پەن جىڭجىڭنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى بىر سىرلىق قىسقا ئۇچۇر قالايمىقان قىلىۋەتتى.
بۇ بىر ئىللىق باھار كۈنلىرىنىڭ ئادەتتىكى يەكشەنبىسى ئىدى، تاڭ سەھەردە پەن جىڭجىڭ ناشتىلىق تەييارلاپ ئېرىنى ئىشقا ماڭدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن قىزى دەن دەننى ئويغاتقىلى ھۇجرىسىغا كىردى.يۇمىلاق يۈزلۈك دەن دەن ئوماق قونچاقلىرىنى كارىۋىتىغا رەتلىك تىزىپ، ئۆزى ئەڭ ئامراق ئېيىقچىقىنى قۇچاقلاپ تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. بۇ ئېيىقچاق بولسا دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى بولۇپ، دەن دەن بۇ قونچاققا ناھايىتى ئامراق ئىدى.پەن جىڭجىڭ قىزىنىڭ يۈزىگە يېنىككىنە سۆيۈپ قويدى. دەن دەن بىر ئۆرۈلۈپ يەنە ئۇخلاۋەردى. پەن جىڭجىڭ قىزىنى يەنە ئورنىدىن تۇرۇشقا چاقىردى. دەن دەن بۇ ۋاقىتتا كۆزلىرىنى ئاستا ئۇۋىلاپ، ناھايىتى تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى.دەن دەن يۈزىنى يۇيۇپ، ناشتىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پەن جىڭجىڭ قىزىل رەڭلىك «نىسسان» ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىزىنى پىئانىنو دەرىسىگە ئېلىپ ماڭدى. تۆت ياشتىن ئاشقان دەن دەن پىئانىنو ئۆگىنىشنى ئەمدىلا باشلىغان بولۇپ، بۇ مەزگىل دەل ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشكە مۇھتاج ۋاقتى ئىدى.- دەن دەن سىز پىئانىنو چېلىشنى ياخشى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك جۇمۇ، جاڭ مۇئەللىم سىزنى بارماقلىرى پىئانىنو چېلىشقا بەك ماس كېلىدىكەن، كەلگۈسىدە ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ، دەيدۇ. سىزنىڭمۇ خۇددى قورۇيىمىزدىكى ئىسكىرىپكا چالىدىغان ئاچاشقا ئوخشاش سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلىغىڭىز بارمۇ؟دەن دەنگە نىسبەتەن، مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ بەكرەك قايىل قىلىش كۈچى بار ئىدى. قورۇدا بىر ناخشا - ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ ئىسكىرىپكىچىسى بار بولۇپ، دائىم تېلېۋىزوردا نەپىس كىيىملەرنى كىيىپ ئىسكىرىپكا چالاتتى.- بار، - دېدى دەن دەن ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ پەرۋاسىز ھالەتتە.- ھە راسىت، پىئانىنونى ياخشى چالسىڭىز دادىڭىز سىزنى كېلەر ھەپتە ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىپ ئوينىتىدىغان بولدى، باغچىدا مايمۇن، مۈشۈكئېيىق، يولۋاس دېگەندەك جىق ھايۋانلار بار جۇمۇ!دەن دەن بۇرۇلۇپ ئاپىسىغا قارىدى، قارىغاندا بۇ گەپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەلگىلىك رول ئوينىغاندەك قىلاتتى. پەن جىڭجىڭ بولسا ئائىلە ئايالى ئىدى. يولدىشىنىڭ شىركىتى كۆلىمى بەك چوڭمۇ ئەمەس ھەم بەك كىچىكمۇ ئەمەس، ئوتتۇراھال شىركەت بولۇپ، ئاللىقاچان نورمال ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەسلىدە پەن جىڭجىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، كېيىن ئىككى قېتىم ھامىلىدار بولغاندا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن. بىر قېتىمدا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان ئىدى. شۇڭا دەن دەنگە ھامىلىدار بولغاندا، ئۇ ئامالسىز ئۆيدە كۈتۈنىشنى تاللىدى. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، پەن جىڭ جىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك زېھنىنى بۇ يۇمران ئوماق قىزىغا سەرپ قىلدى. بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىشتىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئائىلىدىكى ياشانغانلارمۇ كېلىپ نەۋرىسىنى بېقىپ بېرەلمىگەچكە، ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىپ پەن جىڭجىڭ ئۆيدە بالا باقىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلە ئايالىلىق تۇرمۇشى رەسمىي باشلاندى.ئېرى جيەن نەن بولسا پەن جىڭجىڭنىڭ مەكتەپدىشى. ئەينى چاغدا ئۇلار مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمىگەن، پەقەت مەكتەپتىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيەتلىرىدە دائىم بىللە بولغاچقا، بىر - بىرىگە ئازراق مېھرى چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇلار ئوخشاش بىر شەھەردە بولۇپ، مەلۇم بىر قېتىملىق پائالىيەتتە قايتا ئۇچرىشىپ قالدى. پائالىيەتتە ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئەھۋاللار توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلاشتى. كىم بىلسۇن، ئۇلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئىشلىرى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن: ئىككىلىسى ئالىي مەكتەپتە مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. جيەن نەننىڭ قىز دوستى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، ئۇ يەردە باشقا بىرسىنى تېپىۋاپتۇ. پەن جىڭجىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ قوش كېمىگە تەڭ دەسسىگەنلىكىنى بايقاپ قاپتۇ. كونىلاردا «بىر - بىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش» دېگەن گەپ بار. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئىككەيلەن ناھايىتى تېزلا يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ سىرداشتىن ئاشىق - مەشۇققا ئايلىنىشىغا ئۈزۈن ۋاقىت كەتمىدى. چۈنكى، ئۇلار ناھايىتى تېزلا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ھەقىقىي ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى.- جىڭجىڭ، مەن نېمىشقا ئالىي مەكتەپتە سىزنىڭ بۇنداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، بۇنچە ئەقىللىق، ئوماق ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىمىغاندىمەن؟ئىككىيلەن خۇەنچېڭ باغچىسىنىڭ ئېقىنى بويىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى، جيەن نەن ئوڭ قولىدا پەن جىڭجىڭنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، مېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى.- ئۇ چاغدا سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە پەقەت سۇڭ ۋېيلىلا بار ئىدى، بىزدەك ئادەتتىكى قىزلار قانداقمۇ كۆزىڭىزگە كۆرۈنەتتۇق؟ــ پەن جىڭجىڭ گۈزەل باۋخې دەرياسىدىكى ساياھەت كېمىسىگە ۋە ئانچە يىراق بولمىغان فۇجۇاڭدىكى ئاشۇ قەدىمىي پۇراققا ئىگە قارا تام، شىپاڭ، راۋاقلارغا قارىغىنىچە، ئۇنىڭغا قەستەن شۇنداق دېدى. سۇڭ ۋېيلى بولسا دەل چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن باشقا بىرىنى تېپىۋالغان جىيەن نەننىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئىدى.- ھەي، قەھرىمانلار ئەزەلدىن كېچىكىپ ئۇچرىشىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ بۇنداق ماس كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن بولسام، مەن يەنە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى قوغلىشىپ نېمە قىلاتتىم؟ جيەن نەن سۆزلىگەچ سول قولى بىلەن پەن جىڭجىڭنىڭ مۈرىسىنى تۇتتى.- بۇ ياخشى ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلىق بولىدۇ، - دېدى پەن جىڭجىڭ پەس ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ. پەن جىڭجىڭنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، جيەن نەن تاقەتسىزلىك ئىلىكىدە ئۇنى قىزغىن سۆيۈپ ئاغزىنى توسۇپ قويدى. ئۇنىڭ سۆيۈشى قىزغىن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭقۇر بولغاچقا، پەن جىڭجىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. باغچىدەك بۇنداق ئاممىۋى سورۇندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتىن كېيىن باغچىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا، پەن جىڭجىڭ ناھايىتى خىجىل بولدى. ئۇجيەن نەننى ئىتتىرىۋەتتى، لېكىن ھەممە بىھۇدە ئىدى. پەن جىڭجىڭ جيەن نەننىڭ سۆيۈشىدىن نەپەس ئالالمايلا قالدى، تەخمىنەن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، جيەن نەن ئاستا ـ ئاستا پەن جىڭجىڭنى قويۇپ بەردى.-سىز... - دېدى پەن جىڭجىڭ خىجىل بولغان ھالدا.-مانا بۇ قايناق ھېسسىيات، قايناق ھېسسىيات كەلسە توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى.شۇنداق قىلىپ، ئىككىسى ناھايىتى تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدى.-ئاپا، قىزىل چىراغ! - دېدى دەن دەن ۋارقىراپ. شەھەر مەركىزىگە ئاز قالغان يول ئېغىزىدا قىزىل چىراغلار چاقناپ تۇراتتى.پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، دەن دەن بىلەن مۇئەللىم پىئانىنو مەشىق قىلدى. پەن جىڭجىڭ يېنىدا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز يانفونىنىڭ قىسقا ئۇچۇر كەلگەنلىك ئاۋازى سايراپ كەتتى، بۇ بىر ناتونۇش نۇمۇردىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى. «بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە، سەنشياۋكۇ ئەتراپىدىكى XX قەھۋەخانىغا بېرىپ، قارشى تەرەپتىكى مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا بىر مەيدان ئېسىل ئويۇننى كۆرۈڭ» دېيىلگەنىدى ئۇچۇردا.«بۇ نېمە دېگىنىدۇ؟» پەن جىڭجىڭ ھەيرانلىق ھېس قىلدى ۋە ئارقىدىنلا چوقۇم بىرەرسى خاتا يوللاپ قويغان ئۇچۇر دەپ ئويلىدى. چۈنكى، يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ خاتا تېلېفون ئۇرۇپ، خاتا ئۇچۇر يوللاپ سالىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشقا ئايلانغانىدى ھەم پەن جىڭجىڭمۇ تېلېفوننى كېچە - كۈندۈز ئوچۇق قويۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم يېرىم كېچىدە غەلىتە تېلېفونلارمۇ كەلگەنىدى. بىر كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى ئەمدىلا ئېلىشىغا، بىر ئايالنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ خېفېينىڭ يەرلىك تەلەپپۇزى ئىدى. ئۇ چوقۇم قايسى بىر ئايالنىڭ ئېرىگە ئاچچىقلاپ تېلېفون ئۇرغانلىقىنى ئويلاپ، دەرھال تېلېفوننى ئېتىۋەتتى. بۇ قىسقا ئۇچۇرمۇ، شۈبھىسىزكى، مۇشۇنداق خاتا يوللىنىپ قالغان ئۇچۇر دەپ ئويلىدى ئۇ. پەن جىڭجىڭ يان تېلېفونىنى سومكىسىغا سېلىپ قويۇپ، قىزىنىڭ پىئانىنو چېلىشىنى داۋاملىق كۆردى. ئۇلار پىئانىنونى مەشىق قىلىپ بولۇپ مۇئەللىم تۇرىدىغان ئولتۇراق رايوندىن چىقىۋاتقاندا، پەن جىڭجىڭنىڭ يان تېلېفونى يەنە سايراپ كەتتى. يەنىلا بايىقى نومۇر، يەنىلا بايىقى ئۇچۇر. بىراق، بۇ قېتىمقى ئۇچۇرنىڭ كەينىگە: «بۇ ئويۇن سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك!» دەپ قوشۇپ قۇيۇلغان ئىدى.- ئەجەبمۇ بىر! بۇ خاتا ئۇچۇرنى ماڭا يوللاۋەردىغۇ! - دېدى ئۇ كۆڭلىدە. قارىغاندا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى ئۇ ھەم ئالدىراپ-تېنەپ: «ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويۇپسىز» دەپ يېزىپ، ئاندىن يوللاش كۇنۇپكىسىنى باستى. ئاندىن ماشىنىغا چىقىپ قىزىغا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاشنى تاپىلاپ، ماي كىلاپانىنى دەسسىدى - دە، يۈرۈپ كەتتى. ماشىنا تەخمىنەن ئىككى يۈز مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن، يانفون قىسقا ئۇچۇر سىگنالى يەنە سايراپ كەتتى. بۇ قېتىم ئۇ قىسقا ئۇچۇرنى كۆرمىدى. كۆڭلىدە «ئۆيگە بارغاندىن كېيىن كۆرسەممۇ كېچىكمەيمەن» دەپ ئويلىدى. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، سومكىسىنى قويۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ بايىقى ئۇچۇرنى كۆردى: «سىز پەن جىڭجىڭ خانىممۇ؟ بۇ ئۇچۇرنى سىزگە ئەۋەتكەن، خاتا ئەمەس» دېيىلگەنىدى. پەن جىڭجىڭ ئالدىدا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى تېپىپ، ھېلىقى سۆزلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدى: «قەھۋەخانا... مېھمانخانا... ئېسىل ئويۇن... سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك... بۇ ئادەم زادى نېمە دېمەكچىدۇ؟» داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار