بۈگۈن كەچتىكى ئىشلار سەۋەبلىك، يې دودو كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئىدى.
لۇ جىڭچېڭ سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
-مەن بېرىپ نېمە قىلىمەن؟ ھازىر چىڭيەن بار، ھەممە كىيىمىڭىزنى سېلىۋەتسىڭىزمۇ قىزىقىشىمنى قوزغىيالمايسىز.
-سەن...
يې دودونىڭ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەرنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كەلدى.
-يې دودو، ساڭا راست گەپنى دېسەم، ئەينى چاغدا مەن سىنىڭ يې ئائىلىسىنىڭ خانقىزى ئىكەنلىكىڭنىلا كۆزدە تۇتۇپ، سەن بىلەن يۈرگەن، لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ، چىڭيەنمۇ يې ئائىلىسىنىڭ خانقىزى، بىلەمسەن؟
-جىڭچېڭ، بولدى گەپ قىلماڭ.
يې چىڭيەن يىغلاپ كەتتى ھەمدە كالپۇكىنى چىشلىگىنىچە جېنىنىڭ بارىچە بېشىنى چايقايتتى.
لۇ جىڭچېڭ ئۇنىڭغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋام قىلىپ:
-چىڭيەن، نېمىدىن قورقىسىز؟ ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكىلى شۇنچە يىل بولغان تۇرسا، يەنە نېمىدىن قورقاتتىڭىز؟ ھازىر يې ئائىلىسىنىڭ ئايال خوجايىنى سىزنىڭ ئاپىڭىز، سىز دادىڭىزنىڭ ئۆز قىزى، نېمىدىن قورقىسىز؟
-ياق، بولدى سۆزلىمەڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي.
يې چىڭيەن كۆزىدىكى ئالاقزەدىلىكىنى يوشۇرۇپ، چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى پەسكە قارىتىۋالدى.
يې دودو نەپرەتلىك نەزىرى بىلەن ئالدىدىكى بۇ ئىككىسىگە قاراپ تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ سوغۇق كۈلگىنىچە قولىنى يې چىڭيەننىڭ بۇرنىغا شىلتىپ تۇرۇپ:
-سەن بىر ساقلاندى! نېمەڭگە ئۆزۈڭنى دادامنىڭ ئۆز قىزى دەيسەن؟-دەپ تىللىدى.
«ساقلاندى» دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يې چىڭيەن بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
-ياق، مەن ساقلاندى ئەمەس، يې دودو، ئوبدان ئاڭلا.
-يې چىڭيەن، سەندە يۈز دېگەن نەرسە بارمۇ؟ ئوغۇل دوستۇمنى تالاشقىنىڭ يەتمىگەندەك، ئەمدى دادامنىمۇ تالىشامسەن؟
يې دودونىڭ كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى.
يې چىڭيەن لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ، بىر ئاز سۈكۈت قىلغاندىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىپ:
-يې دودو، سەنمۇ ئاڭلاپ تۇر، مەن ساقلاندى ئەمەس، مەن دادامنىڭ قىزى، ئۆز قىزى، ئاپام دادام بىلەن قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن، ئاپاڭ بولغاچقا دادام ۋاقتىنچە بىزدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان،-دېدى.
-نېمە دېدىڭ؟
يې دودو ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى، ئاۋازىمۇ سەل تىترەپ كەتتى.
يې چىڭيەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ئاپاڭنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ سەن بەك ساددىكەنسەن. يې دودو، ساڭا دەپ قوياي، شۇنچە يىلدىن بېرى چىداپ كەلدىم، بۈگۈن ساڭا بۇ ئۆيدە زادى كىمنىڭ چوڭ خانقىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويمىسام ھېساب ئەمەس!-دېدى ۋە يې دودونىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدى.
بۇ شاپىلاقتىن دودو تېڭىرقاپ قالدى، كاللىسىدا پەيدا بولغان گۇمانلار بىر شاپىلاق بىلەن يوققا چىقتى.
-مېنى ئۇرۇشقا پېتىندىڭما؟ مېنى ئۇرۇشقا پېتىندىڭما؟!!
يې دودونىڭ غەزىپى تېشىپ، ئالدىدىكى بۇ ساقلاندىنى تىتما-تىتما قىلىۋەتكۈسى كەلدى. لېكىن يې چىڭيەن باشتا ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ يې دودونىڭ مۈرىسىنى مەھكەم تۇتۇپ، بىر ئۆرۈلۈپلا ئۇنى پەلەمپەي ئېغىزىغا ئېلىپ كەلدى.
-يې دودو، بېرىپ ئۆل، سەن ئۆلسەڭلا ھېچكىم مەندىن ھېچنېمە تالاشمايدۇ.
ئادەتتە ئىنتايىن نازۇك كۆرۈنىدىغان يې چىڭيەندىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچ ئۇرغۇپ چىقتى، ئۇ بىردەمدىلا يې دودونى پەلەمپەينىڭ گىرۋىكىگە بېسىۋالدى.
يې دودو پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشتى، ئارقىدىن يې چىڭيەننىڭ قولىنى تۇتۇپ، غەزەپ بىلەن سىلكىدى ھەم ئارقىدىن «ئا...» دېگەن ئېچىنىشلىق ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئەسلىدە يې چىڭيەن ئۆزىنى كونترول قىلالماي، بىراقلا پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
-چىڭيەن!
لۇ جىڭچېڭ يې چىڭيەننىڭ قولىنى تۇتۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما توپتەك دومىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان يې چىڭيەنگە يېتىشەلمىدى.
-ۋايجان!
يې چىڭيەننىڭ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغان ئاۋازى پۈتكۈل يې ئائىلىسىنى لەرزىگە سالدى، ئارقىدىنلا يې دودو چىڭيەننىڭ ئاستىدىن سىرغىپ چىققان قاننى كۆردى. يې دودو تېببىي شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قاننىڭ مەنىسىنى بىلەتتى.
يې چىڭيەن لۇ جىڭچېڭغا ئېسىلغىنىچە:
-جىڭچېڭ، بەك ئاغرىپ كەتتى، بىزنىڭ بالىمىز...، دېدى.
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار
خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم |