بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (116): ئۇنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن!

文摘   2024-11-04 20:03   新疆  

بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ

ئاپتورى: لاۋ مو

116-باب: ئۇنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107


115
114
113

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (115): يوپكىسىنى قايرىغان ئايال

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇن فېيفېينىڭ خېلى بۇرۇنلا تەييارلىقى بولسا كېرەك، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ سوغۇق كۈلۈپ قويدى:

-سىز مەن بىلەن لەن رېن ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچىمۇ؟ ئۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ شەخسىي ئىشىڭىز، كىم بىلەن ياخشى بولۇپ قالسىڭىز مېنىڭ سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقۇم يوق، لېكىن ئەڭ ياخشىسى شىركەتتە ماڭا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەڭ، سىز نۇرغۇن خىزمەت ئالماشتۇرۇپ بولدىڭىز، بۇ داۋلىنى سىز چوقۇم ئېنىق بىلىسىز، قايتا تەكىتلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.

سۇ چىڭ سۈن فېيفېينىڭ كەمسىتىش كۈلكىسىنى كۆرۈپ سەل غەزەپلەندى، سۈن فېيفېي ھەقىقەتەن بىر پەسكەش ئايال، ئۇ ھەرقانداق خەتەرلىك ئۇسۇلنى ئىشلىتەلەيتتى، لېكىن ئۇ خۇ پېيدىن ئەقىللىق ھەم ھىيلىگەر ئىدى.

ئارقىدىن سۇچىڭ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

-جېشكا، سۈن فېيفېي، سىزنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئۇسۇللىرىڭىز يامان ئەمەسكەن. مەن سىزدىن ئوبدانلا تەلىم ئالدىم، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەرمەنلىك، سەھنىگە چىقارغىلى بولمايدىغان نېمىلەر، شۇڭا كېيىن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايسىز، گېپىم تۈگىدى.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، قولىدىكى خامچوت لايىھەسىنى چىڭڭىدە تۇتقىنىچە بۇرۇلۇپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.

سۇ چىڭنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشقۇسى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىگە ئازراقمۇ پايدىسى يوق ئىدى، پەقەت سىرتتىكىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالاتتى.

بۈگۈنكى ئىشنى ئۇ ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، كېيىن چوقۇم بۇ قىساسنى ئالىدۇ.

سۇ چىڭنىڭ بىر نەچچە ئېغىز مەسخىرىسىنى ئاڭلىغان سۈن فېيفېي تەبىئىيلا زىيان تارتىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سۇ چىڭنىڭ ئارقىسىدىن قارىدى:

-مەن ھازىر سىزنىڭ باشلىقىڭىز، مېنىڭچە سىز يەنىلا ئۆزىڭىزگە كۆپرەك پەخەس بولۇڭ، مەن ھازىر سىزدىن ياخشى ئۆتۈۋاتىمەن!

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە سۈن فېيفېيغا:

-سىز ۋاقىت چەكلىمىسىنى قوشۇشىڭىز كېرەك، سىز پەقەت ۋاقتىنچە مېنىڭ باشلىقىم، ۋاقتىنچە مېنىڭدىن ياخشى ئۆتسىڭىز بولىدۇ،-دېدى.

-سىز...

سۈن فېيفېي رەددىيە بەرمەي تۇرۇپلا، سۇ چىڭ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى.

سۈن فېيفېي ھازىر 6-گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى، سۇ چىڭ بىلەن ئۇرۇشمايتتى.

سۇ چىڭ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، قۇچىقىدىكى قېلىن ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسقا چىقتى، ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى زىددىيەتكە تولغانىدى.

ئۇ يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ شاللىنىپ كېتىشى كېرەكمۇ ياكى تىرىشىپ ئېلىشىشىمۇ؟

ئۇ قۇچىقىدىكى خامچوت لايىھەسىگە قاراپ قويدى.

سۇ چىڭ بايا سۈن فېيفېينىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش پوزىتسىيەسى، لەن رېننىڭ تەڭقىسلىقتا قويۇشى، يەنە خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقى قاتارلىقلارنى ئويلاپ، يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى.

ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم ئۇ پەقەت يۈزەكى خامچوت لايىھەسى توغرىسىدا ماقالە يازسا بولمايتتى، ئۇ چوقۇم مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىشى كېرەك، قارىغاندا ئۇ ئامال قىلمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سۇ چىڭ دەرھال چياۋلىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېلىقى كەيجيېنىڭ خوجايىنى، يېڭى ئايال خوجايىن ۋە ئوغلىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. بەلكىم ئۇ بۇنىڭدىن ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالىشى مۇمكىن.

سۇچىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا چوقۇم ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، گۇەن مۇغا تېلېفون بېرىپ، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا دۇڭدۇڭنى ئەكېلىپ بەرمەسلىكنى، ھەمدە خۇڭ ئاچىنىڭ چۈنچۈنگە ئىككى كۈن قاراپ قويۇشنى ئېيتماقچى بولدى.

ئۇ گۇەن مۇغا تېلېفون قىلىپ بولۇپ، يەنە يەنە ئالدىراپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى، يان تېلېفون ئېكرانىغا قاراپ ئويلىنىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى ئويلاشتى.

بۇ بىر نەچچە ئايدا، ئۇ گۇەن مۇنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تېلېفونلىشىپمۇ باقمىغانىدى.

بەزىدە دۇڭدۇڭ بىلەن چۈنچۈنگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ تۇراتتى، ئۇلار پەقەت بىر-بىرىگە قىسقا ئۇچۇر يوللايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقا ئۇچۇر يوللايدىغان ۋاقىتمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى.

«بۇ ھەپتە مەن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن، خاپا بولماي خۇڭ ئاچامنى چۈنچۈنگە ئىككى كۈن قاراپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز، دۇڭدۇڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدىمۇ كەلمىسۇن، رەھمەت».

گۇەن مۇ سۇ چىڭ ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئىككىلىنىپ قالدى، ئارقىدىنلا «ماقۇل» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

-دادا، سىڭلىم ئىككىمىزنى قاچانلىققا ئاپامنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويىسەن؟

گۇەن مۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان دۇڭدۇڭ ئۇنىڭ بىلىكىنى ئىتتىردى.

بۈگۈن ھەپتىنىڭ بەشى بولغاچقا، شۇڭا گۇەن مۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ ئوغلىغا ھەمراھ بولغانىدى، ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈندە دۇڭدۇڭ بىلەن چۈنچۈنگە سۇ چىڭ ئۆزى قارايتتى، شۇڭا بۇ ئىككى كۈندە ئۇ ئوغلى بىلەن قىزىنى كۆرەلمەيتتى، ئادەتتە ئۇ ئىككى سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىردەم ئوينايتتى.

دۇڭدۇڭنىڭ سوئالىنى ئاڭلىغان گۇەن مۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-ئاپاڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن، شۇڭا سىڭلىڭ ئىككىڭلار ئۇنى ئاۋارە قىلماڭلار،-دېدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان دۇڭدۇڭ ئۈمىدسىزلەنگەندەك قاراپ قويدى.

-شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا مەن بۇ ھەپتە ئاپامنى كۆرەلمىگۈدەكمەن.

ئوغلىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، گۇەن مۇنىڭ كۆڭلى يۇمشاپ، قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بېشىنى سىلىدى:

-ئاپاڭ بىكار بولغان چېغىدا ئەھۋالغا قاراپ لىن تاغاڭ سىلەرنى ئاپاڭنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ كەلسۇن.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان دۇڭدۇڭنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئۇ نۇر يوقاپ كەتتى.

-ئاپام يېقىندىن بۇيان بەكلا ئالدىراش بولۇپ قالدى، شۇڭا سىڭلىم ئىككىمىزنى كۆرگۈدەكمۇ ۋاقتى چىقمايۋاتىدۇ.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۇەن مۇنىڭ قاپىقى تۈرۈلدى.

-ئاپاڭ قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقتى؟

بۇ چاغدا دۇڭدۇڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تورۇسقا قاراپ، ناھايىتى تىرىشىپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئاندىن مۈجمەل جاۋاب بەردى:

-ئاپامنىڭ باشلىقى ئۇنىڭغا بىر خىزمەت قىلغۇزغاندەك قىلىدۇ، بۇ خىزمەت بەك تەسكەن، ئاپام قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، شۇڭا ئاپامنىڭ بېشى قېتىپتۇ.

گۇەن مۇ ئۇھسىنىپ قويدى، ئۇ تېخى سۇ چىڭنى بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى، ئەسلىدە بۇ خىزمەتتىكى قىيىن مەسىلە ئىدى، خىزمەتتە ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىگە دۇچ كېلىش ناھايىتى نورمال ئىش ئىدى.

دۇڭدۇڭ ئارقىدىنلا يەنە بىر جۈملە قوشۇپ قويدى.

-مەن ئاپامنىڭ سومكىسىغا بىر مېۋە ئاقلاش پىچىقى تىقىۋالغانلىقىنى ئوغرىلىقچە كۆرۈپ قالدىم.

گۇەن مۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالغىنىچە دۇڭدۇڭنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ سورىدى:

-نېمە دەۋاتىسەن؟ ئاپاڭ سومكىسىغا پىچاق سېلىۋاپتىمۇ؟

دۇڭدۇڭ ناھايىتى ئوماق قىلىق چىقىرىپ بېشىنى لىڭشىتتى ۋە يەنە چۈشەندۈرۈپ:

-شۇنداق، بىر مېۋە ئاقلاش پىچىقى، ناھايىتى چوڭكەن،-دېدى.

مېۋە ئاقلا پىچىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، گۇەن مۇنىڭ كۆڭلى يەنە غەش بولدى.

-ئاپاڭ ئىشخانىدا مېۋە ئاقلاپ يەمدىكەن؟

-ياق! ئاپام باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا تاقابىل تۇرىدىكەن.

گۇەن مۇنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.

-دۇڭدۇڭ، تەپسىلىي دېگىنە، ئاپاڭ زادى قانداق بوزەك قىلىنىشتىن ساقلانماقچىكەن؟

دۇڭدۇڭ گۇەن مۇنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.

-دادا، سەن نېمانچە سۈرلۈك بولۇپ كەتتىڭ؟ مەن قورقۇپ كەتتىم.

دۇڭدۇڭنىڭ يۇپيۇمىلاق كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئاندىن گۇەن مۇنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ كەتتى.

گۇەن مۇ بىردىنلا خىجىل بولدى، دۇڭدۇڭ تېخى بالا ئىدى، ئۇنىڭ بايىقى كەسكىن چىراي ئىپادىسى چوقۇم ئۇنى قورقۇتۇۋەتكەنىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇڭدۇڭنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ تۇرۇپ، مۇلايىملىق بىلەن:

-دۇڭدۇڭ، قورقما بالام، مەن پەقەت يامان ئادەملەرنىڭ ئاپاڭنى بوزەك قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم،-دېدى.

-چۈشەندىم.-دۇڭدۇڭ دادىسىنى قۇچاقلىغىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى.

-ئۇنداقتا سەن داداڭغا ئاپاڭغا نېمە بولغانلىقىنى دەپ بەرگىن.

ئارقىدىن دۇڭدۇڭ ئاپىسى بىلەن چياۋ ئاچىسىنىڭ گېپىنى ئەسلەپ، دادىسىغا دەپ بەردى.

گۇەن مۇ بىر ئەر خىزمەتدىشىنىڭ سۇ چىڭغا مۇشت كۆتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ ئىختىيارسىز زەردىسى قايناپ كەتتى، پەقەت دۇڭدۇڭ بولغاچقا، ئۇ ئامالسىز ئۆزىنى تۇتۇۋالدى.

ئارقىدىن گۇەن مۇ دۇڭدۇڭغا ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىپ، لىن فېڭغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى كۇتۇپخانىسىغا چاقىردى.

-ئالدىنقى قېتىم سېنى تەكشۈر دېگەن ئىش قانداق بولدى؟

گۇەن مۇنىڭ چىرايى سۈرلۈك تۈس ئالغانىدى.

ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، لىن فېڭ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر سېرىق قەغەز خالتىنى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى.

-ئىككى كۈن بۇرۇن مەن ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدىكى سۇ خانقىزنى پاراكەندە قىلغان ھېلىقى كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى ئالدىم، پەقەت سىز بەك ئالدىراش بولغاچقا، سىزگە ۋاقتىدا بېرەلمىدىم.

گۇەن مۇ سەل نارازى بولغان ھالدا لىن فېڭغا قاراپ قويۇپ، سېرىق قەغەز خالتىنى قولىغا ئېلىپ، تېز سۈرەتتە ئاچتى ھەمدە ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى چىقىرىپ تەپسىلىي كۆردى.

بىر چەتتە تۇرغان لىن فېڭ سەل تىترەپ كەتتى.

ئۇنىڭ قورقۇشى ھەرگىزمۇ گۇەن مۇغا ماتېرىيالنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولمىغان، بەلكى تەكشۈرۈش مەزمۇنى ھەقىقەتەن گۇەن مۇدىن ئىبارەت بۇ قاپلاننىڭ غەزىپىنى قوزغىيالايتتى. چۈنكى تەكشۈرۈش مەزمۇنى سۇ چىڭغا قول تەگكۈزگەن ھېلىقى ئەر خىزمەتدىشىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە سۇچىڭنىڭ بۇ شىركەتتىكى ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، سۇ چىڭنىڭ بۇ شىركەتتە قەدەم ئېلىشى ئىنتايىن قىيىنغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەن رېننىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى ئەمەلگە ئاشماي يەنە بىر قېتىم تۆھمەت قىلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايتتى، لىن فېڭ گۇەن مۇنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ لەن رېننى ئۇرۇشىدىن قورقاتتى.

گۇەن مۇ ئۇ ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، قولىدىكى ماتېرىيالنى ئۈستەلگە قاتتىق تاشلىدى. ئۇ بەك كۈچەپ كەتكەچكە، بىر نەچچە پارچە ھۆججەت ۋە سۈرەتلەر يەرگە ئۇچۇپ چۈشتى.

لىن فېڭ سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، بېلىنى ئېگىپ ھۆججەت ۋە سۈرەتلەرنى تېرىپ، ئاستا قويۇپ قويدى.

گۇەن مۇ ئايلانما ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، يېرىم كۈنگىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، تۇتۇلۇپ كەتكەن چىرايى ئادەمنى قورقىتاتتى.

ئۇ ھازىر دۇڭدۇڭ ئېيتقان سۇ چىڭنى پاراكەندە قىلغان ئەر خىزمەتدىشىنىڭ چوقۇم لەن رېن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، سۇ چىڭ بىر تال مېۋە بەكىسىنى سومكىسىغا سېلىۋالغانىدى، بۇنىڭدىن ئادەتتە لەن رېننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى.

-گۇەن باش دىرېكتور، لەن رېننى ئەدەپلەپ قويامدۇق؟

لىن فېڭ ئۇنىڭ بىر ھازا گەپ قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېھتىيات بىلەن سورىدى.

گۇەن مۇ بىردەم ئارىسالدى بولغاندىن كېيىن، سوغۇق كۈلۈپ قويدى.

-بولمايدۇ، بۇ ئادەمنى ئۆزۈم ئەدەپلەيمەن!

-سىز...

لىن فېڭ بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ تۇرۇشىغا، گۇەن مۇ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى:

-ئادەم ئەۋەتىپ سۇ چىڭ، لەن رېن ۋە سۈن فېيفېينىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىگە دىققەت قىل، ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ماڭا دوكلات قىل!

-خوپ!

لىن فېڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئەمدىلا چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، گۇەن مۇ يەنە چاقىرىپ كەلدى.

گۇەن مۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن يەنە قېتىپ قويدى:

-سۇ چىڭنىڭ قولىدىكى ھېلىقى ماتېرىيالنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاڭلار، ماڭا تەپسىلىي ماتېرىيال كېرەك.

-خوپ.

لىن فېڭ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى.

شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سۇ چىڭ كومپيۇتېرغا يېرىم كۈن قاراپ، ئۆزى ئىشلىگەن خامچوت لايىھەسىنى تولۇق تەكشۈرۈپ، مۇكەممەل دېگۈدەك بولۇپ قالغانلىقىنى، قايتا تۈزىتىدىغان يېرى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇف دېدى.

سۇ چىڭ تامدىكى سائەتكە قاراپ چۈش بولۇپ قالغىنىنى بىلدى، چياۋ لى ئۇنىڭ ئورنىدا باشلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ خەۋەر سۈرۈشتۈرۈپ بەرمەكچى بولغانىدى، لېكىن ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى، ۋاقىت بارغانسېرى قىستاپ كەتكەچكە، سۇ چىڭ ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈردى.

چۈش سائەت 12 بولغاندا، سۇ چىڭ تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، تەقەززالىق بىلەن لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى.

دەرۋەقە، چياۋ لى قايتىپ كەلگەنىدى.

-قانداقراق؟

سۇچىڭ تەقەززالىق بىلەن چياۋ لىنىڭ قولىدىن تارتتى.

-ماڭا ئىچىدىغانغا ئازراق سۇ بېرىڭ بولامدۇ؟

چياۋ لى ھارغىنىدىن ھاسىراپ كەتكەنىدى.

سۇ چىڭ دەرھال بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ قۇيۇپ بەردى، چياۋ لى بېشىنى كۆتۈرۈپ بىراقلا ئىچىۋەتتى. ئاندىن سومكىسىدىن بىر پارچە قىزىل رەڭلىك تەكلىپنامىنى چىقىرىپ سۇ چىڭغا سۇندى.

سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ قولىدىكى باغاقنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.

-بۇ نېمە؟

-قاراپ باقسىڭىز بىلىسىز.

چياۋ لى كۈلۈپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ سافادا ئولتۇرۇپ، قولىدىكى قولياغلىق بىلەن ئۆزىنى يەلپۈدى.

سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تەكلىپنامىنى ئېچىپ قارىدى. ئۇنىڭغا بۈگۈن كەچ جياڭجۇدىكى خىلتون مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قېتىملىق پاراۋانلىق كېچىلىكىنىڭ ئۇچۇرى يېزىلغانىدى.

-بۇ قېتىمقى پاراۋانلىق كېچىلىكىنىڭ تەكلىپنامىسىنىڭ قانچىلىك تەسلىكتە قولغا كەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ باغاق باشلىقىمنىڭ، ئۇ بۈگۈن كەچ خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ باشقا يەرگە بارىدىغان بولدى. شۇڭا سىزگە ئەرزانغا توختاپ قالدى.

-سىز كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خوجايىنى بۈگۈن كەچ پاراۋانلىق كېچىلىكىگە بارىدۇ دېمەكچىمۇ؟

-شۇنداق! باشقىلارغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئاممىۋى سورۇنلاردا پەيدا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ زالغا كىرىشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، پەقەت مۇھىم شەخس تەۋسىيە قىلمىسىلا. شۇڭا بۈگۈن كەچتىكى بۇ قېتىمقى پاراۋانلىق كېچىلىكى سىزنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتىڭىز. بىراق شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، بۈگۈن كەچ ئۇنىڭ يېڭى ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشقا كېلىدۇ، شۇ چاغدا سىز بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ يېڭى ئايالىنى تارتىپ چىقسىڭىز بولىدۇ.

-مەن ئۇنىڭ يېڭى خوتۇنىنى قانداق تارتىپ چىقىمەن؟-سۇ چىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بۇنداق يېڭى خوتۇن ئالغان ئادەم چوقۇم بۇ يېڭى خوتۇنىدىن ئايرىلمايتتى، چوقۇم نەگىلا بارسا ئەگىشىپ يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ئازدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس.

غەمگە پاتقان سۇ چىڭ تۇيۇقسىز كۆزىنى چياۋ لىغا تىكتى.

سۇ چىڭنىڭ ئۆزىگە باشقىچە نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چياۋ لى دەرھال ھوشيارلىق بىلەن:

-سىز مېنى قەستلەش نىيىتىدە بولمايۋاتقانسىز؟-دەپ سورىدى.

-چياۋ لى، ھازىر پەقەت سىزلا ماڭا ياردەم قىلالايسىز!-سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ بىلىكىدىن تۇتقىنىچە يالۋۇردى.

سۇ چىڭنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ، چياۋ لىمۇ ئىلاجىسىز ھالدا بېشىنى چايقىدى:

-ھەي...مەن ماقۇل بولساملا بولمىدىمۇ؟ ماڭا ئۇنداق ئەركىلەپ قارىماڭ، مەن ئەر كىشى ئەمەس بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەنمەن، پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى!

سۇ چىڭ چياۋ لىنىڭ ماقۇل بولغانلىقىنى ئاڭلاپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا كەلدى.

-ھە راست، مېنىڭ پاراۋانلىق كېچىلىكىگە بارغىدەك كىيىمىم يوق، ماڭا بىر قۇر بېرىپ تۇرۇڭ.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ماتېرىيال كۆردى.

چياۋ لى ئېتىراز بىلدۈردى:

-ھەي، بۇ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىغانلىق ئەمەسمۇ؟ مەن بايا نەچچە مىڭ يۈەن خەجلەپ ئىككى قۇر كەچلىك مۇراسىم كىيىمى سېتىۋالغانىدىم، سىز شۇنىڭ پېيىدا بولۇۋاتامسىز؟

-بىر قېتىم كىيىپ تۇراي، ئېلىۋالمايمەن.-سۇ چىڭ كۆزىنى قسىىپ چياۋ لىغا قارىدى.

-نېمە ئىزدەۋاتىسىز؟-چياۋ لى سۇ چىڭنىڭ توردا ئادەم تەكشۈرۈۋاتقانقانلىقىنى كۆردى.

سۇ چىڭ بىر تەرەپتىن كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرگەچ يەنە بىر تەرەپتىن جاۋاب بەردى:

-كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى خوجايىنىنىڭ سۈرىتىدىن ئىككىنى تېپىۋالاي، بولمىسا پاراۋانلىق كېچىلىكىدە شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرسا، بىز ئۇلارنى قانداقمۇ تونۇيالايتتۇق؟

-توغرا!

چياۋ لى سۇ چىڭغا باش بارمىقىنى چىقاردى.

سۇ چىڭ كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىككى پارچە سۈرىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يان تېلېفونىغا يوللاپ ساقلاپ قويدى.

-سىز بۇ خوجايىننى تاپقان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە پۇرسەت بولسا بولاتتى، ئۇ ھازىر ھېلىقى يېڭى خوتۇنىغا مەپتۇن بولۇپ قاپتۇ، بەلكىم يېڭى خوتۇنىنىڭ ئاستىرتىن پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھالەتتىمۇ كارى بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىشىنىشى ناتايىن!

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭمۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن:

-ھازىر پەقەت مۇشۇ بىرلا يول قالدى، ئەگەر ئۇ راستتىنلا ئىشەنمىسە، مېنىڭمۇ ئامالىم يوق،-دېدى.

-بەلكىم ئۇ ئىشىنىشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى بار ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق قولغا كەلتۈرگەن تاغ-دەريالىرىنىڭ ئۇ ئايالنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇشىغا قاراپ تۇرالامدۇ؟ ئۇ قانداق قىلسىمۇ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئويلايدىغاندۇ؟

-ھەي، ھازىرقى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ناچار نېمىلەر، پەقەت ئىشقىۋازلىقىنى قاندۇرسىلا بولدى. نەدىمۇ قىز-ئوغۇللىرى بىلەن كارى بولسۇن؟ سىزنىڭ ھېلىقى داشقال دادىڭىزمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟

چياۋ لى ئۇھ تارتتى. سۇ چىڭمۇ بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ بىئارام بولدى. يېقىندىن بېرى خامچوت لايىھەسىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئاپىسى بىلەنمۇ ئالاقىلاشمىغانىدى، ئۆينىڭ ئىشلىرىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى. پەرىزىچە، سۇ جەنچياڭ چوقۇم ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە بارگاھ قۇرۇۋالدى، يەنە سۇ زى بىلەن جېڭ خاۋرەننىڭ ئىشىمۇ بار، ئەگەر ئۇ ئارىلىشىپ قالسا تېخىمۇ چاتاق بولاتتى.

سۇ چىڭنىڭ سولغۇن ھالىتىنى كۆرگەن چياۋ لىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.

-كەچۈرۈڭ، مۇشۇ ئېغىزىمنىزە...

-ياقەي، جىق ئويلىماڭ، كۆڭلۈمگە ئالغۇدەك نېمىش بار ئىدى.

-ئۇنداق بولسا مەيلى،-دېدى چياۋ لى پىخىلداپ كۈلۈپ، ئاندىن سۇچىڭنى تارتىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ، كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ، ئىنتايىن چىرايلىق بىر مۇراسىم كىيىمىنى ئېلىپ سۇ چىڭنىڭ بەدىنىگە تۇتۇپ سىناپ باقتى.

-بۇنى مەن ئالدىنقى كۈنى 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا سېتىۋالغان، بىر قېتىممۇ كىيىپ باقمىغان، بۈگۈن كەچ سىزگە بېرىپ تۇراي.

سۇ چىڭ كىيىم ئاسقۇچتىكى كىيىمنى ئېلىپ سەپسالغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، تەڭقىسلىقتا قالغان ھالدا ئېغىز ئاچتى:

-مەن ئىش بېجىرگىلى بارىمەن، گۈزەللەرنى تاللاشقا بارمىغان، بۇنداق كۆزنى چاقنىتىدىغان كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىيىممۇ بەك...

بۇ بىر گۆش رەڭلىك كەچلىك مۇراسىم كىيىمى بولۇپ، سۈزۈك تىپقا تەۋە ئىدى، پۈتۈن بەدىنىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ ھەممە يېرى كۈمۈش رەڭلىك پارقىراق ياپراقچىلار بىلەن قاپلانغانىدى. بىراق بەدەن شەكلى ئىنتايىن ئوچۇق، كىشىگە تەنناز ھەم روھلۇق تۇيغۇ بېرەتتى، ئىلگىرى نۇرغۇن چولپانلار قىزىل گىلەمدە ماڭغاندا كىيگەن.

سۇ چىڭنىڭ بېشىنى ئىزچىل چايقىغانلىقىنى كۆرۈپ، چياۋ لى كۈلۈپ تۇرۇپ كىيىم ئىشكاپىدىن يەنە بىرنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەڭلىدى:

-بۇنى كىيەمسىز يا؟

سۇ چىڭ سىنچىلاپ قارىدى، بۇ قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك بولۇپ، ياقىسىنىڭ ئالدى تەرىپى قورساق شەكلىدە، ئىككى مۈرىسى ئوچۇق تۇراتتى، لېكىن باشقا جايلىرى يەنىلا ناھايىتى ھىم ئىدى.

شۇڭا سۇ چىڭ قولىنى سوزۇپ چياۋ لىنىڭ قولىدىن بۇنى تارتىۋالدى.

-مەن مۇشۇنى كىيىمەن.

-پۇشايمان قىلماڭ-ھە!-چياۋ لى قىزىقچىلىق قىلىپ سۇ چىڭغا تىكىلىپ قاراپ كۈلدى.

سۇ چىڭ ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ ئارقىسىدىكى قۇۋلۇقنى ھېس قىلىپ، بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە قولىدىكى مۇراسىم كىيىمىگە قارىدى، ئۇ بۇ قىزىل رەڭلىك مۇراسىم كىيىمىنىڭ كەينىنى كۆرۈپلا ئىختىيارسىز چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ كەچلىك مۇراسىم كىيىمىنىڭ دۈمبىسى ئوچۇق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەللا دىققەت قىلمىسا ساغرىسى كۆرۈنۈپ قالاتتى.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:117-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章