-«ھايات»، ھايات دېگەن بۇ نەرسە...
دادام بىر تىنىقتىلا چوڭ بىر رومكا ھاراقنى ئىچىۋەتتى.
-ئۆزگىرىشچان، ھەممە نەرسە ئېھتىماللىق ۋە پۇرسەت، خۇددى بىر كىچىك ئېرىقتا لەيلەپ يۈرگەن بىر تال دەرەخ شېخىغا ئوخشاش، بىر كىچىك تاشقا يېپىشىپ قالىدۇ، ياكى بىر كىچىك قاينام ئۇنى ئورۇۋالىدۇ...-دېدى دادام شام يالقۇنغا تىكىلىپ قاراپ.
-بالا تېخى كىچىك، بۇلارنى چۈشەنمەيدۇ،-دېدى ئاپام.
-ئۇ كىچىك ئەمەس! ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىدىغان ۋاقتى كەلدى!
-ئۆزىڭىز بەك بىلىدىغاندەك گەپ قىلىسىزغۇ؟-دېدى ئانام مەسخىرىلىك كۈلۈپ.
-مەن بىلىمەن، ئەلۋەتتە بىلىمەن!
دادام يەنە يېرىم رومكا ھاراق ئىچتى، ئاندىن ماڭا بۇرۇلدى.
-ئەمەلىيەتتە ئوغلۇم، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەس ئەمەس، داداڭنىڭ ساڭا ئۆگىتىپ قويغىنىنى ئاڭلا، سەن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان دۇنياۋى قىيىن مەسىلىنى تاللىغىن، ئەڭ ياخشىسى پەقەت بىر ۋاراق قەغەز ۋە بىر تال قېرىنداشنىلا كېرەك بولىدىغان ماتېماتىكىلىق قىيىن مەسىلىنى تاللىغىن. مەسىلەن، گولدباخ قىياسى ياكى فېرماتنىڭ چوڭ تېئورېمىسى دېگەندەك، ياكى قەغەز-قەلەممۇ كېرەك بولمايدىغان ساپ تەبىئەت پەلسەپەسىدىكى قىيىن مەسىلەنى تاللىغىن، مەسىلەن، ئالەمنىڭ كېلىپ چىقىشى دېگەندەك. كىشىلەر يا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ تەتقىق قىلىپ، ئەجىرىنىلا سىڭدۈرۈپ ھوسۇلنى سورىماي، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ، بىر ئۆمۈرى ئۆتۈپ كېتىدۇ. كىشىلەر دائىم دەيدىغان ئۈمىد ئەنە شۇنداق بولىدۇ. ياكى ئەكسىچە، پۇل تېپىشنى بىردىنبىر نىشان قىلىپ، ھەممە ۋاقتىنى قانداق تېپىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا سەرپ قىلىدۇ. تاپقان پۇلىنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۆلگەندە خۇددى كاپىتان گراندقا ئوخشاش بىر دۆۋە تىللانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «ھە، نېمىدېگەن ئىللىق ھە...» دەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا گۈزەل ھاياتنىڭ ئاچقۇچى سېنىڭ نېمىگە مەپتۇن بولۇپ قېلىشىڭدا. مەسىلەن مەن، مەن سىزغان بۇ رەسىملەر دېرىزە سىرتىدىكى ئېلېكتىر نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خۇددى بىر توپ چاقناپ تۇرغان ئېكرانغا ئوخشايدۇ. مەن رەسىم سىزىشقا مەپتۇن بولۇپ قالدىم، گەرچە ئۆزۈمنىڭ ۋان گور بولالمايدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ.
-شۇنداق، غايىلىك ۋە كىنايىلىك كىشىلەر قارشى تەرەپنى بەك بىچارە ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە بەك تەلەيلىك،-دېدى ئانام ئويلانغان ھالدا.
ئادەتتە كۈن بويى ئالدىراش يۈرىدىغان ئاتا-ئانام بۇ چاغدا پەيلاسوپ بولۇپ كېتىۋاتاتتى، خۇددى بۇ ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدەك قىلاتتى.
-ئاپا، مىدىرلىما!-دېدىم مەن ئاپامنىڭ قاپقارا قويۇق كۆرۈنىدىغان چاچلىرىدىن بىر تال ئاق چاچنى تارتىپ چىقىرىپ.
ئۇ چاچنىڭ يېرىمىلا ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، قالغان يېرىمى يەنىلا قارا ئىدى. دادام ھېلىقى چاچنى ئېلىپ چىراغقا تۇتۇپ قارىدى، چاقماق نۇرى ئىچىدە ئۇ چاچ خۇددى لامپا پىلتىسىدەك نۇر چېچىپ تۇراتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ ئانامنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا چىققان تۇنجى ئاق چېچى، ھېچ بولمىغاندا تۇنجى قېتىم ئاق چاچنى بايقىشىم ئىدى.
-نېمە قىلىسىز؟بىر تالنى يۇلۇۋەتسە يەتتە تال ئۆسىدۇ!-دېدى ئانام چاچلىرىنى سىلكىپ غەزەپلەنگەن ھالدا.
-ھەي...مانا بۇ ھايات،-دېدى دادام تورت ئۈستىدىكى شامنى كۆرسىتىپ.
-ئويلاپ بېقىڭ، سىز مۇشۇنداق بىر تال كىچىك شامنى ئېلىپ، چۆلگە قويۇپ ئۇنى ياندۇردىڭىز، بەلكىم شۇ چاغدا شامال چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ راستتىنلا سىزنى يورۇتىدۇ. ئاندىن سىز كېتىپ يىراقتىن ئۇ يالقۇنغا قاراپ قانداق ھېسسىياتتا بولىسىز؟ بالام، مانا بۇ ھايات ۋە تۇرمۇش، ئاجىز ھەم تۇراقسىز، مەيىن شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
بىز ئۈچىمىز ئۈن-تىنسىز ھالدا ئاشۇ ئوت يالقۇنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ دېرىزە سىرتىدىن كىرگەن مۇزدەك كۆك رەڭلىك ئېلېكتىر نۇرى ئىچىدە تىترەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، خۇددى بىز كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن كىچىك ھاياتلىقنى كۆرگەندەك.
دېرىزە سىرتىدا يەنە قاتتىق چاقماق چاقتى. دەل مۇشۇ چاغدا بىر ئوت شار تامدىن كىرىپ كېلىپ، تامدىكى ماي بوياق رەسىمنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى، ئۇ خۇددى رەسىمدىن كەلگەن بىر مەخلۇققا ئوخشايتتى. ئۇ ۋاسكېتبول چوڭلۇقىدا بولۇپ، غۇۋا قىزىل نۇر چېچىپ تۇراتتى.
ئۇ بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ يېنىك لەپىلدەپ تۇردى، كەينىدە تۇتۇق قىزىل نۇر چىقىرىدىغان قۇيرۇق ئىزى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئۇ قۇيرۇق ئىزى بىزنىڭ ئۈستىمىزدە كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان مۇرەككەپ ئەگرى سىزىق ھاسىل قىلاتتى. ئۇ لەپىلدىگەندە بىر خىل ھۇۋلىغان ئاۋاز چىقىراتتى، بۇ ئاۋاز ئادەمگە تەيگۇ چۆللۈكىدە بىر مەخلۇقنىڭ شۈن (قەدىمكى دەۋردىكى بىر خىل چالغۇ) چېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
ئاپام قورققىنىدىن ئىككى قولى بىلەن دادامنى تۇتۇۋالدى، مەن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن، ئەگەر ئاپام ئۇنداق قىلمىغان بولسا، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتىم. ئۇ نەرسە داۋاملىق لەيلەپ، خۇددى بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇ ئاخىرى ئىزدەۋاتقان نەرسىسىنى تاپقاندەك، دادامنىڭ بېشىدىن يېرىم مېتىر ئېگىز جايدا توختىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى سوغۇق كۈلكىگە ئوخشاش، ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆردۈم، ھېلىقى يېرىم سۈزۈك قىزىل رەڭلىك يالتىراق نۇر گويا چەكسىز چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ، تېگى كۆرۈنمەس نۇر تۇمانلىقىدىكى تېگى يوق ھاڭدىن، چوڭ كۆك رەڭلىك كىچىك يۇلتۇزلار ئۈزلۈكسىز ئۇچۇپ چىقىۋاتاتتى، بۇ خۇددى ئالەم بوشلۇقىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يورۇقلۇق تېزلىكىدە ئۇچۇۋاتقان يۇلتۇزغا ئوخشايتتى.
كېيىن بىلسەم، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېنېرگىيە زىچلىقىنىڭ ھەر كۇب سانتىمېتىردا 20 مىڭدىن 30 مىڭ جوئۇلغا يېتىدىغانلىقى، ئەمما ئېنېرگىيە زىچلىقىنىڭ بولسا ھەر كۇب سانتىمېتىردا 2000 جوئۇلدىن ئاشمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى. گەرچە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىڭ گىرادۇستىن يۇقىرى بولسىمۇ، سىرتقى يۈزى سوغۇق ئىدى.
دادام قولىنى سۇندى، لېكىن ئۇنى تۇتمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ باش قىسمىنى قوغدىماقچى بولدى. دادامنىڭ قولى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندە بىر خىل سۈمۈرۈش كۈچى پەيدا بولۇپ، ئۇ ئوت شارى سۈرۈلۈپ دادامنىڭ قولىغا چۈشتى، بۇ كۆرۈنۈش خۇددى بىر تال يوپۇرماقنىڭ ئىنچىكە ئۇچى بىر تامچە شەبنەمنى سۈمۈرگىنىگە ئوخشايتتى.
كۆزۈمدىكى كۈچلۈك نۇر پەيدا قىلغان تۇتۇق تۇمان تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، ماڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان مەنزىرىنى كۆردۈم. خۇددى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالىنىڭ رەڭ ئەندىزىسىدىن ئاق-قارىنى تاللىغانغا ئوخشاش، دادام بىلەن ئاپامنىڭ بەدىنى ھەش-پەش دېگۈچە ئاق-قارا ئىككى خىل رەڭگە ئۆزگەردى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كۈل رەڭ ئاق رەڭگە ئۆزگەردى، قارا رەڭ بولسا نۇرنىڭ قورۇق چۈشكەن يېرىدىن چۈشكەن كۆلەڭگىسى ئىدى. ئۇ بىر خىل مەرمەر تاش رەڭگىدە ئىدى.
دادام يەنىلا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئانام يەنىلا ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئىككى قولى بىلەن دادامنىڭ يەنە بىر بىلىكىنى تۇتۇپ تۇراتتى، بۇ ئىككى ھەيكەلنىڭ يۈزىدە، تاشقا ئايلانغان ئىككى جۈپ كۆز ئاۋۋالقىدەكلا جانلىق كۆرۈنەتتى.
ھاۋادا بىر خىل غەلىتە پۇراق بار ئىدى، كېيىن مەن ئۇنىڭ ئوزون گازىنىڭ پۇرىقى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
-دادا!-دەپ ۋارقىرىدىم، لېكىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.
-ئانا!
مەن يەنە ۋارقىرىدىم، يەنىلا ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.
مەن ئۇ ئىككى ھەيكەلگە يۆلەندىم، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق پەيت ئىدى. مەن ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن قورقۇنچلارنىڭ كۆپىنچىسى چۈشۈمدە ئىدى، قاباھەتلىك چۈش دۇنياسىدا مېنىڭ روھىي ھالىتىمنىڭ بۇزۇلماسلىقىدىكى سەۋەب، مېنىڭ بىر ئېڭىم چۈشۈمدە يەنىلا ئويغاق ئىدى، بىر ئاۋاز ئېڭىمنىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭىدا ماڭا قاراپ ۋارقىرايتتى:
-بۇ چۈش.
مەنمۇ ھازىر ئىچىمدە جان-جەھلىم بىلەن ئۆزۈمگە شۇنداق توۋلايمەن، بۇ مېنىڭ مېڭىشىمغا تىرەك بولىدىغان بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدى. مەن تىترەپ تۇرغان قولۇمنى دادامنىڭ بەدىنىگە ئۇزاتتىم، قولۇم ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى كۈل رەڭ يۈزگە تەگكەندە، خۇددى بىر قەۋەت ئىنتايىن نېپىز، ئىنتايىن چۈرۈك شاكالنى تېشىپ ئۆتكەندەك ھېس قىلدىم. مەن قەھرىتان قىشتا قايناقسۇ قۇيۇلغان ئەينەك ئىستاكاننىڭ يېرىلغان ئاۋازىغا ئوخشاش يېنىك يېرىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم، ئىككى ھەيكەل كۆز ئالدىمدا خۇددى بىر مەيدان كىچىك تىپتىكى قار كۆچكۈنىگە ئوخشاش ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
گىلەمدە ئىككى دۆۋە ئاق كۈل پەيدا بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى. لېكىن ئۇلار ئولتۇرغان ياغاچ ئورۇندۇق يەنىلا شۇ يەردە بولۇپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت چاڭ-توزان چۈشۈپ كەتكەنىدى. مەن ئۈستىدىكى چاڭ-توزانلارنى سۈرتۈۋېتىپ، دادامنىڭ قېتىپ قالغان يۈزىنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىيلىسا مۇزدەك سوغۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەن بىلەتتىم، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش مەيدانىدىكى ئوچاقتا، ئادەم بەدىنىنى پۈتۈنلەي كۈلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 2000 گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا 30 مىنۇت كۆيدۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، شۇڭا بۇ بىر چۈش ئىدى.
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم