نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان چىرايلىق خوتۇنغا ئېرىشىپ قالىدىغان ئىش بار؟

文摘   2024-11-03 20:00   新疆  

لى خۇي ئاسمانغا قاراپ ئۇھسىنىپ قويغىنىچە ماي كىلاپانىنى دەسسىدى. موتور غۇڭۇلداپ، چاق پىرقىرىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ماشىنا جايىدا قاققان قوزۇقتەك جىم تۇراتتى. لى خۇي يېڭىلا سېتىۋالغان ماشىنىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ئويلاپ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالدى. ئۇ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن ماشىنىنىڭ كەينىدە بىر ئۇزۇن ئاق چاچلىق بوۋاينىڭ تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر بارمىقى بىلەن ماشىنىنىڭ ئارقا قاپقىقىنى بېسىۋالغانلىقىنى، بۇ بارماقتا خۇددى نەچچە ئون مىڭ پاتمان كۈچ باردەك، ماتورنىڭ ئات كۈچىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىپ، ئۇنىڭ ماشىنىسىنى مىدىرلاتقىلى قويمىغانلىقىنى كۆردى-دە، ھەيران بولغان ھالدا كۆزلىرىنى ئۇۋىلىۋەتكەندىن كېيىن قايتا قارىدى.

خاتالىشىپ قالمىغاندۇ-ھە؟ بىر بوۋاينىڭ مۇشۇنداق كارامىتى بارمۇ؟ بۇ بوۋاي زادى كىمدۇ؟ ئادەممۇ ياكى...

لى خۇي ماشىنىنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن پەسكە چۈشتى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىۋىدى، كەچكى شەپەق تېخى تولۇق يوقىمىغان بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك نۇر ھەممە يەرگە چېچىلىپ تۇراتتى. ئەگەر بۇ بوۋاي راستتىنلا ئىنسان ئەمەس باشقا نەرسە بولسا، ئېنىقلا بۇنداق نۇردا كۈل بولۇپ كەتكەن بولاتتى.

-پېقىرنىڭ نام شەرىپى تارىخ بولۇرمەن، مەخسۇس زېمىننىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇلدۇرمەن، ئەينى يىلى سۇن ۋۇكۇڭ جېدەل چىقارغاندىمۇ دەل پېقىر ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكىلى بارغان!-دېدى بوۋاي لى خۇيگە قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ. چىرايىدىن قارىماققا خېلى تۈزۈك ئادەمدەك كۆرۈنەتتى.

لى خۇي ئۇنىڭغا قاراپ قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە:

-نېمە بولساڭ بولمامسەن، تارتە قولۇڭنى!-دېدى.

بوۋاي قولىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، لى خۇي بېشىنى ماشىنىنىڭ ئارقا قاپقىقىغا يېقىنلاشتۇردى-دە، ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى ناھايىتى ئېنىق بارماق ئىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-ھەببەللى قېرى، بارماق ئىزىڭمۇ بۇ يەردە، ئەگەر سەن بىرەر ئالدامچى ياكى گوللامچى بولساڭ، بۇ بارماق ئىزى سېنى تۇتىدىغان مۇھىم يىپ ئۇچى بولىدۇ!-دېدى. بىراق بوۋاي ئۇنىڭ گەپلىرىگە پىسەنت قىلمىغان ھالدا:

-بۇ قېتىم پەلەك ئوردىسى مېنى مەخسۇس سەن بىلەن بىر ئىشنى سۆھبەتلەشكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتتى!-دېدى.

-مەن سۈن مايمۇنما؟-دېدى لى خۇي.

-ياق!

-ئەمسە باغچىغا بېرىپ مايمۇنىڭنى ئىزدىمەمسە، ئاداش؟! ئىششەك ئىشىم با مېنىڭ قىلىدىغان! ماڭ، ماڭ، ماڭە، سېنىڭ قۇرۇق گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق مېنىڭ!-لى خۇي شۇنداق دەپ بوۋاينى قوپاللىق بىلەن سىلكىۋەتتى. قانداقلا بولمىسۇن ھازىر ئالدامچىلارنىڭ ھىيلىسى بەك كۆپ، بەزىلىرى مۇكاپات چىقتى دەپ قويىدۇ، بەزىلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەشۋىقات ۋارىقى دەپ يۈرۈپ قويىدۇ، يەنە بەزىلىرى پوسۇلكاڭدا مەسىلە باركەن دەپ قويىدۇ، مانا ئەمدى تەرەققىي قىلىپ ھەتتا تارىخ بوۋاينىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئادەم قويۇشتىنمۇ يانمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. لى خۇي ئاچچىقلانغان ھالدا ماشىنىسىغا قايتىدىن چىقماقچى بولۇۋىدى، تۇيۇقسىز ياندىن بىرىنىڭ غىل-پاللا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدى، ئارقىدىنلا بىر قەدىمىي كىيىملىك ساھىبجامال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى.

بۇ قەدىمىي كىيىملىك ساھىبجامال تەخمىنەن 17-18 ياشلاردا بولۇپ، ئۇچىسىغا قېنىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن، كىيىمىنىڭ پېشى ناھايىتى ئۇزۇن، ئۈچ بۇلۇڭ ھاسىل قىلغان، بېلىگە چوڭ بەلباغ باغلىۋالغان، بۇ كىيىم ئۇنىڭ بەدىنىگە شۇنچىلىك چىڭ كەلگەن بولۇپ، گۈزەل ھەم زىلۋا بەدىنىنى ئەينەن نامايان قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ كىيىمنىڭ ياقىسى بەكلا ئويمان بولۇپ، بىر جۈپ ئاپئاق چوڭ «ھورنان»نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق ئەينەن نامايەن بولغان، ئۇنىڭ ئىنچىكە ھەم ئاپئاق بوينىغا قوشۇلۇپ، لى خۇينى بەكلا مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇ دىققەت قىلغان ئىشلار پەقەت بۇلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بۇ كىيىمنىڭ رەختى ئېنىقلا ماشىنىدا توقۇلغان ئەمەس، بەلكى قولدا توقۇلغان ساپ رەخت ئىدى. بۇ خىل رەختنىڭ سىزىقلىرى توم ھەم تەكشى، پۈرلەشمەيدۇ. بۇ خىل قولدا توقۇلغان رەخت قارىماققا بەك مەتۇ كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قىممەتلىكىدىن ئادەمنى ئوڭدىسىغا چۈشۈرۈۋېتەلەيتتى.

-جانابلىرى، ئالدىرىماي تۇرسىلا!-دېدى قەدىمكى كىيىملىك ساھىبجامال نېمىشقىدۇر يىغلايدىغاندەك قىياپەتتە لى خۈينىڭ ئالدىنى توسۇپ ۋە ئارقىدىنلا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. كۆزلىرىدىن بىر خىل قايغۇ-ھەسرەت ئىپادىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، لى خۇيگە خۇددى ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن بولغان قېرىندىشىنى قايتا ئۇچراتقان نەزەردە قارىغىنىچە يىغلاپ تۇرۇپ:

-مۆتىۋەر بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كەتسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز!-دېدى.

پاھ، ھازىرقى ئالدامچىلارنىڭ ھەقىقەتەن سەۋىيەسى ئۆسۈپ كېتىپتۇ، ئايال ئالدامچىلار مۇشۇنداق قىممەت باھالىق قولدا توقۇلغان رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ، چىرايلىق ياسىنىشتىن باشقا يەنە، سەھنە سۆزىگىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن دېسە! مۆتىۋەر بوۋاي دەپ كەتكەنلىرىنى تېخى، ئادەتتىكى ئالدامچىلار ھەرگىزمۇ بۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتەلمەيتتى. لى خۇي بۇ ئىككىسىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، گېپىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن بولسىمۇ:

-گەپ بولسا تېز دەڭلار!-دېدى.

ئۆزىنى تارىخ دەپ ئاتىۋالغان بوۋاي بېشىنى چايقاپ قويغاندىن كېيىن:

-بۇ گۈزەل قىز بۇرۇنقى ئايالىڭ بولىدۇ، بىراق سەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇ بەك ئازابلىنىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن يورۇن سۇلتاننىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئۇنىڭ سېنى ئىزدەپ كېلىشىگە ئالاھىدە رۇخسەت قىلدى. سىلەر يەنە بىر قېتىم ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار!-دېدى.

-نېمە؟ بۇ چىرايلىق قىز راستتىنلا مېنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنۇممۇ؟-لى خۇي دەسلەپ ئۆزىنىڭ خاتا ئاڭلاپ قالغانلىقىدىن گۇمان قىلدى، بىراق ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باققاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا چۈشەندى.

بۇ دائىم كۆرۈلىدىغان تىپىك توي ئالدامچىلىقى بولۇپ، بىر گۈزەل قىز سەن بىلەن توي قىلىمەن، دەپ كېلىپ بارچە سۈيىنى چىقىرىپ ئۆزىدىن ئايرىلالماس قىلىپ قويغاندىن كېيىن، «ئاتا-ئانامنىڭ مېنى بېقىپ چوڭ قىلىپ بەرگىنىگە ئوبدان رازى قىلمىسىلا بولماس؟» دەپ يۈرۈپ 200 مىڭ يۈەن تويلۇقنى سېلىپ، پۇلنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن كىشىلەر ئارىسىدا پارغا ئايلانغاندەك يوقاپ كېتىدىغان ئىنتايىن نومۇسسىز قىلمىش ئىدى. لى خۇي بۇ ئىككىيلەنگە چەكچىيىپ قارىغىنىچە:

-ئۇنداقتا ئۇ كىم؟ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا مەن كىم ئىدىم؟-دېدى.

-ئۇنىڭ ئىسمى مېڭ جياڭنۈ، سېنىڭ بۇرۇنقى ئىسمىڭ فەن چىلياڭ ئىدى!-دېدى بوۋاي ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا.

-ھى ھى ھى...مېڭ جياڭنۈ؟ خېلى داڭلىق خوتۇن ئىكەنغۇ!-لى خۇي ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى.

«ھازىرقى ئالدامچىلار نېمە دېگەن قېلىنلىشىپ كەتكەن-ھە! ھەتتا مېڭ جياڭنۈنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىشقىمۇ پېتىنىپتۇ، ئەتە يەنە شى شى، دياۋ چەن، ۋۇ زېتيەنلەرنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغانلارمۇ چىقامدۇ نېمە؟» ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن:

-ياخشىغۇ، مېڭ جياڭنۈ دېگىن، ھېلىقى يىغلاپ يۈرۈپ سېپىلنى ئۆرۈۋەتكەن ئايال شۇغۇ، ئەمسە ئۇ بەك يىغلىيالايدىغاندۇ، قېنى بىر كۆرۈپ باقمامدۇق؟-دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان تارىخ بوۋاينىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆڭۈپ كەتتى:

-ئۇنى ھەرگىز يىغلاتما، ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار، ئۈن سېلىپ يىغلىسا ھەتتا سېپىلمۇ 800 چاقىرىم يىراقلىققا غۇلاپ چۈشىدۇ، پەلەك ئوردىسىمۇ ئۇنىڭ يىغىسىدىن گۈمۈرۈلۈپ چۈشكىلى تاس قالدى، ھەتتا يورۇن سۇلتانمۇ ئۇنى ئۆزى بەزلەشكە مەجبۇر بولدى. بولمىسا نەدىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ زامان-ماكاندىن ھالقىپ بەختىنى ئىزدەيدىغان سالاھىيىتى بولسۇن؟ سەن سولتەك بىر قاچا غەم خالاس شورپىسىنى ئىچىۋېلىپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىڭ بىلەن، بۇ ئايالنىڭ سېنى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق!-دېدى.

-قۇرۇق گەپ، مەن غەم خالاس شورپىسىنىڭ قانداق تەمدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن!-دېدى لى خۇي، ئاندىن قەدىمكى كىيىملىك ساھىبجامالغا قاراپ:

-راست مېڭ جياڭنۈ بولسىڭىز ئاۋۇ تەرەپتىكى توپا تاغنى كۆردىڭىزمۇ؟ يىغلاپ شۇنى بىر ئۆرۈۋېتىپ بېقىڭە! بۇنى ئۆرۈش سېپىلنى ئۆرىگەنگە قارىغاندا ئاساندۇ؟ ئەگەر بۇنى قىلالمىسىڭىز تولا ماڭا يېپىشىۋالماڭ!-دېدى ھەم قولىنى سىلكىپ كەتمەكچى بولدى.

بۇ گەپ ئېغىزدىن چىقىشى بىلەنلا، ئىشلار ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان يۆنىلىشكە تەرەققىي قىلدى. قەدىمكى كىيىملىك ساھىبجامال ھاڭۋىقىپلا قالدى، ئەسلىدىلا پەرىشان بولۇپ يىغا چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىنى تېخىمۇ ئېچىنىش قاپلاپ:

-بېگىم، دەرۋەقە غەم خالاس شورپىسىنى ئىچىپلا مېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىپتىلا! بىر ئۆمۈر ياشاپ، ھەتتا كۆڭلۈمدىكى ئادەممۇ مېنى تونىيالمىسا بۇنداق ياشىغىنىمنىڭ نېمە مەنىسى؟-دېگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

لى خۇي ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولغان ئىدى، بىراق ئۇنىڭ يېنىدىكى بوۋاينىڭ چىرايى ھەش-پەش دېگۈچە تاتىرىپ كەتتى:

-چاتاق بولدى، چاتاق بولدى، مېڭ جياڭنۈ يەنە يىغلاشقا باشلىدى! لى خۇي، تېز، تېز 119غا تېلېفون قىل، ئۇلارنى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرىغىن!-بوۋاي بۇ گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئالتۇن رەڭلىك نۇرغا ئايلانغىنىچە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، «فىشىت!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بۇلۇت قاتلىمىغا ئۇچۇپ كىرىپ كەتتى.

داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 


باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章