سىزنىڭ مېنى ئالغۇدەك پۇلىڭىز بارمۇ؟

文摘   2024-11-01 20:01   新疆  

مېنىڭ ھەرىكەتلىرىم شۈ لۇنى بەك خىجىل قىلدى، ھەممە ئىش ئاياقلىشىپ ھېسياتلار بېسىققاندا، قۇچىقىمدا ياتقان شۈ لۇغا قارىدىم، ئاندىن ئۇنى ئەمرىمگە ئالغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. شۈ لۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-سىزنىڭ مېنى ئالغۇدەك پۇلىڭىز بارمۇ؟-دەپ سورىدى.

شۈ لۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن خىجىللىقتا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، ئىچىمدە چوڭ گەپ قىلغىنىمغا ئۆزۈمنى نەچچىنى تىللىغۇم كەلدى. شۈ لۇ شەھەرلىك، شارائىتى شۇنداق ياخشى، لېكىن مەنچۇ، مېنىڭ نېمەم بار؟ مەن پەقەت سىرتتىن چوڭ شەھەرگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن خالاس، شۈ لۇغا نېمىمۇ بېرەلەيتتىم؟ ئۇنى ئېلىپ  ئۆزۈم بىلەن تەڭ جاپا تارتقۇزامدىم؟

شۈلۇغا، چوقۇم تىرىشىپ پۇل تاپىمەن، سىزگە چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، دېسەم، ئۇ مېنى ئەخمەق دېدى، مەن بىلەن مۇھەببەتلەشسە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر توي قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما شۇ كۈنلەرنىڭمۇ كېلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېين مەن تىرىشىپ پۇل تېپىشقا، پۇل ئامانەت قويۇشقا باشلىدىم، ھەتتا بىر يەر ئاستى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپ تۇردۇم، بۇنداق قىلىشىم ھەر ئايدا پەقەت نەچچە يۈز يۈەننى ئارتۇق ئامانەت قويۇش ئۈچۈن ئىدى. كېيىن نەچچە يىل يىغقان پۇلۇمنى چىقىرىپ، بىر ئۇسسۇل ئىشخانىسى ئاچتىم، بۇ يىللاردا توپلىغان كىشىلىك مۇناسىۋىتىم ئەسقاتتى، مەندىن ئۇسسۇل ئۆگىنىدىغان ئەزا ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، مانا مۇشۇنداق قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرىلەپ، پۇل تېپىش سۈرئىتىم بارغانسېرى تېزلىشىپ، ئاخىرى بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلىنى يىغىپ بولدۇم. ئىككى ئېغىزلىق، بىر مېھمانخانىلىق بىر يۈرۈش ئۆينى ئالغاندىن كېيىن، شۈ لۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستىغا كەلدىم. شامدىن يەرگە يۈرەك تىزىپ چىقتىم، ئاندىن قولۇمدا گۈل تۇتقان ھالدا شۈ لۇغا قاراپ يەكپاي تىزلاندىم. مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىزگە چاۋاك چېلىپ بەخت تىلەشتى، شۈ لۇ قولۇمدىكى ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى كۆرۈپ تەسىرلەنگىنىدىن كۆز يېشى قىلىپ، مېنى چىڭ قۇچاقلىدى. شۈ لۇ ماڭا مۇھەببىتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەخت تىلىشىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئۆزىنىڭ توغرا ئادەمگە ياتلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىدە ئۇنىڭ ئىسمى بولۇشى، ئاندىن چوقۇم ماشىنىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسىگە ئىسىم قوشۇش تەس ئەمەس، ئەمما ماشىنا، شۈ لۇنىڭ ئاغزىنى ئېچىپلا ئېسىل ماشىنىدىن چۈشۈشى مېنى سەل ھەيران قالدۇردى، بىراق ئۇ تەلەپ قىلغان ئىكەن، چىشىمنى چىشلەپ باۋما ئۈچتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ  نامىغا يازدۇردۇم. مەنچە بولغاندا، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن  قىزغا چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك ئىدى.

ئۆي ۋە ماشىنا بار بولغاندىن كېيىن شۈ لۇنىڭ ئۆيىگە رەسمىي سالامغا باردىم، ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسى بىلەن  كۆرۈشتۈم. شۈ لۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېيتقان مىھىر پۇلى بېشىمنى قايدۇرۇۋەتتى.

ئۈچ يۈز سەكسەن مىڭ يۈەن، بۇ بەلكىم پۇلدارلارغا نىسبەتەن كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن يېزىلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاز ئەمەس، يېنىمدا ئارتۇق پۇل قالمىغان ئىدى، ئاتا-ئانام بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىر ئۆمۈر يىغقان پۇللىرىنى چىقىرىپ ئۆيلىنىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان پۇللارنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمدىن قەرز ئالدىم.

مۇراسىم ناھايىتى چىرايلىق ئۆتتى، شۈ لۇ قاردەك ئاپئاق كۆڭلەك كەيدى، بىز ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۈزۈك ئالماشتۇردۇق، مۇشۇ پەيتتە ئۆزۈمنى جاھاندىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھېس قىلدىم. داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


سىرلىق ئېرىم


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章