تۈن نىسپىي بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئايالىم تېخىچە قايتىپ كەلمىگەن ئىدى، ئىلگىرى بۇنداق چاغدا ئۇ ئاللىقاچان ئۆيگە قايتىپ بولاتتى. سائەت توققۇزدىن باشلاپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشقا باشلىدىم، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئون قېتىم ئۇردۇم، ھەممىسى ئۇلانمىغان ھالەتتە ئىدى. ئۇنىڭ شىركىتىگە ئۇرغان بولساممۇ ھېچكىم ئالمىدى، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بەكلا تىت-تىت بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئاخىرى پەلتويومنى كىيىپ، سىرتقا چىقىپ ئۇنى ئىزدىمەكچى بولدۇم. ئىشىكنى ئېچىشىمغىلا، كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى ۋە خۇشپۇراق تەڭلا بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى، ئايالىم ئالدىمدا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كىچىككىنە يۈزى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى پىشقان ئالمىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
ئۇ مېنىڭ ھاراق ئىچىشىمگە بەك ئۆچ بولۇپ، ئىلگىرى ھاراق ئىچسەم ماڭا كايىيتتى، ھەتتا كىچىك جېدەل چىقىرىپمۇ قوياتتى، لېكىن بۈگۈن كەچتە ئۇ تۈن نىسپىغىچە ھاراق ئىچىپ ئاندىن قايتىپ كەلگەن ئىدى. ھېچقانداق بىر ئەر ئايالىنىڭ ئەلياتقۇغىچە ھاراق ئىچىپ ئۆيگە قايتقىنىنى كۆرۈشنى خالىمايتتى.
-سىزگە نېمە بولدى؟
ئايالىمنىڭ بۇلاقتەك چىرايلىق كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. شۇنى دېمەي تۇرالمايمەنكى، ئايالىم ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەڭزى قىزىرىپ تېخىمۇ جەلپكار بولۇپ كەتكەن ئىدى.
-قەيەردە ھاراق ئىچتىڭىز؟ تېلېفون قىلسام نېمىشقا ئالمايسىز؟
ئايالىم قايتىپ كېلىشى بىلەن ئەنسىزلىككە تولغان يۈرىكىم ئاخىرى جايىغا چۈشتى، ئەمما كۆڭلۈمدە يەنىلا ئۇنى ئەيىبلىمەي تۇرالمايتتىم. تۇيۇقسىز ئايالىمنىڭ بوينىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇ يەرگە خۇددى باشقىلار «بۆلجۈرگەن» تېرىپ قويغاندەك تۇراتتى، كۆڭلۈم بىردىنلا سوۋۇپ كەتتى.
-خىزمەتدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بارغانتىم،-دەپ جاۋاب بەردى ئايالىم مۇنداقلا قىلىپ،-مەن كىرىپ يۇيۇنۇۋالاي.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئايىغىنى سېلىپ، سومكىسىنى سافاغا تاشلاپ، ئۇخلاش كىيىمىنى ئېلىپ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. مەن ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم. بۇ مۇمكىن ئەمەستۇ؟ ئايالىم ماڭا ئاسىيلىق قىلمايدۇ...
بىز ئۆي تۇتۇۋاتقىلى يەتتە يىلدىن ئاشتى، ئائىلىمىز ئىناق، يەنە چىرايلىققىنا بىر كىچىك قىزىمىز بار. گەرچە يېقىندا سودىدا مەغلۇپ بولغان بولساممۇ، لېكىن ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ پۇلپەرەس ئايال ئەمەس، ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بوينىدىكى «بۆلجۈرگەن» زادى قانداق ئىشتۇ؟
كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. ئەسلى نىمىشقىلىقىنى سوراپ باقماقچى بولغان ئىدىم، لېكىن ئايالىم ماڭا سورايدىغانغىمۇ پۇرسەت بەرمەي، مۇنچىغا يۇيۇنغىلى كىرىپ كەتتى.
چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ باقىمەن، ئەگەر ئۇ راستتىنلا ماڭا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلسا، ئۇنداقتا...ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش چىقىرىپ قويىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ھازىر كۆڭلۈم بەك دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن.
شۇ تاپتا سافادا ئولتۇرغان مەن خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپقىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم. دەل مۇشۇ چاغدا ئايالىمنىڭ يانفونى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى، سومكىسىدىن ئېلىپ قارىۋىدىم، «ۋاڭ دىرېكتور» دېگەن ئەسكەرتمە كۆرۈندى.
ۋاڭ دىرېكتور؟ بۇ ۋاقىتتا ئايالىمغا تېلېفون قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ بۇ ئازراقمۇ نورمال ئەمەسقۇ؟
-ئۆيگە كەلدىڭىزمۇ؟
تېلېفوننى ئېلىشىمغا ئۇ تەرەپتىن ئەرنىڭ بوم ھەم ماگنىتتەك تارتىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئۇ يۇيۇنۇۋاتىدۇ، سىز كىم بولىسىز؟ نېمىشقا بۇنچە كەچتە تېلېفون قىلىسىز؟
-ئۇ ئۆيگە بىخەتەر يېتىپ بارغان بولسىلا بوپتۇ!
قارشى تەرەپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندىن كېيىن تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
بايا ئايالىم ۋاڭ دىرېكتور بىلەن بىللىمىكەن؟
شۇ تاپتا بېشىمدا بىر تال «يېشىل پوسما»نىڭ ئاۋۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم، ئەجەبا ئايالىمنىڭ بوينىدىكى «بۆلجۈرگەن» ۋاڭ خوجايىننىڭ «نادىر ئەسىرى»مىدۇ؟
تاماكا تاشلىغىلى ئۈچ يىل بولغان مەن ئىختىيارسىز تارتمامدىن بىر تال تاماكىنى ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇردۇم. كاللامدا ئايالىم بىلەن ئۆتكەن ئىشلار بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى.
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئايالىم ئاپئاق مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن ئۇزۇن ھۆل چاچلىرىنى سۈرتكىنىچە مۇنچىدىن چىقىپ كەلدى. كۈمۈش رەڭلىك چىراغ نۇرى ئاستىدا، ئۇنىڭ بوينىدىكى «بۆلجۈرگەن» تېخىمۇ كۆزگە چېلىقىپ، كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.
-بايا ۋاڭ دىرېكتور سىزگە تېلېفون قىلدى،-مەن مۇنداقلا دەپ ئۇنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئالاقزادىلىك يالتتىدە چاقناپ ئۆتتى-يۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى، ئەمما بۇ مېنىڭ كۆزۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى. كۆڭلۈم تېخىمۇ سوۋۇپ كەتتى. ئۇ راستتىنلا ماڭا ئاسىيلىق قىلغانمىدۇ؟
-ھە، ئۇ نېمە دېدى؟-دەپ سورىدى ئۇ مۇنداقلا قىلىپ، گويا ياسالمىلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
-ھېچنېمە! ھە راست، خوتۇن، بوينىڭىزغا نېمە بولدى؟-مەن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئەينەكنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
-ھە، بۇ ليۇ يەنفېڭ دېگەن ساراڭ خوتۇن سۆيگەن يەر.
ئۇ دەيدىغان گېپىنى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغاندەك قىلاتتى.
-ليۇ يەنفېڭما؟ مېنى ئەخمەق كۆرۈۋاتامسىز؟-مەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قارىدىم.
-بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا ھەممىمىز ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ كەتتۇق. راست گەپنى قىلسام، ئۇ تەرەپتە ئويۇننىڭ چوڭىنى ئوينايدىكەن، شۇڭا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق بۆلجۈرگەن چىقىرىپ قويدى،-ئۇ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردى، ئارقىدىن يەنە،-ئىشەنمىسىڭىز بوپتۇ،-دېدى.
ئۇ چاچلىرىنى سۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، ماڭا پەرۋا قىلماستىن ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى، خۇددى ئاچچىقلانغاندەك قىلاتتى.
مەن ئۆزۈم يالغۇز مېھمانخانىدا ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. بەك كۆپ ئويلاپ كەتتىممۇ قانداق؟ ياكى يېقىندىن بۇيان سودىدا مەغلۇپ بولۇپ، بېسىمنىڭ بەك ئېغىر بولۇشى قالايمىقان خىيال قىلىشىمغا سەۋەب بولدىمۇ؟
مېڭەم ئاغرىۋاتىدۇ!
ھۇجرىنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىۋىدىم، ئايالىم قولىدىكى يانفونغا ھىجايغىنىچە قاراپ يېتىپتۇ. ئۇ ئاشنىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانمىدۇ؟
تېز قەدەملەر بىلەن بېرىپ ياندىن ئۇنىڭ يانفونىغا قارىدىم، ئۇ ھەقىقەتەن باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئۈندىداردا ئىزاھات بېرىلگەن ئىسىم ليۇ يەنفېڭ ئىدى، ئەمما كونكرېت مەزمۇنىنى كۆرەلمىدىم. ئەمدىلا كارىۋاتتا ئولتۇرۇشۇمغا ئۇ تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ ماڭا كەينىنى قىلىپ ياتتى. چىراغنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن يەنە ئۇنىڭ بوينىدىكى «بۆلجۈرگەن»نى كۆرۈپ، ۋاڭ دىرېكتورنىڭ شۇنچە كەچتە تېلېفون قىلغانلىقىنى ئەسلەپ قالدىم. كاللامدا ئىختىيارسىز ئۇنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن بىللە بولغاندىكى كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى. مەن قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا تاشلاندىم.
-نېرى تۇرۇڭ، ماڭا چېقىلماڭ!-ئۇ مېنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى.
بۇ چاغدا كاللام قىزىپ، ھاياجان دەستىدىن ئايالىمنى چىڭ قۇچاقلىدىم...
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار