ئەجەبا ئۇ بالا ماڭا قىزىقىپ قالغانمىدۇ

文摘   2024-09-30 23:52   新疆  

-نېمىگە قاراۋاتىسىز؟ ئىشىڭىزنى قىلىڭا!–دەپ چالۋاقايدۇ.

ئىچىمدە «ئەجەبا ۋاڭ ۋېنۋېن ماڭا قىزىقىپ قالغانمىدۇ» دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئەگەر ماڭا قىزىققان بولسا، ئۇ يەنە ماڭا مۇشۇنداق زەھەرخەندىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلامدۇ؟ ئىچىمدە يەنە «ھامان بىر كۈنى قولۇمدىن ئىش كېلىدىغان بولغاندا، ۋاڭ ۋېنۋېننى باش ئەگدۈرىمەن» دەپ ئويلايتتىم.

لېكىن نېمىشقىكىن، ئەمەلىيەتتە بولسا مەن ۋاڭ ۋېنۋېنغا بەك ئۆچ، ھەتتا ئازراق قورقىدىغان بولساممۇ، لېكىن چۈشۈمدە ۋاڭ ۋېنۋېن پات-پات پەيدا بولۇپ تۇراتتى. شۇنداق بولۇپلا قالماي يەنە چۈشۈمدە دائىم قىز باش رولچى سۈپىتىدە پەيدا بولاتتى. چۈشۈمدە ئۇ بەك مۇلايىم، ماڭا بەك كۆيۈنەتتى.

بۇ كۈنى كەچتە مەن تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز باشقىلار سىلكىپ ئويغىتىۋەتتى. ئويغىنىپلا بىر خىل خۇش پۇراقنى پۇرىدىم، يەنە بىر ئىللىق بەدەننىڭ تىنىمگە تېگىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ۋاڭ ۋېنۋېن ئىكەن، چۆچۈپ كەتتىم، ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم.

-ۋېن ئاچا... سىز مېنىڭ ياتىقىمغا كېرىپ نېمە ئىش قىلىسىز؟

ۋاڭ ۋېنۋېن ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇرۇپ:

-تيېجۇ، سىزدىن سوراپ باقاي، سىز يىگىتمۇ؟ -دەپ سورىدى.

ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ كۆزلىرى خۇمارلىق ئىدى، كارىۋات چىرىغىنىڭ غۇۋا نۇرى ئاستىدا، ئۇنىڭ يىپەك رەخت ئۇخلاش كىيىمى ئارىسىدىن غىل پال كۆرۈنۈپ قېلىۋاتقان بەدىنىگە دىققەت قىلدىم. بۇ چاغدا ئۇ ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك كۆزلىرىمدىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، ھەتتا مەقسەتلىك ھالدا بۇلۇڭنى تەڭشىدى، خۇددى مېنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسۇن دېگەندەك.

ئىچىم تىتىلداپ كەتتى، ئۇ نېمە قىلماقچى؟ ئەسلىدە ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ ئادەتتە ماڭا باشقىچە نەزەردە قارىشى خاتا تۇيغۇ ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟ ئۇنىڭ راستتىنلا ماڭا نىسبەتەن ئازراق باشقىچە ئويى بارمۇ؟

ئاغزىم قۇرۇپ كەتتى، ئىچىمدە خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنى باردەك ھېس قىلدىم.

-تيېجۇ، نېمە ھاڭۋىقىپ تۇرىسىز؟ گەپ قىلىڭا...

ۋاڭ ۋېنۋېن يەنە چىڭ يېپىلغان ئىشىككە ئوغرىلىقچە قاراپ قويۇپ، قۇلاق تۈۋىمگە كېلىپ پەس ئاۋازدا:

-سىز تېخى قىز بالا بىلەن بىللە بولۇپ باقمىغان شۇنداقمۇ؟-دەپ سورىدى.

مەن تۈكۈرۈكۈمنى يۇتتۇم.

-ۋېن... ۋېن ئاچا، بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟

-باشقا ئىش يوق، سىزدىن سوراپ باقاي دېدىم شۇ،-دېدى ۋاڭ ۋېنۋېن سىرلىق قىياپەتتە، ئۇ مەقسىتىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى، لېكىن ئۇ سورىغان بۇ سوئال كىشىنى بولمىغۇر خىيالغا باشلايتتى. مەن نىيۇ تيېجۇ گەرچە ياۋاش ئادەم بولساممۇ، لېكىن كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئەخمەق ئەمەستە. بۇ چوقۇم مېنىڭ يىگىتلىكىمگە تەمە قىلغانلىق...

ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ ئادەتتە ماڭا بولغان زەھەرخەندىلىكى ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇنىڭدىن بىزار قىلاتتى. لېكىن مەندەك كۆزى ئېچىلمىغان، ئىش كۆرمىگەن بىرى تۇيۇقسىز كىچىك قوزىچاقتەك مۇلايىم بولۇپ كەتكەن ۋاڭ ۋېنۋېننى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قەلبىم لەرزىگە كەلدى. ۋاڭ ۋېنۋېن ئەسلىدىنلا چىرايلىق، لېكىن مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ مېنى بۇ دەرىجىدە جەلپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدىم.

-مە... مەن... مەن.

دۇدۇقلاپ گېپىمنى ئوڭشىيالماي قالدىم، بىر ئازدىن كېيىن تۇيۇقسىز كالپۇكۇمنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىسسىق، يېپىشقاق نەرسە بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىختىيارسىز يالىدىم، تۇزلۇق بىر تەم بولۇپ چىقتى. ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ھەيرانلىق بىلەن:

-ھەي تيېجۇ، نېمە بولدى، قاناپ كەتتىغۇ؟ -دېدى.

مەن ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىم، قولۇمنى سوزۇپ كالپۇكۇمغا تەگكۈزدۈم، قولۇمغا يۇققىنى قان ئىدى. بۇرۇنۇم قاناپ كەتتىمۇ؟ ما ئىشنى، بەك خىجىل بولدۇم، بۇ نېمە بولغىنى؟

ۋاڭ ۋېنۋېن ئىچ ئاغرىتقاندەك قىياپەتتە ئالدىراپ كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى قەغەزنى چىقىرىپ سۈرتتى.

-قاراڭا سىزنى، مېنىڭ سەۋەبىمدىن بۇرنىڭىز قاناپ كەتتىمۇ نېمە؟

ۋاڭ ۋېنۋېن بىر تەرەپتىن سۈرتۈپ بىر تەرەپتىن كۈلۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم، ئىككى مەڭزىم قىزىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاۋايلاپ سۈرتۈشلىرى، بۇ خىل نازۇكلۇق كۆڭلۈمدە باشقىچە بىر سېزىم پەيدا قىلدى. ۋاڭ ۋېنۋېن نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالدى؟ ئۇنىڭ بۇ 180 گىرادۇسلۇق پوزىتسىيەسى مېنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى.

-مەن... مەن ئۆزۈم قىلاي.

مەن ناھايىتى تېزلا ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئېلىپ ئۆزۈم سۈرتتۈم. ۋاڭ ۋېنۋېن قولىنى تارتىۋېلىپ، تۇيۇقسىز كارىۋات بېشىدىكى ئەخلەت چېلىكىگە قاراپ قويدى ھەمدە چوڭقۇر مەنىلىك كۈلۈپ تۇرۇپ:

-تيېجۇ، نېمە ئىش بولدى، بۇ ئەخلەت چېلىكىدە ئازراقمۇ ئەخلەت يوق، نېمىشقا ھەممىسى ئىشلىتىپ بولغان قەغەز؟ -دېدى.

بۇ چاغدا ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ كۆزلىرى خۇددى ئۆتكۈر شەمشەردەك ئىچىمگە سانجىلىپ، مېنى خىجىل قىلىۋەتتى. ئۇ سۇس كۈلۈپ قويۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

-بۇ ھالىتىڭىزدىن قارىغاندا، سىز چوقۇم تېخى يىگىتكەنسىز. شېرىن چۈشىڭىزگە دەخلى قىلماي، ۋاقتىم چىققاندا يەنە سىزنى ئىزدەپ كېلىمەن.

ۋاڭ ۋېنۋېن شۇنداق دېگىنىچە ئاستا مېڭىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى، يېرىم سۈزۈك ئۇخلاش كىيىمى ئۇنىڭ تولغىنىپ تۇرغان بەدىنىنى بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرسىتىپ قويدى. شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ بۈگۈن كەچ چېقىپ كەتمەسلىكىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىپ كەتتىم.

ۋاڭ ۋېنۋېن ئىشىكنى ئېچىپ، ئاۋۋال ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئوغرىلىقچە سىرتقا قارىۋەتتى، ئاندىن ئوغرى مۈشۈكتەك ئاستا مېڭىپ ھۇجرامدىن چىقىپ كەتتى.

ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆي جىمجىت بولۇپ قالدى. لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈم پەقەت تىنجىيالمىدى. ۋاڭ ۋېنۋېن بۈگۈن كەچتە نېمە دېمەكچىدۇ؟ ئۇنىڭ مېڭىش ئالدىدىكى كۆز ئىپادىسى زادى نېمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئۇنىڭ يەنە مېنى ئىزدەپ كېلىمەن دېيىشى قانداق ئىش؟ مېنى ئىزدەپ نېمە قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئادەتتە ماڭا بولغان زەھەرخەندە پوزىتسىيەسى ئەمەلىيەتتە ساختا كۆرۈنۈش بولۇپ، قەستەن ماڭا پەرق پەيدا قىلىپ قويماقچىمۇ؟

بۇ كېچە ئۇيقۇم قاچتى، تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا ئاندىن كۆزۈم ئازراق ئىلىنىپ قاپتۇ. لېكىن چۈشۈمدە پۈتۈنلەي ۋاڭ ۋېنۋېننىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سىيماسى ئىدى...

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ 1-قىسىم


 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ


باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章