ئايالىمنىڭ يالغانچىلىقى (117): ياش مەزگىللىرىدىكى ھەمراھ خېنىم

文摘   2024-11-03 20:00   新疆  


233-باب: ياش مەزگىللىرىدىكى ھەمراھ خېنىم

ھېلىقى گەپ قىلىۋاتقان ۋۇ باش دىرېكتور بۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن كۈلۈپ كەتتى، قالغان بىر نەچچەيلەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكىنىچە قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

-لى ھەدە، سىز ماڭا ساتقىنلىق قىلماقچىمۇ؟-دېدى ئايالىم زەردە بىلەن.

بۇ چاغدا يەنە بىر ئايال:

-خې شۆچىڭ، مەندىن ئاغرىنما، ئەينى ۋاقىتتا مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بەدەل تۆلىمىگەن بولسام، سېنىڭ نەدىمۇ بۈگۈنكى كۈنۈڭ بولسۇن؟-دېدى.

-لى خۇڭيىڭ، ۋەزىپەڭنى ئورۇنداپ بولدۇڭ، بۇ 5000 يۈەن، ئەمدى كەتسەڭ بولىدۇ!-دېدى ھېلىقى ۋۇ باش دىرېكتور.

-بولىدۇ، رەھمەت ۋۇ دىرېكتور، رەھمەت ۋاڭ دىرېكتور، ئەمسە مەن ماڭغاچ تۇراي!

بۇ چاغدا مەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئىشىك تەرەپكە قاراپ كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ بىر چەتكە ئۆتۈپ، ئايالىمغا زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئايال ئىشىكنى ئاچسىلا ئىچىگە بۆسۈپ كىرمەكچى بولدۇم. ئارقىدىن «غىچ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلدى-دە، ئۆيدىن تېخى تولۇق چىقىپ بولالمىغان ھېلىقى ئايال يەنە ئارقىسىغا بۇرۇلغىنىچە ئىچىدىكى كىشىلەرگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ئىككى خوجايىن ئەمسە كۆڭۈللۈك ئويناڭلار!-دېدى.

-لى خۇڭيىڭ، سىرتقا چىققاندا قالايمىقان سۆزلىمە، بولمىسا جېنىڭنى ئالىمەن!-ئىچىدىكى بىر ئەر گېپىنى تۈگىتىپ ئىشىكنى تاقاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، مەن قولۇمنى سوزۇپلا ئىشىكنى تىرەپ تۇرۇۋالدىم.

بۇ چاغدا، ئالدىمدىكى ھېلىقى ئايال ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى، مەن ئالىقىنىمنى ياپىلاق قىلىپ ئۇنىڭ بوينىغا كۈچەپ بىرنى ئۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئايال جايىدىلا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالدى.

-سەن نېمە ئادەم؟ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن؟-ئىشىكنى تاقاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھېلىقى ئەر ۋارقىراپ كەتتى.

ئىشىكنى تاقىماقچى بولغان ھېلىقى ئەر بايا كىرگەن ئۈچ ئەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ، قارىغاندا ھېلىقى ۋۇ باش دىرېكتور دېگەننىڭ قول ئاستىدىكى ئادەمدەك قىلاتتى.

-ۋۇ ئاناڭنى!-مەن ۋارقىرىغىنىمچە ئۇنىڭ قورسىقىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم، ئۇ «ئىھ» دەپ قورسىقىنى تۇتقىنىچە ئالدىغا ئېڭىشىۋىدى، بىر مۇشت بىلەن ئېڭىكىدىن قاس چىقىرىۋەتتىم.

-سەن نېمە ئادەم؟ ھۇ ئاناڭنى، بۇ يەرگە كېلىپ نوچىلىق قىلىشقا پېتىنىۋاتامسەن؟ جېنىڭنى ئالىمەن!

ئارقىدىنلا بۇ گەپنى قىلغان ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر ياردەمچىسى يېنىدىن بىر تۆمۈر كالتەكنى چىقارغىنىچە ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى.

-ئېرىم، ئېھتىيات قىلىڭ!

مەن ئىچىدىكى كىرېسلودا ئولتۇرغان ئايالىمنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايالىممۇ مېنى كۆرگەن ئىدى. شۇ تاپتا ئايالىمنى بىر ئەر چىڭ تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۇ دەل ئىلگىرى كىرگەن ۋۇ باش دىرېكتور ئىدى.

-ئايالىمنى قويۇۋەت!-مەن شۇنداق دېگەچ ھېلىقى تۆمۈر كالتەك تۇتقان ئەرنىڭ كالتىكىدىن يانچە بولۇپ ئۆزۈمنى قاچۇردۇم-دە، ئۇنىڭ بېقىنىغا بىرنى تېپىپ يەرگە يىقىتتىم.

-سەن خې شۆچىڭنىڭ ئېرىمۇ؟-بىر سېمىز، يوغان قۇلاق، ئەمما پاكار ئەر سافادىن تۇرغىنىچە سورىدى.

-ئايالىمنى قويۇۋەت!-مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، ئايالىمنى تۇتقان ھېلىقى ۋۇ دىرېكتورغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قارىدىم.

ۋۇ باش دىرېكتور مېنىڭ ۋارقىرىشىمدىن قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ناھايىتى تېزلا ئايالىمنى قويۇۋەتتى، ئايالىم ئالدىراپ سافادىن تۇرغىنىچە كېلىپ كەينىمگە مۆكۈۋالدى.

-ئۇنى توسۇۋېلىڭلار، ئۇ قېچىپ كەتمىسۇن!-ۋۇ دىرېكتور يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى.

مەن بايا يىقىتقان ھېلىقى ئىككى ئەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېلىدىن بىردىن خەنجەرنى چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى خەنجىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە مەن تەرەپكە قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن ئايالىم بەكلا قورقۇپ كەتكىنىدىن چىرقىراپ كەتتى، مەن يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن ئۇ ئەرنىڭ خەنجەر ئۇزاتقان قولىنى تۇتۇۋالدىم-دە، ئارقىدىنلا كەينىمگە بىر قەدەم يانغىنىمچە ئۇنىڭ گەجگىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپ، ئارقامدىكى ئەينەك چاي ئۈستىلىگە يىقىتتىم، ئەينەك چاي ئۈستىلىمۇ چېقىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى. يەنە بىر ئەرمۇ خەنجىرىنى شىلتىغىنىچە ئېتىلىپ كەلدى. مەن ئۇ ئادەمنىڭ بېغىشىنى تۇتقاندىن كېيىن كەينىگە قايرىپ خەنجەرنىڭ ئۇچىنى ئۆزىگە توغرىلاپ قويدۇم. ئۇ ئەر مەن بىلەن كۈچ ئېلىشالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى ۋە دەرھال قولىنى كەينىگە ياندۇردى، مەن يەنە بىر تېپىك بىلەن ئۇ ئادەمنى تېپىپ يەرگە يىقىتتىم. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان خەنجەرنى ئېلىپ ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خەنجەرنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.

-گېپىڭ بولسا چىرايلىقچە دە، خەنجەرنى تارت، بۇ نەرسە بەك ئۆتكۈر!-ۋۇ باش دىرېكتور قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى.

-ئېرىم...-ئايالىم يەنە بىر نېمە دېمەكچى بولغان ئىدى، مەن ئۇنى توختىتىپ قويدۇم:

-سىز بىنانىڭ ئاستىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، نىڭئېر بىنانىڭ ئاستىدا!

-نىڭئېر؟-ئايالىم نىڭئېرنىڭ بىنانىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئۆيدىن چىققىنىچە بىنادىن چۈشۈپ كەتتى.

ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ ئىككى ياردەمچىسى قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان بولۇپ، مەن بايا يەرگە يىقىلغان بىر ئەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئىشىكنى يېپىۋېتىشنى ئېيتتىم. ئارقىدىن بۇرۇلۇپ ھېلىقى ۋۇ باش دىرېكتورغا:

-سەن ۋۇ باش دېرىكتورمۇ؟-دېدىم.

-مەن...مەن...بايا ئۇقۇشماسلىق بولدى، ئۇقۇشماسلىق بولدى!-دېدى ۋۇ باش دىرېكتور قورققان ھالدا.

-ئايالىم ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدا قانداق ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى بىلگۈم بار،-دېدىم مەن سوغۇق تەلەپپۇزدا.

-خەنجەرنى تارتىۋەتكىن!

-دەپ بېرەمسەن-يوق؟

ۋۇ دىرېكتور تىترەپ تۇرۇپ:

-مەن دەي، مەن دەي!-دېدى ۋە خەنجەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئاخىرى ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى:

-ئالتە يىل ئىلگىرى مەن گۇاڭجۇدىكى «كۆك سۇمۇرغ» قاۋاقخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، ئۇ قىز چىرايلىق، فىگورىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، سۈرۈشتۈرۈپ باققاندىن كېيىن ئۇ قىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، گۇاڭجۇغا قوشۇمچە خىزمەت قىلغىلى كەلگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم-دە، بىر ھەپتىلىك كۆتۈرگە ئېلىۋالدىم. يەنى ئۇ بۇ بىر ھەپتىدە پەقەت ماڭىلا ھەمراھ بولىدۇ، باشقىلارغا ھەمراھ بولمايتتى. مەنمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى پەقەت چۈشەنمىدى. كېيىن مەن ئۇنىڭ ئىچىملىكىگە ئازراق دورا سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئىشنى قىلماقچى بولدۇم، بىراق بۇ قىزنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن، ئۇ ئېھتىياتسىزلىق قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مەن ئۇنىڭغا سۇنغان دورا سېلىنغان ئىچىملىكنى يەرگە تۆكۈۋەتتى، گەرچە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبەسسۇمى ئاستىدا ئاچچىقلىنىشقا ئامالسىز قالدىم، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ھاراق ئىچىپ، پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ ئىچىملىكىگە يەنە ئازراق دورا سېلىۋەتمەكچى بولدۇم!...

سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاچچىقىم كېلىپ تۇرالماي قالدىم-دە، ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدىم، ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ يۈزىدە بەش بارماقنىڭ ئىزى پەيدا بولدى. گەرچە ئۇ بەك ئېچىنىشلىق ھالدا بىر تەستەك يېگەن بولسىمۇ، لېكىن قولۇمدا خەنجەر بار بولغاچقا، ئاچچىقلاشقا پېتىنالماي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-كېيىن ئامالسىز ئۇنىڭغا زورلۇق ئىشلەتمەكچى بولدۇم، بىراق ئۇ ئىككى كۈندىن بېرى ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋېلىپ، يەنە بىر قىزنى ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇ دەل بايىقى لى خۇڭيىڭ شۇ ئىدى. شۇ چاغدا مەنمۇ چىدىيالماي قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ، لى خۇڭيىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈم، لېكىن مەن لى خۇڭيىڭ بىلەن ئۇ ئىشنى قىلغاندا ئۇ قىزنىڭ ئوغرىلىقچە سىنغا تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. ئەينى چاغدا ھەرىكىتىم بىر قەدەر قوپال بولغاچقا، قارىماققا باسقۇنچىغا ئوخشاپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى خۇڭيىڭمۇ مېنى باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولغاچقا، ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم. كېيىن مەن ئۇلار ئىككىسىنىڭ بىرلىشىپ مېنى قەستلىگەنلىكىنى بىلدىم. ماڭا ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى!

ۋۇ باش دىرېكتور دېمىسىمۇ بىلىمەن، ئۇ قىز دەل مېنىڭ ئايالىم، دېمەك ئەينى يىلى ئايالىم راستتىنلا مەيخانىدا ھەمراھ خېنىم بولغان، يەنە كېلىپ بۇ ۋۇ باش دىرېكتور بىلەن بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرگەن. ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئەلۋەتتە مەن يان تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئازراقمۇ چاندۇرماستىن ئۈنگە ئېلىۋالغان ئىدىم.

-يەنە دەيدىغان باشقا گەپلىرىڭ بارمۇ؟-دېدىم مەن.

-مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، بۇ ئاچچىقنى يۇتۇشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەينى يىلى مېنى قەستلىگەن ھېلىقى ئايال لى خۇڭيىڭنى تاپتىم. مەن ئۇنىڭغا تەھدىت سالغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالىڭنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ بەرمەكچى بولدى. ئەسلىدە ئۇنى ئالداپ گۇڭجۇغا ئېلىپ بارماقچى ئىدى، لېكىن ئايالىڭنىڭ ۋاقتىنچە ئىشى چىقىپ قالغان بولغاچقا، مەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سىلەرنىڭ بۇ يەرگە كەلدىم.

-قايسى ئايروپىلانغا ئولتۇردۇڭ؟

-مۇشۇ شۇ!-ۋۇ باش دىرېكتور شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن بىر ئايروپىلان بېلىتىنى چىقاردى.

قاراپ باقسام دەل مەن قايتىپ كەلگەندە ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئوخشاش ئىكەن، بۇنى ھەقىقەتەن رەقىبلەرنىڭ تار يولدا ئۇچرىشىشى دېيىشكە بولاتتى.

-ئايالىم بىلەن بىرەر ئىش قىلمىدىڭ شۇنداقمۇ؟-دېدىم مەن.

-ياق، قىلىپ باقمىدىم!

* * *

234-باب: ئايالىمنىڭ بايانى

-مېنى ئالدىيالمايسەن، ساڭا دەپ قوياي، ئايالىم بىلەن بۇرۇن قانداق ئۆچ-ئاداۋىتىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەنمۇ بۈگۈن كەچتىكى ئىشتا سىلەر بىلەن تالاشمايمەن، دەرھال گۇاڭجۇغا قايت، ئەگەر مەن سىلەرنى يەنە كۆرۈپ قالسام، سىلەرگە يۈز خاتىرە قىلمايمەن!

-بولىدۇ، بولىدۇ، بىز ھازىرلا ماڭىمىز، ھازىرلا ماڭىمىز!-ۋۇ باش دىرېكتور بېشىنى توختىماي لىڭشىتتى.

مەن ۋۇ دىرېكتورنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھېلىقى ۋاڭ دىرېكتورنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

-سەنچۇ؟ سېنىڭ ئايالىم بىلەن نېمە ئىشىڭ بار؟-دەپ سورىدىم.

-ياق، ياق، مېنىڭ ئايالىڭ بىلەن ھېچقانداق ئىشىم يوق!-ۋاڭ باش دىرېكتور قورققىنىدىن دەرھال بېشىنى چايقىدى.

-ئۇنىڭ ئايالىڭ بىلەن راستتىنلا ھېچقانداق ئىشى يوق، ئۇ مېنىڭ دوستۇم، مەن ئۇنى ياردەملىشىشكە چاقىرغان!-دېدى ۋۇ دىرېكتور.

-شۇنداقمۇ؟ يامانغا يانتاياق بولغانلارنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ!-مەن سۆزلەۋېتىپ خەنجەرنى كۆتۈرۈپ، يالغاندىن سانجىماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم.

قورقۇپ كەتكەن ھېلىقى ئەبلەخ دەرھال يالۋۇرۇپ:

-ئاكا، بىر قوشۇق قېنىمدىن كېچىڭ! ئايالىڭىز بىلەن ئارىمىزدا راستتىنلا ھېچقانداق ئىش يوق، بۈگۈنكى ئىشتا مېنى كەچۈرۈڭ!-دېدى.

مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ھېلىقى بىر نەچچە كىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنى بۇ شەھەردە كۆرۈپ قالماي، بولمىسا مېنى تۈزۈت قىلمىدى دەپ ئاغرىنماڭلار!-دېدىم.

-بىز ھازىرلا ماڭىمىز، ھازىرلا ماڭىمىز!-دېدى ھېلىقى ۋۇ باش دىرېكتور.

مەن قولۇمنى سىلكىشىم بىلەن تەڭ قولۇمدىكى خەنجەر ئۇچۇپ چىقىپ ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ يېنىدىكى كىرېسلوغا سانجىلىپ قالدى. ۋۇ باش دىرېكتورنىڭ قورققىنىدىن يۈرىكى يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان بولۇپ، مەن ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدىم. كارىدورغا چىققاندا لى خۇڭيىڭ تېخىچە كارىدوردا ياتقان بولۇپ، مەن ئۇنى كۈچەپ بىرنى تەپكەندىن كېيىن، ئاندىن لىفىتتا بىنادىن چۈشۈپ كەتتىم. بىنانىڭ ئاستىغا كەلگەندىن كېيىن، ئايالىم مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ، ئالدىراپ كېلىپ قوينۇمغا ئېتىلدى:

-ئېرىم، بىر نېمە بولمىغانسىز؟

-ھېچ ئىش يوق، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى. بۇ يەردە تۇرمايلى، تېز مېڭىڭلار!-دېدىم مەن جىددىي ئاۋازدا.

گەرچە بايا ئۇ بىر نەچچەيلەننى قورقۇتۇپ قويغان بولساممۇ، لېكىن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرۇشقا بولمايدۇ، بىز يەنە دەرھال كېتىشىمىز كېرەك ئىدى.

مەن نىڭئېرنى قۇچاقلاپ، ئايالىم بىلەن فاڭ لىتىڭنى ئېلىپ ۋېنخۇ ئولتۇراق رايونىدىن ئايرىلدىم. ئۆيگە قايتىش يولىدا، ئايالىم توختىماي يىغلىدى، مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولمىدى، ئەكسىچە لىتىڭ ئىزچىل ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى. نىڭئېر سەۋەبىنى بىلەلمەي، ئايالىمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئەگىشىپ يىغلىدى. مەھەللىمىزگە كېلەي دېگەندە فاڭ لىتىڭ:

-لېي ئاكا، سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارماي، ئەمسە مەن قايتاي!-دېدى.

ھازىر بەك كاللام قالايمىقان بولۇپ كەتتى، شۇڭا لىتىڭ قايتىپ كەتسىمۇ مەيلى دەپ ئويلاپ، ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ قويغاندىن كېيىن:

-بولىدۇ! بولمىسا مېنىڭ ماشىنىمنى ھەيدەپ كېتىڭ!-دېدىم.

-بولمايدۇ، ماشىنا توسساملا بولدى، سىلەر دەرھال قايتىپ كېتىڭلار!-فاڭ لىتىڭ سۆزلەۋېتىپ ماشىنىدىن چۈشتى.

مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلاي دەپ ئاغزىمنى ئېچىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم. يەنىلا ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا دېسەم مۇۋاپىق بولغۇدەك.

بىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، كەچ سائەت توققۇز يېرىم بولغان ئىدى. نىڭئېر ئۆيگە كېلەي دېگەندە ئۇخلاپ قالدى، ئۇنىڭ مەڭزى ياش يۇقى بولۇپ، بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى. ئۇنىڭدەك كىچىك بالا نېمىشقا بىزگە ئەگىشىپ بۇ ئازابنى تارتىدۇ؟ ئۇ زادى نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدى؟ نېمىشقا باشقا بالىلارغا ئوخشاش بەختنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان مەزگىلىدە بۇنداق جاپالارنى تارتىدۇ؟

مەن ئايالىمغا نىڭئېرنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى سېلىپ، يوتقىنىنى يېپىپ قويۇشنى ئېيتتىم. سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئايالىم چىقتى، مەن شۇ چاغدا سافادا ئولتۇرۇپ، ئايالىمنىڭ كېلىپ بۈگۈن ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى كۈتتۈم.

-ئېرىم، مەن...-ئايالىم ماڭا بىر نەرسە دېمەكچى بولغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قالغاندەك قىلاتتى.

-ئاۋۋال بۈگۈنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېقىڭ!-مەن ئۇنى ئەسكەرتىپ قويدۇم.

-بۈگۈن ئەتىگەن گۇاڭجۇغا بارماقچى ئىدىم، لېكىن ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئايروپىلانغا چىقىشقا ئاز قالغاندا ۋېن دىرېكتور ماڭا تېلېفون قىلىپ، گۇاڭجۇغا بارمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە بىر مۇھىم خېرىدار بارلىقىنى، مېنىڭ كۈتۈۋېلىشىمغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، شۇڭا مەن شىركەتكە قايتىپ كەلدىم. سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا، ۋېن دىرېكتور ماڭا ھېلىقى مۇھىم خېرىدارنىڭ كەلگەنلىكىنى، مېنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە «يەر شارى يازلىق ئارامگاھى»غا بېرىشىمنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردىم، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن مو ئەپەندىنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ۋېن دىرېكتور مېنى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ گولف توپ ئوينىشىمنى ئېيتتى.

ئايالىم توختاپ قالدى.

يەر شارى يازلىق ئارامگاھىنى بىلىمەن، ناھايىتى چوڭ گولف توپ مەيدانى، ئىلگىرى مەن خېرىدارلارغا ھەمراھ بولۇپ ئىككى قېتىم بارغان، ئىستېمالى ئادەتتىكىدەك، بەك يۇقىرى ئەمەس ئىدى. شۇ تاپتا مو يىفەننىڭ ئايالىمنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ گولف توپ ئوينىشىنى مەخسۇس زاكاز قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز قاتتىق غەزەپلەندىم. ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئىش بولمىسا، مو يىفەن نېمە ئۈچۈن ئايالىمنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى مەخسۇس تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى شىركەتنىڭ نامىدا...

-ئاندىنچۇ؟

-ۋېن دىرېكتور شىركىتىمىز يېقىندا مو ئەپەندى بىلەن يەنە ھەمكارلىشىدۇ دېگەن، شۇڭا مو ئەپەندىگە ھەمراھ بولۇپ بىردەم توپ ئوينىشىپ بېرىشىمنى ئېيتتى، ئۇ يەنە مو ئەپەندىنىڭ مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ توپ ئويناپ بەرسەملا توختام تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى!-دېدى ئايالىم.

پاھ، پاھ، بۇ ئايالىمنىڭ يۈزى نېمە دېگەن چوڭ! ئالدىنقى قېتىم بىر ئىستاكان چاي ئىچىشىپ بەرگىنىچە 40 مىليون يۈەنلىك توختام ئىمزالىغان، ھازىر يەنە بىر مەيدان گولف توپ ئويناپ، يەنە بىر توختام ئىمزالاپتۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم ئايالىمغا ئوخشاش سودا قىلسا، ما يۈن قانداقمۇ جۇڭگودىكى بىرىنچى باي بولالىسۇن؟ قارىغاندا بۇ شىركەتنى ئايالىم ئۆزى بىر قوللۇق بېقىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟ ھەر قېتىم توختام توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا ئايالىم خېرىدارغا ھەمراھ بولىدىكەن، بۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ كېسىلى بارمۇ؟ نېمىشقا ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى ھەمراھ بولىدىغانغا ئەۋەتمەيدۇ؟! قارىغاندا مەن ھېلىقى ۋېن باش دىرېكتورنىڭ ئايالى بىلەن سۆزلىشىپ باقسام بولغۇدەك، ئۇ ئېرىنى ئوبدان باشقۇرۇپ قويسۇن، بولمىسا ئۇنىڭ ياڭ زىۋېن بىلەن بولغان ئىشىنى ئېرىگە دەپ قويىمەن!

-بىز ئۇ يەرگە بارغاندا سائەت 11دىن ئاشقان ئىدى، ئاۋۋال ئاددىيلا تاماق يېدۇق، مو يىفەن كەچتە مەن بىلەن بىللە بارىدىغان بىر چوڭ زىياپەت بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مەندىمۇ باشقا ئامال يوق، چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن مو يىفەنگە ھەمراھ بولۇپ بىر چۈشتىن كېيىن گولف توپ ئوينىدىم، بۇ مەزگىلدە مو يىفەن ماڭا كۆپ قېتىم كۆڭلىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مەن گەپنى باشقا ياققا بۇراپ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىدىم. چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا بىز شەھەرگە قايتىپ كەلدۇق، مو يىفەن بىزنى باشلاپ جىنشيۇيۈەنگە باردى، ئۇ يەردە بۈگۈن كەچ ناھايىتى چوڭ بىر زىياپەت بار ئىكەن، چۈشتىن كېيىن مو يىفەن دېگىنىنى قىلىپ توختام ئىمزالىغاچقا، مەنمۇ ئۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردىم...

دېمەك فاڭ لىتىڭ بايان قىلغان ئايالىمنىڭ جىنشيۇيۈەننىڭ ئالدىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈش، دەل ئايالىم ئېيتقان ئۇلار گولف توپ مەيدانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈش ئىكەن.

بىز جىنشيۇيۈەندە تاماق يەۋاتقاندا ۋاڭ دىرېكتور تۇيۇقسىز ماڭا ھاراق تۇتتى. مەن ئەسلىدە ئۇنى تونۇمايتتىم، لېكىن ئۇ مو يىفەننىڭ دوستى ئىكەن، مېنىڭمۇ چىشىغا تەگكۈم يوق، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بىر رومكا ئىچتىم. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭجۇغا كۆرۈشكىلى بارىدىغان ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز بىزنىڭ زىياپەتتە پەيدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. مەن كۆرۈشمەكچى بولغان ھېلىقى قىزنىڭ ئىسمى لى خۇڭيىڭ، ئۇمۇ بىزنىڭ بۇ يەرلىك، نەچچە يىلدىن بېرى تۈزۈك ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئىدۇق. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز زىياپەتتە پەيدا بولغانلىقىدىن مەنمۇ سەل ھەيران قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقتىم، لېكىن ھېلىقى ۋاڭ دېرىكتورنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، دەل ۋاڭ دىرېكتور زىياپەتتە مېنىڭ ئىز-دېرىكىمنى بايقىغاچقا، لى خۇڭيىڭ مېنى تاپقان ئىكەن. لى خۇڭيىڭ ماڭا ۋۇ باش دىرېكتور بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى ئېيتتى، يەنە ماڭا بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاداۋەتلىرىمىزنىڭ شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا، شۇڭا مەنمۇ كۆپ ئويلىماي ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردىم، چۈنكى مەنمۇ بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىشىنى، ھەممىمىزگە ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئېرىم سىزنىڭ بۇرۇن زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چوقۇم بەك بىلگىڭىز بار شۇنداقمۇ؟-ئايالىم كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:118-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章