مەن 1993-يىلى تۇغۇلغان.
ئاپام-دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ چاغلار ئۇلارنىڭ ئەمدىلا يېزىدىن شەھەرگە كىرىپ، شەھەردە ناشتىخانا ئېچىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ مانتا، ھورنان پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز بويىدا قاپتۇ.
بۇنى «مەندە ھەيز توختىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالغان ئاپام، دورىخانىدىن قاننى جانلاندۇرىدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئىچىپتۇ. لېكىن قورسىقىنىڭ كۈندىن كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، نەتىجىدە قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئالتە ئايلىق بولغانلىقىنى بىلىپ ھوشىدىن كەتكىلى تاسلا قاپتۇ.
چۈنكى ئاپام ئەينى يىلى 46 ياشتا بولۇپ، يەنە كېلىپ دادام ئىككىيلەننىڭ ئاللىقاچان 22 ياشقا كىرگەن بىر قىزى ۋە 19 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلىمۇ بار ئىكەنتۇق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نەۋرىلىك بولىدىغان يېشىدا ماڭا ھامىلىدار بولۇش ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويۇپتۇ.
ئىككىيلەن بۇ تاسادىپىيلىقنى ھەمدە بۇرۇن ئىچكەن دورىنىڭ تەسىرىنى ئويلاپ چۈشۈرۈۋېتىشنى ئويلاپتۇ، لېكىن تىرىك بىر جانغا زامىن بولۇشقا كۆزى قىيماپتۇ؛ تۇغايلى دېسە جەرىمانىغۇ مەيلى، بىنورمال تۇغۇلۇپ قالسىچۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىككىلىنىپ تۇرغان پەيتتە، مومام ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ:
-شۇنچە قىلىپمۇ چۈشۈرەلمىگەن بۇ بالىنىڭ چوقۇم تەلىيى بار، بۇ بەلكىم لياڭ ئائىلىسىگە ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا ھەرگىز چۈشۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، بالىنى تۇغۇڭلار!-دەپتۇ.
مومامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ داداممۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ:
-بۇ بالىنىڭ جېنى ھەقىقەتەن چىڭكەن، قانداق تۇغۇلۇشتىن قەتئىينەزەر، بۇ بالىدىن ھەرگىز تانمايمەن، چوقۇم باقىمەن،-دېگىنىچە مېنى تۇغۇشنى قارار قىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە شۇ يىلى 8-ئايدا مەن تۇغۇلۇپتىمەن.
ئاپام شۇ يىلقى تومۇز ئىسسىقنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە مېنى چوقۇم يە بۇرۇنى كەمتۈك، يە بىر كۆزى قارىغۇ تۇغۇلىدۇ، دەپ ئويلاپ، ھەتتا چوڭ ئاچام بىلەن ئىككىنچى ئاكامغىمۇ نەسىھەت قىلىپ، مېنىڭ قانداق تۇغۇلۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، ئۆچمەنلىك قىلسا بولمايدىغانلىقىنى قاتتىق جېكىلەپتۇ.
كېيىن ئۇلار مېنىڭ ھەممە يېرىمنىڭ ساق تۇغۇلغانلىقىمنى كۆرۈپ، ئاندىن خاتىرجەم بوپتۇ. تېخى شۇ ۋاقىتتا، مېنى تۇغدۇرغان دوختۇر بىلەن دادام ئىككىيلەن قاش-كۆزۈمنىڭ سۈرەتتىكى كىچىك قىزلارغا ئوخشاش چىرايلىق ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، دادام شۇ يەردىلا ماڭا «لياڭ شۈشۈ» دەپ ئىسىم قويۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئەنسىرەشلىرىمۇ تۈگەپتۇ.
كېيىن مومام دادام-ئاپامنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ماڭا يېتىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مېنى يېزىغا ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قېرىغاندا تۇغقان بالىسىغا كۆزى قىيماي، مومامنىڭ بۇ تەلىپىگە قوشۇلماپتۇ.
ئاپام مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، قىرىقىدىن چىقىپلا مېنى يۈدۈپ يەنە دۇكاندا ئالدىراش ئىشلەشكە باشلاپتۇ.
داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم
خاسىيەتلىك سۆيگۈنۈم |