دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
مەن بىرياقتىن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ خىزمەت ئىشلىسەم، يەنە بىرياقتىن قورسىقىمدا بارلىقىنى ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ، قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلدىم. قورسىقىمنىغۇ ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇپ كەتتىم، تاكى بالا تۇغۇلغىچە ئۆيۈمدىكى ھېچكىم مېنىڭ بويۇمدا بارلىقىنى بايقىمىدى، لېكىن ئېزىز ماڭا «ئەتە كۆرۈشەيلى» دەپ گەپ ئېيتىپ قويۇپ شۇ خوشلاشقىنىچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى. مەن ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان يەر، چىقمىغان دۆڭ، چۈشمىگەن ئازگال قالمىدى، قانداقلا ئىزدەپ سۈرۈشتە قىلغان بولساممۇ ھېچ يەردىن ئۇچۇرىنى ئالالمىدىم، كېيىن ئۆيىدىكىلەرنى ئىزدەپ بارغىمدا «ئېزىز سودا قىلىمەن دەپ ئۆيدىن ئاز- تولا ماللارنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، بەلكىم بىرەر مەزگىل سىرتلاردا يۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ ئۈستىگە تېخى دادىسى مېنى تىللاپ سىلكىپ، ئادەمگە قىلمايدىغان ئاھانەت بىلەن دىلىمنى ئاغرىتىپ يولغا سېلىپ قويدى، بۇرۇن مېنىڭ بېشىمدىن ھېچقانداق ئىش ئۆتمىگەچكە توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلدار بولۇپ قالغان بىر قىزنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ، قانداق قىلىشى لازىملىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، ئامالنىڭ يوقىدىن قورسىقىمنى تېڭىپ ھەم كەڭرى كىيىملەرنى كىيىپ، يول ماڭغاندا ئامال بار ئېڭىشىپ مېڭىپ، سېزىكلىرىمدىن تارتىپ قىينىلىشلىرىمغىچە ھېچقايسىنى ئۆيدىكىلەرگە ئۇقتۇرماي، شۇ قەدەر دىققەت قىلدىم، ئەمما بۇ جەرياندا ئاز جاپا تارتمىدىم. ئېزىزنىڭ ئاجايىپ گۈزەل يالغانلارغا تولغان شېرىن- شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قېلىپ مۇشۇ قەدەمنى بېسىپ سالغىنىم ئۈچۈن بەكلا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، كېچە- كۈندۈز كۆز يېشىم قۇرۇمىدى، ھەر ۋاقىت «ئۆيۈمدىكىلەر بىلىپ قالارمۇ؟...» دەپ ئويلاپلا يۈرىكىم سۇ ئىدى، مەن ھاياتىمدا ئاشۇ چاغدىكىدەك قورقۇنچ، دىلىغۇللۇق، بىچارىلىك ئىچىدە ياشاپ باقمىغان... ھەتتا ئانام بىلەن سىڭلىمغا توختاپ كەتكەن ئادىتىمنى ھەر ئايدا نورمال كېلىۋاتقاندەك كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن ئادەت لاتىلىرىمنى پاكىز پېتى ئېلىپ چىقىپ يىغىشتۇرۇپمۇ يۈردۈم، ئۆيدىكىلەرنىڭ «تېۋىپقا بارايلى، تەكشۈرتۈپ داۋالىتايلى» دېيىشىدىن قورقۇپ ئاغرىپ قالساممۇ، مىجەزىم يوق بولسىمۇ مۇنداقراق ئىشتى دېيىشكە پېتىنالماي، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ زورلاپ ئۆزۈمنى ياخشىدەك كۆرسىتىشكە تىرىشتىم... شۇ يوسۇندا ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما بۇ توققۇز ئاينىڭ ئۆتمىكى توققۇز يىل، بەلكىم توقسان يىلدىنمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ بەكمۇ تەسكە توختىدى. بۇ جەرياندا ئېزىزنى ئىزدەشنى ئىزچىل توختاتمىدىم، لېكىن مەھەللىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان مەندەك يالغۇز باش قىز ئۈچۈن يىراق يۇرتلارغا كېتىۋالغان بىر ئادەمنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلماق بەكمۇ تەس ئىشكەن... شۇنداق قىلىپ توققۇز ئاي بولغىچە ئېزىز قايتىپ كەلمىدى، ئۇنى سوراپ ئۆيىگە بارسام دادىسى باشقا، ئانىسى باشقا تىللاپ ئاھانەت قىلدى، يەنە تېخى ئوغلىنى ئىزدەپ بارغانلىقىمنى دادامغا چېقىشتۇرۇپ مېنى تاياققا قويدى، شۇ قەدەر قىيىن ئەھۋالدا بولمىسام، جېنىم ھەلقۇمىمغا يېتىپ قالمىسا يۈزۈمنى سۆرۈن قىلىپ شۇ ئۆيگە بېرىپ، ۋۇجۇدىدا مېھىر- شەپقەت دېگەنلەرنىڭ ئۇۋىقىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان شۇ ئادەملەردىن ياردەم سوراپ يۈرەرمىدىم؟... شۇنداق قىلىپ ئېزىز قايتىپ كەلمىدى، بۇ ئارىدا ئاي- كۈنۈم توشۇپ، يەڭگىيدىغان ۋاقتىم يېقىنلاپ كەلدى. ئولتۇرسام، قوپسام بارلىق غېمىم «ئۆيدىكىلەر بار ۋاقىتتا، شۇلار بىلىپ قالىدىغان ئەھۋالدا تولغىقىم تۇتۇپ قالمىسا ئىدى، شۇلارغا، ھېچبىر ئادەمگە بىلدۈرمەي تۇغىۋالسام...» دېگەندىنلا ئىبارەت ئىدى، راست گەپنى قىلسام شۇ چاغدا «بالىنى تۇغسام قانداق قىلارمەن؟ قەيەرگە ئاپىرىمەن؟ قانداق ئورۇنلاشتۇرىمەن؟» دېگەنلەرنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، مەن ئاشۇ غەملەردە يۈرگەندە ئۆيدىكىلەر مېنىڭ تويۇمنى قىلىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپلەردىن كەلگەن ئەلچىلەرنى ئۇزىتىپ، شۇلار ئىچىدىن ئۆزىگە كۈيئوغۇل تاللاپ ھېرىپ قېلىۋاتاتتى، مەن نە ھالدا ئىكەنلىكىمنى، نېمە جاپالارنى تارتىۋاتقانلىقىمنى ھېچكىمگە دېيەلمەي دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، پۇشايمانلىق كۆز ياشلىرىم بىلەن يۈرىكىمنى يارا قىلىپ يۈرىۋاتاتتىم...
دادام ئاخىرى مەن قوشۇلمىساممۇ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ، تويۇمنى قىلىدىغان بولۇپ بىر ئائىلىنىڭ قۇدىلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ دەل مېنىڭ تۇنجى ئېرىم ھاشىم قەقەچ ئىدى، مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن توي قىلمايمەن دەپمۇ خېلى تىركىشىپ باقتىم، ئاشۇ ئادەمگە تەگمەيمەن دەپمۇ ئوبدانلا جېدەل ئويناپ باقتىم، لېكىن مېنىڭ گېپىم ھېچ يەردە ئۆتمىدى، دادام ئاخىرى مېنى تەگسەممۇ تېگىدىغان، تەگمىسەممۇ تېگىدىغان بىر تەرزدە قىستاپ، ماڭغۇدەك كىچىككىنە يولمۇ قالدۇرمىغان ئىدى، ھېچكىم تۇيماستا قېچىپ كېتىپ ئېزىزنى ئىزدەپ كەينىدىن باراي دەپمۇ ئويلىدىم، لېكىن ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ئۆيىدىكىلىرىمۇ دەپ بەرمىگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام بىزنى بەكلا چىڭ باشقۇرىدىغان بولغاچقا بەك كۆپ پۇلمۇ بەرمەيتتى، شۇنداق بولغاچقا يېنىمدا سەپەرگە چىقىپ قالسام ئىشلەتكىدەك ئارتۇقچە پۇلمۇ يوق ئىدى. ئۇ تۇرقۇمدا ئۆيدىن قاچىمەن دەپ ماڭسام يېزا تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇپلا ئاچ قېلىشىم، شۇنىڭ ئۈستىگە تېخى دادامغا تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلگۈدەك تاياق يېيىشىممۇ مۇمكىن ئىدى. ئەگەر قېچىپ مېڭىپ تۇتۇلۇپلا قالسام بويۇمدا بارلىقى بىلىنىپ قالاتتى- دە، دادام مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىشتىن يانمايتتى. شۇ ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن قېچىش خىيالىمدىن ۋاز كېچىپ، مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ قورسىقىمدىكى بالىنى تۇغۇپ بىرياقلىق قىلىش قارارىغا كەلدىم، تۇغۇت ۋاقتىم يېقىنلاشقانسېرى ئۆيدىكىلەر تويۇمنى پۈتۈشۈپ، خەقنىڭ تويلۇقىنى قوبۇل قىلىپ، توي كۈنىنىمۇ بېكىتىپ بولۇشتى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدىكى يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز قورسىقىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. مەن شۇ چاغدا تولغاق تۇتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي ئاستا ئۆيدىن چىقتىم، لېكىن ئۇ چاغدا تەجرىبەم بولمىغانلىقتىن ھامىلدار ئاياللار تۇغۇت ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلاپ قويىدىغانلىقىنى، قانداق تۇغىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، شۇنداق قىلىپ «بېشىمغا كەلگەندە بىر گەپ بولار» دەپلا پىنجىكىمنى يېپىنچاقلاپ ئۆيدىن چىقتىم. شۇ چاغدا «قانچە يىراققا كېتەلىسەم، مەھەللىدىن قانچە ئۇزاپ كېتەلىسەم شۇنچە ياخشى» دەپلا ئويلىغانىدىم، شۇڭا ئاياغ مەھەللىدىكى ئورمانلىقنى نىشانلاپ توختىماي مېڭىۋەردىم، تاكى بىلىم سىرقىراپ ئاغرىپ، قەدەم يۆتكىگۈدەك ماجالىم قالمىغۇچە مېڭىپ ئاخىرى ئورمانلىققا يېتىپ باردىم، مەن شۇ يەرگە كەلگەندە ئورمانلىق بىلەن ئاياغ مەھەللىدىكى ئۆيلەر ئارىسىدا نەچچە ئون قەدەمدەك ئارىلىق قالغانىدى، يەنە مېڭىۋېرىدىغان بولسام مەھەللىگە چىقىپ قېلىپ تولغاق يەپ ۋارقىراشلىرىمنى ئۇخلاۋاتقانلار ئاڭلاپ قېلىپ ئويغىنىپ كېتەتتى. شۇڭا ئورمانلىقتىن چىقماي مۇشۇ يەردە تۇغۇشنى قارار قىلىپ، قاراڭغۇدا سىيپاپ يۈرۈپ ئەپلىك بىر يەرنى تاپتىم، لېكىن ئورمانلىقنىڭ تېگى سۇلۇق بولۇپ يېڭىلا سۇغۇرۇلغاندەك قىلاتتى، ھەممە يەر لاي ئىدى، تېيىلىپ ماڭغىلى بولمايتتى، شۇنداقتىمۇ پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئەپلىك بىر جاي ئىزدەپ كېتىۋاتقىنىمدا قاتتىق يىقىلىپ چۈشتۈم ھەم شۇ يېقىلىش بىلەن تەڭ تولغاق تېخىمۇ بەك قاتتىق تۇتۇپ كەتتى...
بالىنى شۇ يەردە تۇغدۇم، ئۇ بالا دەل ئايسەنەم خېنىم ئىدى، لېكىن ئۇنى تۇغقىنىم بىلەن قانداق بېقىشنى، نەگە ئاپىرىشنى بىلمەيتتىم، ئۇ بالىنى ئۆيگە كۆتۈرۈپ بارسام ئېنىقلا ماڭا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق ئىدى... شۇڭا... كۆزۈم قىيمىسىمۇ مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ تۇرۇپ خوشلىشىپ، تېخى ھېچنېمىنى ئۇقمايدىغان، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتكىنىدىن بىخەۋەر ھالدا يىغلاپ ياتقان بالامنى ئاشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويۇپ جىممىدىلا ئۆيگە قايتىپ كەتتىم... تۇغۇتتىن كېيىنلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن پۇتلىرىم تېلىپ ھە دېگەندە ئۆزۈمگە بويسۇنمايتتى، يىقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بەكمۇ تېرەجەب كېتىۋاتاتتىم، شۇ تەرزدە بەكمۇ جاپادا، بەكمۇ تەستە ئۆيگە قايتىپ بېرىپ ئاران تەستە ئۆزۈمنى تۆشەككە تاشلىدىم، ئۇستىخانلىرىم چېقىۋەتكەندەك ئاغرىپ تۇرسىمۇ بىر ياقتىن ئۇيقۇ بېسىپلا تۇراتتى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇيقۇمنى يېڭەلمەي شۇ ياتقان پېتى ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىسى ئەتىگەندە مۇشۇ مەھەللىدىكى رەيھانەم ئاچامنىڭ تۈرتۈپ ئويغىتىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچسام ئۆيدىكىلەر مېنىڭ تويۇمنى قىلىش ئۈچۈن پاتپاراق بولۇپ، تاماقلارنى ئېتىپ، مېھمان باشلايدىغان ئۆيلەرنى رەتلەپ تەييار قىلىۋېتىپتۇ. سورىسام بۈگۈن بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسىلا ئەتە مېنىڭ تويۇم بولىدىكەن، خۇددى باشتا رەت قىلالمىغانغا ئوخشاش، ئەتە بولىدىغان بۇ توينىمۇ رەت قىلالمايتتىم، يىغلىدىم، قاقشىدىم، ئاچامغا بىرھازا يالۋۇردۇم، لېكىن ئۇمۇ مەندەك بىقۇۋۇل بولۇپ، دادام ھېچكىمنىڭ گېپىنى يېمەيتتى.
شۇنداق قىلىپ ھاشىمدىن ئاجرىشىپ ئۆيدە ئولتۇردۇم، ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ماھىنۇر خېنىم بىلەن ياخشى ئۆتەلمىگەن ئېزىز ھە دېسە مېنى ئىزدىۋېلىپ، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئارقا تاملاردا، بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا كۆرۈشۈشكە چىللاپ، ئەتە- ئاخشاملىرى ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا بېرىۋېلىپ ئاز پاراكەندە قىلمىدى، لېكىن بەكلا قاتتىق ئازار يەۋالغاچقا ئۇنىڭغا قارايدىغان كۆزۈم قالمىغان ئىدى. ئۇلا ئەمەس، بىر ئەردىن چىققىنىمدىن كېيىن مەھەللىدىكى بارلىق ئەرلەر ماڭا سىڭا كۆزدە قارايدىغان بولدى، ھەر ئاماللار بىلەن مېنى ئۆزىگە ئويناش قىلىۋالىدىغاننىڭ كويىغا كىرىپ ئاز پالاقشىمىدى، ئەمما ئېشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى سېپىلغان كۆۋرۈكتىن ئۆتمەيمىشقۇ، مەن شۇنچە ئىزا- ئاھانەت، ئەلەم ۋە يوقىتىشلاردىن كېيىن نېمىشقا ئەقلىمنى جورىمىغۇدەكمەن؟ شۇڭا ھېچكىمگە قارىمىدىم، ھەتتا ئېزىزغىمۇ ئوچۇق چىراي ئاچمىدىم، ئۇمۇ مېنى ئىزدەپ بېقىپ، ماراپ بېقىپ، چاقىرىپ بېقىپ ئىندەككە كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن ئاخىرى مەندىن ئۈمىدىنى ئۇزدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن ئىككىنچى ئېرىمگە ياتلىق بولدۇم، ئۇنىڭدىن بىر ئوغۇل تۇغقان ئىدىم، لېكىن ئوغلۇمنى تۇغۇپ بولغىنىمدا ئېزىز بىلەن بولغان كونا ئىشلىرىم تەخسىگە چىقىپ قېلىپ، ھەممە يەرلەردە شۇ ئىشلار قايتىدىن پۇر كېتىپ غەيۋەت تارقىلىپ، بىكاردىن- بىكارلا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قېلىپ شۇ ئېرىممۇ ئۆتمۈشتىكى پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرىم تۈپەيلىدىن خاتا قارىلاپ مېنى قويىۋەتتى...