ئادەم دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، «ئادىللىق» دەيدىغان سۆز مەۋجۇت ئەمەس، قانداقتۇر «ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئاق كۆڭۈل بولىدۇ» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ.
ئەپسۇس، مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغىچە بۇ قائىدىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم.ئاتا-ئانام ھەر ئىككىسى سەمىمىي ئادەملەر، مەن ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ، ئۇلار دائىم ماڭا: «كەپسىزلىك قىلما، ئىش تېرىما، باشقىلارغا كۆپرەك يول قويساڭ، باشقىلارمۇ ساڭا يول قويىدۇ» دەپ تەربىيە بېرىپ كەلدى. لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ «سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى» دەيدىغان دەۋر ئەمەس.بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويدۇق، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ، نۇرغۇن ئادەم ۋە نۇرغۇن ئىشلارغا بىز ئۆزىمىز يۈزلىنىشىمىز كېرەك بولدى.بالىلار يەسلىسىدىكى ۋاقتىمدا باشقا كىچىك دوستلار مۇئەللىم ماڭا بەرگەن ئالمىنى تارتىۋالدى، بۇ ئىشنى مەن ئاتا-ئانامغا دېسەم ئۇلار: «دوستلىرىڭ سەن بىلەن ئوينىشىپ قويۇپتۇ» دېدى.باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ساۋاقدىشىم قەلەم قاپچۇقىمنى بۇزۇپ قويدى، بۇ ئىشنى مۇئەللىمگە دېدىم، مۇئەللىم: «ساۋاقداشلار ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈڭلار، ئۇنچە زىغىرلاپ كېتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، پارتىدىشىم سەۋەبسىزلا مېنى ئۇردى، مەن بۇنى مەكتەپ مۇدىرىغا دېدىم، مەكتەپ مۇدىرى: «پارتىداش تۇرۇپ نېمىشقا ئۇرۇشىسىلەر، سەن ئاۋۋال ئۇنى رەنجىتىپ قويغانمىتىڭ يا؟» دېدى.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، مېنى پۈتۈن سىنىپتىكىلەر بوزەك قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەن سۈكۈت قىلىشنى، يول قويۇشنى ئۆگىنىۋالدىم...مۇزاكىرە دەرسى مېنىڭ ھەر كۈندىكى ئەڭ بەختلىك ۋاقىتلىرىم. چۈنكى پۈتۈن سىنىپ بويىچە، ھەتتا قىز ساۋاقداشلارنىڭمۇ ماڭا قولىنى شىلتىپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، مەن بارلىق ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئېرىشەلمىگەن تەمىناتقا ئىگە بولالايتىم.لىن يۈۋېي بىزنىڭ سىنىپنىڭ «سىنىپ گۈلى» بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىزنىڭ بۇ شەھەرلىك نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «مەكتەپ گۈلى»، ئۇ مەن بۇ 17 يىللىق ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق قىز. ئۇنىڭ گۈزەللىكى شۇنچىلىك ساپ، تەبىئىي، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ئۇپا ئىشلەتمەيدۇ، شۇنداق تۇرسىمۇ قېنىق گىرىم قىلغان بارلىق قىزلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇ تولىمۇ نازاكەتلىك، خۇددى تولۇن ئاي ئاستىدىكى بىر كۆل سۈيىگە ئوخشايدۇ، ئۇ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوغۇللارنىڭ ئايال مەبۇدىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇنجى كۆرگەن كۈندىن باشلاپ مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان قەلبىمدىكى ۋېناس.دەل مۇشۇنداق بىر ئايال مەبۇد مېنىڭ پارتىدىشىم.بۇنداق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئەينى چاغدا ئورۇن ئالماشتۇرغاندا، مۇئەللىم ئۆگىنىش نەتىجىسىگە قاراپ، ئۆگىنىشى ياخشى بولغان بالىلارنى ئۆگىنىشى ئانچە ياخشى بولمىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغانىدى. (مۇئەللىمگە رەھمەت)لىن يۈۋېينىڭ ئۆگىنىشى ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەزەلدىن ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىدىن چۈشۈپ باقمىغان، ماڭا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ نەتىجەم ئانچە ناچارمۇ ئەمەس، بىزنىڭ مەكتەپ دېگەن شەھەرلىك نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سىنىپ تېخى نۇقتىلىق سىنىپ، شۇڭا سىنىپتىكى سەرخىللار ئالدىدا مەن يەنىلا ئارقىغا تىزىلىمەن، لېكىن بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم.لىن يۈۋېي بىلەن پارتىداش بولغاندىن كېيىن، مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشنى، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم، لېكىن مەن بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايمەن، مەن ئۆزۈمنى بىلىمەن، مەن پەقەت بىر ناھايىتى ئادەتتىكى ئادەم.مەن ئۇنچە كېلىشكەن ئەمەس، پەقەت ھەرھالدا بولىدۇ دەپ سۈپەتلەشكە توغرا كېلىدۇ، بويۇممۇ ئانچە ئېگىز ئەمەس، بىر مېتىر 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئورۇق، ئۆگىنىشىم سىنىپ بويىچە ئارقىدا تۇرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى مەن ناھايىتى ياۋاش، ئاجىز، ئادەتتە كۆپ سۆزلەشنى ئانچە ياخشى كۆرمەيمەن، كىچىكىمدىنلا ئاچچىقىمنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىدىغان، سىنىپ بويىچە بوزەك قىلىنىدىغان ئوبيېكت بولۇپ كەلدىم، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا لىن يۈۋېيغا ئېغىز ئېچىشقا قانداقمۇ جۈرئىتىم بولسۇن.بىراق، لىن يۈۋېي ئەزەلدىن مەندىن بىزارلىق ھېس قىلمايدۇ، ئۇ سىنىپ بويىچە مېنى بوزەك قىلمىغان بىردىنبىر ئادەم، لېكىن مىجەزى جىمغۇر، كۆپ گەپ قىلمايدىغان قىز. ھەر كۈنى دەرس ۋاقتىدا، ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئەستايىدىل دەرس ئاڭلايدۇ، شۇڭا مەن ئەلۋەتتە ئۇنى ئاۋارە قىلالمايتتىم، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ھەمىشە بىر توپ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار ئورۇۋېلىشاتتى، بۇنداق چاغدا مەن پەقەت ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىشنى تاللايمەن.بۇنداق ۋاقىتلاردا مەم پەقەت تەكرار قىلىدىغان چاغلارنىڭلا مېنىڭ ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن ۋاقتىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مەن جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇنى تاماشا قىلالايتتىم، بەزى چاغلاردا ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا بەزى مەسىلىلەرنى تېپىپ ئۇنىڭدىن سورايتتىم، ئۇمۇ ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا چۈشەندۈرەتتى. بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار