مېنىڭ سېنى قويۇپ بەرگۈدەك ئىقتىدارىم يوق

文摘   2024-11-03 20:00   新疆  


جاڭ چېن ئۆزىنىڭ قانچىنچى قېتىم يەرگە يىقىلغانلىقىنى بىلمەيتتى، كۆز ئالدىدىكى ئەر شۇقەدەر رەھىمسىز ئىدى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇ ئادەمنى ئەسلا تونۇمايتتى.
-ۋوي، جۇغۇڭ كىچىك بولغان بىلەن نېمانداق جاھىل نېمە سەن؟! بۇ قانچىنچى قېتىم يېقىلىشىڭ؟ ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەرىبىر، قانداق، يەنە بىر قېتىم كېلەمدۇق؟
بۇ ئەر 30 نەچچە ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇچىسىغا ئالىي دەرىجىلىك كاستۇم-بۇرۇلكا، ئىچىگە ئاق رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن، گالىستۇكىنى بولسا يېشىپ بىر چەتكە تاشلاپ قويغان ئىدى. ئۇ بۇ چاغدا بىر تال تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرغىنىچە، يەرگە يىقىلغان جاڭ چېنغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى، قارىماققا جاڭ چېننىڭ قايتا-قايتا يېقىلسىمۇ يەنە ئورنىدىن تۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولغاندەك قىلاتتى.
جاڭ چېن ھاسىرىرىغىنىچە مۇشتلىرىنى چىڭ تۈگۈۋالغانىدى، ئادەتتە ئۆزىنىڭ تەن ساپاسىمۇ يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن ھازىر بۇ ئەرنىڭ ئالدىدا خۇددى بوۋاققا ئوخشاش ئاجىز ئىدى. پەقەت ھەر قېتىم ئورنىدىن تۇرغاندا تاياق سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم يېقىلىشقا توغرا كېلەتتى.
-سىز... سىز زادى قانداق قىلماقچى؟ مەن دېدىمغۇ، مېنىڭ يەنە جىددىي ئىشىم بار. ئەگەر مەن سىزنى رەنجىتىپ قويغان بولسام، كەچۈرۈم سورايمەن. مېنى كەتكىلى قويۇڭ، بولامدۇ؟-جاڭ چېن چىشىنى چىشلىگىنىچە شۇنداق دېدى. ئۇ لايىقى بىلەن ئۇچرىشىشقا دېيىشىپ قويغان، ئىككىيلەن ئارىدىكى بەزى ئىشلارنى ئېنىق دېيىشمەكچى ئىدى. لايىقى جاڭ چېننىڭ كېچىكىپ قېلىشىدىن بەك بىزار ئىدى.
-بۇ يەردىن كەتكىلى قويۇڭ؟-ئەر مەسخىرىلىك كۈلدى،-مېنىڭ سېنى قويۇپ بەرگۈدەك ئىقتىدارىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنى بۇ يەرگە سولاپ قويغىنى مەن ئەمەس، سولتەك، ئەتراپىڭغا قاراپ باق!
جاڭ چېن ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ تۆت ئەتراپقا قارىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئاق تۇماننىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. جاڭ چېن ئىككىيلەن تۇرغان جاينىڭ تەخمىنەن بەش مېتىر دائىرىسىدە بۇنداق تۇمان يوق ئىدى، لېكىن بەش مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن جاينىڭ ھەممىسى ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ئاق تۇمان بىلەن قاپلانغانىدى.
-ھوي!-جاڭ چېن ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى،-نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟
ئەر ئۇنىڭ چۈشەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، پەس ئاۋازدا:
-ئاخىرى نورمال ئەمەسلىكىنى بايقىدىڭمۇ؟-دېدى.
جاڭ چېن بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇمۇ ئەخمەق ئەمەس، بۇنداق غەلىتە ئەھۋالدا ئۇ ئەلۋەتتە بىنورماللىقنى بايقايدۇ، ئۇ ئەسلى بىر كوچىدا بۇ ئەر بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كەڭ كەتكەن ماگىزىن ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ھازىر ھەممە نەرسە يوقاپ كەتتى، جاڭ چېن ئۇ ئەر كىشى بىلەن بىر پارچە تۇتۇق بوشلۇقتا قاپسىلىپ قالغاندەك قىلاتتى.
-بۇ قەيەر؟-جاڭ چېن سورىدى.
ئەر كۈلۈپ قويغىنىچە قولىدىكى تاماكىنى تاشلىۋەتتى، چىرايى بىردىنلا جىددىي تۈس ئالدى:
-مەنمۇ تېخى بىلمەيمەن، لېكىن ھازىرلا بىلىپ قالىمىز. ياخشى ئاڭلا شۇمتەك، مېنىڭ ئىسمىم چېن يۈ، ئۆلۈم كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا سىنىڭ يول باشلىغۇچۇڭ، يېتەكلىگۈچىڭ، يول كۆرسەتكۈچۈڭ... سەن قانداق چاقىرساڭ بولۇۋېرىدۇ! سېنى ئەدەپلىشىمدىكى سەۋەب، سېنى ياۋاش، گەپ ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن، نېمىلا دېگەن بىلەن مەن قائىدە سۆزلەشكە ئانچە ئۇستا ئەمەس، ھازىر سەن ئۆلۈم كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش سىنىقى ئالدىدا. ئەگەر سىناقتىن ئۆتەلىسەڭ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش ئۆلۈم كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولىسەن، ۋاقتى كەلگەندە پۇل، كۈچ، ھوقۇق... نېمە دېسەڭ شۇ بار بولىدۇ.
جاڭ چېن ئۆزىنى خۇددى بىر ساراڭغا يولۇققاندەك ھېس قىلدى:
-ئەگەر مەغلۇپ بولساقچۇ؟
چېن يۈ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، بوينىغا پىچاق سۈرگەننى شەرەتلەپ:
-ئۆلىسەن! مەن بىلىمەن، سەن بەلكىم مېنى بىر ساراڭ دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن، بىراق ماڭا ئوخشاش بىر ساراڭ ساڭا مۇشۇنداق دېمىسە، سەن نېمىگە ئىشىنىسەن؟-دېگىنىچە ئىككى قولىنى كەڭ يايدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىر جۈپ يالقۇن قانىتى سوزۇلۇپ تۇراتتى، بۇ قاناتقا ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغاندا، لاۋۇلداپ تۇرغان ھەر بىر يالقۇندا بىر يىرگىنچلىك چىراي بار ئىدى.
جاڭ چېن كۆزىگە ئىشەنمەي ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئەتراپىدا كىنو قويۇش ئاپپاراتى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىدى، لېكىن بۇ چاغدا ئوت يالقۇنى ئۇنىڭ مەڭزىنى سىيپاپ ئۆتتى. بۇ ئىسسىق ھارارەتنى يالغاندىن پەيدا قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا، چېن يۈ ئارقىسىدىكى يالقۇن قانىتىنى تېز سۈرئەتتە يىغىۋالدى، يالقۇن قانات خۇددى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغاندەك غايىب بولدى.

داۋامىنى بۇ يەرنى بېسىپ ئېچىپ ئوقۇڭ: 1-قىسىم 

باشقا تەۋسىيەلىك رومانلار


Bulak读书
سالونىمىزغا ھەر كۈنى تور دۇنياسىدىكى داڭدار رومانلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر يوللىنىدۇ
 最新文章