دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
-«مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دەپ، سىلى ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ مېنى ئەمەس، يەنىلا ئۆز بالىلىرىنى ئويلاپتىلا، بالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە توغرا كەلگەندە مېنىڭ قارشى تۇرۇشلىرىممۇ نەزەرلىرىدىن ئۆتمەپتۇ، ئەھۋال مۇنداق تۇرسا، مېنىڭ ھېلىغىچە تارتىۋاتقان قورساق كۆپۈكلىرىمنى خىياللىرىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدىغان ئوخشايلا... گەپ مۇشۇ يەرگە يەتكەندە كونا خاماننى ئازراق سورىغۇم كېلىپ قالدى بالام، ئەيىبكە بۇيرۇمىسىلا. «تۆت بالامنىڭ كۆزى، يۈرىكىمنىڭ پارىسى، ئۆيۈمنىڭ تۈۋرۈكى...» دەپ ئاسراپ ئاۋايلاپ، يېمەي يېگۈزۈپ، كۆكتىن چۈشكەن كۆز مونچاقتەك ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغانلىرىم بىر ياقتا قېلىپ يىگىرمە ياشقا كىرەر- كىرمەيلا «سودا قىلاتتىم» دەپ ئۆيدىن بىرمۇنچە گېلەملەرنى مەپىگە بېسىپ قەشقەرگە كەتتىلە، مەن بىچارە يوللىرىغا قاراپ كۆزلىرىم تېشىلەي دېگەن ھالدا «ساتىدىغانلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى تېپىپ بولسا قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئۈمىد بىلەن كۈتۈپ يىللارنى ئۆتكۈزدۈم. «قېرى ئانام يۇرتتا قالغان، مەندىن ئەنسىرەپ يۈرەكلىرى سۇ بولمىسۇن» دەپ بولسىمۇ مېنى يوقلاپ بىرەر قېتىم كېلىپ قويماي، ساپمۇ- ساق ئۈچ يىل بولغاندا «قەشقەردە ماۋۇ خوتۇننى ئالدىم» دەپ چوڭ كېلىن ئاغىچىنى باشلاپ كەلدىلە، بۇ ئىزانىڭ ئەلىمى ئۆتۈپ كېتىپ ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىم ئەسلىرىدە باردۇ ئوغلۇم؟ ئاغرىپ قالغانغا، قېيداپ قارىماي قويغانغا بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمىگەنگە چىقارغىلى بولمىغاندىكىن بوپتۇ دەپ يەنىلا كەڭ قورساقلىق قىلدىم. قائىدە بويىچە ئاتا- ئانىلار ئۆزى قىز كۆرۈپ كېلىن تاللاپ ئاندىن ئوغلىنى ئۆيلەندۈرىدىغان ئىدى، لېكىن سىلى بىزگە مەسلىھەت سېلىپمۇ قويماي، «ئالىدىغىنىم پالانىنىڭ قىزى، پوكۇنى يەرلىك ئادەملەر» دەپ بىر ئېغىز خەۋەر قىلىپمۇ قويماي ئۆزلىرى بىلگەنچە ئىش قىلىپ، قىلىدىغان توينى قىلىپ بولغاندا خوتۇننى يېتىلەپ ئالدىمغا كېلىپلا، بۇ ئويلىسىمۇ خەقلەر قوڭىچە كۈلىدىغان سەت بىر ئىش ئىدى. بۇ ھەقتە كايىپ سۆزلىسەم «بىللە ياشايدىغان ئادىمىمنى ئۆزۈم تاللاپ ئالالمامدىكەنمەن؟ نېمىشقا ئۆزۈم خالىغان ئايالغا ئۆيلەنگىلى قويمايدىكەنسىلەر؟» دەپ مەندىن ئۆتە كايىپ ئالدىمغا چىقتىلا، ئۇ ھەرگىزمۇ «ئالغۇڭ بارنى ئالمايسەن، چوقۇم مەن ئۆزۈم تاللاپ، ماڭا يارىغاننى ئېلىپ بېرىمەن» دېگىنىم ئەمەس ئىدى. ھېچنېمىدىن باشقا، بىر جەمەتنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ تويى ئاتا- ئانىسى، ئىنى- سىڭىللىرى، جەددى- جەمەتىنىڭ تۇغقانلىرى قاتناشمىغان ھالدا پەقەت ئۆزىلا بېرىپ كېلىن يۆتكەپ، ئۆز ئالدىغا قىلغان بىر توي قانچىلىك ياخشى بولۇپ كېتەر سىلىچە؟ سىلىگە قىزىنى بەرگەن ئاشۇ ئادەملەر «ئاتا- ئانىسىنى باشلاپ كەلمەي، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئاغىنىلىرىنى باشلاپلا قىز سوراپ كېلىدىغان قانداق بالا بۇ؟» دەپ ئىۋەن قويمىغانمىدۇ سىلىچە؟ بۇلارنىمۇ دېيىشمەيلى بوپتۇ، بەرىبىر قىلىدىغان توينى قىلىپ، ھەممە ئىشلارنى ئوڭشاپ ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئاندىن كېلىننى ئېلىپ يېنىمغا كەپتىلا، لېكىن شۇ كېلىشلىرىدە كېلىن بالا بىلەن يېنىمدا بىرەر ئايچە تۇرۇپلا يەنە «قەشقەرگە كېتەتتىم» دەپ سۆرۈلۈپ ماڭدىلا، «بۇ يەردىكى ئۇرۇق- تۇغقانلارنى چاقىرىپ يۇرتقا ئاش بېرىپ چوڭ توي قىلىپ بېرەي» دېسەم زىنھار ئۇنىمىدىلا، شۇنداق بولغاندا ئاسماندىن چۈشۈپ قالمىغان، ئۆزۈم جاپا تارتىپ تۇغۇپ، ئەجىر سىڭدۈرۈپ بېقىپ چوڭ قىلغان چوڭ ئوغلۇم خۇددى ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەكلا ئۆز ئالدىغا توي قىلىپ ھېچكىمگە دەپمۇ قويماي خوتۇن ئېلىپ، يەنە شۇ خوتۇننى ئەگەشتۈرۈپ بۇ يەرلەردىن كېتىدىغان بوپتۇ كۆرسىلە! ئىچىمدە مىڭ ئۆستەڭ يىغا قايناپ تۇرسىمۇ لېۋىمنى چىشلەپ چىداپ، يەنە رايىلىرىغا بېرىپ كېلىن بالا بىلەن سىلىنى چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدۇم. كېتىدىغان چاغدا ئىككىلىڭلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ «ھېچ بولمىغاندا ئۈچ- تۆت ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ كېلىپ مېنى
-ئۇنداق دېمىسىلە ئانىكا، مەن... مەن ئالدىلىرىدا ناماقۇل، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئىشلار ھەقىقەتەن سىلى ئېيتقاندەك بولۇپ قالدى. لېكىن مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ ناماقۇل! مېنى كەچۈرىۋەتسىلە جېنىم ئانىكا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا سىلى ئارزۇ قىلغاننىڭ ھەممىسىنى ھەسسىلەپ تولۇقلاپ، مەن ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلىرىگە مەلھەم بولىمەن، مۇشۇ بالىنىڭ تويىنى قىلىپ بېشىنى ئوڭشاپلىۋالسام يانلىرىدا تۇرۇپ ئۆزۈم ھاللىرىدىن خەۋەر ئالىمەن،- دېدى ئىمىنتوختى بايمۇ ئانىسىنىڭ قولىنى يۈزلىرىگە سۈرتۈپ، تاراملاپ تۆكۈلۈپ يىغلىغىنىچە.
-بولدى بالام، كۆڭۈللىرى ماڭا تېگىل بولدى، ھازىر ئويلاپ باقسام بۇ يىللاردا ئۇ ئوتلارمۇ ئۆچۈپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەمدىلەردە سىلىنىڭ پىراقلىرىدا ئاھ ئۇرمايدىغان، ھەسرەت چەكمەيدىغانمۇ بوپتىمەن، مىڭنى قىلساممۇ ئەھۋال شۇغۇ بەرىبىر. ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغانغا باشقا بالىلىرىم بولغاندىكىن ئارتۇقچە ئىشلارغا كۆڭۈلشىمەي بىر كۈنۈمنى بولسىمۇ راھەت- پاراغەتتە تىنچقىنە ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈپ قاپتىمەن، سىلى يېنىمدا ئۇزاق تۇرسىلىمۇ كۆنەلمەيدىغاندەك قىلىمەن، ئەمدى ۋاقتى ئۆتكەن ئۇ گەپلەرنى قىلماي بالىلىرىغا باشقا لايىق تاپسىلا، مۇشۇ يۇرتتىن كىمنى خالىسىلا شۇنىڭ گېپىنى قىلسىلا، ئۆزۈم ئەلچى بولۇپ بېشىنى ئوڭشاپ قويىمەن، لېكىن شەرۋانەمنى ئۇنتۇپ كەتسىلە،- دېدى سائادەت خېنىممۇ بالىسىنىڭ ئالقانلىرى ئارىسىدىكى قولىنى چاندۇرماي ئاستا تارتىۋېلىپ قەتئىي تەلەپپۇزدا.
-ئەمدى ئانىكا... مەندىن خېلىلا رەنجىگەنلىكلىرىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن. لېكىن بالىنىڭ ئىشىغا كەلگەندە بۇ رەنجىشلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويساق بولماسمۇ؟ تاشپولات بۇ يىل 33 ياشقا كىردى، يەنە قانچىلىك ئۆمرى بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئۆمرۈم بارلىقىنى بىلمەيمەن، ئەگەر مەندىن كېيىن قالسا ئۇ كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بولۇپ قالار؟ مۇشۇنى ئويلىساملا يۈرىكىم بەكلا ئېچىشىپ كېتىدۇ. قەشقەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىز سوراپ خېلى ئائىلىلەرنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ باقتۇق، لېكىن بالا مېيىپ بولغاچقا ھېچكىم قىزىنى بېرىشنى خالىمىدى، بۇ ئىش ئۈچۈن كۆڭلىمىز يېرىم بولۇپ بېشىمىز قېتىپ يۈرگەنلەردە تاشپولات ئۆزى شەرۋانىخاننىڭ گېپىنى قىلىپ قالغانىدى، مېنىڭچە شۇ قىزنى ئېلىپ بەرسەك خۇددى ئۇنىڭغا ئاتاپ تۇغقاندەكلا ناھايىتى دەل كېلەتتى جېنىم ئانىكا...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز «بۇ شەرۋانەك تاشپولاتنىمۇ ئازدۇرۇپ ئۇنىڭغا قاش- كۆزىنى ئوينىتىپ يۈرگەن بولمىسۇن يەنە!» دېگەنلەرنى ئويلاپ، جىددىي تەلەپپۇزدا ئىمىنتوختى بايدىن سورىدى سائادەت خېنىم:
-ئوغلىڭىز شەرۋانىخان بىلەن كۆڭۈل بېرىشىپ چىقىشىپ قاپتىكەنمۇ جېنىم بالام؟