بۇزۇقچىلىق (274): ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالامسىز؟

文摘   2024-11-01 20:01   新疆  

بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل

(رومان)

ئاپتورى: مۇ رېن

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97
98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126
127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177
178
179
180
181
182
183
184
185
186
187
188
189
190
191
192
193
194
195
196
197
198
199
200
201
202
203
204
205
206
207
208
209
210
211
212
213
214
215
216
217
218
219
220
221
222
223
224
225
226
227
229
230
231
233
234
235
236
237
238
239
240
241
242
243
244
245
246
247
248
249
251
252
253
254
255
256
257
258
259
260
261
262
263
264
265
266
267
268
269

273
272
271
270
(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (273): ماڭا پۇل كېرەك

چياۋ لى مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن سورىدى.

-مەن ئىلگىرى سىزگە 500 مىڭ يۈەن كېرەك دېگەنىدىم، لېكىن سىز بەرمىدىڭىز، يەنە تېخى مېنى ئۆيىڭىزدىن قوغلاپ چىقاردىڭىز، سىز ھازىر چىقىرالامسىز؟

-ھە؟ 500 مىڭ؟ مەن بىر پېنسىيەگە چىققان قېرى ئەر، بىر ئايلىق پېنسىيە مائاشىم ئاران 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يېمەي-ئىچمەي 10 يىل يىغساممۇ، بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى قانداقمۇ چىقىرالايمەن؟-دەپ سورىدى ساۋ مىڭيى ئەجەبلەنگەن ھالدا.

-ۋۇ بو چوڭ خوجايىن ئەمەسمۇ؟ ئۇنى ئىزدىسىڭىز بولىدىغۇ؟ سىز ماڭا 500 مىڭ يۈەن بەرسىڭىزلا، مەن سىزنى كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە سىز بىلەن بىللە بولىمەن، بولمىسا سىزنى مەڭگۈ تىللايمەن، بۇ ئۆمرىڭىزدە تىنىچلىققا ئېرىشەلمەيسىز!-دېدى چياۋ لى پەس ئاۋازدا.

-چياۋ لى، ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئامال قىلىپ تەلىپىڭىزنى قاندۇرىمەن!-دېدى ساۋ مىڭيى ئالدىراپ.

-راستمۇ؟-دەپ سورىدى چياۋ لى خۇشاللىق بىلەن.

-ئەلۋەتتە راست، ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئاساسلىقى سىزنىڭ مېھمانخانا ياتىقىدا مېنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، لى باش مۇدىر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى تۇرار جايىمدىن قوغلاپ چىقارغان، سىز مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن پۇشايمان قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن سىز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا مېنى پاش قىلىش خېتى يازغاندىن كېين، بىز ئاندىن بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالدۇق!-دېدى ساۋ مىڭيى چۈشەندۈرۈپ.

ساۋ مىڭيىنىڭ بۇنداق چۈشەندۈرۈشىدىن كېيىن، چياۋ لى ئۇنى سەل ۋىجدانلىقتەك ھېس قىلىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.

-ئېرىم، كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن، مەن سىزنى خاتا چۈشىنىپ ئۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلىپ، خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىزغا سەۋەبچى بولماسلىقىم كېرەك ئىدى، مەنمۇ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ جازاغا ھۆكۈم قىلىندىم...

-ئىش ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەن، ئەمدى تىلغا ئالمايلى، بىز يەنە قايتا ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىر-بىرىمىزنى ئوبدان قەدىرلەيلى، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن!-دېدى ساۋ مىڭيى ھاياجانلانغان ھالدا.

ساۋ مىڭيى ھاياجان ئىچىدە، ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ھازىر قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولغانلىقىنى چياۋ لىغا ئېيتماقچى بولغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بۇنى دېمىدى. شۇنىڭ بىلەن چاندۇرماي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

-سىز ئېھتىياجلىق بولغان 500 مىڭ يۈەنگە كەلسەك، مەن تېزدىن ئامال قىلىپ سىزگە بېرىمەن!

-راستمۇ؟

چياۋ لى خۇشاللىق بىلەن سورىدى. ساۋ مىڭيى ئەتە شىنيۈەن ئۆي-زېمىن گۇرۇھى شىركىتىگە قۇرۇلۇش تەستىق ھۆججىتى بەرگەندىن كېيىن، 2 مىليون يۈەن ئالالايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، بېشىنى لىڭشىتتى.

-ئەلۋەتتە راست!

-ئېرىم، سىز ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەنسىز، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن چىقىپ بىر نەرسە ئەكىرەي!-دېدى چياۋ لى دەرھال ساۋ مىڭيىنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ.

-نېمە نەرسە؟-دەپ سورىدى ساۋ مىڭيى تەقەززالىق بىلەن.

-بىخەتەرلىك قاپچۇقى!-دېدى چياۋ لى خۇشاللىق بىلەن.

-ھە؟

ساۋ مىڭيى ھاڭ-تاڭ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، چياۋ لى ئورنىدىن تۇرۇپ ئايرىمخانىنىڭ سىرتىغا قاراپ ماڭدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ئايرىمخانىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كارىدوردا چېن بىڭنى ئۇچرىتىپ قالدى، ھەم ئۇ ئالدىراپ ماڭغاچقا ئىككىسى سوقۇشۇپ كەتتى.

116-باب: ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالامسىز؟

-ھە؟ چېن بىڭ، ئەسلى...سىز ئىكەنسىزدە؟ سىز...بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟

چياۋ لى يەردىن ئۆمىلەپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇمۇ چېن بىڭنى بىر قاراپلا تونۇۋالدى-دە، ئىختىيارسىز چۆچۈپ كەتتى.

-مەن شۇ، ئىسمىڭىز زادى چېن جيامۇ ياكى نېمە؟ سىز يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ساۋ مىڭيى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، باشقىلار بىلەن ئەر-خوتۇن «ئالماشتۇرۇش» ئويۇنى ئويناپ، ياخشى ئائىلىنىڭ ئاياللىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولمىغانسىز؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ئۇنىڭغا زەردە بىلەن قاراپ.

بۇ ئايالنىڭ ئىلگىرى ئىسمىنى چېن جياغا ئۆزگەرتىپ، بۇرۇنقى ئېرى ياڭ جيەنشې بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تاڭچېڭ مېھمانسارىيىدا ھېلىقى بىمەنە ئەر-خوتۇن «ئالماشتۇرۇش» ئويۇنىنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئويلىسىلا، چېن بىڭنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ كېتەتتى.

چياۋ لى ئەسلىدە چېن بىڭ بىلەن تاكاللاشماقچى بولغان، لېكىن ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئويلاپ، ئىشنى چوڭايتىۋەتكۈسى كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىداپ تۇرۇپ، چېن بىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى.

-كەچۈرۈڭ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلار بىزنىڭ خاتالىقىمىز، مەن ھازىر سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن، بىراق بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي بىزدىن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەيىبلەشكە توغرا كەلسە، ئېرىڭىز ياڭ جيەنشېدىن كۆرۈڭ، ئۇ بىزدىن شۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلغان...

چېن بىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى غەزەپلەندى.

-مەن ئاللىبۇرۇن ياڭ جيەنشې بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم، ئالدىمدا ئۇ باسقۇنچى جىنايەتچىنى ئاز تىلغا ئېلىڭ!

-سىز ياڭ جيەنشېدەك داشقال ئەر بىلەن بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كېتىشىڭىز كېرەك ئىدى، مۇبارەك بولسۇن، چېن ئاچا، مېنىڭ ئىسمىم چېن جيا ئەمەس، بەلكى چياۋ لى!-دېدى چياۋ لى خۇشامەتچلىك قىلىپ.

چېن بىڭ ئالدىنقى قېتىم ساۋ مىڭيىنىڭ دەريا بويىدىكى پىرىستاندا ئۇنىڭغا دېگەن گەپلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، چۈشەنمىگەن ھالدا سورىدى.

-سىز بۇرۇنلا ساۋ مىڭيى دېگەن قېرى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنتىڭىزغۇ؟ نېمىشقا يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدىڭىز؟

-سىزدىن يوشۇرمايمەن، مەن ئالدىنقى قېتىم ساۋ مىڭيىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى ماڭا تۆھمەت ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن بىر يېرىم يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن مېنىڭ بارىدىغان يېرىم يوق، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ھەمراھ خانقىرى بولدۇم، بايا گۇرۇپپا باشلىقى مېنى مېھمانغا ھەمراھ بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئويلىمىغان يەردىن، مەن ھەمراھ بولىدىغان مېھمان دەل ئۇ ئىكەن!-دېدى چياۋ لى راستچىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.

-قارىغاندا، بىز ھەقىقەتەن ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچار بوپتىمىز، سىز قانداق قىلماقچى؟ ساۋ مىڭيىدىن ئۆچ ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتامسىز؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ.

-ساۋ مىڭيى ھازىر پېنسىيەگە چىققان ئادەم، ئۇنىڭ ھوقۇقىمۇ، پۇلىمۇ يوق، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالساممۇ نېمە پايدىسى؟-دېدى چياۋ لى چاندۇرماي.

-كىم سىزگە ئۇنى ئادەتتىكى پىنسىيىگە چىققان ئادەم دېدى؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ھەيرانلىق بىلەن.

-ئۇ بىر ئادەتتىكى پىنسىيىگە چىققان ئادەم بولماي نېمە؟-دەپ سورىدى چياۋ لى چۈشەنمىگەن ھالدا.

چېن بىڭ ھازىر ساۋ مىڭيىگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەچكە، ئۇ چياۋ لىنىڭ قولىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى.

-سىزگە راست گەپ قىلاي، ئۇ ھازىر قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، پېنسىيەگە چىققان ئادەم ئەمەس!

-راستمۇ؟-دەپ سورىدى چياۋ لى چۆچۈپ.

-ئەلۋەتتە راست، بىراق بۇ ئىشنى ھەرگىز مېنىڭ دېگەنلىكىمنى ئېيتماڭ ھە!-دېدى چېن بىڭ ئەسكەرتىپ.

-ئۇنداق بولمايدۇ.

چياۋ لى سەل ھەيران قالغان ھالدا جاۋاب بەردى، ئۇ ھېلىقى قېرى ئەرنىڭ بۇنداق ئىشتا ئۆزىنى ئالدىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. چېن بىڭ ئۆزى بىلەن ۋۇ بو ۋە ساۋ مىڭيىنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى چياۋ لىغا ئېيتىشنى خالىماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چياۋ لىغا تەكلىپ بەردى.

-بىز ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش نومۇرىمىزنى قالدۇرۇپ قويايلى، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە ياردەم قىلالايمەن!

-ماقۇل، تېلېفون نومۇرۇم...

چياۋ لى تېلېفون نومۇرىنى چېن بىڭغا ئېيتىپ بەردى. چېن بىڭ يان تېلېفونى بىلەن چياۋ لىنىڭ نومۇرىنى ساقلىغاندىن كېيىن، دەرھال بۇرۇلۇپ كارىدورنى بويلاپ، لىفىت ئېغىزى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

ئىككىسىنىڭ پارىڭىنىڭ مەزمۇنى ئايرىمخانىدىن قوغلاپ چىقىپ، يەنە ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ ئىچىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلاۋاتقان شياۋ لەن ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىدى.

چېن بىڭ كېتىپ كارىدوردا غايىب بولغاندىن كېيىن، شياۋ لەن سافادا ئولتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن ۋۇ بونىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ۋۇ بونىڭ جانسىز تۇرقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سورىدى.

-يېزنە، نېمە ئويلاۋاتىسىز؟

ۋۇ بو بىردىنلا ئېسىنى يىغىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ شياۋ لەندىن سورىدى.

-قانداق؟ چېن بىڭ كەتتىمۇ؟

-ھەئە، كەتتى، پەرەز قىلىپ بېقىڭە، چېن بىڭ سىرتقا چىققاندا كىمنى ئۇچرىتىپ قالدى؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن.

-كىمنى ئۇچرىتىپ قالدى؟-دەپ قايتۇرۇپ سورىدى ۋۇ بو تەقەززالىق بىلەن.

-ھېلىقى ھەمراھ خانقىزنى ئۇچرىتىپ قالدى!-دەپ جاۋاب بەردى شياۋ لەن راستچىللىق بىلەن.

-ھە؟ سىز چياۋ لىنى دەۋاتامسىز؟

ۋۇ بو ياڭ جيەنشې، چياۋ لى ۋە ساۋ مىڭيىنىڭ ئىلگىرى چېن بىڭنى ئالداپ تاڭچېڭ مېھمانسارىيىنىڭ 1020-ياتىقىغا ئېلىپ كىرىپ، ئەر-خوتۇن «ئالماشتۇرۇش» ئويۇنى ئوينىغانلىقىنى بىلگەچكە، چېن بىڭنىڭ چياۋ لى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قالدى.

-شۇنداق!-دېدى شياۋ لەن بېشىنى لىڭشىتىپ.

-ئۇلار ئۇرۇشۇپ قالمىغاندۇ؟-دەپ سورىدى ۋۇ بو تەقەززالىق بىلەن.

-ياق، ئۇلار ئىككىلىسى ساۋ مىڭيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاچقا، ئىككىسى يارىشىپ قالدى، چېن بىڭ چياۋ لىغا ساۋ مىڭيىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىپ، بىر-بىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويدى، ئاندىن تىل بىرىكتۈرۈپ ساۋ مىڭيىدىن ئۆچ ئالماقچى بولدى،-دېدى شياۋ لەن راستچىللىق بىلەن.

-ھە؟ قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟

ۋۇ بو ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.

-ھەي، قارىغاندا ئايالىڭىز خېلى ھىيلىگەر ئىكەن، ئادەمنى تىنچ قويىدىغان ئادەم ئەمەس ئىكەن!-دېدى شياۋ لەن ئۇھ تارتىپ.

-شۇنداق، بۇ ھالقىلىق پەيتتە ساۋ مىڭيىغا بىر ئىش بولسا بولمايدۇ، بولمىسا شىركىتىمىز تەرەققىيات رايونىدىكى ئۇ يەرنىڭ قۇرۇلۇش تەستىق ھۆججىتىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ!-دېدى ۋۇ بو قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

-ئۇنداقتا سىز قانداق قىلماقچى؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن.

-مەن چېن بىڭ بىلەن چياۋ لىنىڭ ئۇچرىشىپ، بىرلىشىپ ساۋ مىڭيىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان ئىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئايالدىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئېيتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامال قىلىپ بۇ ئىككى ئايالنىڭ ساۋ مىڭيىدىن ئۆچ ئېلىشىنى توسىمەن!-دېدى ۋۇ بو قىلچە ئىككىلەنمەستىن.

-پىكرىڭىزگە قوشۇلىمەن، بىراق ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ ساۋ مىڭيىدىن ئۇ يەرنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئالىدىغانلىقىڭىزنى چېن بىڭغا ئېيتماڭ، ئەگەر ئۇ ساۋ مىڭيىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، سىزنىڭ ساۋ مىڭيى بىلەن ئوتتۇراڭلاردىكى پارا بېرىش-پارا ئېلىش ئىشىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلىپ قويسا، چاتاق بولىدۇ!-دېدى شياۋ لەن ئەسكەرتىپ،

-ساۋ مىڭيىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، چېن بىڭ مېنى چېتىۋالماس؟-دېدى ۋۇ بو بىر ئاز ئېنىق بولمىغان ھالدا.

-بۇنىڭغا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ قورغان كۆپىنچە ئىچكى دۈشمەن سەۋەبىدىن بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ياستۇقىنىڭ يېنىدىكى ئادەم ئۆچ ئالغاندا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتىدۇ!-دېدى شياۋ لەن چۈشەندۈرۈپ.

ۋۇ بو شياۋ لەننىڭ دېگىنىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى.

-شياۋ لەن، رەھمەت سىزگە!

-سىز مېنىڭ يېزنەم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئاچامنىڭ يۈزىنى دەپ بولسىمۇ چوقۇم سىزگە ياردەم قىلىشىم كېرەك، بۇنىڭ رەھمەت ئېيتقۇدەك نېمىسى بار؟-دېدى شياۋ لەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

-ئۇنداق بولسا، بىز ھازىرلا ياندىكى ئايرىمخانىغا بېرىپ، چياۋ لىنىڭ ساۋ مىڭيىنىڭ ئالدىدا زادى قانداق نەيرەڭ ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى!-دېدى ۋۇ بو قىلچە ئىككىلەنمەستىن.

-سىز چېن بىڭنىڭ يالغۇز ئۆيگە قايتىشىدىن راستتىنلا ئەنسىرىمەمسىز؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن.

-چېن بىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چياۋ لى بىلەن بىرلىشىپ ساۋ مىڭيىدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ، بىز يەنىلا رەسمىي ئىشنى قىلايلى، ۋاقتىنچە ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسۇن!-دېدى ۋۇ بو تەكلىپ بېرىپ.

شياۋ لەن ۋۇ بونىڭ بۇ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ۋۇ بوغا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.

-بولىدۇ، بىز ھازىرلا ياندىكى ئايرىمخانىغا بېرىپ قاراپ باقايلى!

بىراق ئۇلار بىرلىكتە ئايرىمخانىدىن چىقىپ، ياندىكى 406-ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان چاغدا، كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ئىش ئىككىيلەننى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.

بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 274-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章