بۇزۇقچىلىق (244): ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟

文摘   2024-09-30 23:52   新疆  
بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل
(رومان)
ئاپتورى: مۇ رېن

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
33
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97
98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126
127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173
174
175
176
177
178
179
180
181
182
183
184
185
186
187
188
189
190
191
192
193
194
195
196
197
198
199
200
201
202
203
204
205
206
207
208
209
210
211
212
213
214
215
216
217
218
219
220
221
222
223
224
225
226
227
229
230
231
233
234
235
236
237
238
239
240
241
242
243
(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)
ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (243): شياۋ لەننىڭ ئۇيقۇسى قاچتى
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن چۈشۈپلا، شياۋ لەن تاقەتسىزلىك بىلەن ۋۇ بوغا تېلېفون قىلدى. بۇ ۋاقىتتا، ۋۇ بونىڭ ئاۋدى ماشىنىسى يەنىلا چېن بىڭ ئىشلەيدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان ئىدى.
ئۇ شياۋ لەندىن كەلگەن تېلېفوننى كۆرۈپلا، دەرھال تېلېفوننى ئېلىپ سورىدى.
-شياۋ دېرىكتور، سىز ميەنچېڭغا كەلدىڭىزمۇ؟
-ھە، كەلدىم، سىزچۇ؟-دەپ سورىدى شياۋ لەن.
ۋۇ بو شياۋ لەننىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى چېن بىڭغا ئەگەشكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىنى خالىماي، يالغان ئېيتتى.
-مەن شىنيۈەن ئۆي-زېمىن گۇرۇھى شىركىتىگە بېرىپ ئازراق ئىش بېجىردىم، ئەمدىلا ئۆلكە مەركىزىدىن يولغا چىقتىم!
-بولىدۇ، مەن سىزنى ميەنچېڭدا ساقلايمەن، يولدا ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدەڭ!
شياۋ لەن ۋۇ بوغا تاپىلاپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
«شياۋ لەن ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتامدۇ؟»
تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ۋۇ بونىڭ كۆڭلى ئىللىپ قالدى، ئۇ پات ئارىدا ميەنچېڭغا بېرىپ شياۋ لەن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، يۈرىكى باشقىچە ھاياجانغا تولدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال تورمۇزنى بوشىتىپ، ماي كلاپانىنى كۈچەپ دەسسىدى. ھەش-پەش دېگۈچە ئىقتىدارى ئۈستۈن بولغان ئاۋدى ماشىنا خۇددى بىر تال ئوقياغا ئوخشاش، تېزلىكتە ميەنچېڭ تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
بۇ كۆرۈنۈشنى دۇكاننىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى HP يورۇتۇش دۇكىنىنىڭ دېرىزىسى ئالدىدا قاراپ تۇرغان چېن بىڭ كۆردى.
«ھە؟ ئېرىمنىڭ ماشىنىسى قانداقسىگە بۇ يەردە بولىدۇ؟»
چېن بىڭ ئاۋدى ماشىنىدىكى تونۇش نومۇر تاختىسىغا قاراپ، بايا دۇكاننىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشنى ئېسىگە ئالدى-دە، بىردىنلا يۈرىكى تىترەپ كەتتى.
«ئەجەبا ئۇ ئىزچىل ئىزىمغا چۈشكەنمىدۇ؟»
76-باب: ئۇنىڭ بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟
-چېن ئاچا، نېمە قىلىۋاتىسىز؟
چېن بىڭ دەككە-دۈككىدە بولۇپ، دېرىزە تۈۋىدە ھاڭۋېقىپ تۇرغاندا، كەينىدىن لى يەننىڭ گەپ سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. چېن بىڭ دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، لى يەنگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئاۋازدا سورىدى.
-بىزنىڭ دۇڭمىي ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىمىزنىڭ ئادرېسىنى، شۇ كۈنى كەچتە ئېرىم ۋە قىزىم بىلەن مېڭيۈەن ساماۋەر شورپىخانىسىغا بېرىپ تاماق يەيدىغان ئىشىمىزنى، لىن خاۋتيەننىڭ ئىسمى قاتارلىقلارنى جوۋ خۇاغا سىز ئېيتىپ بەرگەنمۇ؟
-جوۋ خۇا؟ جوۋ خۇا دېگەن كىم؟
لى يەن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ سورىدى.
-جوۋ خۇا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدىكى جوۋ دوختۇر، سىز دائىم شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنىسىز، ئۇنى تونۇمايمەن دېيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ سوغۇق تەلەپپۇزدا.
-تونۇمايمەن، مەن راستتىنلا جوۋ دوختۇرنى تونۇمايمەن!-دېدى لى يەن بېشىنى چايقاپ.
-سىز ئۇنى تونۇمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇلارنى ئۇنىڭغا كىم دەپ بېرىدۇ؟
-بىلمەيمەن، چېن ئاچا، نېمىشقا مەندىن بۇنداق سورايسىز؟ نېمە ئىش بولدى؟-دەپ سورىدى لى يەن قەستەن خۇپسەنلىك قىلىپ.
-نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئەجىبا بىلمەمسىز؟ لى يەن، مەن سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ئەگەر مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزنىڭ جوۋ خۇا دېگەن ئەبلەخكە دېگەنلىكىڭىزنى، ئىككىڭلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭلارنى بايقاپلا قالسام، سىز بىلەن بولدى قىلمايمەن!-دېدى چېن بىڭ ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.
-چېن ئاچا، نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭىز؟ مەن قانداقسىگە ئۇنداق ئادەم بولغۇدەكمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق ياخشى تۇرسا، مەن سىز دېگەن جوۋ دوختۇرنى تونۇساممۇ، نېمىشقا قولۇمنى تېشىغا ئېگىپ، سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلغۇدەكمەن؟
لى يەننىڭ كۆڭلىدە خۇدىكى بولغاچقا، يۈرىكى پوكۇلداپ، دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ چېن بىڭغا قارىدى. چېن بىڭ ۋۇ بونىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا لى يەنگە ۋارقىرىدى.
-ئالدىمدا تولا ساختىپەزلىك قىلماڭ، سىزنىڭچە مەن ئىشىنەمدىم؟ مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭىزمۇ؟ سىز مېنى سىزدىن چىرايلىق، ئائىلە شارائىتىمنى سىزدىن ئەۋزەل، سىزدىن ياخشى دەپ ئويلاپ، ماڭا ھەسەت قىلىشقا باشلىدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى جوۋ خۇاغا ئاشكارىلاپ، ئۇنى بۇ يەرگە كېلىپ ماڭا گۈل سوۋغا قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، مېنى قەستەن شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا شەرمەندە قىلدىڭىز...
تۇيۇقسىز، لىن خاۋتيەننىڭ ئۈنلۈك ۋارقىرىغان ئاۋازى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئاڭلاندى.
-ئەمدىلا ئىشقا چۈشۈشىڭلارغا، ئىككىڭلار بۇ يەردە نېمىگە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىسىلەر؟ قانداق گەپ بۇ؟
ئىككىيلەن بىرلىكتە نەزىرىنى دۇكاننىڭ ئالدىغا قاراتتى. لىن خاۋتيەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ سورىدى.
-زادى نېمە ئىش بولدى؟
لى يەن خېلى ئۇۋالچىلىققا قالغاندەك، «يامان ئادەم ئاۋۋال ئەرز قىلىدۇ» دېگەندەك، ئاۋۋال چېڭ بىڭنى ئەرز قىلدى.
-لىن خوجايىن، چېن ئاچام بايا ئۇنىڭغا گۈل سوۋغا قىلغان ئەرنى مېنى كۈشكۈرتكەن دەيدۇ...
-شۇنداقمۇ؟-دەپ سورىدى لىن خاۋتيەن چېن بىڭغا قاراپ.
-شۇنداق، ئۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرگىلى ئامراق ئايال دېمىسە، جوۋ دوختۇر قانداقسىگە مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئادرېسىنى، ئىز-دېرىكىمنى بىلىدۇ؟ يەنە تېخى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى، ھەتتا دۇكىنىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق بىلىدۇ؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ قىلچە يوشۇرماستىن.
چېن بىڭ شۇنداق دېگەندىن كېيىن، لىن خاۋتيەن تۇيۇقسىز جوۋ دوختۇرنىڭ بايا ئۆزىگە دېگەن گېپىنى ئېسىگە ئېلىپ، دەرھال چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازدا سورىدى.
-لى يەن، بۇ ئىشلارنى جوۋ دوختۇرغا سىز دېدىڭىزمۇ؟
-ئۇنداق...ئەمەس، مەن قانداقسىگە بۇنداق ئىشنى قىلىمەن؟ لىن خوجايىن، مەن راستتىنلا جوۋ دوختۇرنى تونۇمايمەن، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ماڭا ئىشىنىڭ، چوقۇم ماڭا ئىشىنىڭ!-دېدى لى يەن قەتئىي ئىنكار قىلىپ.
لى يەننىڭ كەسپىي ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئايلىق سېتىش سوممىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ پەزىلىتى بىر قەدەر ناچار، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ئامراق بولسىمۇ، لېكىن لىن خاۋتيەن ۋاقتىنچە ئۇنىڭغا ئامال قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەزىرىنى چېن بىڭغا يۆتكەپ سورىدى.
-چېن بىڭ، بۇنىڭدا بىرەر ئۇقۇشماسلىق بارمۇ قانداق؟
-ئۇقۇشماسلىق؟ نېمە ئۇقۇشماسلىق بولىدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ بۇ يەردە مېنىڭ ئەھۋالىمنى، ئىز-دېرىكىمنى بەش قولدەك بىلىدىغان يەنە بىر ئادەم بارمۇ؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ئاچچىقىدا.
-چېن ئاچا، مەن راستتىنلا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى، ئىز-دېرىكىڭىزنى ھېچكىمگە ئېيتمىدىم، ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، مەن قەسەم قىلاي!-دېدى لى يەن جېنىنىڭ بارىچە ئۆزىنى ئاقلاپ.
-سىز قانداق قەسەم قىلماقچى؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ سوغۇق چىراي بىلەن.
لى يەن قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قەسەم بېرىشكە باشلىدى.
-ئەگەر مەن جوۋ دوختۇرنى تونۇسام، ئۇنىڭغا ئادرېسىڭىزنى ۋە ئىز-دېرىكىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسام، سۇ ئىچكەندە تۇنجۇقۇپ ئۆلەي، ئىشىكتىن چىققاندا ماشىنا سوقۇپ ئۆلەي...
بۇ ئايالنىڭ يۈزى قېلىنلىقتا بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىكى چېن بىڭنى ھەقىقەتەن سۆزسىز قالدۇردى. لىن خاۋتيەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
-چېن بىڭ، لى يەن ئالدىڭىزدا شۇنداق زەھەرخەندىلىك بىلەن قەسەم قىلغان ئىكەن، ئەمدى سۈرۈشتۈرمەڭ، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى دەپ بىلىڭ!
چېن بىڭ لىن خاۋتيەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بولدى قىلدى.
-سىز بۇنداق دېگەن يەردە، مېنىڭ دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟
-ئەمدى بولدى، سەل تۇرۇپ ئىشخانامغا كىرىڭ، سىزدىن سورايدىغان گېپىم بار!-دېدى لىن خاۋتيەن.
چېن بىڭ ئۇنىڭ نېمىنى سورىماقچى بولغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما لى يەننىڭ ئالدىدا رەت قىلىش تەس ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى.
-بولىدۇ، مەن ھازىرلا سىز بىلەن بىللە باراي!
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، لىن خاۋتيەن بىلەن بىللە ياندىكى ئىشخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
-تۈفىي، ئىككىڭلارنىڭ يەنە قاچانغىچە سەكرىيەلەيدىغىنىڭلارنى كۆرۈپ باقاي!
لى يەن دۇكاننىڭ ئالدىدا غايىب بولغان ئىككىيلەننىڭ سىماسىغا قاراپ، غەزەپ بىلەن تۈكۈرۈپ، ئىچ-ئىچىدىن تىللاپ كەتتى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىشخانا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ، ئۈستەلگە قويۇپ قويغان كومپيۇتېرنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ QQ نومۇرىنى كىرگۈزدى.
تورغا چىقىشىغىلا، كومپيۇتېرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى پىنگۋىن چاقناشقا باشلىدى، ئۇ مائۇسنى ئېلىپ چېكىپ كۆرۈپ باقتى، توردىكى ئىسمى «چەۋەنداز» بولغان بىرى ئۇنىڭغا دوستلىشىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى.
ئۇ بۇ ئادەمنىڭ ماتېرىيالىنى چېكىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى، يەنە تېخى كېلىشكەن QQ باش سۈرىتىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، «چەۋەنداز» نى دوست قاتارىدا قوشتى ھەمدە دىئالوگ رامكىسىغا ئۇنىڭغا بىر ئۇچۇر يوللىدى.
«ياخشىمۇ سىز، كېلىشكەن چەۋەنداز، سىز ئات مىنەمسىز ياكى ئادەممۇ؟»
بىراق ئۇچۇر ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، باشتىن-ئاخىر جاۋاب كەلمىدى، ئۇ ئامالسىز EXCE جەدۋەل ھۆججىتىنى ئېچىپ، خېرىدارنىڭ چىراغ ۋە ۋىكليۇچاتېلنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ماتېرىيالىنى كىرگۈزۈشكە باشلىدى.
...
ئىككىيلەن بىللە ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن، لىن خاۋتيەن خوجايىننىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇردى، ئاندىن چېن بىڭنى ئىش ئۈستىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا بۇيردى. چېن بىڭ گەپنى ئوچۇق قىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى.
-لىن خوجايىن، مېنى ئىشخانىڭىزغا چاقىرىپ كېلىپ نېمە قىلماقچى؟
-بايا بىنانىڭ ئاستىدا سىزگە گۈل سوۋغا قىلغان جوۋ دوختۇرنىڭ سىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟-دەپ سورىدى لىن خاۋتيەن سۇس تەلەپپۇزدا.
-ئۇ مېنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستۇم، نېمە بولدى؟-دەپ سورىدى چېن بىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن.
-ھېچ ئىش يوق، ئۇ سىزنىڭ توي قىلغىنىڭىزنى بىلەمدۇ؟-دەپ سورىدى لىن خاۋتيەن چىرايىنى ئۆزگەرتمەي.
-ھەئە، بىلىدۇ!-دەپ جاۋاب بەردى چېن بىڭ ئەينەن قىلىپ.
-ئۇ سىزنىڭ ئېرىڭىز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا يەنە سىزگە گۈل سوۋغا قىلىپ، سىزگە چاپلىشىۋالىدۇ؟-دەپ سورىدى لىن خاۋتيەن چۈشەنمىگەن ھالدا.
-بۇ مېنىڭ جەلىپكارلىقىمنى بىلدۈرىدۇ، سىزمۇ مېنىڭ كويۇمدا بولماقچى بولدىڭىزغۇ؟-دېدى چېن بىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
-مەن...
لىن خاۋتيەننىڭ چىرايى قىزىرىپ، بىردىنلا گەپ قىلالماي قالدى.

بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 245-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章