باياتىنقى ئىككى ئەبلەخ ماڭا بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىپ...!

文摘   2024-11-04 20:03   新疆  

-بۇنداق ئادەمنى ئازراقمۇ قورقۇتالمايدىغان ۋەھىمىلىك ئۆينى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم.

-يالغانلىقى چىقىپلا تۇرمامدۇ، بىر چۆرگىلەپ قورقۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەمەن دېسەم، نەدىكى بىر قاملاشمىغان.
-بۇ يەرگە كېلىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇچە ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرسەم بولماسمىدى.
خەنجياڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى ۋەھىمىلىك ئۆي ئالدىدا، بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتنى مىنگىنىچە زارلىنىپ كېتىۋاتاتتى، بۇ ھالەتكە قاراپ ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى كۆتۈرۋالغان چېن گېنىڭ روھى يەنە چۈشۈپ كەتتى. باشقىلارنى قورقۇتۇش تېخنىكىلىق ئىش، لېكىن ھازىرقى زاماننىڭ كىشىلىرى ھەر خىل قورقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرۈپ پىشىپ كەتكەچكە، ئۇلار ۋەھىمىلىك ئۆيگە خۇددى ئۆز ھويلىسىغا كىرگەندەك ئەركىن كىرەتتى.
-خوجايىن! چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىغان چېن گې ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى، سېسترا كىيىمىنى كىيىۋالغان، ئورۇق «ئالۋاستى» قىزچاق ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
-شياۋۋەن، نېمىش بولدى؟ دەپ سورىدى چېن گې، قىزچاقنىڭ ئىسمى شۈ ۋەن بولۇپ، ئۇ ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ ۋاقىتلىق ئارتىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
-باياتىنقى ئىككى ئەبلەخ ماڭا بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىپ...!
شياۋۋەن ئاچچىقىدا چىرايى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
-بۇ ئۇلارنىڭ نېمە قىلغىنى، «ئالۋاستى»دىن قورقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن يەنە بوزەك قىلغان ئىش نەدە بار؟ مەن باشقۇرغۇچىلارغا ئېيتىپ تازا ئەدىپىنى بېرەي ئۇلارنىڭ.
چېن گې ئەلۋەتتە خوجايىن بولۇش سۈپىتى بىلەن شياۋۋەنگە بولۇشۇپ گەپ قىلىدۇ.
-بولدى ئاۋارە بولماڭ، مەن ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ ئۇلارنى تازا دۇمبالىدىم، قاراڭ كۆينىكىمدىكى ماۋۇ قان ئىزى گىرىمدىن قالغان ئىز ئەمەس جۇمۇ،-شۈ ۋەن كۆينىكىنىڭ بۇرجىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرەپ چېن گېغا قاراپ تۇراتتى. چېن گې پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈۋېتىپ:
-ياخشى قىلىپسىز، قىز بالا دېگەن ئۆزىنى قوغداشنى بىلىش كېرەك، بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، مەنچە ئەمدى ئادەممۇ كەلمەيدۇ، باشقىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ، سىلەرمۇ بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈڭلار،- دېدى، ئۇ گېپىنى دەپ بولغاندىن كېيىنمۇ، قىز ئورنىدا مىدىرلىماي تۇراتتى.
چېن گې:-يەنە بىرەر ئىش بارمۇ؟- دېدى ئۇنىڭغا قاراپ، شۈ ۋەن دۇدۇقلىغىنىچە يانچۇقىدىن خەت سېلىنغان لىپاپىنى چىقىرىپ تۇرۇپ:-خوجايىن، بۇ تاۋ مىڭ بىلەن شياۋۋېينىڭ ئىستىپانامىسى، سىز ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغاچقا، ئۇلار يۈز تۇرانە دېيىشتىن خىجىل بولۇپ، ئىستىپانامىسىنى مەندىن ئەۋەتتى.
چېن گې چۆچۈگىنىچە:-ئۇلار كېتەمدىكەن؟ مەيلى، ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغىنى باردۇر، سىزمۇ بۇرۇنراق ئىشتىن چۈشۈڭ،-دەپ قويۇپ كەتتى. شۈ ۋەن كېتىشىگە چېن گې تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ بۇرۇنقى كۈنلىرىنى ئەسلەشكە كىرىشىپ كەتتى.
يېرىم يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىز دېرەكسىز غايىب بولدى، ئۇنىڭغا پەقەت بۇ ۋەھىمىلىك ئۆي مىراس قالغان ئىدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن چېن گې خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، پۈتۈن كۈچىنى ۋەھىمىلىك ئۆينى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراتقان ئىدى، لېكىن جاھاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ سودىسى كۈندىن-كۈنگە كاساتلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئادەم بىر ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم ئوينىغۇسى كەلمەيتتى، كۆرۈنۈشنى توختىماي يېڭىلاش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ كېتەتتى، لېكىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ كىرىمى چىقىمىنى قامدىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى، بىر كۈنلۈك بېلەت پۇلى ئۆينىڭ سۇ، توك پۇلىغىمۇ يەتمەيۋاتاتتى، چېن گې زادى قاچانلارغىچە بەرداشلىق بېرەلەرمەن دېگەنلەرنى ئويلىغىنىچە تاماكىسىنى چوڭقۇر شوراپ ئولتۇراتتى، تاماكىسىنى چېكىپ بولۇپ ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ ئالدىدا ئامانلىق ساقلاش كىيىمى كىيگەن بىرەيلەن پەيدا بولدى، ئۇنى كۆرۈپ چېن گې مۈشۈكنى كۆرگەن چاشقاندەك قەدەملىرىنى تېزلىتىشكە باشلىدى.
-كۆرمەسكە سېلىپ قاچماقچىمۇ؟- دېدى ئوتتۇرا ياشلىق ئامانلىق ساقلاش كىيىمى كىيىۋالغان ئەر چېن گېنىڭ دولىسىنى تۇتقىنىچە:
-بۈگۈن گەپنى ئېنىق قىلغىن، سۇ توك، ئىجارە پۇلىنى بەرمىگىنىڭگە ئىككى ئاي بولدى، مېنى باشلىقلار سۈيلەپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بېسىمىممۇ ئېغىر- دېگىنىچە چېن گېغا قاراپ تۇراتتى.
چېن گې:-شۈ تاغا، مېنىڭ بەرگۈم يوق ئەمەس، يېقىندا قولۇم قىسقا بولۇپ قالدى، يەنە بىر ئاي ۋاقىت بەرگەن بولسىڭىز،- دېدى خىجىلچىلىقتا.
-ئۆتكەن ئايدىمۇ شۇنداق دېگەن ئىدىڭ.
-سىزگە كاپالەت بېرەي، بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاي،- چېن گې مەيدىسىگە ئۇرۇپ ۋەدە بەردى.
-ۋەھىمىلىك ئۆي ھازىر مودىدىن قالدى، باشقىلار قىزىقمايدۇ، بولدى قىلغىن دېسەم ئۇنىمىدىڭ، سەن ياش تۇرساڭ باشقا نېمە ئىش قىلساڭ ياخشى قىلالايسەن، ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشقا ئۆزۈڭنى نېمانچە چارچىتىدىغانسەن؟- دېدى شۈ تاغا. چېن گې:
-شۈ تاغا، بىلىمەن، مەن ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىسىز، لېكىن بۇ ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ ماڭا بولغان مەنىسى ئوخشىمايدۇ، بۇ ئىشنى قىلىشىم بەلكىم ئاتا-ئانامغا بولغان سېغىنىشىم ئۈچۈندۇر،- دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئۇچقۇنلىرى ئەگىگەن ئىدى، چېن گېنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئىشىنى شۈ تاغا ئوبدان بىلەتتى، ئۇ يەنە ئارتۇق گەپ قىلمىدى، بىر نەچچە دەقىقە ئۆتكەندىن كېيىن:
-مەن سېنى چۈشىنىمەن، بوپتۇ، ساڭا يەنە بىر نەچچە ھەپتە مۆھلەت بېرەي،- دەپ چېن گېنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويدى. چېن گې كەينى-كەينىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ شۈ تاغىنى ئۇزۇتۇپ قويدى، ئۇزۇتۇپ قويۇپلا ۋەھىمىلىك ئۆيگە كىرىپ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى، ئۇ ھەر كۈنلۈكى جابدۇق-ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرەتتى، تازىلىق قىلاتتى.
-جابدۇق ئۆيىدىكى سۈنئىي قان تۈگەپ قاپتۇ، يەنە سېتىۋالسام بولغۇدەك؛ بۇ يولنى سەل ئەگرى ھالەتتە قويسام، بەلكىم خېرىدارلارنىڭ بەكرەك قىزىقىشىنى قوزغىيالىشى مۇمكىن؛ قونچاقلارنى كىشىلەر سىيلاۋېرىپ يىرتىلىپ كېتىپتۇ ياماپ قويسام بولغۇدەك؛ بۇ يەرنىڭ چىرىغىنى كىم ئوغرىلاپ كەتكەندۇ...-باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ خوجايىنى، ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئىرادىلىك ياش، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇلغان ئازابلارنى پەقەت ئۇ ئۆزى بىلەتتى.
ۋەھىمىلىك ئۆيدە ئويناش ئەمەلىيەتتە قورقۇنچنى پۇلغا سېتىۋېلىش بولۇپ، قورقۇنچلۇق مۇھىتتا ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرى ۋە روھى زىيادە جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، بۇ خىل جىددىيلىشىش يوقىغاندىن كېيىن ئادەمدە بەدىنىنى ئۇۋۇلىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بۇنداق قىسقا ۋاقىتلىق تۇيغۇ ئادەمدە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋەھىمىلىك ئۆيدە ئويناپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەھىمىلىك ئۆي بىر قېتىملىق ئىستېمال، بازارلاردىكى نۇرغۇنلىغان ۋەھىمىلىك ئۆيلەر يۆتكىلىشچان ھالەتتە خېرىدار جەلپ قىلغاچقا، چېن گېنىڭكىدەك مەلۇم جايغا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەھىمىلىك ئۆينىڭ سودىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ بۇنچە ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلىشىمۇ ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى.
چېن گې يىرتىلىپ كەتكەن قونچاقلارنى ئېلىپ جابدۇق ئۆيىگە كىردى، ئۇ ئالىي مەكتەپتە دەل ئويۇنچۇق لايىھەلەش ۋە ياساش كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ۋەھىمىلىك ئۆيدىكى كۆپ قىسىم ئويۇنچۇق، ھەيكەللەرنى ئۇ ئۆزى لايىھەلىگەن ئىدى، قونچاقنى ياماش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ، قونچاقنىڭ سىرتقى رەختىنى ياماپ، قايتىدىن رەڭ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. چېن گې:
-يەنە ئازراق سۈنئىي قان كەملەپ قالدى، بالىخانىدا ئازراق سۈنئىي قان تۇراتتى،- دېگىنىچە سىرتقا ماڭدى، ۋەھىمىلىك ئۆي جەمئىي ئۈچ قەۋەت بولۇپ، بىرىنچى، ئىككىنچى قەۋەت قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى پەيدا قىلىشقا ئىشلىتىلگەن، ئۈچىنچى قەۋەت بولسا ئامبار قىلىنغان ئىدى، توپا بېسىپ كەتكەن بالىخانا ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى، بۇ نەرسىلەرنىڭ كۆپ قىسمى دەل چېن گېنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نەرسىسى بولغاچقا، يالغۇزلۇق تارتىپ ئازابلىنىشتىن قورقۇپ، ئۇ بالىخانىغا بەك چىقىپ كەتمەيتتى، بۇ قېتىم تونۇش نەرسىلەرگە قاراپ چېن گې بالىلىقىنى ئەسلەپ قالدى. داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章