بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (113): ماڭا چېقىلماڭ!

文摘   2024-11-01 20:01   新疆  

بىر كېچىلىك مۇناسىۋەتتىن باشلانغان سۆيگۈ

ئاپتورى: لاۋ مو

1

2

3

4

5

6

8

9

10

11

12

13

14

15

16

21

20

19

18

17

26

25

24

23

22

31

30

29

28

27

36

35

34

33

32

41

40

39

38

37

46

45

44

43

42

51

50

49

48

47

56

55

54

53

52

61

60

59

58

57

66

65

64

63

62

71

70

69

68

67

76

75

74

73

72

81

80

79

78

77

86

85

84

83

82

91

90

89

88

87

96

95

94

93

92

101

100

99

98

97

106
105
104
103
102
111
110
109
108
107

ئالدىنقى قىسىم: بىر كېچىدىن باشلانغان سۆيگۈ (112): رەقىبلەر قايتا ئۇچراشقاندا

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈردى.

كۆز ئالدىدىكى سۈن فېيفېي بىلەن ئىلگىرى ھەممىلا يەردە ئۆزىنى ئاۋارە قىلىدىغان سۈن فېيفېي باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالغانىدى، سۇ چىڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، كۆڭلىدە ئۇنىڭ گېپىنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئەگەر بۇرۇنقى ئۇ بولغان بولسا، ھازىرقى پەيتتە ئۇ سۇ چىڭنىڭ قول ئاستىغا كېلىپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلسە، چوقۇم ئۆزىنى مەسخىرە قىلغان بولاتتى، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گۇرۇپپا ئەزاسى بولۇشىنى رەت قىلاتتى، لېكىن ھازىر ئۇ باشقىچە بىر خىل گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى.

سۈن فېيفېي سۇ چىڭنىڭ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كەينىدىكى خىزمەت ئۈستىلىگە يۆلىنىپ، ئىككى قولىنى گىرەلەشتۈرگىنىچە ئېغىز ئاچتى:

-نېمە دېسەم بولار؟ ئەسلىدە ھەر ئىككىمىز ياش بولغاچقا، ئىش قىلغاندا سالماق بولالماپتىكەنمىز، بۇ بىر نەچچە يىل كۈرەش قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق، راست گەپ قىلغاندا، ھازىر ئويلاپ باقسام، ئەينى چاغدا ئۆزۈم قىلغان ئىشىممۇ بەك مەنىسىز بوپتىكەن.

-سىز مېنى قېلىپ خىزمەت قىلسۇن دېمەكچىمۇ؟-سۇ چىڭ شۇ تاپتا ئۇنىڭ گېپىنى خاتا ئاڭلاپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتاتتى.

-قېلىش-قالماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، مېنى دەپ بۇ خىزمىتىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئازراق ئەرزىمەس ئىش بولۇپ قالارمىكى، سىزچىچۇ؟

سۈن فېيفېي كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سۇ چىڭغا قارىدى.

سۇ چىڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىغۋاگەرچىلىكنى كۆردى، گەرچە ئۇ سۈن فېيفېينىڭ قەستەن قىلغانلىقىنى بىلسىمۇ، شۇ تاپتا كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

بۇ خىزمەتنىڭ تەمىناتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆرلەش بوشلۇقى بار، ۋاز كەچسە ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولاتتى، شۇڭا كېيىنكى دەقىقىدە سۇ چىڭ ئېغىز ئاچتى:

-مەن تەبىئىيلا سىز سەۋەبلىك بۇ خىزمەتتىن ۋاز كەچمەيمەن، پەقەت سىزنىڭ مىجەزىڭىزنى بەك چۈشىنىمەن، مېنىڭ پەقەت بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىگۈملا بار.

-سىز خىزمىتىڭىزنى جايىدا ئىشلىسىڭىزلا مەن سىزنىڭ باشلىقىڭىز بولغان ھالەتتىمۇ سىزگە ئامال قىلالمايمەن، نېمىلا دېگەن بىلەن بىزنىڭ گۇرۇپپىدا يەنە بەش-ئالتە ئادەم بار، مېنىڭ ئۈستۈمدە لىندامۇ بار، قانداق مەسىلە بولسا لىندانى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، ئۇ سىزنى قوبۇل قىلغان. لېكىن سىز خىزمىتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىڭىز، مەنمۇ يۈز-خاتىرە قىلمايمەن،-دېدى سۈن فېيفېي.

سۇ چىڭ تەبىئىيلا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىدە مەسىلە بار دەپ قارىمايتتى.

-بولىدۇ، مەن قالاي.

-سىرتتىكى بوش ئورۇن سىزنىڭ، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا شىركەتنىڭ بىر خىزمەت قائىدىسى بار، سىز ئاۋۋال يادلىۋېلىڭ، نېمىلا دېگەن بىلەن بىزنىڭ بۇ كەسىپتىكىلەر ئۈچۈن كەسپىي دىيانەت خىزمەت ئىقتىدارىمىزدىن مۇھىم.

سۈنفېيفېي ئىشىكنى ئېچىپ، قىپقىزىل تىرناق لاكى سۈركەلگەن بارماقلىرى بىلەن سىرتنى كۆرسەتتى.

-بولىدۇ.

سۇ چىڭ بۇرۇلۇپ سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى.

سۇ چىڭ بوش ئورۇندا ئولتۇرغاندىن كېيىن، بېشىنى چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىغا قارىدى، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ شىركەتنىڭ خىزمەت قائىدىسىنى ئاچتى.

بىر سائەتتىن كېيىن، سۈن فېيفېي كېلىپ، قولىدىكى بىر چى قېلىنلىقتىكى ھۆججەتنى سۇ چىڭنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قويدى.

سۇ چىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سۈن فېيفېينىڭ سۈرلۈك چىرايىنى كۆردى.

-بۇ 6-گۇرۇپپىدىكىلەر بىر يىلدىن بۇيان ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان ماتېرىياللار، سىز بۇ ماتېرىياللارنى باشتىن-ئاخىر بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ، بۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىزگە يېڭى ماتېرىيال بۆلۈپ بەرسەكمۇ، سىز بىمالال ئىشلەپ كېتەلەيسىز.

-بىلدىم،-دېدى سۇ چىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ.

سۈن فېيفېي رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن مەردانە قەدەم بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.

سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ھۆججەتلەرنى ئاختۇردى، ئىچىدىكى مۇرەككەپ سان ۋە يېزىقلار ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇراتتى، لېكىن ئۇ سۈن فېيفېينىڭ دېگەنلىرىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى بىلەتتى، بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا بۇ يەردىكى خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.

بىر نەچچە سائەت ھۆججەت كۆرگەن سۇ چىڭنىڭ بېشى قېيىپ، كۆزى تورلىشىپ كەتتى، شۇڭا ئورنىدىن تۇرۇپ چايخانىغا بېرىپ قەھۋە دەملەپ ئىچمەكچى بولدى. ئىشىك ئالدىغا كېلەي دەپ قالغاندا، ئىچىدىن مەسخىرە كۈلكىسى ئاڭلاندى.

-جېشكا ھېلىقى يېڭى كەلگەن كىشىنى قەستەن ئەدەپلەۋاتقاندۇ؟ ئۇنىڭغا بىر چى قېلىنلىقتىكى ھۆججەتنى كۆرۈشكە بەردى، مېنىڭچە ئۇ ھەر كۈنى شۇنى كۆرۈپ چىرايى تاتىرىپ، قۇسۇۋەتكىلى تاس قېلىۋاتقاندۇ؟ ھى ھى ھى...

-كىم ياق دېيەلەيتتى؟ بىزنىڭ بۇ كەسىپتە خىزمەت تەجرىبىسى بولسىلا بىۋاسىتە خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەلەيتتى، لېكىن جېشكا ھازىر ئۇنىڭغا قانداق ھۆججەتلەرنى كۆرۈشكە بەردى، ئۇ ھۆججەتلەرنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشقا ئاز دېگەندە بىر ھەپتە كېتىدۇ، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟

-مېنىڭچە جېشكا ئۇنىڭ بۇنداق تېز قولغا چۈشۈشىنى خالىمايدۇ، خالاس!

-سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بىر ئاي، ئەگەر يەنە بىر ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ قولىدىن ئىش چىقمىسا، رەسمىيلىشەلمەسلىكى مۇمكىن، مېنىڭچە جېشكا ئۇنى رەت قىلارمىكى.

بۇ ئىككىيلەننىڭ ئاۋازىنى سۇ چىڭ پەرق ئېتەلىدى، ھەممىسى ئۇلارنىڭ 6-گۇرۇپپىدىكى خىزمەتچىلەر ئىدى.

سۇ چىڭ سۈن فېيفېينىڭ ئۇنچە ياخشى نىيىتى يوقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئۇنى رەسمىيلەشتۈرگۈسى يوق ئىكەن، چۈنكى ئەگەر رەسمىيلىشەلمىسە، بۇمۇ ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىش، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇنىڭ ئىلگىرى كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ شىركەتتە تۇرۇپ بۇنداق بولسا ئىناۋىتىگە تەسىر يېتەتتى.

شۇ دەقىقىدە، سۇ چىڭ كۆڭلىدە، ئۆزىنى چوقۇم رەسمىيلىشىشى كېرەكتەك ھېس قىلدى، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئەمەلىي كۈچى بارلىقىنى ئىسپاپ بەرسە كۇپايە ئىدى، ھەتتا رەسمىيلەشكەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېپا بەرسىمۇ بولىدۇ.

ئۇ بىردىنلا مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ قالدى.

بۇ چاغدا، كەينىدىن تۇيۇقسىز بىر قول ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگدى.

سۇ چىڭ چۆچۈگىنىچە كەينىگە قارىدى، ئۇنىڭ كەينىدە لەن رېن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.

سۇ چىڭ تەبىئىي ھالدا كەينىگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ساقلىدى.

بۇ لەن رېننىڭ نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىگە قاراشلىرىمۇ بىر قىسىملا ئىدى، سۇ چىڭ ئۇنىڭدىن بەكلا بىزار بولغاچقا، شۇڭا دائىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتاتتى.

لەن رېن سۇ چىڭنىڭ ئالدىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىپ، پەس ئاۋازدا ئېغىز ئاچتى:

-سۇ چىڭ، ئۇلارنىڭ قالايمىقان گېپىگە قۇلاق سالماڭ، بىزنىڭ شىركەتنىڭ بەلگىلىمىمىز، پەقەت سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە بىر ئىككى ئاددىي ماتېرىيالنى تاماملىيالىسىلا يېتەرلىك. ئەنسىرىمەڭ، ئىككى كۈندىن كېيىن جېشكا ئىككىمىز بېرىپ، سىزگە ئىككى ماتېرىيالنى ئېلىپ بېرىمىز، شۇنداق بولغاندا سىزمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىيالايسىز، سىزنىڭچە قانداق؟

گەپ ئارىلىقىدا، لەن رېن سۇ چىڭنىڭ دۈمبىسىنى سىلىدى.

ئىسسىق قول سۇ چىڭنىڭ دۈمبىسىنى بېسىۋالغانىدى، يەنە كېلىپ ئۇ لىپتىكنىڭ ئىلمىكى بار جاي ئىدى، سۇ چىڭ دەرھال لەن رېننىڭ ئىت چىرايىغىمۇ قارىماي تۇرۇپلا سوغۇقلا جاۋاب بەردى:

-ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، مېنىڭچە جېشكانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بار!

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپلا بۇرۇلۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

سۇ چىڭ تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇپ تىت-تىت بولۇپ كەتتى.

بايىقى يىرگىنىشلىك لەن رېننى ئويلىسىلا قۇسقۇسى كېلىۋاتاتتى.

لەن رېننىڭ خىيالى ناھايىتى ئېنىق، ئۇنىڭ «پۇرچاق ئۇيۇتمىسى» يېگۈسى بار ئىدى، بۇنداق ئادەم ئەسلىدە باشقا شىركەتلەردىمۇ ئۇچراپ باققان، بەزى ئەر خىزمەتداشلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ياكى كونا سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئايال خىزمەتچىلەرگە يوشۇرۇن قائىدە تۈزۈپ بېرىپ، ئاندىن ئايال خىزمەتچىلەرگە خىزمەت ياكى پۇل جەھەتتە پايدا بېرەتتى.

شۇغىنىسى باشقىلار يوشۇرۇن بېشارەت بېرىپ قوياتتى، ئەمما لەن رېندەك بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قىلىدىغان ئادەم يوق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇنداق ئادەملەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

سۇ چىڭ ئويلىنىپ قالدى، ھازىر بۇ يەردە ھېلىقىدەك خەقنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈشكە خۇشتارلارمۇ بار ئىدى، يەنە لەن رېندەك مەينەتلەرمۇ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلىقى يەنىلا ئۇنىڭ ئەشەددىي رەقىبى سۈن فېيفېي، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئاقىلانە ئۇسۇل ئۇ ئىستېپا بېرىپ كېتىشى كېرەك، لېكىن ئويلاپ باقسا، بۇنداق قىلغاندا ئۇ ئۆزىنى بەك ئاجىز كۆرسىتىپ قوياتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىدارى بولمىغاچقا، سىقىپ چىقىرىلغان دېگەن نامغىمۇ قالاتتى. يەنە كېلىپ ھېلىقى سۈن فېيفېينىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ھالىتى ئادەمنى بىئارام قىلاتتى، شۇڭا سۇ چىڭ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش قارارىغا كەلدى، قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك رەسمىيلىشىشى مۇھىم، ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە ھەقىقەتەن قىلىشنى خالىمىسا، ئاندىن ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ كېچىكمەيتتى.

بۇنداق بولغاندا سۈن فېيفېيغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئالدىدا ھەيۋە قىلىشقا سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولاتتى، شۇ چاغدا بۇ شىركەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە قالغۇسى كەلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

سۇ چىڭ شۇلارنى ئويلىغىنىچە تازىلىق ئكيىدىن چىقتى، بۇ بىر ئاي ئۇ چوقۇم ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىدى.

ئۈچ كۈندىن كېيىن، سۇ چىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بىر چى قېلىنلىقتىكى ھۆججەتنى كۆرۈپ بولدى، ئارقىدىن ئۇ سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىغا كىردى.

-جېشكا، سىز ماڭا بەرگەن ماتېرىياللارنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتىم.

-بولىدۇ، بىلدىم.

سۈن فېيفېي بېشىنى لىڭشىتتى، لېكىن بېشىنىمۇ كۆتۈرۈپ قويماي جاۋاب بەردى.

سۇ چىڭ سۇن فېيفېينىڭ قىلچە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ قوشۇمىسىنى تۈردى، ئاندىن ئۇدۇللا:

-جېشكا، ماڭا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەمسىز، قانداق؟-دەپ سورىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۇن فېيفېي قولىدىكى ھەرىكىتىنى توختىتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ سۇ چىڭغا قارىدى.

-سۇ چىڭ، مەن ئەسلىدە سىزگە بىر ماتېرىيال ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىدىم، بىراق يېقىندىن بۇيان قولۇمدىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، بۇنى سىزدەك تېخى رەسمىيلىشىش مەزگىلىدىن ئۆتمىگەنلەر بىر يەردە تۇرسۇن، تەجرىبىلىك بوغالتىرنىڭمۇ مۇستەقىل تاماملىيالىشى ناتايىن، شۇڭا سىز يەنە بىر نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرۇڭ. قولۇمغا بىر قەدەر ئاددىي ماتېرىياللار چۈشكەندە ئاندىن سىزگە بېرەي.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇ چىڭ قوشۇمىسىنى تۈردى.

ئەمەلىيەتتە سۈن فېيفېينىڭ ئويۇنىدىن ئۇ خەۋەر تېپىپ بولغانىدى، ئۇ پەقەت ئۆزىنى تەڭلىكتە قويۇپ، ئۆزىگە بىر قىيىن ماتېرىيال ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتاتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىنى تەڭلىكتە قويغان دېگەن نام-ئاتاققا قالغۇسى بولمىغاچقا، قەستەن مۇشۇنداق قىلىۋاتاتتى.

سۇ چىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بېشىنى كۆتۈرۈپ سۈن فېيفېينىڭ زەھەرخەندىلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ قويدى.

-جېشكا، ساقلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ماڭا خالىغانچە بىر ماتېرىيال بەرسىڭىز بولدى.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇن فېيفېي قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تەڭقىسلىقتا قالغان قىياپەتتە ئېغىز ئاچتى:

-سۇچىڭ، مېنىڭ قولۇمدا ئىككى ماتېرىيال بار، لېكىن ھەممىسى بىر قەدەر قىيىن، سىز ياخشى ئويلىنىڭ، چۈنكى بۇ ماتېرىيالنى بېجىرىپ بولۇش ئۈچۈن قانداقلا بولمىسۇن يېرىم ئاي كېتىدۇ، سىز بىر ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە، ئەگەر بۇ ماتېرىيالنى ياخشى تاماملىيالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە پۇرسەت قالمايدۇ.

سۈن فېيفېينىڭ سۆزى ناھايىتى ئېنىق بولغانىدى، يەنى بۇ ماتېرىيالنى ياخشى قىلالمىسا ئۇ ئۆيگە قايتىپ ئارام ئالسىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋەبى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن بولاتتى.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۈن فېيفېينىڭ ۋاسىتىسى ھەقىقەتەن قەبىھ بولۇپ، دەيدەيگە سېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنى قالدۇرۇپ قويغانىدى، ھازىر مانا مۇشۇنداق بىر يۈرۈش ھېيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ يۈزىگە توپا چاچماقچى بولۇۋاتاتتى.

ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيانقى ھەقىقىي قابىلىيىتىنىڭ بۇنى قىلىشقا يېتىشمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چياۋ لىمۇ ھازىر رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىر، پەقەت بولمىسا چياۋ لى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ باقسىمۇ بولاتتى، شۇڭا ئۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ماتېرىيال بارلىقىغا ئىشەنمەيتتى.

-جېشكا، مەن سىناپ باقاي،-دېدى سۇ چىڭ ئارقىدىنلا سۈن فېيفېيغا.

سۇ چىڭنىڭ جاۋابى سۈن فېيفېينىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققانىدى. ئۇ خۇشال بولۇپ كۈلۈپ قويدى، ئاندىن بىر ھۆججەتنى سۇ چىڭنىڭ ئالدىغا قويدى.

-بۇ «كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى»نىڭ قايتا مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ خامچوت لايىھەسى، ئىلگىرى ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ بىر بوغالتىرى ئىشلىگەن، بىراق ئۇ ئىشلىگەن بۇ ماتېرىيالدىن قارشى تەرەپ رازى بولمىغان، ئارقىدىن ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يەنە بىر قېتىم ئىشلىدى، يەنىلا قارشى تەرەپ يوچۇقنى تېپىپ چىقتى، شۇڭا قارشى تەرەپ ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ قايتا ئىشلىشىنى قەتئىي خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ماتېرىيال ماڭا ئىتتىرىپ قويدى. مەن ھازىر بۇ ماتېرىيالنى كىمگە ئەۋەتىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتقانىدىم، سىز ھازىر نەتىجە چىقارماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئېلىپ بېرىڭ، بىراق مەن ئىشتىن بۇرۇن قىيىنلىق دەرىجىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي، سىز ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولسىڭىز، مەن بۇنى باشقىلارغا بېرىپ يۈرمەيمەن. ئەلۋەتتە، ھازىر پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ خىل ماتېرىيالنى نوپۇزلۇق بوغالتىرلارمۇ ئالدىراپ ئىشلىيەلمەيدۇ.

سۈن فېيفېي بىر خىل ھېسداشلىق نەزىرى بىلەن سۇ چىڭغا قارىدى.

سۇ چىڭ ئۇنىڭ ھەم ئۆزىنى كۈشكۈرتكەنلىكى، ھەم ئۆزىنى ئەخمەق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ بۇ ماتېرىيالنى چوقۇم ياخشى قىلالمايتتى، بىراق سۇ چىڭ ھازىر ئۇنداق ئويلىمايدۇ، بۇ ماتېرىيال ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىن بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن، چوقۇم بىر ئاز قىيىن، لىندامۇ بىلىدۇ دېگەن گەپ، ئەگەر ئۇ بۇ ماتېرىيال ئوڭۇشلۇق ھەل قىلالىسا، ئۇ چوقۇم رەسمىيلىشەلەيدۇ.

سۇ چىڭ جەڭ ئېلان قىلىشتىن قورقمايتتى، ئىلگىرى نەچچە كېچە-كۈندۈز ئۇخلىمىسىمۇ قولىدىكى ئىشنى ياخشى قىلاتتى، شۇڭا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا سۈن فېيفېينىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىكى ھۆججەتنى ئالدى.

-مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن.

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپلا سۈن فېيفېينىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتتى.

سۈن فېيفېي يەنە:

-سىزنىڭ پەقەت 20 كۈن ۋاقتىڭىز بار،-دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.

-چۈشەندىم!-سۇ چىڭ كەينىگە بۇرۇلۇپ بىر قاراپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى.

سۇ چىڭ ئورنىغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن دىققىتى بىلەن بارلىق ماتېرىياللىرىنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىقتى.

بۇ ماتېرىيال سەل مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن ئانچە تەس ئەمەس ئىدى، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ باشلىقىنىڭ بۇ ماتېرىيالنى ياخشى ئىشلىيەلمىگەنلىكىنى ئانچە چۈشەنمەي قالدى.

كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، خىزمەتداشلىرى ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ كېتىپ قالدى، پەقەت سۇ چىڭلا ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇپ ماتېرىيالغا قاراپ ئويلىنىۋاتاتتى.

بۇ چاغدا، تۇيۇقسىز بىر كۆلەڭگە كېلىپ، ئوڭ قولىنى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ دۈمبىسىگە قويدى، سول قولىنى ئۇنىڭ ئۈستىلىگە قويدى.

-سىزگە ياردەم قىلايمۇ؟

لەن رېن ياخشىچاق بولغان ھالدا سۇ چىڭغا تىكىلدى.

-ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، كېرەك يوق.

سۇ چىڭ سوغۇقلا جاۋاب بېرىپ ئورنىدىن تۇردى.

بىراق لەن رېن ئەھۋالغا قاراپ سۇ چىڭنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىۋالدى.

سۇ چىڭ قورققىنىدىن ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى ۋە:

-نېمە قىلىۋاتىسەن؟ دەرھال مېنى قويۇۋېتىڭ،-دەپ توۋلىدى.

لەن رېن قويۇۋەتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئېغىزىنى سۇ چىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، جىددىي تەرزدە ئېغىز ئاچتى:

-سۇ چىڭ، سىز بىرىنچى كۈنى كەلگەن چېغىڭىزدىلا مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، سىز مەن بىلەن ياخشى ئۆتۈشكە ماقۇل بولسىڭىزلا، مەن بۇ ماتېرىيالنى ياخشى بېجىرىپلا قالماي، يەنە سىزنى رەسمىيلىشىشىڭىزگىمۇ ياردەم قىلىمەن، كېيىن سىزنىڭ ئىشىڭىز مېنىڭ ئىشىم بولىدۇ...

بۇنداق يىرگىنىشلىك گەپنى ئاڭلاپ، سۇ چىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى، لېكىن ئەرلەرنىڭ كۈچى ئاياللارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ ئۇنى زادىلا تەۋرىتەلمىدى، پەقەت رەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

-لەن رېن، مېنى دەرھال قويۇۋېتىڭ، بولمىسا ۋارقىرايمەن.

لەن رېن سۇ چىڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قىلچە پىسەنت قىلماي، ئەكسىچە سۇ چىڭنىڭ يۈزىنى چىشلىدى.

-ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ بولدۇق، پەقەت تازىلىق قىلىدىغان ئاچىمىزلا بار، بىراق ئۇ ئاچاش گاس، پەقەتلا ئاڭلىيالمايدۇ!

ئۇ يۈزىنى ئىككى قېتىم چىشلەپ قويغاندىن كېيىن، سۇ چىڭ كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان سېسىق پۇراقنى پۇرىدى، جىددىي ئەھۋالدا، سۇ چىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ لەن رېننىڭ يۈزىگە ئۇردى!

-چاڭ.

ھاۋادا بىر زىل شاپىلاق ئاۋازى ياڭرىدى.

لەن رېن ھاڭۋىقىپ قالدى، بەلكىم سۇ چىڭنىڭ ئۇنى ئۇرۇشقا پېتىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك.

سۇ چىڭ ئارقىدىنلا ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپ، ئۇنىڭغا قولىنى تەڭلەپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:

-سەن يەنە ماڭا يولسىزلىق قىلساڭ، مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن!

سۇ چىڭ گېپىنى تۈگىتىپ، ئۈستەلدىكى يان تېلېفوننى ئېلىپ، ئېكراننى ئېچىپ، نومۇر باسماقچى بولدى.

-ھۇ سېسىق قانجۇق! يامانكەنسەن!

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، كۆڭلى غەش بولغان ھالدا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.

لەن رېن كەتكەندىن كېيىن، سۇ چىڭ ھۆل لۆڭگىنى ئېلىپ يۈزىنى بىر نەچچە قېتىم سۈرتتى، بىراق يەنىلا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسقۇسى كېلىپ كەتتى.

سۇ چىڭ ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، چۈنچۈننى بەزلەپ ئۇخلىتىپ قويۇپ، بۈگۈنكى نەس باسقان ئىشنى چياۋ لىغا ئېيتىپ دەردىنى تۆكتى.

چياۋ لى تەبىئىيلا غەزەپلەندى.

-بۇنداق داشقالنى ئەينى چاغدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشىڭىز كېرەك ئىدى! ئەگەر ئۇنىڭ خوتۇنى بولغان بولسا، ئۇ بېشىنى يېگەن بولاتتى.

-نېمىلا دېگەن بىلەن مەن يەنىلا ئۇ يەردە ئىشلەۋاتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا كۆرۈشۈپ قالىمەن، پەقەت ئۇ كېيىن مېنى ئاۋارە قىلمىسىلا بولدى.

سۇ چىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان چياۋ لى كۈلۈپ كەتتى.

-ۋاي-ۋۇي، بۇ ئادەتتىكى چاغلاردىكىگە ئوخشىمايدىغۇ، ئەگەر بۇرۇن بولغان بولسا، بۇنداق داشقالنى چوقۇم بەدەل تۆلەتكۈزەتتىڭىز.

-مېنىڭ ھازىر باقىدىغان بالام بار، بىلىدىغانسىز؟-دېدى سۇ چىڭ نائىلاج.

-ئىلگىرىلەپتۇ!

چياۋ لى سۇچىڭغا قاراپ باش بارمىقىنى كۆتۈردى.

ئارقىدىن سۇ چىڭ بۈگۈن سۈن فېيفېي ئۆزىگە بەرگەن ھېلىقى قول تۇتىدىغان ھۆججەتنى چىقاردى.

-بۇ ماتېرىيالدا زادى قانداق قىيىن نۇقتىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ؟ مەن قارىسام بەك تەس ئەمەسكەن، بىراق ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر نەچچە بوغالتىر ئالمىشىپ ئىشلەپ بوپتۇ، ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە يەتمەپتۇ.

چياۋ لى ھۆججەتكە بىر نەچچە قېتىم قارىۋەتكەندىن كېيىن:

-كۆرۈنۈشتە ئازراقمۇ قىيىنلىق دەرىجىسى يوقكەن، مېنىڭچە بۇ خام چوتتا چوقۇم يەڭ سودىسى بار،-دەپ يەكۈن چىقاردى.

-يەڭ سودىسى؟-دېدى سۇ چىڭ تەئەججۈپلەنگەن ھالدا.

-شىركەتنىڭ بوغالتىرى بولۇش بىلەن بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ بوغالتىرى بولۇش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بەزىدە خوجايىن سىزنى سەھنىگە چىقالمايدىغان مەشغۇلاتلارنى قىلدۇرىدۇ، لېكىن بوغالتىرنىڭمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇسى كەلمەيدۇ، شۇڭا خوجايىن ئىزچىل رازى بولمايدۇ، بۇ ئىككى يىلدا مەن بوغالتىرلىق ئورنىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى كۆپ كۆردۈم. مۇنداق بولسۇن، سىز ئەتە ئىلگىرى بۇ ماتېرىيالنى قوبۇل قىلغان بوغالتىردىن سوراپ بېقىڭ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېقىڭ، ئاندىن بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى نېمە؟

-كەيجيې يۇمشاق دېتال شىركىتى.

-مەن سىزگە ياردەملىشىپ باشلىقتىن سوراپ باقاي، ئۇ كۆپنى كۆرگەن، يەنە كېلىپ كەسىپ ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە، بۇنداق ئويۇنلارنى ئۇ بىر كۆرۈپلا بىلىۋالالايدۇ،-دېدى چياۋ لى كۈلۈپ تۇرۇپ.

سۇ چىڭ بۇلارنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇھ دېدى.

-ھېلىمۇ ياخشى سىز بولۇپ قاپسىز.

-سىزنىزە...شۇنچە چوڭ توك تارقىتىش پونكىتىڭىز تۇرۇپ، مەندەك بىر كىچىك باتارېيەنى ئىشلەتمەكچى بولۇپسىز.

-نېمە ئۇ توك تارقىتىش پونكىتى دېگەن؟-دەپ سورىدى سۇ چىڭ ھەيران بولۇپ.

بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ:113-قىسىم 

 بۇ روماننىڭ داۋامىنى بۇ سۈرەتنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ

تەۋسىيەلىك رومانلار

Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章