بۇ ئادەملەر سىزگە يامان نىيەتتە بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ

文摘   2024-11-05 20:03   新疆  
بىر ماشىنا تاغلىق يولىدىن چىقىپ تۇيۇقسىز يول بويىدا توختىدى.
-ئاپا، بۇ يەر بەكلا چەت خىلۋەت ئىكەن، قارا نىيەتلەر ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىمىز؟  
ماشىنا ئىچىدىن بىر بالىنىڭ گۆدەكلەرچە ئاۋازى ئاڭلاندى.-ئەلۋەتتە ئۆزۈڭ تاقابىل تۇرىسەن-دە، مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشقىمۇ ئاپاڭنى ئاۋارە قىلامسەن!
لىڭ چۇچۇ ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن دەرھال سومكىنى چىقىرىپ پۇلنى ساناشقا باشلىدى. چەتئەلدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۇ نۇرغۇن جاپا تارتقان بولۇپ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالاتتى. لىڭ شىڭشىڭ ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن بىر قانچە ئەركىشىنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتى.
-ئاپا، ئاۋۇ ئەسكى ئادەملەر بىزگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ!
-ۋوي، يەنە 300 يۈەن كەم تۇرىدىغۇ، ئەجىبا مەن خاتا ھېسابلاپ قويمىغاندىمەن!
لىڭ چۇچۇ چىشىنى غۇچىرلاتقىنىچە پۇلنى يەنە بىرقانچە قېتىم سانىدى.
-ئاكا، مەن بىر ساھىپجامالنى كۆردۈم! بىر قانچە ئەر كىشى ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن لىڭ چۇچۇغا قاراپ ھاڭۋىقىپ قالدى.
ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرغان لىڭ چۇچۇ ئۇزۇن ئاق كۆڭلەك كەيگەن، يىپەكتەك پارقىراق قارا چاچلىرى ئارقىسىغا تاشلىنىپ تۇرغان بولۇپ، ئىنچىكە ئۇزۇن قاشلىرى، بىر جۈپ بۇلاقتەك كۆزلىرى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئىدى، لىڭ چۇچۇ بېشىنى كۆتۈرۈشى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان ئەركىشىلەر جىددىيلىشىپ كەتتى.
-بايا بۇ ئادەملەرنى كۆرمىگەن ئىدۇققۇ! دېدى لىڭ چۇچۇ ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان ھاراق پۇرىقىدىن قۇشۇمىسىنى تۈرگىنىچە.
-پۇل ساناش بىلەن بولۇپ كەتكەن تۇرسىڭىز ئۇلارنى قانداق كۆرىسىز؟ دېدى لىڭ شىڭشىڭ ئېڭىكىنى يۆلىگىنىچە ئەپسۇسلانغان ھالدا.
-نېمىدىگەن گۈزەل! ساھىپجامالنىڭ ئۆزىغۇ بۇ!
بىر قانچە ھاراقكەش شۇنداق دېگىنىچە ئاچ بۆرىدەك يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ ماشىنىنى قورشىۋالدى. لىڭ چۇچۇ ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى ئەمما بىردەمدىلا يەنە ئۆچۈپ قالدى.
-چاتاق بولدى! ماشىنا بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ!
-ماشىنىسى بۇزۇلۇپتۇ، ھا ھا ھا!...ھاراقكەشلەر خوشاللىقتىن ئاغزى قۇلقىغا يەتتى-دە دەرھال ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئانا-بالا ئىككەيلەننى ماشىنىدىن چۈشۈرمەكچى بولدى.
-توختاڭلار ئۆزىمىز چۈشىمىز! دېدى لىڭ چۇچۇ ھاراقكەشلەرنىڭ مەينەت قوللىرىغا قاراپ يىرگەنگەن ھالدا.
ھاراقكەشلەر لىڭ چۇچۇنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى كۆرۈپ بىردەم ھاڭۋېقىپ قالدى-دە سەت كۈلۈشۈپ كەتتى.
لىڭ چۇچۇ تېزلىكتە شىڭشىڭنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ماشىنىدىن چۈشتى.
ئانا-بالا ئىككەيلەن ماشىنىدىن چۈشىشىگە،  ھاراقكەشلەر ئالدىدا تۇرغان بۇ ساھىپجامال بىلەن كېلىشكەن ئوماق بالىنى كۆرۈپ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.  
-بۈگۈن بۇ يەردە بۇنداق گۈزەل ساھىبجامال قىزغا ئۇچراپ قېلىشىمىزنى ئويلىماپتىمىز! دېيىشتى ھاراقكەشلەر لىڭ چۇچۇغا ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىلگىنىچە.
-گۈزەل قىز، بىزنىڭ ئۆي مۇشۇ يېقىن ئەتراپتا، بىز بىلەن بېرىپ بىردەم ـ يېرىم دەم ئولتۇرۇپ كېتىڭ! دېدى ھاراقكەشلەرنىڭ چوڭى.
لىڭ چۇچۇ بىلەن شىڭشىڭ ھاراقكەشلەرگە قاراپ ئالىيىپ قويدى.
-ئاپا، بۇ ئادەملەر سىزگە يامان نىيەتتە بولۇۋاتقان ئوخشايدۇ.
-كىم مېنى بۇنداق گۈزەل بولسۇن دەپتۇ! دېدى لىڭ چۇچۇ قولىنى ئېڭىكىگە قويغىنىچە تەمكىنلىك بىلەن.
لىڭ چۇچۇ ھەقىقەتەن بەك گۈزەل بولۇپ، بەزىدە ئۆزىمۇ گۈزەللىكىگە ھەۋەسلىنىپ قالاتتى.
-توغرا دەيسىز ئاپا، سىز گۈزەل بولغاچقا مەندەك كېلىشكەن يىگىتنى تۇغقان ئەمەسمۇ!
-ئەمما چاتاق بولغىنى، بىز بۇ يەردە ئەسكى ئادەملەرگە ئۇچراپ قالدۇقتە!-دېدى شىڭشىڭمۇ ئاپىسىغا ئوخشاش تەمكىنلىك بىلەن.
-ياق ياق، بىز ئەسكى ئادەم ئەمەس!
ھاراقكەشلەرنىڭ چوڭى ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى:-سىلەر قورقماڭلار، بىز ھەممىمىز ياخشى ئادەملەر.
يېشى بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان، كېيىملىرى رەتسىز، ئاغزىدىن ھاراق پۇراپ تۇرغان بۇ بىرقانچە ئادەم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
-ئاپا، سىزچە ئۇلار راستىنلا ياخشى ئادەممىدۇ؟ سورىدى لىڭ شىڭشىڭ.
-ھەممە ئىشنى ئاپاڭدىن سورامسەن، ئۆزۈڭمۇ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئۆگەنگىن بولامدۇ!
-ماقۇل ئاپا بىلدىم!
لىڭ شىڭشىڭ يوغان كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىچە ھاراقكەشلەرنىڭ چوڭىغا قارىدى:-تاغا، بىزنىڭ يولىمىزنى توسقىنىڭلارغا قارىغاندا سىلەر چوقۇم ئەسكى ئادەم ئىكەنسىلەر!
-بىز پەقەت سىلەرنى ئۆيىمىزگە بېرىپ مېھمان بولۇپ كەتسۇن دېدۇق، بىزنىڭ باشقا يامان نىيىتىمىز يوق، بىز تېخى سىلەرگە پۇل بېرىمىز!-دېدى ھاراقكەشلەرنىڭ چوڭى دۇدۇقلاپ.
-شۇنداقمۇ؟!
-قارىغاندا بۈگۈن بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئادەملەرگە يولۇققان ئوخشايمىز!-دېدى لىڭ چۇچۇ مەسخىرە ئارىلاش.
-بىزنىڭ سىلەر بىلەن بۇ يەردە گەپ تالىشىپ ئولتۇرغۇدەك تاقىتىمىز يوق، ئەڭ ياخشىسى ھەممىمىز يولىمىزغا ماڭايلى! -دېدى لىڭ چۇچۇ ئارقىدىنلا تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ كەسكىنلىك بىلەن.
ھاراقكەش لىڭ چۇچۇنىڭ كەسكىن ھالىتىنى كۆرۈپ تەن بەرگۈسى كەلمىدى.
-گۈزەل قىز، بۈگۈن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قاپتۇق، بەرىبىر سىلەرنى قويۇپ بەرمەيمىز، بىردەم-يېرىم دەم بولسىمۇ كۆڭۈل ئېچىپ كېتىڭ!
-چەتئەلدىن ئەمدىلا قايتىپ كېلىشىمگە بۇ ھاراقكەشلەرگە يۇلۇقۇپ ئادەمنى ھەجەپمۇ نەس باستىغۇ!-دېدى لىڭ چۇچۇ ئىچىدە.
-ئاپا، ئۇلارغا ھەيۋىڭىزنى كۆرسىتىپ قويۇڭە! شىڭشىڭ شۇنداق دېگىنىچە ئارقىغا بىرقانچە قەدەم چېكىندى.
-نىمە دېدىڭ؟ سورىدى ھاراقكەش ھەيران بولۇپ.
-ھازىرلا بىلىپ قالىسەن!
لىڭ چۇچۇ شۇنداق دىگىنىچە ئاغزىنى قاتتىق ئىسقىرتتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرەختىكى قۇشلار چۆچۈپ ئۇچۇپ كەتتى.
-ۋايجان ئاغرىپ كەتتى!
ھاراقكەشنىڭ يۈزى لىڭ چۇچۇنىڭ ئايىقى ئاستىدا مىجىلىپ كەتكىلى تاس قالدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەمراھلىرى لىڭ چۇچۇنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قالدى، لىڭ چۇچۇ پۇتىنى شۇنداق بىر شىلتىپلا ھاراقكەشنى يەرگە يېقىتقان ئىدى.
-بۈگۈن سىلەرنى قويىۋىتەي، يوقىلىش! ۋارقىرىدى لىڭ چۇچۇ ھاراقكەشلەرگە.
-بىزنى نەس بېسپتۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭغا مۇنداقلا چاقچاق قىلماقچى ئىدۇق، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن.....


داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 


باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章