كىشىلىك ھايات خۇددى بىر مەيدان قىمارغا ئوخشايدۇ، ھېچكىم ئەتە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بەزىلەر بىر كېچىدىلا خانىۋەيران بولۇپ كېتىدۇ، بەزىلەر بىر كېچىدىلا بېيىپ تىقىلىپ كېتىدۇ.
بىرىنچى باب
دۇنيادا ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تاللىغان يوللىرى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا يۈزلىنىدىغان تۇرمۇشىمۇ تەبىئىي ھالدا پەرقلىق بولىدۇ. مەن تاللىغان يول قارىماققا پۇلنى سۇدەك خەجلەپ، ناھايىتى ئاقسا ياشىغىلى بولىدىغاندەك كۆرىنىدۇ، لېكىن تاللىغانلار كۆپ ئەمەس، چۈنكى بۇ بىر تۇيۇق يول...
ئادەتتە جەڭلەردە ھەر خىل تاكتىكىلار بولغىنىدەك، قىمارغىمۇ سىز ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان، لېكىن يېڭىش-يېڭىلىشنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئاچقۇچلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ!
مېنىڭ ئىسمىم شيۇڭ جيۇدۇڭ، مەن مەخسۇس ئۇستاز تۇتۇپ، ئون نەچچە يىل تەلىم ئالغان قىمار نەيرەڭچىسى (قىمار نەيرەڭچىسى: قىماردا كىشىلەر ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان ھەر خىل يوشۇرۇن ماھارەتلەرنى ئىشلىتىپ، ساختىلىق قىلىپ ئۇتىدىغان ئۇستا قىمارۋازلارنى كۆرسىتىدۇ). مەن جاھان كېزىپ يۈرۈپ، تۈرلۈك سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەر خىل قىمار ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىلىدىم.
مېنىڭچە قىمار قىرغىقى كۆرۈنمەيدىغان بىپايان دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا بىرلا چۈشتىڭىزمۇ قايتىپ چىقىشقا ئامالسىز قالىسىز. قىماردا بەزىلەر دائىم ئۇتتۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بەك ئاددىي، چۈنكى قىماردا ئادەتتىكى قىمارۋازلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان قىلتاق ۋە ھىيلە-نەيرەڭلەر بولىدۇ. ئۇستاز تۇتۇپ ھۈنەر ئايرىغان قىمار نەيرەڭچىلىرى ھەرخىل دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ، ھەركىم ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىگە قاراپ، ئوخشىمىغان قىمارخانىلارغا كىرىپ ئوينايدۇ. لېكىن، ھەر قانچە ئۇستا نەيرەڭچىلەرنىڭمۇ ئىنتايىن قورقىدىغان بىر ئىشى بار، ئۇ بولسىمۇ قىماردا نەيرەڭ ئىشلىتىپ تۇتۇلۇپ قىلىش. مەنمۇ شۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باققان، شەندۇڭدىكى ئاشۇ بىر قېتىملىقى مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى...
ئۇ يەتتىنچى ئاينىڭ مەلۇم بىر كېچىسى ئىدى، پۈتۈن شەھەرنى كاۋاپ ھىدى قاپلىغانىدى، مەن مەدەنىيەت يولىدىكى ئالتۇن قىرغاق ئارامگاھىغا كەلدىم.
بۇ يەر ئۈچ قەۋەت ئىدى، ئۈستۈنكى قەۋىتى شاھماتخانا، چايخانا، كۈتۈنۈش ئورنى، ئىككىنچى قەۋىتى پۇت يۇيۇش ۋە ئۇۋۇلاش مەركىزى، ئاستىنقى قەۋىتى بىر يەر ئاستى قىمارخانىسى ئىدى. مەن بۇ قىمارخانىدا كۈندە ئىككى سائەتتىن ئۇدا ئون نەچچە كۈن ئويناپ، ھەر كۈنى نەچچە مىڭ يۈەننى چۆنتىكىمگە سالدىم. مەن ئاچكۆز قىمارۋازلاردىن ئەمەس، ھەر كۈنى پۇرسەتنى ياخشى پەملەپ تۇرۇپ، پەقەت بىر قېتىملا نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ئۇتىۋالغان ھامان قايتىمەن. ماڭا نىسبەتەن، قىمار مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىم، قىمارخانا بولسا مەن پۇل تاپىدىغان جاي.
كەچ سائەت توققۇزدىن ئونغىچە بولغان ۋاقىت قىمارخانىنىڭ ئەڭ قىزىيدىغان ۋاقتى، بۈگۈنمۇ نۇرغۇن قىمارۋازلار بۇ يەرگە يىغىلغانىدى. مەن ئادەمنى ئىلمىي كۆرسىتىدىغان سېرىق گىرۋەكلىك كۆزەينىكىمنى تاقاپ، بىر قېتىم ئۇتىۋېلىپلا بۇ يەردىن كېتىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
ـــ ئادۇڭ بۇ ياققا كېلىڭ، بۇ تەرەپتە بوش ئورۇن بار!
ـــ ھە مانا كەلدىم، ـــ بىرى مېنى چاقىرىۋىدى، دەرھال باردىم.
قىمارخانا يېڭى-يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشقىلى بولىدىغان جاي، بۇ يەردە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە ھەقىقىي دوستلۇق يوق، كىشىلەرنىڭ كۆز تىكىدىغىنى پەقەت قارشى تەرەپنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلى، خالاس.
ئويلىمىغان يەردىن، بۈگۈن تەلىيىم ئوڭدىن كېلىدىغاندەك قىلاتتى، تاۋكانى چۆرىدەپ ئولتۇرغان بەش-ئالتەيلەننىڭ ھەممىسى چوڭ- چوڭدىن تىكىشىۋاتاتتى، ئولجىلار ناھايىتى سېمىز كۆرۈنەتتى.
«ئولجا» دېگىنىمىز قىمارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تۈزۈك بىلمەيدىغان، پەقەت تەلەيگە تايىنىپ ئوينايدىغان ئادەتتىكى قىمارۋازلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر مەيدان قىماردا 10 مىنۇتقىچىمۇ كىمنىڭ «ئولجا» ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا گۇمان قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىز بىر «ئولجا»! ئىلگىرىكى تەجرىبىلىرىمگە تايىنىپ، نەچچە مىنۇتتىلا ئەڭ سېمىز ئولجىدىن بىرنى نىشان قىلدىم. ئۇ بىر يوغان قورساق، سېمىز ئادەم ئىدى، بارمىقىغا يوغان ئۈزۈك تاقىۋالغان بولۇپ، جۇڭخۇا تاماكىسىنى چېكىپ ئولتۇراتتى، ئالدىدا يەنە بېنز ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى تۇراتتى.
ئۇ قىمارنى كۆڭۈل خوشى ئۈچۈنلا ئوينايدىغاندەك، يېڭىش-يېڭىلىشكە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغاندەك كۆرىنەتتى، ئۇ ئادەتتىكى قىمارۋازلارغا ئەمەس، بەلكى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىمارخانىغا كەلگەن چوڭ غوجايىنلارغا ئوخشايتتى.
تاۋكادىكى باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى تەكەللۇپ قىلىپ، پات-پات خۇشامەت سۆزلىرىنى قىلىپ قوياتتى. بۇنداق غوجايىنلار ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۇپ قويۇش ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. مەن ئولجىنى بېكىتكەندىن كېيىن، نەيرەڭ ئىشلەتكۈدەك مۇۋاپىق پەيتنى كۈتتۈم، ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا كېتىۋاتاتتى. مەن سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەت ئىزدەپ، تاۋكا باشلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن، ئاخىرى مۇۋاپىق بىر پەيت تاپتىم.
ئۇنىڭغا چوڭ قارت چىققاندەك تۇراتتى، ئۇ توختىماي دو تىكىۋاتاتتى، مەنمۇ قالماي ئەگەشتىم، تاۋكادىكى فىشكىلار بارغانسېرى ئېگىزلەۋاتاتتى... داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم |