ئاسمان قەترى ئەمدىلا سۈزۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق، شيا چۇلېي ئاللىبۇرۇن ئويغىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قولىنى بېشى ئاستىغا ياستۇق قىلىپ قويۇپ، كىرپىكلىرىنى سەل-پەل كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغىنىچە، سەھەردىكى تاڭ نۇرىدا بارا- بارا ئوتقاشتەك قىزىل رەڭگە بويىلىۋاتقان توق قىزىل رەڭلىك دېرىزە پەردىسىگە تىكىلىپ قارىدى. ئۇ كۆڭلىدە نۇرغۇن ئىشلارنى غۇۋا ئويلاۋاتاتتى، بۇ ئىشلار خۇددى يارقىن نۇرغا، رەڭگارەڭ ھەم كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئاشۇ ئەمدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلىۋاتقان قوياشقا ئوخشاش، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چاقنىماقتا ئىدى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ياش قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، قېنىپ ئۇخلاشقا، ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قالدۇردى. ئۇ كارىۋات ئۈستىدە مىدىر-سىدىر قىلماي جىم ياتقاندەك قىلسىمۇ، قېنىدىكى خۇددى دولقۇن كۆتۈرۈلگەندەك ئۆركەشلەپ تۇرغان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن شادلىقنى ھېس قىلالايتى.
ئۇ بۈگۈن ئۇچرىشىشقا چىقىدۇ.
ئۇ بۈگۈن لياڭ ئائىلىسىدىكى ئاكا-سىڭىللار بىلەن ساياھەتكە چىقىدۇ، يەنە جاۋ جېنيا دېگەن ئەخمەق سولتەكمۇ بار! ئۇ بېشى يوغان، مۈرىسى كەڭ، سىرتقى كۆرۈنۈشى يولۋاس باشلىق ئىتقا ئوخشايدىغان جاۋ جېنيانى ئويلىسىلا كۈلگۈسى كېلەتتى، قېرىشقاندەك لياڭ جىجۇڭ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنى كېلىشكەن، ئەركەك تۈكى بار، «زېرەكلىكىنى سىرتقا ئاشكارىلىمايدۇ» دەيدۇ. ئەلۋەتتە ئاشكارلىمايدۇ-دە، ئۇ ئۇنىڭ زېرەكلىكىنى ئازراقمۇ ھېس قىلىپ يەتمىگەن تۇرسا. لياڭ جىجۇڭ، لياڭ جىجۇڭ...، لياڭ جىجۇڭ ئۇ دېگەن بىر شاللاق ئەبلەخ! جاۋ جېنيا بولسا ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەق سولتەك! ئۇنداقتا، لياڭ جىۋېنچۇ؟ ياق، لياڭ جىۋېننى «سولتەك» دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ، لياڭ جىۋېن كەم-كوتسىز كەمتەر ئادەم، ئۇنى لياڭ جىجۇڭ بىلەن بىر ئانىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلغان دېسە، ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، جىجۇڭ قوپالدەك قىلغىنى بىلەن مەردانە، جىۋېن بولسا بىلىملىك ھەم خۇش پېئىل. ئۇلار ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بار! ئەگەر ھەر ئىككىسىنى پارچىلاپ تالقان قىلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرىدىغان بولسا، راستىنلا بىر «ئۆلچەملىك» ئادەمگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى، ئۆزىنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئۆزىنى چۆچۈتىۋەتتى، شۇندىلا بېشىغا ياستۇق قىلىپ قويۇۋالغان بىلىكىنىڭ ئاغرىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ بىلىكىنى چىقىرىپ سائىتىگە قارىدى، بۇ قانداق بولغىنى؟ سائەت تېخى ئالتە بولماپتىغۇ! ۋاقىت راستىنلا ناھايىتى ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى، ئۇ يانغا ئۆرۈلۈپ، پاختىلىق يوتقىنىنى ئۈستىگە تارتىپ بەدىنىنى ھېم چۈمكىدى، ھازىر ئورنىدىن تۇرسا بولمايدۇ، ھازىر تېخى بەك ئەتىگەن، ئەگەر ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، دادىسى يەنە ئۇنى «مۈشۈكياپىلاقتىن تۇغۇلغان ئەخمەق سېكىلەك» زاڭلىق قىلىدۇ.
ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ، يەنە بىردەم ئۇخلىۋالماقچى بولىۋېدى، توساتتىن ئاستىنقى قەۋەتتىكى مېھمانخانا ئۆيگە ئورنىتىلغان تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى، جاراڭلىق قوڭغۇراق ئاۋازى تاڭ سەھەردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ بۇنى بىۋاسىتىلا لياڭ ئائىلىسىدىكى ئاكا-ئۇكىلار ئۆزىنى ئىزدەپ ئۇرغان تېلېفون دەپ ئويلاپ، كارىۋاتتىن شىددەت بىلەن سەكرەپ چۈشتى. ئۇ كارىۋاتتىن چۈشۈپلا ساپما كەشنىمۇ كىيىشكە ئۈلگۈرەلمەي، ئۇدۇل ئىشىك ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئاچتى، يالاڭ ئاياغ پەلەمپەيدىن سەكرەپ-تاقلاپ چۈشۈپ، ئىختىيارسىز غوتۇلداپ كەتتى:
- ھەممىسى ئاپامنىڭ قىلغان ياخشى ئىشى، ھوجرا ئۆيلەرگە تارماق تېلېفون ئورنىتىشقا بولمايمىش، بۇ نەنىڭ قائىدىسى ئەمدى؟ ئادەمنىڭ تېلېفون ئېلىشىمۇ شۇنچە ئاۋارىچىلىق!
ئۇ مېھمانخانىغا ئېتىلىپ كىرگەندە، تېلېفون ئون نەچچە قېتىم جىرىڭلاپ بولغان ئىدى، ئۇ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئېلىپ، ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
- ۋەي! كىمۇ؟
- ۋەي! - دېدى قارشى تەرەپ سىپايىلىك بىلەن، دەرۋەقە ئۇ بىر ئايال كىشى ئىدى،-سىزدىن سوراپ باقسام،-دېدى قارشى تەرەپ قورۇنغان تەلەپپۇزدا، ئاۋازىدىن مەلۇم بىر خىل جىددىيلىك ۋە تىت ـ تىتلىق چىقىپ تۇراتتى،-شيا قەسىرىمۇ؟
- ھەئە!-شيا چۇلېينىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، كۆڭلىدە بىر ئاز گۇمان پەيدا بولدى، ئاندىن سائىتىگە قاراپ باقتى، سائەت ئاران بەشتىن ئەللىك مىنۇت ئۆتكەنىدى. بۇنچە ئەتىگەندە تېلېفون قىلغان قايسى تەنتەكتۇ؟
- كەچۈرۈڭ،- دېدى قارشى تەرەپ ئەپۇ سوراپ، - ئۇنىڭ ئاۋازى يۇمشاق، يېنىك، پەس ۋە جەلب قىلارلىق بولۇپ، ئادەمگە شۇنداق يېقىشلىق ۋە تەسىرلىك تۇيغۇ بېرەتتى،- مالال كەلمىسە شيا دوختۇر تېلېفوننى ئالغان بولسا بوپتىكەن، شيا خەنشەن دوختۇرنى دەيمەن.
- ھە!-شيا چۇلېي پەلەمپەيگە قارىدى، دادىسى تۈنۈگۈن كەچكىچە دوختۇرخانىدا جىددىي كېسەل كۆرۈپ، يېرىم كېچە بولغاندا ئاران ئۆيگە قايتقان تۇرسا، قاق سەھەردە دادىسىنى ئويغىتىپ تېلېفوننى ئېلىڭ دېيىش رەھىمسىزلىك بولمامدۇ؟- دادام تېخىچە ئۇخلاۋاتىدۇ، سىز ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن تېلېفون قىلىڭ، بولامدۇ؟- دېدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ھەم تېلېفوننى دەرھاللا قويۇۋېتىشنى ئويلىدى.
- ۋەي، ۋەي، -دېدى قارشى تەرەپ جىددىيلىشىپ،- كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، بەك سەت بولدى، لېكىن ئۇنى ئىزدەيدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى، مېنىڭ فامىلەم دۇ.
- سىز ئۇنىڭ بىمارىمۇ؟
- ياق، مەن ئەمەس، مېنىڭ قىزىم. خاپا...،خاپا بولماي شيا دوختۇرنى چاقىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟- قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىدىن تولىمۇ تاقەتسىزلىنىپ كەتكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
ھە، ئەسلىدە ئۇنىڭ بالىسى جىددىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ-دە، دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشكەن! شيا چۇلېينىڭ ھېسىداشلىقى ئۇنىڭ نارازىلىقى ۋە ناخۇشلىقى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.
- ماقۇل، دۇ خانىم، مەن دادامنى چاقىراي،- دېدى ئۇ دەرھال،- سەل تەخىر قىلىڭ!
ئۇ تۇرۇپكىنى شىرەگە قويۇپ، چاققانلىق بىلەن پەلەمپەيدىن ئۈستىگە چىقىپ، ئۇدۇل ئاتا- ئانىسىنىڭ ھوجرىسىغا قاراپ يۈگۈردى، ئۇ ئىشىكنى چەكمەيلا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى بۇراپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا:
- دادا، دۇ خانىم دەيدىغان بىرسى سىزنى تېلېفوندا چاقىرىۋاتىدۇ، بالىسى جىددىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، سىزنى...
ئۇنىڭ ئاۋازى بىردىنلا توختاپ قالدى، چۈنكى، ئۇ دادىسىنىڭ ئاپىسىنى قۇچاقلىۋالغانلىقىنى، دادىسىنىڭ بېشى بىلەن ئاپىسىنىڭ يۈزى بىر- بىرىگە يېپىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. ۋاي ئانىمەي! ئۇلارنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندىمۇ، مۇشۇنچىۋالا يېقىنچىلىق قىلىشىپ كېتەمدىغاندۇ! ئۇ سىنچىلاپ قاراشقا پېتىنالماي، ئالدىراپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ـ دە، ئىشىكنى جالاققىدە يېپىۋېتىپ، ئىشىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
-سىلەر يېقىنچىلىق قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن مېنى چاقىرىڭلار ھە!
نيەنپىڭ يولدىشىنى ئىتتىرىۋېتىپ، كارىۋاتتا ئۆرە بولۇپ ئولتۇردى، ئۇ ئېرى شيا خەنشەنگە قاراپ قاپىقىنى بوش تۈرۈپ، نارازى بولغان ھەم ئوڭايسىزلانغان ھالدا، پەس ئاۋازدا دېدى:
-جىم تۇرۇڭ، جىم تۇرۇڭ دېسەم ئاڭلىمايسىز! قاراڭە، قىزىمىز كۆرۈپ قالدى، نېمە دېگەن سەتچىلىك بۇ!
- قىزى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېقىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا، بۇنىڭ خىجىل بولغۇدەك نەرى بار! - دېدى شيا خەنشەن بىرئاز ئەيمىنگەن ھەم ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا مىسكىن ئولتۇرۇپ. ئۇ ئىختىيارسىزلا نيەنپىڭغا سەپسېلىپ قارىدى، توي قىلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش جۇلالىنىپ تۇراتتى. قىرىق ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا گۈزەل ئىدى. پىشقان، تەمكىن ھەم چىرايلىق ئىدى. بىر خىل ئىچى ئېچىشقاندەك تۇيغۇ شيا خەنشەننىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى تىلغاپ ئۆتكەندەك بولدى. ئۇ ئايالىغا قاراپ ئىختىيارسىزلا سورىدى:
- يېقىنچىلىق قىلىشىپ باقمىغىنىمىزغا قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- سىز ئالدىراش تۇرسىڭىز! - دېدى نيەنپىڭ ئۆزىنى قاچۇرغاندەك قىلىپ،- سىز كۈن بويى سىرتلاردا كېسەل كۆرۈش بىلەن ئالدىراش يۈرسىڭىز، يېرىم كېچە بولمىغىچە ئۆيگە قايتمىسىڭىز، ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ھېرىپ كەتتىم دەپ ...
- بۇ گەپچە، مەن سىزگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپتىمەندە؟- سورىدى شيا خەنشەن ئاچچىقىنى باسالماي.
- نېمە بولدى؟- دېدى نيەنپىڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ،- سىز قەستەن ئاۋارىچىلىق تاپمايۋاتقانسىز ھە؟ كونا ئەرـ خوتۇنلاردىن بولۇپ قالغاندىمۇ، ئەجەبا سىز...
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم |