مېنىڭ ۋارىسىمغا ئايلىنىپ، تېبابەتچىلىك ماھارىتىمگە ئىگە بولىسەن

文摘   2024-09-30 23:52   新疆  

-يۈئېر، خاتىرجەم كېتىۋەرگىن، مەن بۇ تەرەپتىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ بولۇپلا، تېزلا ئارقاڭدىن بېرىپ، ساڭا ھەمراھ بولىمەن ئوغلۇم،-دېدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ئوغلى ئۇنىڭ بارلىقى ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ جان جېگىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.

ئانىسىنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگە لىن يۈ بىردىنلا جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە كىنولاردا كۆرۈۋالغىنى بويىچە جەسىتىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوڭدىسىغا يېتىپ باقتى ۋە ئارقىدىن ئورنىدىن تۇردى. ئەپسۇس ئۇنىڭ جەسىتى يەنىلا كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقان بولۇپ، شۇ تاپتا ئۇ بىر قانچە قېتىم سىناپ باققان بولسىمۇ، ھېچ بىر ئۈنۈمى بولىدىغاندەك ئەمەس، پەقەت ئۆزىنى قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ئىشلەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالغان ئىدى.

لىن يۈنىڭ ئانىسى پۇل تاپشۇرۇپ، رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا بىر نومۇر تاختىسىنى بەردى ۋە لىن يۈنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش مەيدانىغا ئېلىپ كېلىپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئاددىيلا گىرىم قىلىپ قويدى ۋە ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈش خادىملىرى لىن يۈنىڭ جەسىتىنى ئىتتىرىپ كۆيدۈرۈش زالىغا ئېلىپ كىردى. پۈتۈن جەرياننى لىن يۈ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرماقتا ئىدى.

دەھشەتلىك ئوت يېنىپ تۇرغان جەسەت كۆيدۈرۈش ئوچۇقىنىڭ ئاغزى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ لىن يۈ «ياق!» دەپ قاتتىق ۋارقىرىغان بولسىمۇ، لېكىن خادىملار يەنىلا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوچاق ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىۋەتتى.

دەل شۇ ۋاقىتتا لىن يۈنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە بارا-بارا سۇسلاشتى. ئەسلى تېنىنىڭ كۆيۈشىگە ئەگىشىپ، لىن يۈ ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى، بەدىنىدىن سانسىزلىغان سۇس نۇرلارنى ئەتراپقا تاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، روھىنىڭ ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى-دە، ئۇزۇن ئۆتمەستىنلا ئۆزىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر چەكسىز قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم بولغان جايدا كۆردى.

بۇ جايدا ئېچىنىشلىق قىيا-چىيا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتقان بولۇپ، بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قىپقىزىل يالقۇن ۋە بۇ يەردىكى كىشىلەر كۆرۈندى.

ئەجەبا بۇ زۇلمەت تۈرمىسىمۇ؟! لىن يۈنىڭ كاللىسىغا شۇ ئوي كېلىشى بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارقىلىۋاتقان نۇرلارنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ  تېزلىشىپ كەتتى-دە، كۆز ئالدىدىكى زۇلمەت تۈرمىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى بارغانسېرى روشەنلىشىشكە باشلىدى.

بۇ ۋاقىتتا جەسەت كۆيدۈرۈش ئوچۇقى ئىچىدىكى لىن يۈنىڭ بەدىنى كۆيۈپ تۈگەيلا دەپ قالغان بولۇپ، كۈل ئىچىدىكى بىر زۇمرەت كۆزلۈك بۇلاپكا ئوت يالقۇنىدا تۇيۇقسىزلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چاچتى. ئەسلىدە بۇ بۇلاپكا لىن يۈنىڭ بوۋىسىدىن ئۇنىڭغا يالداما سۈپىتىدە قالغان، لىن يۈمۇ كىچىكىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بۇ بۇلاپكىنى يېنىدىن ئايرىماي تاقاپ كەلگەن، بايا ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئوغلىغا دەپنە كىيىمىنى كىيدۈرگەن ۋاقىتتا، بۇ بۇلاپكىنى ئالايىتەن كىيىمگە ئىلىپ قويغان ئىدى.

بۇلاپكىدىكى زۇمرەت كۆز چىقارغان نۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئارقىدىنلا «پوڭ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن يېرىلىپ كەتتى-دە، يېشىل رەڭلىك نۇر ھالقىسى ئۇدۇل بېرىپ زۇلمەت تۈرمىسىدە تۇرغان لىن يۈنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئارقىدىنلا لىن يۈنىڭ قۇلىقىغا:

-لىن يۈ، مەن سېنىڭ بوۋاڭ، بۈگۈندىن باشلاپ، سەن مېنىڭ ۋارىسىمغا ئايلىنىپ، تېبابەتچىلىك ماھارىتىمگە ئىگە بولىسەن. شۇنداقلا باشقىلارغا ياردەم قىلىسەن!-دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان غەلىتە ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كاللىسىغا بىردىنلا تېبابەتچىلىك دەستۇرى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ بىر قىسىم تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۇچۇرلار كىرىپ كەتتى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ



باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章