شاۋخەي ماقۇل دېگىنىچە ئورنىدا ئولتۇردى. كەچ بولۇپ باشقا بالىلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى. شاۋخەيمۇ ئۆيىگە بالدۇرراق قايتىش ئۈچۈن ياغاچتىن ياسالغان چېلەكنى ئېلىپ، مەكتەپ ئارقا ھويلىسىدىكى كىچىك كۆلچەكتىن سۇ ئېلىپ كېلىپ، لۆڭگە بىلەن بامبۇك ياغىچىدىن ياسالغان پولنى سۈرتۈشكە باشلىدى. گەرچە بۇ سىنىپ ئاران 45 كىۋادرات مېتىر كەلسىمۇ، لېكىن 12 ياشلىق شاۋخەيگە نىسبەتەن خېلى چوڭ ھېسابلىناتتى. ئۇ ئىشنى تۈگەتكەندە ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ كۆز باغلىنىپ بولغانىدى. بۇ ھالنى كۆرۈپ شاۋخەي دەرھال نەرسە- كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولدى ۋە پول سۈرتۈشتە ئېشىپ قالغان سۇنى تۆكۈۋېتىش ئۈچۈن، چېلەك يېنىغا كېلىپ ئېڭىشىپ چېلەككە قارىشىغا، ئۈستىدىن چېلەككە ئىككى تامچە قان ئېقىپ چۈشتى. شاۋخەي بۇرۇنۇم قاناپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ بۇرۇنىنى تۇتۇپ باقتى. بىراق ئۇنىڭ بۇرۇنى قانىمىغانىدى. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن شاۋخەي ئۆينىڭ ئۈستىگە قارىدى. ئۆي ئۈستىدە بىرسى ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەندەك ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋاتاتتى. شاۋخەينى سۈر بېسىشقا باشلىدى. ئۇ چېلەكنى ئورنىدىلا قويۇپ قويۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ سىنىپتىن چىقتى ۋە دەرھال ئۆيگە قايتماقچى بولدى. ئۇ ئىشىكتىن چىقىشىغا ئارقىسىدىن ناھايىتى تېزلىك بىلەن بىرسىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ، دەرھال ئارقىغا قارىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىر سىنىپنىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئىشىكنى يېپىۋەتمەكچى بولۇپ، سىنىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ قارىۋىدى. سىنىپ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ بىرنېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. «(ھەي، بۇ ئايال كەچ بولغاندا، ئۇيەردە نېمە قىلىدىغاندۇ؟» شاۋخەي خىيالىدا شۇلارنى ئويلاپ، ئۇ ئايالنى چاقىردى.

-ئاچا، بەك كەچ بولۇپ كەتتى. ئۆيىڭىزگە قايتىڭ. مەن سىنىپنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتمىسەم بولمايدۇ.

بىراق ئۇ ئايالدىن ھېچقانداق شەپە كەلمىدى. شاۋخەي بەلكىم ئاڭلىماي قالغان بولسا كېرەك دەپ، ئۇ ئايالنى يەنە بىر قېتىم چاقىرىپ باقتى. ئۇ ئايالدىن ھېچقانداق شەپە چىقمىغاندىن كېيىن، شاۋخەي ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ باقماقچى بولۇپ سىنىپ ئىچىگە كىردى. ئۇ سىنىپ ئىچىگە كىرىپ ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ ئايالنىڭ چېچى بەكلا قويۇق ھەم ئۇزۇن بولۇپ، يۈزىنى توسۇۋالغان ئىدى. شاۋخەي ئاستا بېرىپ بۇ ئايالنىڭ مۈرىسىنى تۇتتى. شۇ ھامان ھېلىقى ئايال شاۋخەيگە ناھايىتى تېزلىكتە بۇرۇلدى. شاۋخەي بۇ ئايالنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ۋارقىراپ كەتتى. بۇ ئايالنىڭ يۈزى ئوتتا كۆيۈپ يارىلانغاندەك، ناھايىتى چوڭ تاتۇق بولۇپ، بىر كۆزى يوق، ئېغىزى چوڭ بولۇپ قوزۇقتەك ئىككى چىشى ناھايىتى ئۇچلۇق ئىدى. ئېنىقكى، بۇ ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر ئايال مۇردا ئىدى. ئايال مۇردا تېزلىك بىلەن شاۋخەينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بوينىنى قاتتىق چىشلىدى. شياۋخەي ئاغرىقتىن قاتتىق ۋارقىرىدى. بىراق ھازىر قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان بولۇپ، كەنتنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق ئادەم قالمىغاچقا، شاۋخەينىڭ ئاۋازىنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى. ئايال مۇردا شاۋخەينىڭ بوينىنى چىشلەپ قېنىنى پۈتۈنلەي شوراپ ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، تىرناقلىرى بىلەن، ئۇنىڭ كۆكرىكىنى ياردى ۋە يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئاستا-ئاستا يېيىشكە باشلىدى. شاۋخەي بولسا ئاللىقاچان نەپسىدىن توختاپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، ئەمدىلا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن شاۋخەي بىر ئايال مۇردىنىڭ قولىدا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتتى. ئايال مۇردا شاۋخەينىڭ يۈرىكىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، سىنىپنىڭ دېرىزىسىدىن ئارتىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. قاپقاراڭغۇ كېچىدە ئايال مۇردا ئۇدۇل ماڭغىنىچە، مەكتەپنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئەتىسى ئۇ سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ئەتىگەندىلا مەكتەپكە كېلىپ سىنىپقا كىردى ۋە سىنىپتا قېتىپ قالغان قانلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى. ئۇ قورققىنىدىن سىنىپىدىن چىقىپ مەكتەپ ھويلىسىدا باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىشىنى ساقلىدى. بىردەمدىن كېيىن، باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر بىرلەپ مەكتەپكە كىرىشتى. شاۋخەي ئۆلۈپ كەتكەن سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپىغا كىرىپ، يەردىكى قانلارنى كۆرۈپ، ھەيران قالغان ھالدا سىنىپنىڭ ئارقىسىغا باردى. ئۇلار يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقان شاۋخەينىڭ جەستىنى كۆرۈپ ، قورققىنىدىن ۋارقىراشقىنىچە ئارقىغا كېتىشتى. ئوقۇغۇچىلاردىن بېرى يۈگۈرۈپ چىققىنىچە ئۇدۇل مۇئەللىمگە خەۋەر قىلدى:

-مۇئەللىم چاتاق بولدى. سىنىپتا بىرەيلەن ئۆلۈپ قاپتۇ،-بۇ گەپنى ئاڭلىغان سىنىپ مۇدىرى بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ گېپىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي، دەرھال سىنىپقا كىردى. راست دېگەندەك سىنىپنىڭ تېگى قان يۇقى ئىدى. بۇنى كۆرگەن مۇئەللىم ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال سىنىپنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى. سىنىپنىڭ ئارقىسىدا شاۋخەينىڭ جەسىتى قورساقلىرى يېرىلىپ، يۈرىكى سۇغۇرۇۋېلىنغان ھالدا تۇراتتى. مۇئەللىم ئۇنىڭغا زادى قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، بىلەلمەي ئاستا قەدەملەر بىلەن شاۋخەينىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كەلدى. مۇئەللىم  ئۇنىڭ جەسىتىگە تەپسىلىي قاراپ، بوينىدا ئىككى دانە كىچىك تۆشۈكنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ بۇنىڭدىن شاۋخەينى زادى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇئەللىم شاۋخەينىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ، باشقا سىنىپ مەسئۇللىرىغا كۆرسەتتى. شاۋخەينىڭ سىنىپ مۇدىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپ تونۇۋالدى ھەمدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا مەلۇم قىلدى. ئاتا-ئانىسى شاۋخەينىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، زار-زار يىغا ئىچىدە، ئوغلىنىڭ جەسىتىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كەتتى. شاۋخەينىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ قاتىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدى. شاۋخەينىڭ جەسىتى قويۇلغان قەبرىستانلىق، بۇ كەنىتنىڭ ئاياق تەرىپىدە بولۇپ، ئادەتتە كۈندۈزى خېلى تىنچ، ئەمما كېچىسى بۇ قەبرىستانلىقتا ھەرخىل ئادەم سىياقىدىكى نەرسىلەر، توغرىسىنى ئېيتقاندا مۇردا ۋە ھەرخىل جىن ئەرۋاھلار توپلىشاتتى. ئەپسۇس، كەنتتىكىلەر كېچىسى بۇ قەبرىستانلىقتا كېلىپ باقمىغاندە. بۈگۈنمۇ يېرىم كېچە بىلەن تەڭ قەبرىستانلىقتا بىر ئادەم سىياقىدىكى بىرسى پەيدا بوپ قالدى. ئۇ ئۈستىگە قاپقارا يامغۇرلۇق چاپان كىيىۋالغان ئىدى. توغرا، ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئادەم ئىدى. ئۇ كىشى ئېغىر قەدەملەر بىلەن ماڭغىنىچە، ئۇدۇل شاۋخەينىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. غۇۋا ئاي يورۇقىدا، بۇ ئادەم ئۆزى يالغۇز قەبرىستانلىقتا، شاۋخەينىڭ قەبرە بېشىغا قاراپ تۇراتتى. توساتتىن ئۇ نامەلۇم كىشىنىڭ ئارقىسىدا پاقىنىڭ كورىلدىشىغا ئوخشايدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ كىشى ئارقىسىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئاستا ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر بېلىكى ئۈزۈلۈپ چۈشكەن، ئوڭ كۆزىدىن قان ئارلاش يىرىڭلار قېتىپ قالغان، ئېڭىكى خۇددى بىرسى تېشىۋەتكەندەك تۆشۈك بىر مۇردا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئەگەر نورمال ئادەم يەنە كىلىپ قاراڭغۇ كېچىدە قەبرىستانلىقنىڭ ئوتتىرىسىدا بۇ مۇردىنى كۆرگەن بولسا قورقۇپ ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاللىقاچان قېچىپ بولغان بولاتتى. بىراق بۇ كىشى خۇددى بۇرۇن بۇنداق مۇردىنى نەچچە قېتىم كۆرگەندەك، ھېچبىر ئىنكاسسىزلا تۇراتتى. بىر ئەركەكە نىسبەتەن بۇنداق يىغلاش ھەرگىزمۇ بىچارىلىقتىن، ئامالسىزلىقتىن ئەمەس بەلكى بىر جاننىڭ بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانلىقىغا ئىچ ئاغرىتقانلىق ئىدى. ئۇ كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈۋېتىپ شاۋخەينىڭ قەبرە بېشىغا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن سۆزلەۋاتتى:

-خاتىرجەم ياتقىن ئوغلۇم. مەن سېنىڭ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكىنىڭنى چوقۇم ئىسپاتلاپ چىقىمەن. بىلىمەن، سېنى چوقۇم بىرەرسى قەستلەپ ئۆلتۈردى. سېنىڭ بىكاردىنلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىڭگە ئىشەنمەيمەن. چوقۇم سېنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكىنىڭنى ئېنىقلاپ چىقىمەن.

داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 

باشقا رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章