بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ
ئاپتورى: لاۋ مو
83-باب: زەھەردىن ئاچچىق گەپلەر
66 | ||||
71 | 70 | 69 | 68 | 67 |
76 | 75 | 74 | 73 | 72 |
81 | 80 | 79 | 78 | 77 |
82 |
ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (82): مەن مەغلۇپ بولدۇم
سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، چۇ فېننىڭ ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى، سۇ چىڭ يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئاغزىنى تۇتقىنىچە يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ كەتتى.
راست، ئاپىسىنىڭ دېگىنى ئازراقمۇ خاتا ئەمەس.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بۇرۇنقى جاپالىق كۈنلەر گەۋدىلىنىپ تۇراتتى، مىڭ تەسلىكتە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە بۇ يولغا ماڭدى، شۇڭا ئاپىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئاچا-سىڭىل ئىككىسى ئاپىسىنىڭ يۈزىنى تۆكتى.
كېيىنكى دەقىقىدە، چۇ فېن قۇچىقىدىكى بوۋاقنى سۇ چىڭغا قايتۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئۆزى يالغۇز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كىرىپ كەتتى.
سۇ چىڭ چۈنچۈننى قۇچاقلاپ، يەردە خېلى ئۇزۇن تىزلاندى.
ئەسلىدە ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاق ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. ئۇنىڭ بىردەم تىزلىنىپ تۇرۇشىغىمۇ چىداپ تۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
بىراق، بۇ قېتىم ئۇ خاتا ئويلاپ قالغانىدى، ئاپىسىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئىزچىل چىڭ يېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتا چىقمىدى.
ئاخىرىدا، سۇ چىڭ ئامالسىز چۈنچۈننى كۆتۈرۈپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى ھەمدە چۈنچۈن ئىككىسىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ كىردى، ئاپىسى ھەرقانچە خاپا بولسىمۇ، ئۇ چۈنچۈن بىلەن بۇ يەردە تۇرمىسا بولمايتتى، چۈنكى ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ بارىدىغان باشقا يېرى يوق ئىدى.
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، سۇ چىڭ بەك بىئارام بولدى، ئاپىسى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، چۈنچۈنگىمۇ پەرۋا قىلمىدى، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن تاماق ئەتكەندە سۇ چىڭنىڭ تامىقى يەنىلا تەييار ئىدى، سۇ چىڭ شۇڭا خېلى ئارام تېپىپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئاپىسىنىڭ ئاچچىقى تېخى يانمىغان بولسىمۇ، ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاپىسىنىڭ چوقۇم ئۆزىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.
بۇ كۈنى سۇ چىڭ چۈنچۈنگە سۈت پاراشوكى تەڭشەپ ئىمىتىۋاتاتتى.
سۇ چىڭنىڭ سالامەتلىكى تۇغۇتتىن كېيىن ئىزچىل ياخشى بولمىغاچقا، سۈتىمۇ يېتىشمىگەنىدى، چۈنچۈن ئامالسىز سۈت پاراشوكىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
بىراق سۈت پاراشوكى بەرگەندە بەزىدە چۈنچۈن سۈتنى قۇسىۋېتەتتى، بۇ سۇ چىڭنىڭ بېشىنى قاتۇردى، ھەر قېتىم چۈنچۈن سۈتنى قۇسقاندا ئۇ بەك جىددىيلىشىپ كېتەتتى، چۈنكى سۈت قۇسىدىغان ئىشنى چوڭ دېسە چوڭ، كىچىك دېسە كىچىك ئىش ئىدى. بەزىدە بوۋاقلار قېقىلىپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئىشلار بولۇپ قالاتتى.
سۇ چىڭ چۈنچۈنگە بىر يۇتۇم بىر يۇتۇمدىن ئىنچىكىلىك بىلەن سۈت ئىچكۈزدى، بىراق چۈنچۈن يەنىلا سۈتنى ياندۇرىۋەتتى، چۈنچۈن توختىماي قۇستى، سۇ چىڭ ئۇنى قۇچاقلاپ توختىماي ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئۇردى، لېكىن يەنىلا پايدىسى بولمىدى، چۈنچۈن بەك قاتتىق قۇسۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي يۆتىلىپ كەتتى.
-ئاپا! ئاپا! تېز كېلىڭ.
سۇ چىڭ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ھودۇقۇپ ۋارقىرىدى.
چۇ فېن ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتى، سۇ چىڭنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ تېخىچە ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ، چۈمۈچنى تۇتقانچە سۇ چىڭنىڭ ھۇجرىسىغا ئېتىلىپ كىردى.
-نېمە بولدى؟
چۇ فېن سۇ چىڭنىڭ چۈنچۈننى قۇچاقلىغىنىچە قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.
-ئاپا، چۈنچۈن سۈت قۇستى، بەك ئېغىردەك قىلىدۇ!-دېدى سۇ چىڭ تەقەززالىق بىلەن.
-مەن كۆرۈپ باقاي.
چۇ فېن چۈمۈچنى قويۇپ، دەرھال چۈنچۈننى قۇچاقلاپ ئۇنىڭ دۈمبىسىگە توختىماي ئۇرۇشقا باشلىدى، لېكىن چۈنچۈن يەنىلا يۆتىلىۋاتاتتى.
ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرگەن سۇ چىڭ دەرھال چۈنچۈننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
-بولمايدۇ، مەن چۈنچۈننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىسام بولمىغۇدەك،-دېدى.
-شۇنداق، دەرھال دوختۇرخانىغا بارغىن، ھەميانىڭنى،، سۈت بوتۇلكىسىنى، قەغەز، زاكىلارنى ئېلىۋالغىن.
چۇ فېن ئالاقزادە بولۇپ بىر سومكىنى ئېلىپ، ئىچىگە چۈنچۈننىڭ نەرسىلىرىنى تىقىپ، سۇ چىڭ بىلەن بىللە ئىشىكتىن چىقتى.
يول بويى، سۇ چىڭ بەك قورقۇپ كەتتى، چۇ فېنمۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ تېخىچە خاپا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى، ئۇ ھازىر پەقەت نەۋرىسىدىن ئەنسىرەۋاتاتتى.
چۇفېن ئانا-بالا ئىككىسى ناھايىتى تېزلا چۈنچۈننى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى.
دوختۇر چۈنچۈننىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارغا چۈنچۈننىڭ سۈتنى بەك كۆپ ياندۇرغان بىلەن، ھېچقانداق چوڭ چاتاق يوقلىقىنى ئېيتتى، دوختۇر ئۇلارغا سۈت ئېمىتىش ساۋاتلىرىنى ئېيتتى، چۇ فېن بىر چەتتە تۇرۇپ ئېسىدە تۇتۇۋالدى، ئەكسىچە سۇ چىڭ سەل پايپېتەك بولۇپ قالدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئەزەلدىن بالا بېقىپ باقمىغان، يېڭى ئانا بولۇشى ئىدى.
چۇ فېن بىلەن سۇ چىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بولغاندىن كېيىن چۈنچۈننى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.
سۇ چىڭ چۈنچۈننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئاپىسىنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:
-ئاپا، خاپا بولمىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، چۇ فېن قەستەن باشقا ياققا قارىۋالدى:
-بالا چوڭ بولسا ئانىغا باقمايدۇ، كېيىن قانداق قىلغۇڭ كەلسە شۇنداق قىل، مەن باشقۇرمايمەن، ھەم باشقۇرالمايمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈردى.
-ئاپا، مەن سىزگە ۋەدە بېرەي، بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەتۈرلۈك قىلىشىم، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاي، بولامدۇ؟
سۇ چىڭ نېمىلا دېگەن بىلەن چۇ فېننىڭ قىزى، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا نىيىتىدىن يانماي، سۇ چىڭغا ئالىيىپ قويۇپ، ئالدىغا بېرىپ چۈنچۈننى قۇچىقىغا ئالدى.
-دەرھال تاكسى چاقىر!
سۇ چىڭ ئاپىسىنىڭ قىزىنى قۇچاقلاشقا ماقۇل بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى:
-مەن ھازىرلا باراي.
چۇ فېن تاكسىغا چىققاندىن كېيىن، باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى، ئۇ سۇ چىڭنىڭ قىزىنى بېقىپلا قالماي، يەنە چۈنچۈنگە سۇ چىڭدىنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلدى. سۇچىڭ بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولدى، ئاپىسىنىڭ يەنىلا ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى.
ئانا-بالا ئىككىسى مۇشۇ ھالەتتە يېرىم ئاي بىللە ئۆتتى، بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سۇ زىنىڭ كېلىشى ئەمدىلا ئورنىتىلغان تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى.
بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سۇ چىڭ چۈنچۈننى قۇچاقلاپ مېھمانخانىدا ئويناۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنىڭ تولغىنىپ كەتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ئۇ ئاپىسىنىڭ كۆكتات سېتىۋالغىلى كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى، لېكىن ئاپىسى كەتكىلى ئۇزۇن بولمىغاندا، ئۇ نېمىشقا بۇنچە بالدۇر قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى.
كېيىنكى دەقىقىدە ئىچىك ئېچىلدى، كىرگەن ئادەم ئاپىسى بولماي چىقتى.
مودا كىيىنگەن بىر قىز كىرىپ كەلدى، ئۇ ھال رەڭلىك يىپەك پايپاق، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، چېچىنى كۇمىلاچ قىلىپ تۈگۈپ، قۇلىقى، بوينى ۋە بېغىشىغا ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت تاقىۋالغان بولۇپ، ئىلگىرىكى پاكىز قىزغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى، ھازىر ئۇ خۇددى بىر پىشقان چوكانلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.
سۇ زىنى كۆرۈپ، سۇچىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئۇ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى.
بۇ كۈنلەردە ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە، سۇ زى ناھايىتى ئاز قايتىپ كېلىدىكەن، بەزىدە ئۇنىڭغا تېلېفونمۇ قىلمايدىكەن، ھازىر كۈندە ئۆيدە بالا بېقىۋېتىپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جېڭ خاۋرەن ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن، گەرچە ئۇ ئىشقا بارمىسىمۇ، لېكىن بالا باققۇچىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ بالىسىنى بېقىشىپ بېرىپتۇ.
گەرچە ئۇ قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىر يىلغا يېقىن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇزلاش نۇقتىسىغا چۈشۈپ قالغانىدى.
بىر يىل بولاي دېدى، ئۇ سۇ زى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغانىدى، ئىككىيلەننىڭ ئەھۋالىنى يەنىلا تېلېفون ئارقىلىق ئاپىسى ئېيتىپ بېرەتتى.
ئەلۋەتتە، ئاپىسى ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەيتتى، تېخى ئۇلارنى يەنىلا ئاشۇ بىر جۈپ يېقىن ئاچا-سىڭىل دەپ قارايتتى.
-قايتىپ كەلدىڭمۇ؟
سۇ چىڭ ئالدى بىلەن سۇ زى بىلەن سالاملاشتى.
گەرچە ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن سۇ چىڭ ئۇلارنى يەنىلا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار ئاچا-سىڭىل دەپ قارايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە يىللاردىن بۇيان بىللە جاپا تارتىپ كەلگەن، بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولسىمۇ، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ پەسىيىدىغان ۋاقىت كەلدى.
سۇ چىڭنى كۆرۈپ، سۇ زىنىڭ كۆزلىرىدىن كەمسىتىش چىقىپ تۇراتتى.
ئېنىقكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەنىدى، شۇنداقلا ئاپىسىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلگەنىدى.
چۈنكى سۇ زى ئۆزىنىڭ بالىسىنى قۇچاقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئازراقمۇ ھەيران قالمىدى، ئاپىسى چوقۇم تېلېفوندا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن گەپ.
سۇ زى چاي شىرەسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۇ چىڭنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاققا كۆز يۈگۈرتۈپ سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:
-ئاچا، يېرىم يىلدىن بېرى قايتىپ كەلمىگەنىدىڭ، قايتىپ كېلىپلا بىر ماي قاچىلىغۇچنى ئېلىپ كەپسەن، سەن مېنى تېرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرەي دەمسەن؟
بۇنداق دوستانە بولمىغان گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈردى.
-سۇ زى، سەن نېمىشقا بۇنچە زەھەرخەندە بولۇپ كەتتىڭ؟
سۇ زى سوغۇق كۈلۈپ قويدى.
-مەن بەك زەھەرخەندىمىكەنمەن؟ سەن نېمىشقان ئۆزۈڭ قىلغان ئىشنى بىمەنىدەك ھېس قىلمايسەن؟ توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغىنىڭنى دېمەيلا قويايلى، تېخى بالىنى تۇغۇپ، دادىسى يوق بالىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ ئاپامنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ يۈرۈپسەن! بۇ ھالەتە سەن يەنە باشقىلارنىڭ ساڭا رەھىمسىزلىك قىلغانلىقىدىن ئاغرىنالامسەن؟
سۇ زىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى سۇ چىڭنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتتى، ئۇ ئاغرىقنى ھېس قىلالمىدى، پەقەت يۈرىكىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى بىلدى، بۇ ئۇنىڭ ياخشى سىڭلىسى، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ھالىدىن خەۋەر ئالغان سىڭلىسى ئىدى.
بۇ دەقىقىدە، سۇ چىڭ ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىق مۇھەببىتىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بىلدى، گەرچە ئەپسۇسلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كەينىگە قايتمايتتى.
-توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولغان ئادەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، ئەينى چاغدا بالا تۇغۇپ يالغۇز ئانا بولۇش خىيالىمۇ پەقەت مەندىلا بولۇپ باقمىغان، سەن پەقەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان جېڭ خاۋرەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىڭ، شۇڭا، سەن مەندىن ئالىيجاناب ئەمەس، ماڭا باھا بېرىش سالاھىيىتىڭمۇ يوق!
سۇ چىڭمۇ سوغۇققىنە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.
شۇغىنىسى، شۇ تاپتا، سۇ چىڭنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى، چۈنكى كۆز ئالدىدىكى ئادەم كىچىكىدىن تارتىپ ھازىرغىچە قوغداپ كېلىۋاتقان ئادەم، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن، باشقىلار ئۇنى بوزەك قىلسا، تەڭ تۇرۇپ ئۇنى قوغدىغانىدى.
سۇ چىڭ سۇ زىنىڭ يارىسىنى ئېچىپ قويغاچقا، سۇ زى تېخىمۇ غەزەپلەندى.
-سەن جېڭ خاۋرەن ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ مەن بىلەن توي قىلدى دېمەكچىمۇ؟
-سەن تولا يوقىلاڭ گەپ قىلما، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس.
سۇ چىڭ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، سۇ زىنىڭ قاچاندىن بېرى يولسىز، ھازازۇل ئايالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى.
-سەن شۇنداق دېمەكچى، سەن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغۇچى دەپ قارامسەن؟ سەن بولمىغان بولساڭ، مەن بۈگۈنكىدەك، بالىنى كۆتۈرۈپ ھەممە يەردە باشقىلارنىڭ ئالىيىشىغا ئۇچرامتىم، ئەگەر سەن جېڭ خاۋرەندىن مېنى ئەمرىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلمىغان بولساڭ، ئۇ چوقۇم ماڭا مەسئۇل بولمايتتى، مەن سەندىن مىننەتدار بولۇشۇم كېرەك، شۇنداقمۇ؟ ياكى مېنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىم ياخشى ئۆتۈۋاتقاچقا، ماڭا ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ سەن مېنىڭ سەندىن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىنىمنى كۆرەلمەيسەن، شۇنداقمۇ؟
سۇ زىنىڭ گەپلىرى بىر-بىرىدىن ئۆتكۈر بولۇپ، خۇددى بىر ئەسۋاب سۇ چىڭنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپ كەتكەندەك تەسىر قىلىۋاتاتتى.
بۇ چاغدا، سۇ زىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئاۋازى يۇقىرىلاپ كەتكەچكىمۇ، بىردىنلا سۇ چىڭنىڭ قۇچىقىدىكى چۈنچۈننى قورقۇتىۋەتتى.
چۈنچۈن توختىماي يىغلىدى.
سۇ چىڭ ئاچچىقلانغان ھالدا چۈنچۈننى قۇچاقلاپ سافادىن تۇرۇپ، بىر ئېغىز گەپ قىلدى.
-سەن بىلەن ئۇرۇشقۇم يوق!
ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا ياتاق ئۆيگە قايتماقچى بولدى.
بىراق، سۇ زى ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپلا ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى توسۇۋالدى.
-سەن قانداق قىلماقچى؟
ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك نەزىرى ۋە ھەرىكىتىگە قاراپ، سۇ چىڭنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كېلىپ، سوغۇق ئاۋازدا سورىدى.
ئۇنىڭ گەپلىرى قۇپال ھەم مۇئامىلىسى قاتتىق بولغاچقا، بىردىنلا چۈنچۈننى قورقۇتىۋەتكەنىدى، بىردىنلا سۇ چىڭنىڭ قورسىقى كۆپۈپ قالدى.
-مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن بالىنى كۆتۈرۈپ جېڭ خاۋرەننىڭ ئالدىغا بېرىپ لاغايلاپ يۈرمە، بولمىسا مېنى ئاچا-سىڭىل مۇھەببىتى بىلەن كارى بولمىدى دەپ ئاغرىنما!-دېدى سۇ زى سۇ چىڭغا چەكچىيىپ تۇرۇپ.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ چىقىپ تۇراتتى.
چۈنچۈن تېخىچە قۇچىقىدا يىغلاۋاتاتتى، سۇ چىڭ سۇ زىغا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى.
ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ جېڭ خاۋرەننى ئازدۇرۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانىدى، ئۇ ئىختىيارسىز سوغۇق كۈلۈپ قويدى، ئەگەر ئۇنىڭ جېڭ خاۋرەنگە كۆڭلى بولسا، سۇ زىنىڭ ئۇنىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولىدىغان ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى.
سۇ چىڭنىڭ ئۆزىگە سوغۇق تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ زى سەل تەبىئىي بولالماي قالدى، بىراق يەنىلا تەمكىن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ بىر جۈملە قوشۇپ قويدى.
-خاۋرەننىڭ كۆڭلى يۇمشاق، بالا كۆتۈرۈۋالغان بىچارە ھالىتىڭنى كۆرسە، ساڭا ئىچ ئاغرىتىشى مۇمكىن، ۋاقتى كەلگەندە لايىقىدا ئىش قىلىشنى بىلمەي، ئۆزۈڭنى يولىنى توسۇپ قويما!
-سۇ زى، ساڭا يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي، مەن سىلەرنىڭ ئۆيدىكى جېڭ خاۋرەنگە ئازراقمۇ قىزىقمايمەن، ئۇنى ئالدىمغا ئەكىلىپ قويغان ھالەتتىمۇ، مەن ھەرگىز ئارتۇق قاراپ سالمايمەن، شۇڭا سەن ئەڭ ياخشىسى كۆڭلۈڭنى ئىچىڭگە قوي، ئۆزىڭنىڭ ئېرىگە ھەممە ئادەمنى مەستانە دەپ قالما، ساڭا ئوخشاش ۋاستە تاللىماي ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغان ئىشنى مەن قىلىپ يۈرمەيمەن!
سۇ چىڭ كۆڭلى بىردىنلا مۇزلاپ كەتكەنىدى.
سۇ چىڭنىڭ گېپى سۇ زىنىڭ ئەينى چاغدا ھېچنېمىگە قارىماي جېڭ خاۋرەننىڭ كارىۋىتىغا يامىشىپ چىققانلىقىغا دارىتمىلاپ چىققانىدى، شۇڭا ئۇ ئىزاغا چىدىماي ئاچچىقلىنىپ، قولىنى سۇ چىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
-سەن مېنىڭ ئەيىبىمنى ئېچىۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟ سەن مېنى تۈزۈت قىلمىدى دەپ ئاغرىنما!
سۇ زى قولىنى سوزىشى ھامان، كۆزى ئۆتكۈر سۇ چىڭ، بالىنى قۇچاقلىغىنىچە دەرھال ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.
ھازىر ئۇنىڭ قۇچىقىدا چۈنچۈن بار، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق سوقۇشقۇسى يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا راستىنلا قورقۇپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا يىغلاۋاتاتتى، شۇڭا سۇ چىڭنىڭ بالىغا ئىچى ئاغرىپ كەتكەنىدى.
بىراق، سۇ زى بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلىشنى خالىماي، سۇ چىڭنىڭ قۇچىقىدا يىغلاۋاتقان چۈنچۈنگە پىسەنت قىلماستىن:
-سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى ئاچامكەنسەن، سىڭلىڭغا ئازار بېرىدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېيەلەيدىكەنسەن، مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىككەنمەن، قانداقسىگە سەندەك ئاچىغا ئۇچراپ قالغاندىمەن؟-دەپ ۋارقىرىدى.
سۇ زى گېپىنى تۈگىتىپ ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، ئەلپازىنى بۇزۇپ سۇ چىڭغا قاراپ ماڭدى!
سۇ چىڭ چۈنچۈننى قۇچاقلاپ قورققىنىدىن كەينىگە ئىككى قەدەم داجىدى، تاكى ئۇنىڭ دۈمبىسى گۈل جازىسىغا تەگكۈچە!
سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سۇ زىنىڭ غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدى، ئۇ چۈنچۈننى قوغداپ ئۇنى چىڭڭىدە باغرىغا باستى.
دەل شۇ چاغدا، ئىشىك ئېچىلىپ، بىر ئايالنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
-بۈگۈنكى كۆكتات بەك يېڭىكەن، تاپان بېلىقمۇ بەك ياخشى، چىڭچىڭ، مەن ساڭا سۈت كەلتۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالدىم، سېنىڭ سۈتۈڭ نېمىشقا ھازىرغىچە ياخشىلانمايدىغاندۇ دەيمەندە!
ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ ئاندىن ئۇھ دېدى.
ئۇ ئۇرۇشۇشتىن قورقمايتتى، بىراق ئۇ چۈنچۈنگە ئازار يېتىپ قېلىشتىن قورقاتتى، ئاپىسى كەلسىلا بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ سۇ زى بىلەن ئۇرۇشقىنىغا قاراپ تۇرمايتتى.
-ئاپا، قايتىپ كەلدىڭىزمۇ؟
كېيىنكى دەقىقىدە، سۇ زى بۇرۇلۇپ ئاپىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى.
-ھەي، سۇ زىمۇ باركەندە؟
چۇ فېن سۇ زىنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ قارىشى ئالدى.
-ئاپا، مەن ھازىر كەلگەنىدىم، ئاچام سىزنى كۆكتات ئالغىلى كەتتى دېگەنىدى.
سۇزى كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
-دەل ۋاقتىدا كەپسەن، بىللە تاماق يەيلى، مەن نۇرغۇن كۆكتات سېتىۋالدىم،-دېدى چۇ فېن كۈلۈپ تۇرۇپ.
سۇ زى بىلەن ئاپىسىنىڭ كۈلكە-چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ چىڭ ھاڭۋېقىپ قالدى.
بۇ يەنىلا بايىقى ئۆزى بىلەن قول تۇتۇشماقچى بولغان سىڭلىسىمۇ؟
شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، ئاپىسىغا يېقىملىق گەپ قىلىۋاتاتتى، چىرايىدا ئازراقمۇ بايىقى كۆڭۈلسىزلىك ئىپادىلىرى قالمىغانىدى.
بۇ چاغدا چۈنچۈن يىغلاپ تۇراتتى، سۇ چىڭ دەرھال ئۇنى قۇچاقلاپ سافادا ئولتۇردى، ئاندىن چاپىنىنى يېشىپ، ئۇنى ئېمىتىشكە باشلىدى، چۈنچۈن ئاندىن ياخشى بولۇپ قالدى.
چۇ فېن چۈنچۈننىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال يۈگۈرۈپ كەلدى:
-چۈنچۈن بۈگۈن نېمىشقا بۇنچە قاتتىق يىغلايدىغاندۇ؟
-ئۇ…
سۇ چىڭ بايا جاۋاب بەرمەكچى بولىۋېدى، بىراق سۇ زى ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋالدى:
-ئاپا، بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم، بايا سەل ئۈنلۈك گەپ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى قورقۇتۇۋەتكەندەك قىلىمەن.
-سەنمۇزە، چۈنچۈن ئەمدىلا ئىككى ئايدىن ئاشتى، بوش ئاۋازدا گەپ قىلساڭ بولمامدۇ!؟ سەنمۇ ئانا بولۇپ باققان تۇرۇپ، يەنىلا مۇشۇنداق قارام.
-ئاپا، چۈشەندىم،-دېدى سۇ زى سۇسلا.
-ئاچا، يۆيۆ بىر ياشقا كىرەي دېدى، خاۋرەنمۇ ماڭا بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىپ بەردى، كېيىن بىكار بولساملا كېلىپ چۈنچۈنگە قارىشىپ بېرەرمەن،-دېدى سۇ زى كۈلۈپ تۇرۇپ.
سۇچىڭ بىر خىل ئالاھىدە نەزىرى بىلەن سۇ زىغا تىكىلىپ قارىدى.
ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ئۇ ئاللىقاچان كامالەتكە يەتكەنىدى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر خىل، باشقىلارنىڭ كەينىدە بىر خىل قىياپەتكە كىرەلەيتتى.
كىچىكىدىنلا زېرەك، ئوماق سۇ زى قانداق قىلىپ ئۆزىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى؟
سۇ چىڭنىڭ ئۇنىڭ بىر-ئىككى يىلدا بۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتاتتى.
-بولدى، ئۆزۈم يالغۇز خەۋەر ئالالايمەن،-دېدى سۇ چىڭ سوغۇقلا.
بۇ چاغدا چۇ فېنمۇ سۇ چىڭنىڭ سۇ زىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-چىڭچىڭ، سىڭلىڭنىڭمۇ ياخشى كۆڭلى،-دېدى چۇ فېن ئىختىيارسىز ھالدا.
-ئاپا، مەن چوپچوڭ ئادەم تۇرۇپ، ياخشى ياماننى پەرق ئېتەلمەمدىم؟ چۈنچۈننىڭ ئۇيقۇسى كەلدى، مەن ئۇنى ئېلىپ ئۇخلىتاي.
سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ ئېمىۋاتقان چۈنچۈننى كۆتۈرۈپ ھۇجرىسىغا قايتتى.
ئىشىك تاقالدى، سۇ چىڭ سۇ زىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالدىدا نېمە ئىش قىلىغىنىنى بىلمەيتتى، لېكىن ئۇنىڭ سۇ زى بىلەن كارى بولمىدى.
شۇنداق ئەمدى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلىشنىڭ ئورنى يوق، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بەرسىلا كۇپايە.
سۇ چىڭ چۈنچۈننى قۇچاقلاپ قاتتىق ئۇخلاپ كەتتى، ئۇ ئويغانغاندا چۈنچۈن تېخىچە ئۇخلاۋاتاتتى.
ئۇ ئاۋايلاپ ئىشىكنى ئاچقاندا، سىرت ئاللىقاچان جىمىپ قالغانىدى.
قارىغاندا سۇزى كەتكەن ئوخشايدۇ، كەتكىنى ياخشى بوپتۇ، ئۇنىڭ ئۇنى قايتا كۆرگۈسى يوقتى.
ئۇ ئىلگىرى ئۆزى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر تۇغقىنىدىن تۇنجى قېتىم بىزارلىق ھېس قىلدى.
بۇ چاغدا، چۇ فېن ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدىن چىقىپ سۇ چىڭنى كۆردى.
-بايا ئۇخلاپ قاپتىكەنسەن، شۇڭا چۈشلۈك تاماققا چاقىرمىدىم، قازاندا ساڭا قىلغان بېلىق شورپىسى ۋە قورۇما، گۈرۈچ تامىقى بار، چۈنچۈن ئويغانمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تېز بېرىپ يەۋالغىن.
-ماقۇل.
سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئاندىن ئاشخانىغا بېرىپ تاماق ئۇستى.
سۇ چىڭ تاماق ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن بېلىق شورپىسى ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن قورۇما تاماق يېدى، بايىقى ئىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام بولدى، بىراق بۇ ئىشنى ئاپىسىغا دېسە بولمايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىچى بەكلا سىقىلىپ كەتتى.
سۇ چىڭ ئويلىنىۋاتقاندا، چۇ فېن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك قاراپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى:
-چىڭچىڭ، سۇ زى سېنىڭ ئۆز سىڭلىڭ، ئۇ سەن ياقتۇرمايدىغان گەپلەرنى قىلغان ھالەتتىمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەيدۇ، ئۇنىڭدىن خاپا بولما، ئاداۋەت ساقلىما بىلدىڭمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
-ئاپا، سۇ زى سىزگە نېمە دېدى؟-دەپ سورىدى.
چۇ فېن بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن، راست گەپنى قىلدى:
-ئالدىنقى قېتىم مەن سۇ زىغا تېلېفون بېرىپ، سېنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپىڭنى قىلىپ ئاغرىنىپ قويغانىدىم، بەلكىم ئۇ ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا كېرەك. ئۇ بۈگۈن ساڭا دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى قىلىپ قويۇپتۇ، بىراق بۇمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دېگىنى، مېنى خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق دېدى، بۇ بالا بايا تېخى نەچچە تامچە ياش تۆكتى، سېنى مەندىن رەنجىپ قالدى دەيدۇ. چىڭچىڭ، سىڭلىڭمۇ سېنى دەپ ئەنسىرەۋاتىدۇ، سەن بالىنى ئۆزۈڭ ئۈستۈڭگە ئالغانىكەنسەن، ھەممە ئىشتا ئۆزۈڭگە تايىنىشىڭ كېرەك، سەنمۇ تېخى ئەمدىلا باشلىدىڭ، كېيىنكى كۈنلىرىڭ تېخى ئۇزۇن، ئۇ ساڭا كۆيۈنىدۇ، كېيىنكى كۈنلىرىڭنىڭ تەس بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ شۇ. بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 84-قىسىم
بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
تەۋسىيەلىك رومانلار