بۇزۇقچىلىق (277): پاش قىلىش

文摘   2024-11-04 20:03   新疆  

بۇزۇقچىلىق ۋە بەدەل

(رومان)

ئاپتورى: مۇ رېن

1

2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

14

15

16

17

18

19

20

21

22

23

24

25

26

27

28

29

30

31

32

33

34

35

36

37

38

39

40

41

42

43

44

45

46

47

48

49

50

51

52

53

54

55

56

57

58

59

60

61

62

63

64

65

66

67

68

69

71

72

73

74

75

76

77

78

79

80

81

82

83

84

85

86

87

88

89

90

91

92

93

94

95

96

97

98

99

100

101

102

103

104

105

106

107

108

109

110

111

112

113

114

115

116

117

118

119

120

121

122

123

124

125

126

127

128

129

130

131

132

133

134

135

136

137

138

139

140

141

142

143

144

145

146

147

148

149

150

151

152

153

154

155

156

157

158

159

160

161

162

163

164

165

166

167

168

169

170

171

172

173

174

175

176

177

178

179

180

181

182

183

184

185

186

187

188

189

190

191

192

193

194

195

196

197

198

199

200

201

202

203

204

205

206

207

208

209

210

211

212

213

214

215

216

217

218

219

220

221

222

223

224

225

226

227

229

230

231

233

234

235

236

237

238

239

240

241

242

243

244

245

246

247

248

249

251

252

253

254

255

256

257

258

259

260

261

262

263

264

265

266

267

268

269

274

273

272

271

270




276

275

(مۇشۇ قىسىم سانلىرىنى باسسىڭىز روماننى ئوقۇيالايسىز، ئەپچاقتا داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىم: بۇزۇقچىلىق (276): مېنىڭچە سىزمۇ ياخشى ئادەم ئەمەس

3-بۆلۈم 119-باب: پاش قىلىش

بۇ ئەر شېن خاۋ، ئايال ياڭ سىچى بولۇپ، ئەسلىدە شېن خاۋ تاڭچېڭ مېھمانسارىيىدىكى ئەتىرگۈل ئايرىمخانىسىدا شياۋ لەن بىلەن كۆرۈشۈشتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولماقچى بولغان، بەختكە يارىشا ۋۇ بو يېتىپ كېلىپ، شېن خاۋنى قاتتىق بىر مۇشت ئۇرغان، شياۋ لەنمۇ شېن خاۋدىن ئىبارەت بۇ داشقال ئەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان.

ۋۇ بو شياۋ لەننى باشلاپ ئەتىرگۈل ئايرىمخانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شېن خاۋ ئۇلارغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ، چوقۇم پۇرسەت تېپىپ ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشقا قەسەم قىلغان ھەمدە شياۋ لەننىڭ دادىسى شياۋ يۈنتيەنگە تېلېفون قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەندىن كېيىن، شېن خاۋنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ياڭ سىچىغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنى تۇڭلوۋەن كېچىلىك بەزمىخانىسىدا ھاراق ئىچىپ، ناخشا ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىپ، بۈگۈن كەچتە ياڭ سىچىدىن ئاچچىقىنى چىقىرىۋالماقچى بولغان.

ئۇ چاغدا ياڭ سىچى ئۆلكە مەركىزىگە جايلاشقان تيەنتيەن بېلىقچىلىق پورتى باش دۇكىنىدا ئىشلەۋاتقاچقا، ۋاقتىنچە ئۇ يەردىن ئايرىلالمايتتى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، شېن خاۋ بىلەن بىللە تۇڭلوۋەن بەزمىخانىسىغا كەلدى.

ئۇلار لېفىتقا ئولتۇرۇپ بىناغا چىقىپ، گۇرۇپپا باشلىقى ئۇلارنى ياندىكى 410-ئايرىمخانىغا ئەكىرمەكچى بولغاندا، 408-ئايرىمخانىدىن چىقىۋاتقان ۋۇ بو بىلەن شياۋ لەن ئۇلارنى كۆرۈپ قالدى. ياڭ سىچىنىڭ شېن خاۋ بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندە، ۋۇ بو سەل ئوڭايسىزلانغاندەك كۆرۈنەتتى.

شياۋ لەن ئۇنىڭدىن سورىدى.

-بۇ ئايال ياڭ سىچى ئەمەستۇ؟

-شۇنداق، ئۇ شۇ!

ۋۇ بو سەل پەسكويغا چۈشۈپ، بېشىنى لىڭشىتتى.

-ئۇنداق بولسا بىز مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياڭ سىچىنىڭ ئالدىدا شېن خاۋنى پاش قىلايلى!-دېدى شياۋ لەن ھاياجانلانغان ھالدا.

ئارقىدىن ئۇ ۋۇ بونىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتمەيلا، تېز قەدەم بىلەن شېن خاۋ بىلەن ياڭ سىچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىنتايىن ئاچچىقلانغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا سورىدى.

-شېن خاۋ، بەك ئالدىراش ئىكەنسىز ھە، بايا تېخى تاڭچېڭ مېھمانسارىيىدىكى ئەتىرگۈل ئايرىمخانىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشمىدىڭىزمۇ؟ بۇ قېتىم يەنە بىر ئايالنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەپسىز، ھەقىقەتەن بەك چاكىنا ئىكەنسىز!

شېن خاۋ بۇ يەردە شياۋ لەن ۋە ۋۇ بو بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شياۋ لەن ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويدى. ئۇ تەييارلىقسىز تۇرغاچقا دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، ئامالسىز دۇدۇقلاپ سورىدى.

-شياۋ لەن، سىز...قانداقسىگە بۇ يەردە بولىسىز؟

شياۋ لەن ياڭ سىچىنى كۆرسىتىپ، قىزىققان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، سوغۇق ئاۋازدا سورىدى.

-ۋوي، بۇ ئايال كىم؟

-ئۇ...

شېن خاۋ گەپ قىلىشتىن توختاپ قالدى. ياڭ سىچى كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىدىن ھەيران قالدى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىگە قەسەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئوغۇل دوستى شېن خاۋنىڭ ئۆزىدىن يوشۇرۇن باشقا ئاياللار بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئەگەر بۇ يەردە بۇ ئايالنى ئۇچرىتىپ قالمىغان بولسا، ئۇ يەنىلا ئالدىنىپ قالغان بولاتتى.

ياڭ سىچى ئەسلىدىنلا كۆزىگە يېرىم تال قۇم سىغدۇرالمايدىغان ئايال ئىدى، ھازىر شېن خاۋنىڭ شياۋ لەننىڭ ئالدىدا ھودۇقۇپ كەتكەن ھالىتىنى كۆرۈپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلە ئۇ شېن خاۋدىن سورىدى.

-شېن خاۋ، سىز بۇ ئۆمرىڭىزدە مېنىلا ياخشى كۆرىمەن دېمىگەنمىدىڭىز؟ نېمىشقا يەنە بۇ ئايال بىلەن كۆرۈشىسىز؟ ماڭا دەڭە، بۇ زادى قانداق ئىش؟

-سىچى، گېپىمنى ئاڭلاڭ، مەن ئاساسلىقى ئاتا-ئانامنىڭ بېسىمى تۈپەيلى، ئامالسىز ئاتا-ئانام ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە باردىم، كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەن ئۇنى زادىلا ياقتۇرمىدىم...

شېن خاۋ سەل تىنىچلانغاندىن كېيىن، ئاندىن ياڭ سىچىغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. شياۋ لەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، شېن خاۋنىڭ بۇرنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، غەزەپ بىلەن تىللىدى.

-شېن خاۋ، سىز مېنى ياراتمىدىڭىزمۇ ياكى مەن سىزنى ياراتمىدىممۇ؟ كۆرۈشۈپلا ماڭا قول تەگكۈزدىڭىز، مەن كەتمەكچى بولغاندا، سىز ماڭا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولدىڭىز، ھېلىمۇ ياخشى يېزنەم دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەپتۇ، بولمىسا، بۈگۈن كەچتە مەن سىزدەك ھايۋاننىڭ قولىدا دەپسەندە بولغان بولاتتىم...

-ھە؟ راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟

ياڭ سىچى بىردىنلا چۆچۈپ كەتتى-دە، شياۋ لەندىن سورىدى.

-ئەلۋەتتە راست، ئىشەنمىسىڭىز، يېزنەمدىن سوراپ بېقىڭ!

ياڭ سىچى پۈتۈن دىققىتىنى شياۋ لەنگە مەركەزلەشتۈرگەچكە، ئۇ شياۋ لەن بىلەن بىللە 408-نومۇرلۇق ئايرىمخانىدىن چىققان ۋۇ بوغا دىققەت قىلمىغاچقا، ئۇنىڭدىن سورىدى.

-يېزنىڭىز كىم؟

شياۋ لەن كەينىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.

-ئۇ مېنىڭ يېزنەم!

ياڭ سىچى شياۋ لەن كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ، كارىدوردا ھاڭۋېقىپ تۇرغان ۋۇ بونى كۆرۈپ قالدى-دە، بىردىنلا چۆچۈپ ئۇنىڭدىن سورىدى.

-ئۇ...راستتىنلا سىزنىڭ يېزنىڭىزمۇ؟

-شۇنداق، تاۋ لىڭ مېنىڭ ئۆز ئاچام تۇرسا، ۋۇ بو ئەلۋەتتە مېنىڭ يېزنەم بولىدۇ-دە!-دېدى شياۋ لەن ئەستايىدىللىق بىلەن.

ياڭ سىچى ئىلگىرى ۋۇ بو بىلەن مۇھەببەتلەشكەندە، ۋۇ بونىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئايالى تاۋ لىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن، ئۇ تاۋ لىڭغا ئوپمۇ-ئوخشاش شياۋ لەننى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، بىر خىل تونۇش تۇيغۇسى پەيدا بولغان، لېكىن دەماللىققا ئېسىگە ئالالمىغان. شياۋ لەننىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۇ بىردىنلا ئېسىگە كەلدى. شۇڭا، ئۇ ۋۇ بو بىلەن شياۋ لەننىڭ مۇناسىۋىتىگە چوڭقۇر ئىشەندى.

شۇ قېتىم ۋۇ بو يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندىن كېيىن، ياڭ سىچى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خې يىڭدىن ۋۇ بونىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ۋۇ بودىن ئوغرىلىقچە ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋۇ بو بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزگەن.

ھازىر، تەخمىنەن ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار شۇ كۈنى چۈشتە ميەنچېڭدىكى تيەنتيەن بېلىقچىلىق پورتىنىڭ زالىدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغاندىن باشقا، بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشتى.

ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىگىنىدە، ياڭ سىچى كۆڭلى يېرىم بولۇپ، خىيالغا پاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ۋۇ بونىڭ كۆزى بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرغاندا، قەلبىدە بىر خىل ھاياجانلىنىش، ھەسرەت چېكىش ۋە چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق مۇرەككەپ ھېسسىياتلار پەيدا بولدى.

ۋۇ بو سەل پەسكويغا چۈشۈپ، ئالدى بىلەن ياڭ سىچىغا سالام بەردى.

-ياڭ سىچى، ياخشىمۇسىز، بىز يەنە كۆرۈشتۇق!

ياڭ سىچى ۋۇ بوغا سالام بەرمەستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن سورىدى.

-ۋۇ بو، قېيىنسىڭلىڭىزنىڭ بايا دېگەن گېپى راستمۇ؟

-شۇنداق، بۇ سولتەك ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە ئەمەس ئىكەن، لايىق تونۇشتۇرۇش نامى بىلەن شياۋ لەنگە باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولدى، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى ئۇتتۇر چىشىنى مەن ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتكەن، ئىشەنمىسىڭىز، ئۇنىڭدىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ!-دېدى ۋۇ بو شېن خاۋنى كۆرسىتىپ.

شېن خاۋنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى ۋۇ بو بىلەن شياۋ لەن ئېچىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇيالغىنىدىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى-دە، غەزەپ بىلەن تىللاپ كەتتى.

-سولتەك، تولا بۇ يەردە ئاغزىڭغا كەلگەننى دەۋەرمە، مەن ھازىرلا ئادەم تېپىپ كېلىپ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ئىشىنەمسەن؟

-شېن خاۋ، ئالدىمدا تولا چوڭ گەپ قىلما، ھازىر دېگەن تىنچ جەمئىيەت، مەن سېنىڭ ئادەم تېپىپ كېلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن!-دېدى ۋۇ بو بۇنىڭغا قوشۇلماي.

ياڭ سىچى نەزىرىنى شېن خاۋغا ئاغدۇرۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا ۋارقىرىدى.

-شېن خاۋ، مەن سىزنىڭ بۇنداق ئەر ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلىماپتىمەن، مەن سىزگە شۇنچە ئىشەنسەممۇ، سىز مەندىن يوشۇرۇن قىز-يىگىت كۆرۈشۈشىگە بېرىپ، يەنە ھايۋاندىنمۇ بەتتەر ئىشلارنى قىپسىز، سىز بىلەن بىللە بولۇپ، كۆزۈم كور بولۇپ قاپتۇ!

-سىچى، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ...-دېدى شېن خاۋ ئالدىراپ-تېنەپ.

-چۈشەندۈرگۈدەك ئىش يوق، ئاڭلىغۇم يوق، شېن خاۋ، بىز ئايرىلىپ كېتەيلى، مېنىڭ ئەمدى سىزدەك داشقال ئەرنى كۆرگۈم يوق!-دېدى ياڭ سىچى مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن.

ئۇ شۇنداق دەپلا دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، قاچقاندەك لېفىت ئېغىزى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

-سىچى، گېپىمنى ئاڭلاڭ، مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ...

شېن خاۋ ۋارقىراپ، دەرھال ياڭ سىچىنى قوغلىدى.

بۇ يەرنى بېسىپ داۋامىنى ئوقۇڭ: 278-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ
باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار



Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章