مېنىڭ سىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ

文摘   2024-11-01 20:01   新疆  

بۈگۈن كەچتىكى زىياپەت چيەنجياۋ گۇرۇھىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئىشقا  شىركەت پۈتۈن كۈچى بىلەن دېگۈدەك ئاتلاندى، پەقەت چىن مۇدىن ئىبارەت بۇ يېڭى كەلداخۇننىڭ ھېچقانداق ئىشى يوق، شۇنىڭ بىلەن ئادەم قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا يۈكلەندى.

تۇيۇقسىز چىن مۇنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى، چىن مۇ بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى ئېلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، بىر قىزنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. قارشى تەرەپ 16-17 ياشلاردا بولۇپ، ۋەنچېڭ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ فورمىسىنى كىيىۋالغان، بويى ئاز دېگەندىمۇ بىر مېتىر 60 نەچچە سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، مەكتەپ گۈزىلى دېيىشكە بولاتتى.

چىن مۇ تېلېفوننى ئالماي، ئۇنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى.

-سىز لۇ ياتىڭمۇ؟ مەن شىركەتنىڭ ئارقا سەپ بۆلۈمىدىن چىن مۇ بولىمەن، ليۇ دىرېكتور مېنى سىزنى ئالغىلى ئەۋەتكەن ئىدى.

چىن مۇ شۇنداق دەپلا قىزنىڭ سومكىسىنى ئالغىلى قولىنى ئۇزاتتى، لۇ ياتىڭ ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ سورىدى.

-نېمىشقا تېلېفوننى ئالمايسىز؟

قىزچاق كىچىك بارماقلىرى بىلەن نومۇر بېسىپ يەنە بىر قېتىم تېلېفون ئۇردى، تاكى چىن مۇنىڭ يانفونى سايراپ ئاۋاز چىققانغا قەدەر ئۇرۇپ، ئاندىن چىن مۇنىڭ سالاھىيىتىگە ئىشەندى.  چىن مۇ كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.

-يۈرۈڭ.

چىن مۇ مېڭىشقا تەمشەلگەندە لۇ ياتىڭ ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ، ليۇ خۇڭغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن چىن مۇغا ئەگىشىپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ شۇنچە ئەتراپلىق ئىكەنلىكىگە، ھەتتا چىن مۇمۇ قايىل بولماي تۇرالمىدى. ئەمما بۇنداق بولغاندا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغاندەك قىلاتتى، چىن مۇ ئىشىكنى ئېچىپ لۇ ياتىڭنى ئاپتوموبىلغا چىقىشقا بۇيرۇۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئاز دېگەندە تۆت ئەر كىشى يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنىڭ باشلامچىسى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بولۇپ، چىشلىرى سارغىيىپ كەتكەن، بۇرنىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كۈنجۈت چوڭلۇقىدىكى دانىخورەك بار ئىدى. بوينىغا كىچىك بارمىقىدىنمۇ توم ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان بولۇپ، قالغان ئادەملەرنىڭمۇ يۈزلىرىدە تارتۇق بار ئىدى. شۇ ئارىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن بىۋاسىتە ماشىنىغا چىقىپ، لۇ ياتىڭنى ئارقا رەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىسىپ قويدى. بودەك ماشىنىغا چىقماستىن، بېلىدىكى پۇرژىنىلىق پىچاقنى تۇتۇپ قويۇپ، ياۋۇزلۇقىنى ئاشكارلىدى.

-ماشىنىغا چىقىڭلار.

چىن مۇ تەمكىنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سەت چىرايىغا قاراپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تەييارلىق بىلەن كەلگەنلىكىنى بىلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ھەرىكىتى تېز بولۇپ، ھەتتا يولدىن ئۆتكەنلەرنىمۇ چۆچىتىۋەتمىدى.

لۇ ياتىڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن مۇ يېنىكلىك بىلەن ئىش قىلمىدى، ئەھۋالنى ئېنىقلاشتىن بۇرۇن، چىن مۇ ئاۋۋال ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ زادى نېمە مەقسىتى بارلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى؟ ئۆزى ليۇ دىرېكتورغا ئىككىنچى خانقىزنى ساق-سالامەت ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن.

لۇ ياتىڭ بۇ چاغدا قورققىنىدىن چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.

-ھەيدە.

چىن مۇ تاماكىسىنى لېۋىگە قىستۇرۇپ، ئالدىرىماي ئوت ياقتى، ئاندىن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كېيىن چوڭقۇر مەنىلىك ھالدا ئېغىز ئاچتى.

-سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار قانۇنغا خىلاپ، بىرەر ئىش بولسا ئولتۇرۇپ ياخشىراق پاراڭلاشساق بولمامدۇ؟ نېمىشقا بۇ قىزچاقنى تەڭلىكتە قويىسىلەر.

كەينىدىكى ئىككى ئەبلەخ تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ قول سېلىشقا تەييارلاندى، سېرىق چىش چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ۋارقىرىدى.

-قۇرۇق گەپ قىلما، ئىشىنەمسەن؟ سېنى بىر پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋېتىمەن.

-تاغا، سېيرىتمىڭىز ئېچىلىپ قاپتۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سېرىق چىش تۇيۇقسىزلا بېشىنى تۆۋەن سالدى، دەل مۇشۇ پەيتتە، چىن مۇ ھەرىكەتكە كەلدى. سېرىق ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەيلا، پەقەت بېلىكىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئارقىدىنلا پۇرژىنىلىق پىچاق يەرگە  چۈشۈپ، ئۇنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت تېگىپ، نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتتى. داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ


باشقا رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章