ئايالىمدىن ئاجرىشىپ، سىزنى ئالىمەن

文摘   2024-09-30 23:52   新疆  
 ئايالىمدىن ئاجرىشىپ، سىزنى ئالىمەن
سائەت توققۇزدا يىغىن ئېچىلىپ، ما باش دېرىكتورنىڭ تۈرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئېچىش خىزمىتى بىر سائەت مۇزاكىرە قىلىندى. مېنىڭ تۈر ئېچىش كوللېكتىپىم بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋالدا مەن پەقەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، كونكرېت ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىسەممۇ بولىدۇ، بۇمۇ مېنىڭ خوجايىن بولۇشۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئازادە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئەلۋەتتە مەنمۇ خىزمەتچىلەرگە ئۇۋال قىلمايتتىم.
يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن چياۋ يۆرەننى ئىشخانىغا چاقىرماقچى بولدۇم. مۇھىمى ئۇنىڭغا نىڭئېرنى ئېلىپ ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى باھالىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى، ئايالىمنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى دەپ قويماقچى بولدۇم. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ، ئۇنى چوقۇم ئەمرىگە ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قوياي دەپ ئويلاپ قالدىم. لېكىن مەن ئەمدىلا ئىشخانامغا كىرىشىمگە، ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى بايقىدىم، توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر ئايال ئىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۆرۈپلا ئاچچىقىم كەلدىم ۋە كۆڭلۈمدە: «بىنانىڭ ئاستىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى زادى نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ بۇ ئايال ئىشخانامغا شۇنداق ئۇدۇل كىرىپ كەتسىمۇ ھېچكىم كۆرمەپتۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ نەرسە ئوغرىلىماقچى بولسا، مېنىڭ ئىشخانامدا نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتلەر بار» دېگەنلەرنى ئويلىدىم. لېكىن كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئايال ئېنىقلا نەرسە ئوغرىلىغىلى كەلمىگەن، بولمىسا ئۇ ئولتۇرۇپ مېنىڭ تۇتۇشۇمنى ساقلاپ تۇرمىغان بولاتتى.
-ياخشىمۇسىز، كىم بولسىىز؟-دېدىم مەن بىر تەرەپتىن خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭغاچ، بىر تەرەپتىن سورىدىم. ئۇ ئايال ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ ئورۇندۇقنى ئايلاندۇرۇپ ماڭا قارىدى. قارىسام، دەل بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مېنى توسقان ھېلىقى سىرلىق قىز چىن يۆ ئىكەن.
-دېرىكتور ھەقىقەتەن بەك ئالدىراش ئىكەنسىز، ئىشخانىڭىزدا ساقلاۋاتقىلى يېرىم سائەت بولدى!-دېدى چىن يۆ كۈلۈمسىرىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئورنىدىن تۇرمىدى. چىن يۆ بۈگۈن ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك يىپەك كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، ئاستىدا ئاپئاق ھەم ئۇزۇن پۇتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
-سىز، چىن يۆ خانقىز؟-دېدىم مەن سەل ھەيران قالدىم، ئىلگىرى ئىزچىل سىرتتا مېنى توسۇۋالىدىغان بۇ قىز بۈگۈن نېمىشقا ئىشخانامغا كىرىپ قالغاندۇ؟
-نېمە بولدى؟ مېنى قارشى ئالمامسىز؟
-ياق، ياق، نېمىشقا قارشى ئالمايدىكەنمەن؟ پەقەت چىن يۆ خانقىزنىڭ مېنى ئىزدەپ كېلىش سەۋەبىنى بىلەلمەي قالدىم خالاس! بۇ چاغدا چياۋ يۆرەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى-دە «لېي ئاكا» دەپ ئەمدىلا گەپ قىلىشقا باشلاپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان چىن يۆنى كۆرۈپ يەنە توختاپ قالدى.
-يۆرەن، بىزگە سۇ قۇيۇپ بېرىڭ!-دېدىم مەن ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن.
-ھە، ماقۇل!-دېدى چياۋ يۆرەن بېشىنى لىڭشىتقىنىچە چىقىپ كەتتى.
-دېرىكتور، سىزگە دەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار ئىدى!-دېدى چىن يۆ.
-قېنى دەڭ!-دېدىم مەن. چىن يۆ بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاندىن مېنىڭ يېنىمغا كەلدى، چىن يۆنىڭ بەدىنى ھېلىقىندەك تەنناز بەدەن شەكلىگە تەۋە بولغاچقا، ئۇ مېنىڭ يېنىمدا تۇرغاندا مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئىنچىكە بەللىرى ۋە بېلىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا قاراپ قويدۇم. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن كېلىپ تۇرىدىغان  بىر خىل سۇس خۇش پۇراق ئادەمنى ئىختىيارسىز ھاياجانلاندۇراتتى.
ئەگەر بەي ياڭغا ئوخشاش ئاياللارنىڭ قارا يىپەك كۆڭلەك كىيىشىنى بىر خىل سەھرا سۈپەت دېسەك، چىن يۆ ئۇنى كىيسە چوقۇم ئېسىلزادە ئاياللاردەك سالاپەتلىك بولۇپ كېتىدىكەن، يەنە كېلىپ ئەرلەرنى مەپتۇن قىلىدىغان ئېسىلزادە ئاياللاردەك بولۇپ قالاتتى.
-دېرىكتور، چۈش سائەت 12دە مېنى مېھمان قىلىڭ!-دېدى چىن يۆ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن بۇرۇلۇپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى، ماڭا قارار چىقارغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى.
-ھەي، چىن يۆ خانقىز...
-سائەت 12:00 دە، چوقۇم بېرىڭ!-دېدى چىن يۆ دەپ بولۇپلا كېتىپ قالدى. راست گەپنى قىلسام ئۇ مېنى بەكلا ھەيران قالدۇردى، بۇ چىن يۆ زادى قانداق ئادەم، نېمىشقا دائىم مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ، يولدا توسۇپ تۇرغىنى ئاز كەلگەندەك يەنە بىۋاستە ئىشخانامغا كېلىپ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ دەيدۇ، ئۇنىڭ زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا قالغان ئىدىم.
-لېي ئاكا، ئۇ كىم بولىدۇ؟
بۇ چاغدا چياۋ يۆرەن كىرىپ كەلدى ھەمدە ئىشىكنى يېپىپ قويدى.
-مەن سىزگە دېگەن ھېلىقى سىرلىق ئايال، ئۇنىڭ ئىشخانىغا كېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن!-دېدىم مەن.
-قارىغاندا مەن خاتا پەرەز قىلمىغان ئوخشايمەن، دەرۋەقە ئۇ ئىكەن!-دېدى چياۋ يۆرەن.
سىز پەرەز قىلغانمىدىڭىز؟-دېدىم مەن سەل گۇمانلانغان ھالدا چياۋ يۆرەنگە قارىدىم.
-بۇ ئاسانغۇ! بىرىنچى قېتىم ئۇ يولدا سىزنى توسۇپ قالدى، ئىككىنچى قېتىم بىنانىڭ ئاستىدا ماشىنا توختىتىش ئورنىدا سىزنى توسۇپ قويدى، ئۈچىنچى قېتىم سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلدى، تۈنۈگۈن مەن ئۇنى چوقۇم يەنە باشقا ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، دەرۋەقە بۈگۈن ئىشخانىغا كەلدى!-دېدى. چياۋ يۆرەننىڭ تەھلىل قىلىشىدىن قارىسام ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك قىلاتتى.
-ۋاھ، سىز نېمانداق ئەقىللىق، مەن ئويلاپ باقماپتىمەن.
-لېي ئاكا، ئۇنىڭ سىزنى ئىزدەيدىغان نېمە ئىشى بار ئىكەن؟
-مەنمۇ بىلمەيمەن! ئۇ چۈشتە مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
-تۈنۈگۈن ئۇ سىزنى تەكلىپ قىلغان، بۈگۈن سىز ئۇنى تەكلىپ قىلسىڭىز، بۇ قەستەن ئىككىڭلارغا يالغۇز تۇرۇش پۇرسىتىنى كەلتۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟-دېدى چياۋ يۆرەن. ئۇ بۇ گەپنى قىلغاندا سەل ئاچچىقلانغاندەك ھېس قىلدىم-دە:
-كۈنلەپ قالدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىغاچ ئۇنى قۇچاقلىماقچى ئىدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى ھەم:
-نېمىگە كۈنلەيمەن؟ سىز يا مېنىڭ ئادىمىم بولمىسىڭىز، مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ كۈنلەيدىغان ئىش بولسىمۇ يەڭگەم كۈنلەپ قالسا توغرا بولىدۇ!-دېدى. چياۋ يۆرەننىڭ كۈندەشلىك قىلسىمۇ ئاغزىدا مۇشۇنداق دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ئىچىمدە كۈلۈپ كەتتىم ۋە:
-ئەخمەق قىز، ئۇ قىز مەندىن نەچچە ياش چوڭ تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن نېمە ئىشىم بولاتتى؟ ئۇ ئايالنىڭ يېشىنى سورىمىغان بولساممۇ، لېكىن چوقۇم ئوتتۇزدىن ئاشتى، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالمايمەن!-دېدىم.
-ھازىرقى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىدىن قېرى ئاياللارنى تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھېلىقى ما يىنىڭنىڭ ئېرى ۋېن ۋېن، يى نېڭجىڭنىڭ ئېرى چىن خاۋ، گاۋ يۈەنيۈەننىڭ ئېرى جاۋ يوۋتىڭ، خوڭ شىننىڭ ئېرى جاڭ دەنفېڭ يەنە نۇرغۇن كىشى ئۆزىدىن نەچچە ياش چوڭ ئايالنى ئىزدىدىغۇ...چياۋ يۆرەننىڭ بىر تىنىقتىلا شۇنچە كۆپ ئەر-ئايال چولپانلارنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، سەل ھەيران قالدىم. ماڭا ئوخشاش كىشىلەر ئادەتتە چولپانلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇ دېگەن گاۋ يۈەنيۈەندىن باشقا كىشىلەرنىڭ بۇنداق قىزىقىشى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
-ۋاي، بىلىدىغانلىرىڭىز ئاز ئەمەس ئىكەن جۇمۇ، بىراق مەن ئۆزۈمدىن چوڭلىرىنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سىزدەك چىرايلىق مەلىكەم بار تۇرسا، يەنە باشقا قىزلارنى ئىزدەپ ساراڭمۇ مەن؟-دېدىم مەن شۇنداق دېگەچ چياۋ يۆرەننى تارتىپ كەلدىم، ئاندىن ئۇنى قۇچاقلىدىم.
-باشقىلارنى ئىزدىمىگىنىڭىز باشقىلارنىڭ سىزنى ئىزدىمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ! مۇبادا سىز باقىلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالسىڭىز، ياخشى بولمايدۇ!
-سىز مېنىڭ باشقا ئايالنى ئىزدەپ بېرىشىمدىن قورقامسىز؟-دېدىم مەن سۆزلەۋېتىپ چياۋ يۆرەننىڭ ئاغزىغا سۆيدۈم، چياۋ يۆرەن بېشىنى ئۇيان-بۇيان تارتىپ قويغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى قاچۇرمىدى-دە، «ياق!» دېگەندىن كېيىن گەپ قىلالماي قالدى. بىردەم سۆيگەندىن كېيىن، مەنمۇ باشقا ئىش قىلىشنى ئويلاشمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قويۇۋەتتىم.
-يۆرەن، مەن سىزگە بىر ئىشنى ئېيتاي!
مېنىڭ بۇنداق ئەستايىدىل ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، چياۋ يۆرەن بىردىنلا قىزىقىپ قالدى.
-يۆرەن، بۇرۇن مەن ئىزچىل تويدىن ئاجراشقاندىن كېيىن سىز بىلەن توي قىلىمەن دېگەن، مەن راستىنلا چاقچاق قىلمىدىم!
لېي ئاكا، مېنىڭ راستىنلا سىز بىلەن يەڭگەمگە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇم يوق، يەنە كېلىپ نىڭئېر چوڭ بولغاندىن كېيىن ماڭا ئۆچ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ گەپلەرنى....-دېدى. چياۋ يۆرەننىڭ گېپى تۈگىمەيلا، مەن ئۇنى توختىتىپ قويدۇم-دە:
-يۆرەن، سىزگە دېگەنلىرىم ئېسىڭىزدىمۇ، ئەگەر مەن ئاجرىشىپ كەتسەم، ھەرگىز سىز سەۋەبلىك ئاجراشمايمەن. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇرۇن سىزگە دەپ باقمىغان ئىدىم، راستىنى ئېيتسام دېيىشتىن خىجىل بولدۇم!
-نېمە بولدى، يەڭگەمنىڭ سىرتتا ئادىمى بار ئوخشىمامدۇ؟-دېدى چياۋ يۆرەن مۇنداقلا دەپ قويدى. مەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا:
-بۇ ئىشتا مەندە تېخى ئېنىق ئىسپات بولمىسىمۇ، لېكىن يۈزدە توقسان پىرسەنت شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سىزگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن پات ئارىدا ئاجرىشىمەن، ئاجراشقاندىن كېيىن سىزنى ئالىمەن!-دېدىم. ئىلگىرى چياۋ يۆرەنگە بۇ گەپلەرنى دېمىگەن، چۈنكى مەن ئۇنىڭ كۆپ ئويلاپ كېتىشىنى خالىمايتتىم، ھازىر دېگەندىن كېيىن سەل يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.
172-باب: ئايالىڭىزدىن قورقامسىز، كاتىپىڭىزدىنمۇ؟
-بۇ قاچان بولغان ئىش؟-دېدى چياۋ يۆرەن ھەيران بولغان قىياپەتتە. ئۇ ئېنىقلا ئايالىمنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىنى سوراۋاتقان ئىدى.
-كونكرېت قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بىراق مەن بەزى ۋاستىلىك ئىسپاتلارغا ئىگە بولدۇم!
-خاتا بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ، يەڭگەم شۇنداق پەزىلەتلىك ئايال تۇرسا، قانداقمۇ يولدىن چىقسۇن؟-دېدى چياۋ يۆرەن مېنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدى.
-ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ كۆڭلىدىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ! مەن ئىككىمىزنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىدىن كېيىن سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە بىر تۈگۈن بار ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، سىزنىڭ ياخشى قىز ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلىمەن، شۇڭا ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن سىزنى ئالىمەن!-دېدىم مەن. چياۋ يۆرەن مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا:
-لېي ئاكا، مەن يەڭگەمنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە ئانچە ئىشەنمەيمەن، گەرچە يەڭگەم بىلەن كۆپ ئۇچراشمىساممۇ، لېكىن يەڭگەمنىڭ ناھايىتى پەزىلەتلىك ئايال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن! بۇ مۇناسىۋىتىمىزنى مەنمۇ باشقىلارغا دېمەيمەن، ناۋادا لېي ئاكا سىز مەندىن بىزار بولسىڭىز، مەنمۇ ئاستا كېتىپ قالىمەن، تۇرمۇشىڭىزغا دەخلى قىلمايمەن!-دېدى.  چياۋ يۆرەننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم. ئەر كىشى دېگەنگە بىر ئۆمۈر سىرداش ئايال بولسىلا بولدى، چياۋ يۆرەن دەل مۇلايىم، پەزىلەتلىك، ئەزەلدىن ئەرلەرگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەيدىغان ئايال ئىدى.
ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بۇنداق مۇناسىۋەت يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، مەن ئىزچىل كەلگۈسىدە قانداق بىر تەلەيلىك ئەر مۇشۇنداق بىر قىزنى ئالىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن ھازىر مەن ئاجرىشىپ كەتسەملا، دەرھال ئۇنى ئەمرىمگە ئالالايمەن. نىڭئېرغا كەلسەك، ئۇنىڭ دادىسىنىى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
-يۆرەن، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن لېي تيەنلېي سىزگە شۇنداق قىلغان ئىكەنمەن، چوقۇم مەسئۇل بولىمەن، سىزنى چوقۇم ئالىمەن!
-لېي ئاكا، بەزىدە مەنمۇ بىر كۈنى توي كۆڭلىكى كىيىپ سىزگە ياتلىق بولۇشنى ئويلايمەن، مەنمۇ شۇنداق بەختلىك چاغلارنى ئويلايمەن، بىراق مەن يەڭگەمنى ئويلىساملا ئۆزۈمنى ئەيبكاردەك ھېس قىلىمەن، ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ تويىڭلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغاندەك ھېس قىلىمەن! يەڭگەمنىڭ راستلا يولدىن چىقىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن، بىراق سىز بۇنداق قارار چىقارغان ئىكەنسىز، چوقۇم مېنىڭ سەۋەبىمدىن بولغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا سىزنىڭ ئاجرىشىشىڭىزنى خالىمايمەن، ئۇنداق بولسا مەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىمەن!
چياۋ يۆرەننىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، قەلبىمدە ئازراق داۋالغۇش پەيدا بولدى. راستىنى ئېيتسام، دەسلەپتە ئايالىمنىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا مەن ھازىرقىدەك قەتئىي ئەمەس ئىدىم. كېيىن چياۋ يۆرەن بىلەن بۇ خىل مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، مەن ئاجرىشىپ كەتسەممۇ يەنە بىرنى ئالسام بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا بۇ خىل تۇيغۇ پەيدا بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ئالدىنقى شەرت ئايالىم يولدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى كېرەك، مەنمۇ ئۇنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىسپاتىنى قولغا چۈشۈرمىسەم بولمايتتى.
چياۋ يۆرەن بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، كۆزىدىكى ياش مەڭزىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىگە قاراپ، ئىختىيارسىز كۆڭلۈم يېرىم بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر پارچە قەغەز بىلەن ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتتۈم.
-يۆرەن، يىغلىماڭ، يىغلىسىڭىز مەن بىئارام بولىمەن! بۇ ئىشنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق دېدىمغۇ، سىز پەقەت مېنىڭ سىزنى ئېلىشىمنى ساقلىسىڭىزلا بولدى!
-بولدى، بۇنى دېيىشمەيلى، لېي ئاكا، سىز چۈشتە راستىنلا ئۇ ئايالنى تاماققا تەكلىپ قىلامسىز؟-دېدى چياۋ يۆرەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
-مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭ زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق سوراپ باقىمەن، ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا بۇنىڭدىن كېيىن بېرىش-كېلىش قىلمايمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن مەنمۇ ئۇنى تونۇمايمەن!-دېدىم مەن.
-ھە، مەيلى، ئۇنىڭ زادى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق سورايلى، بۇنداق ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق يولىڭىزنى توسۇپ يۈرسە قانداق بولىدۇ؟ ھازىر ئالدامچىلار بەك كۆپ!
-ھە، خاتىرجەم بولۇڭ، بۈگۈن چۈشتە ئۇنىڭغا ئېنىق دەپ قوياي، بولمىسا سىزمۇ مەن بىلەن بىللە بېرىڭ!
-مەن بارماي، ناۋادا خەق سىزگە مەخپىي گەپ قىلىپ قالسا مەن ئارتۇقچە بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن، شۇڭا سىز بېرىڭ!
شۇنىڭدىن كېيىن مەن چياۋ يۆرەن بىلەن تاكى سىرتتا بىرسى ئىشىكنى چەككەنگە قەدەر قۇچاقلاشتۇق. ئارقىدىن تۈر دىرېكتورى كېلىپ مەن بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت تەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلدى، چياۋ يۆرەن چىقىپ كەتتى. تۈر دىرېكتورىمنىڭ ئىشى تۈگىگەندە، سائەت 11 دىن ئاشقان ئىدى. مەن يەنە بىر ئاز ماتېرىيال كۆردۈم، سائەت 12 بولاي دېگەندە لىفىتقا ئولتۇرۇپ بىنادىن چۈشتۈم. بىنانىڭ ئالدىغا چىققاندا بىر قاراپلا ئاۋدى a8 نى كۆردۈم.
چىن يۆ ناھايىتى چىرايلىق بىر قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان ھالدا ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇردۇم.
-مېنى نەگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىسىز؟-دېدى ماشىنىغا چىققىنىمنى كۆرگەن چىن يۆ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى.
-مېنىڭمۇ بىلىدىغان ياخشىراق يېرىم يوق، چىن خانقىز سىزنىڭ نېمە  يېگۈڭىز بار؟
-تۈنۈگۈن ساماۋەر شورپىسى يېگەندىن كېيىن، بۈگۈن سىچۇەن تائاملىرى قورۇمىخانىسىغا بارايلى، مەن بىر ياخشى سىچۇەن تائاملىرى قورۇمىخانىسىنى بىلىمەن!
-ھە، بولىدۇ...
مېنىڭ سۆزۈم تۈگىمەيلا، چىن يۆ ماشىنىنى قوزغاتتى. يولدا مەن:
-چىن يۆ خانقىز، بىز بۇ ھەپتىدە تۆت قېتىم كۆرۈشتۇق، مېنى زادى نېمە ئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەنلىكىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟-دېدىم.
-نېمە بولدى؟ قورقتىڭىزمۇ؟
ئۇنداق ئەمەس، سىز بۇنداق قىلسىڭىز مەن بەك سىرلىق ھېس قىلىدىكەنمەن، مېنىڭ قىزىقىشىم بىر قەدەر كۈچلۈك، شۇڭا....
-خاتىرجەم بولۇڭ! سىز يەۋەتمەيمەن، پەقەت سىز بىلەن پاراڭلاشقۇم بار.
-مېنىڭچە بىز يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسەك باشقىلار كۆرۈپ قالسا غەيۋەت قىلىدۇ، سىزنىڭ توي قىلغان قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، مەن توي قىلغان ئەر كىشى، ھەمىشە باشقا ئاياللار بىلەن سىرتقا چىقىپ تاماق يېسەم تازا ياخشى بولماس!
-بىز بۈگۈن تېخى ئىككىنچى قېتىم تاماق يىدۇققۇ، يەنە كېلىپ تۈنۈگۈن مەن سىزنى مېھمان قىلغان، بۈگۈن سىز مېنى مېھمان قىلسىڭىز توغرا ئەمەسمۇ؟-دېدى چىن يۆ. ئۇنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.  مېنىڭ گەپ قىلمىغىنىمنى كۆرگەن چىن يۆ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-لېي خوجايىن، سىز نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ ئېسىمدە قېلىشىچە سىز ئىلگىرى بەك چىقىشقاق ئىدىڭىز!-دېدى. مەن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان ھالدا:
-ئىلگىرى دېگىنىڭىز قايسى ۋاقىت؟ مەن راستتىنلا بىزنىڭ قاچان كۆرۈشكەنلىكىمىزنى ئەسلىيەلمىدىم، سىز ئازراق ئۇچۇرنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟-دېدىم.
-ئالدى بىلەن تاماق يەيلى!-دېدى چىن يۆ ماشىنىنى ھەيدەپ ئايلىنىپ ناھايىتى تېزلا بىر كىچىك ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا كەلدى، كىچىك ئاشپۇزۇلنىڭ ئۈستىدىكى ناھايىتى چوڭ بىر تاختايغا «ھەقىقىي تەمدىكى سىچۇەن تائاملىرى قورۇمىخانىسى» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ دۇكان قارىماققا بىر قەدەر كونا كۆرۈنەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئازراق گاڭگىراپ قالدىم، بۇ قانداق ئىش؟ تېخى ئۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىڭ دېسە راسا ھەشەمەت يەرگە باشلايدىغان ئوخشايدۇ دېسەم ھېچقانچە پۇل كەتمەيدىغان مۇشۇنداق ئاشخانىغا باشلىغىنى نېمىسى؟
ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن چىن يۆگە ئەگىشىپ بىر كىچىك ئايرىمخانىغا كىردى، ئۇ ئايرىمخانا بەك كىچىك بولۇپ، تۆت كىشىلىك ئۈستەل قويۇلغان، ئوڭ-سولغا ئىككى سافا قويۇلغان، بېزىلىشىمۇ ھەددىدىن زىيادىلا ئاددىي ئىدى.
-سىز مېنىڭ سىزنى نېمىشقا بۇنداق كىچىك ئاشپۇزۇلغا ئېلىپ كەلگەنلىكىمگە بەك قىزىقامسىز؟-دېدى چىن يۆ.
-شۇنداق، راست قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن!
-بۇ يەرنىڭ قورۇمىلىرى ناھايىتى داڭلىق، مەن ئالدىنقى قېتىم كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ سىزنى مېنى ئەرلەرنى ئوڭدا قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال ئوخشايدۇ دېگەن خىيالغا كەلتۈرۈپ قويغۇم يوق!
بولىدۇ، بۇمۇ بىر چۈشەندۈرۈش، بىراق مېنىڭ ھەيران قالغىنىم بۇ يەرنىڭ تامىقى راستىنلا شۇنداق يېيىشلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە چىن يۆ نېمىشقا بۇنداق كىچىك ئايرىمخانىنى تاللايدۇ؟ ئىككىمىز ئولتۇرغاندىن كېيىن، مۇلازىم بىر تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ كەلدى، چىن يۆ ماڭا كۆرسەتتى، مەن ئۇنىڭغا بۇيرۇتۇڭ دېدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر نەچچە خىل قورۇما بۇيرۇتتى. قورۇما تېخى چىقماستىنلا مەن:
-سىزدىن سوراشقا تېگىشلىك ياكى تېگىشلىك ئەمەسلىكىنى بىلمىدىم، سىز توي قىلدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدىم.
-نېمە، مېنى ئەر ئالمايدىغاندەك تۇرامدىم؟ بىراق مېنىڭ تېخى بالام يوق، مېنىڭچە بالا بولسا بەك ئاۋارىچىلىق، مەن ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن!
-ئىشلىمەمسىز؟
-ياق، يولدىشىم تاپقان پۇل خەجلەشكە يېتىپ ئاشىدۇ، مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ھاياتىنى ئىسراپ قىلىپ پۇل تېپىشىم كېرەك ئەمەس!
-ئۇنداقتا ئېرىڭىز مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلەمدۇ؟
-بۇنى چوقۇم بىلمەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئادەتتە مەن بىلەن كارى يوق، مەن ئۆزۈم خۇشال بولساملا بولىدۇ!
-يولدىشىڭىز بەك ئوچۇقكەن ھە!
-خېلى ياخشى، ئادەتتە مەن ئوينىغىلى چىقسام ئۇ سورىمايدۇ، مەيلى توي قىلسۇن-قىلمىسۇن، ئەر-ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بوشلۇقى بولۇشى كېرەك، شۇنداقمۇ؟
-چىن يۆ خانقىز، بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، بىۋاستە ماڭا تېلېفون قىلسىڭىز ياكى ئۈندىداردا گەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، شىركىتىمگە كېلىپ مېنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى يولدا مېنى توسۇۋالماڭ!-دېدىم مەن. چىن يۆ بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-سىز ئايالىڭىزنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقامسىز ياكى شىركىتىڭىزدىكى ھېلىقى كاتىپنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقامسىز؟-دېدى. چىن يۆنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ، يۈزۈم سەل قىزىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. مېنىڭ چىن يۆنى شىركەتكە بارغۇزماسلىقىمدىكى سەۋەب، شىركەتتىكىلەرنىڭ قۇرۇق گەپ قىلىشىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چياۋ يۆرەن مېنىڭ چىن يۆ بىلەن بىللە تۇرغىنىمنى كۆرسە چوقۇم خۇشال بولمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى مەن چىن يۆنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، نېمە مەقسىتى بارلىقىنى ئەسلا بىلمەيمەن؟ بۇ يىللاردا باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلىش پىسخىكىسى بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ؟

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章