ئاشخانىدىكى مەززىلىك پۇراق ئابىدەنىڭ ئىشتىھاسىنى غىدىقلىدى، ئۇ ئاشخانىدا ئالدىراش تاماق تەييارلاۋاتقان خىزمەتكارنى كۆرۈپ سورىدى :
- ئاچا، ئاپام كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ ئۇ ئايال ئابىدەنى كۆرۈپ تەبەسسۇم بىلەن :
- خانقىز، قايتىپ كەلدىڭىزمۇ ؟ خانىم بايا تىخى ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتكەن، بەلكىم ياسىنىۋاتامدىكىن ؟
- توغرا، ئاپام بۇنداق ئىشلارغا بەكلا ئەھمىيەت بىرىدۇ، مىنىڭچىمۇ ئۇ ياسىنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .
ئابىدە ئاشخانىدىن چىقىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھوجىرىسى ئالدىغا كىلىپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتى ، ئۇ بىشىنى سوزۇپ ياتاق ئىچىگە قاراپ كارۋات بىشىدا جىمجىت ئولتۇرغان زۇمرەتنى كۆرۈپ ئاستا ئىچىگە كىردى .
- ئاپا، بىز قايتىپ كەلدۇق . ئابىدە ئاستا ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئاپىسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى بايقىدى .
- ئاپا ساڭا نىمە بولدى ؟ يىغلاپسەنغۇ ؟ ئابىدە ئاپىسىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى :
- ساڭا نىمىش بولدى ؟ تىخى چۈشتىلا تىلفۇن قىلسام كەيپىياتىڭ بىر ئوبدانلا تۇراتتىغۇ ؟ زۇمرەت بىشىنى كۆتۈرۈپ ئابىدەگە تىكىلدى :
- ئابىدە، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈندە ئەسلى يۈزۈڭنى يورۇق قىلىپ قۇدىلارنىڭ كۆڭلىنى ئالسام بولاتتى، بىراق مىنىڭ بۇ يۈزۈم…
زۇمرەت يەنە ئىسەدەپ يىغامسىرىدى، ئابىدە ئىسىلزادىلىك ئىچىدە ياشىغان بۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى، زۇمرەت خانىم ھەر بىر سورۇندا ھەر بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان ئايالدىن، بىردىنلا قورقۇنۇشلۇق مەخلۇققا ئايلىنىپ قالسا، ئەللىۋەتتە بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق كۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىغىر ئازاپ ھىسابلىناتتى .
- ئاپا، بەك ئىچىڭگە ئىلىۋالمىغىن ، ھادىسسىگە ئۇچىرىغان ئىشىڭنى تاغام-ھامماملار بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىنىڭ ۋاقتىنىمۇ بىكىتىپ قويدۇق ، بۇ ئىشتىن ئەمدى بىھۇدە كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما .
- ئەسلى مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، لىكىن قۇدىلار بىلەن كۆرىشىدىغان ئىشتا بۇ ھالىتىم راستىنلا…
زۇمرەت چۇۋۇلغان چاچلىرىنى ئالقىنى بىلەن چىڭ سىقىمدىدى، ئابىدە كارۋاتقا تاشلانغان ھالرەڭ كۆينەكنى كۆرۈپ ئاستا ئۇنى قولىغا ئالدى :
- ئاپا، بۇ كۆينەك ساڭا بەك يارىشىدۇ ، بولمىسا مەن سىنى ياساپ قوياي، دىليارلارنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بوپ قالدى، ئۇلار بۇ ھالىتىڭنى كۆرسە بىئارام بولمامدۇ ؟
زۇمرەت خانىم قىزىنىڭ رىغبەت-مەدەتلىرى بىلەن قايتا چىرايلىق ياسىنىپ تاشقىرىغا چىقتى، ئەكبەر ئەپەندىمۇ ئەمدى كۆزىنى ئىچىپ ئۇلارغا قاراپ تۇرىشىغا ئىشىك قوڭغۇرىقى چىلىندى .
- ئۇلار كەلدى، مەن ئىشىكنى ئاچاي .
ئابىدە ئالدىراپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، ئەكبەر ئەپەندىمۇ گىلىنى قىرىپ قويۇپ ئۈستى-بىشىنى رەتلىدى، ئىشىك ئىچىلىش بىلەن تاشقىرىدا تۇرغان دىليار ئابىدەگە بىر دەستە گۈل سۇنۇپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئابىدە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا سەل خىجىل بولۇپ :
- بۇ بۇ…
- سىزگە سوۋغا قىلاي، قوبۇل قىلىڭ ! ئابىدە گۈلنى ئىلىپ :
- قىنى، تاغا ھامما ئىچىگە مەرھەمەت !
ئابىدە ئۇلارنى تەكلىپ ئەتكەچ دادىسى بىلەن ئاپىسىغا قاراپ :
- ئاپا دادا، تاغام-ھامماملار كەلدى .
ئىككى تەرەپ قىزغىن سالاملاشقاندىن كىيىن مىھمانخانىدىكى ئازادە كىرىسلوغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى ، دۆلەت ئەپەندى قۇرۇق كەلمىگەن بولۇپ، ئەينەك ئۈستەل سوۋغا-سالاملار بىلەن لىق تولدى، زۇمرەت خانىم ئۇلاردىن ئەھۋال سورىغاچ :
- نىمانچە جۇۋاپ كەتكەنسىلە ، ھەمىمىز كونا دوستلاردىن تۇرساق ، سەپەر ھاردۇقى يامان ، بۇ نەرسىلەرنى ئالغۇچە چارچاپمۇ كەتكەنسىلەر . ئامىنە خانىم بىشىنى چايقىدى :
- ھەي، قۇدا بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز، قۇرۇق كەلسەك سەت تۇرمامدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈشمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ ، سوۋغا-سالاملار ئاددىي بوپ قالدى .
- ئەكبەر، بالىنى ياخشى تەربىيلەپسىز جۇمۇ ، ئابىدە بەك ئىش ئۇقىدىغان قىز بوپتۇ . دۆلەت ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئابىدەنى ماختىغىلى تۇردى، ئەكبەرمۇ لايىقىدا كۈلۈمسىرەپ :
- شۇنداق، ئابىدە كۆڭلۈمدىكىدەك بالا بولدى، مىنى خۇشال قىلىدىغىنى يەنىلا دىليار ئىككىسىنىڭ توي ئىشى ، دىليارمۇ ئەقىللىق ، قائىدىلىك بالا ، بۇ ئىككى بالا خۇشال ئۆتسىلا بىز شۇنىڭغا رازى .
- توغرا توغرا، بالىلار ياخشى ئۆتسىلا بىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز .
ئابىدە دۆلەت ئەپەندىنىڭ ھەۋەس بىلەن قاراشلىرىدىن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى ، تىخىچە ئۆرە تۇرۇپ گەپ تىڭشاپ تۇرغان زۇمرەت قۇدىلارنىڭ ئالدىدا سەل قورۇنۇپراق :
- مەن ئاشخانىغا كىرىپ باقاي، تاماقلار تەييار بولدىمىكىن ؟
زۇمرەت خانىم كىرىپ كىتىشىگە ئامىنە خانىمنىڭ چىرايى سەل ئۆزگىرىپ يولدىشىغا قاراپ قويدى، ئابىدە ئاپىسىنىڭ تىخى تۈزۈك ئەھۋاللاشمايلا ئاشخانىغا كىرىپ كەتكىنىدىن سەل ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىغىز ئاچتى :
- تاغا ھامما، ئۆيۈڭلارغا كىلىپ ھاردۇقۇڭلار چىقىپ قالغاندۇ ؟ ئامىنە خانىم ئابىدەگە قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەپ :
- ھەئە قىزىم ، ھاردۇقىمىز چىقىپ قالدى، شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى راستىنلا بەك ياخشىكەن، يۇرتقا قايتىپ راستىنلا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى . دۆلەت ئەپەندىمۇ ئايالىنىڭ گىپىگە ئۇلاپلا :
- شۇ شۇ ، ئەگەر دىليار كىلىپ بىزنى ئويغاتمىغان بولسا تىخىچە ياتقان بولاتتۇق، دىدى كۈلۈمسىرەپ .
- ۋاقىت چىقسا دىليار ئىككىمىز سىلەرنى بىر كۈن ئايلاندۇرايلى، ئۈرۈمچىدە ئاجايىپ گۈزەل سەيلىگاھلار قۇرۇلۇپ كەتتى ، بۇ يەرگە كىلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ كۆپ .
- ۋىييەي، راستىنلا ئۆزگىرىش بەك چوڭ بوپتۇ ، يول بويى ئەتراپتىكى مەنزىرىلەردىن كۆزۈمنى ئۈزمەيلا كەلدىم ، شۇنداقمۇ دادىسى ؟
- شۇنداق ، ئۈرۈمچىگە كەلمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا ماڭىمۇ باشقىچە تۇيۇلدى ، ھەر قىتىم دىليار ئۈرۈمچىگە بىرىپ كىلىپ بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرسە شۇنداق ھاياجانلىنىپ كىتەتتۇق ، ئەمدى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ راستلىقىغا ئىشەندۇق . ئەكبەر دۆلەت ئەپەندىگە قاراپ سورىدى :
- دىليارنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىپ ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قانداق قوشۇلدىڭىز ؟
- ھەي، بۇ بالا ئۆز كەسپىنى سۆيىدۇ، مەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ ئۇنى سەل چارچىتىپ قويدى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئابىدە بىلەن ئورتاق ئىگىلىك تىكلىگۈسى بار ئىكەن، ئىككى ياش قانداق ئويلىسا بىز ياشلارغا بويسۇنماي ئىلاجىمىز يوقكەن .
كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى، دىليارمۇ كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا ئابىدەگە قاراپ بىر كۆزىنى قىسىپ قويدى، ئۇلار قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقاندا زۇمرەت خانىم ئاشخانىدىن چىقىپ كەلدى:
- تاماق تەييار بولدى ، قورسىقىڭلارمۇ ئاچقاندۇ ؟
- توغرا توغرا، ئاۋۋال تاماق يەيلى ، پاراڭنى ئاندىن ئالدىرىماي قىلىشىمىز .
ئەكبەر ئورنىدىن تۇرغاچ ئۇلارنى ئاشخانىغا تەكلىپ ئەتتى، كەڭرى ، ئازادە ئاشخانىغا رەتلىك تىزىلغان ئىككى قاتار ئورۇندۇقلار سۈت رەڭدە چىرايلىق ھەل بىرىلگەن ئىدى، شىرە ئۈستىدىكى مەززىلىك تائاملاردىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق ھور دىماققا ئۇرۇلۇپ ئادەمنىڭ باشقىچە ئىشتىھاسىنى غىدىقلايتى .
- قىنى، مەرھەمەت !
ئامىنە خانىم بىلەن دۆلەت ئەپەندى ئاشخانا سايمانلىرى ھەم شىرە ئۈستىدىكى تائاملارغا قاراپ زوخ-شوخ بىلەن ماختاپ كىتىشتى :
- ئاشخانىلارنىڭ بىزىلىشى بەك پەيزى بوپتۇ ، ئىسىمدە قىلىشىچە، سىلەر بۇ ئۆيگە يىڭى كۆچۈپ كىرگەندە ئاشخانىنىڭ قۇرۇلمىسى بۇنداق ئەمەستىغۇ دەيمەن ؟ زۇمرەت ئامىنە خانىمنىڭ سۇئالىغا جەۋابەن :
- شۇنداق، قايتىدىن بىزەتكەندە ئاشخانىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، بۇ ھازىرقى يىڭىچە ئاشخانا بىزەكچىلىكىگە ماس لاھىيەلەنگەن .
- بولدى، تاماققا بىقىڭلا، تاماقلار سوۋۇپ قالمىسۇن ، ھامما، بۇنىڭدىن تىتىپ بىقىڭ ! ئابىدە بىر چوكا سەينى ئامىنە خانىمنىڭ قاچىسىغا سىلىپ قويدى .
- رەھمەت قىزىم، بولدى ئۆزۈم ئالاي .
- كۆپرەك يەڭ ، سىز ئائىلە تامىقى يىمىگىلى ئۇزۇن بولغاندۇ ؟
- شۇنى دىمەمسىز قىزىم ؟ تاغىڭىز شىركەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، كىچىللىرىمۇ سىرتلاردا خىزمەت سورۇنى دەپ ئۆيگە تاماققىمۇ كەلمەيدۇ ، خىزمەتكار ئەتكەن تاماق نەدىمۇ يۇرتىمىزنىڭ تامىقىغا ئوخشىسۇن ؟ ھەممىسى شاڭخەيچە قورۇمىلار ، يەپ بەكلا زىرىكتىم .
- ۋايۋۇي ئامىنە خانىم، قاخشاپلا كەتتىڭىزغۇ ؟ مانا ئەمدى شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ مۇرادىڭىزغىمۇ يەتتىڭىز ، بالىلار شىنجاڭدا خىزمەت قىلسا بىزمۇ پات-پات ئۇلارنى كۆرگىلى كىلىمىز ئەمەسمۇ ؟ ئۇلارنىڭ گەپلىرى ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتتى .
قىزغىن پاراڭ بىلەن بىر شىرە تاماق چالا يىيىلىپ تۈگىدى، تاماقتىن كېيىن ئامىنە خانىم ئابىدەگە قاراپ سۆز ئاچتى :
- قىزىم، دىليار يالغۇز بالا، دادىسىنىڭ شىركىتى شاڭخەيدە ، بىز ئايرىلىپ تۇرساق سىلەرنى چوقۇم بەك سىغىنىپ كىتىمىز ، شۇڭا يەنىلا شاڭخەيدە تۇرساڭلار بولامدىكىن ؟ بۇ پىكىرگە زۇمرەت سەل نارازى بولدى :
- ئامىنە خانىم، ئابىدەمۇ يالغۇز قىز، كەتسە دادىسى ئىككىمىزمۇ غىرىپسىنىپ قالغۇدەكمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابىدەنىڭ خىزمىتى مۇشۇ يەردە ، دىليارمۇ شىركەت قۇرىۋالدى، بۇ ھەر ئىككەيلەنگە قولايلىق ئەمەسمۇ ؟
ئىككى ئايال قۇدىنىڭ پىكىرى بىر يەردىن چىقمىغاچقا، ئابىدە ۋە باشقىلار سەل ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى .
- بولدى بولدى، بالىلار قەيەردە تۇرۇشنى خالىسا شۇ يەردە تۇرسۇن، ئامىنە خانىم، بىز بۇ ئىشنى بۇرۇنلا دىيىشىپ بولغانغۇ ؟ دۆلەت ئەپەندى ئايالىغا بولدى قىلىڭ دىگەندەك، بىر كۆزىنى قىسىپ قويدى . ئەكبەر ئابىدە بىلەن دىليارغا قاراپ سۆز قىلدى :
- باللىرىم، قەيەردە تۇرۇش-تۇرماسلىق مەسىلىسى سىلەرگە باغلىق ، ئەگەر شاڭخەيدە تۇرۇشنى خالىساڭلار بىزمۇ قارشى تۇرمايمىز، ئابىدە خىزمەت ئىشى بىلەن پات-پات كىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
دىليار بىلەن ئابىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى .
- ئاپا، دادا، مىنىڭ شىنجاڭدا ئۆز كەسپىم بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۈم بار، ئابىدەمۇ بۇ يەردىكى خىزمىتىنى تاشلاپ قويسا بولمايدۇ، مەن بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا سىلەرگە ئىيتىپ بولغان ، ئاپا، سىز نىمىشقا يەنە…
- بولدى، ئاپاڭنىڭ شۇ ساڭا كۆزى قىيمىغان گەپ، شۇنداقمۇ ئاپىسى ؟ دۆلەت ئەپەندى چىرايى ئىچىلالماي ئولتۇرغان ئامىنە خانىمغا قاراپ كۈلۈپ قويدى .
ئابىدە بۇ مۇنازىرە تىمىسىدىن سەل زىرىكتى بولغاي، دىليارغا قاراپ سىرتنى ئىشارە قىلدى، دىليار ئۇنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنىپ دادىسى بىلەن ئاپىسىغا تىكىلدى :
- ئاپا، دادا، بىز پەسكە چۈشۈپ ئايلىنىپ كىرەيلى .
- ھە ماقۇل ، ياشلار چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ ، ئۆيدە ئۇزاق ئولتۇرسا ئىچى سىقىلىپ قالىدۇ ، ئايلىنىپ كىرىڭلار باللىرىم . زۇمرەتنىڭ گىپى بىلەن ئامىنە خانىم زۇمرەتكە قاراپ ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ :
- توغرا دەيسىز، ياشلار چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ . ئامىنە نەزىرىنى ئابىدە بىلەن دىليارغا يۆتكىدى :
- چىقىپ ئايلىنىپ كىرىڭلار باللىرىم . ئابىدە ئورنىدىن تۇرۇپ :
- تاغا ھامما، بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭلار .
ئۇلار ئۈستىگە چاپانلىرىنى كىيىشىپ چىقىپ كىتىشتى، ئەكبەر ئەپەندى بىلەن دۆلەت ئەپەندى ئۆز كەسىپلىرى ۋە خىزمەت توغىرلىق قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، زۇمرەت خانىم بىلەن ئامىنە خانىم بىر-بىرىگە ماي تارتىشىپ قالغاندەك جىمجىت ئۇلارنىڭ گىپىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى .
- زۇمرەت خانىم، بىزمۇ پەسكە چۈشۈپ بىردەم ئايلىنىپ كىرسەك قانداق ؟ ئولتۇرىۋىرىپ بەكلا ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .
- بولىدۇ، ئەمسە مەن ئۈستۈمگە يىپىنچامنى ئارتىۋالاي .
زۇمرەت ھوجىرىسى تەرەپكە ماڭدى ، ئامىنە خانىم پاراڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن دۆلەت ئەپەندىنى نوقىدى :
- دادىسى، مەن زۇمرەت خانىم بىلەن پەسنى بىردەم ئايلىنىپ چىقاي .
- ھە بولىدۇ، ھايال بولۇپ قالماڭلار ئاپىسى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ .
- ھە بىلدىم .
ئامىنە خانىم ئۈستىگە پەلتۇيىنى كىيىپ تەييار بوپ تۇرىشىغا زۇمرەت خانىممۇ رەڭلىك چىرايلىق يىپىنچىسىنى ئۈستىگە ئارتىپ چىقتى ، ئۇلار ئۆيدىن چىقىپ قورۇنىڭ گۈللكىدە ئايلانغاچ پاراڭلاشتى :
- زۇمرەت خانىم، ئاڭلىسام كەسىپتىن بالدۇرلا چىكىنىپ چىقىپتىكەنسىز، ئۆيدە ئۇزاق ئولتۇرۇپ زىرىكمىدىڭىزمۇ ؟ زۇمرەت سۇس كۈلۈمسىرەپ :
- كەسپىمنى شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى ، بىراق ئەكبەر مىنىڭ جاپا چىكىشىمنى خالىمىغاچقا ئۆيدە ئولتۇرىشىمنى تەلەپ قىلغان، مىنىڭچە دۆلەتمەن ئاياللارنىڭ سىرتلاردا ئىشلەپ يۈرىشىمۇ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
- شۇنداقمۇ ؟ مەن ئۇنداق قارىمايمەن، ئاياللار ئەرلىرىگىلا تايىنىۋالسا بولمايدۇ، چوقۇم ئۆز كەسپىگىمۇ ۋاقىت چىقىرىشى كىرەك ، مانا مەن، كەسىپتىن چىققىلى بىر يىل بولاي دىدى، ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ شۇنداق زىرىكىۋاتىمەن، ياش كەتمىگەن بولسا يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلغۇم بار ئىدى . زۇمرەت دىمىقىدا كۈلۈمسىرىدى :
- دۆلەت ئەپەندى چوڭ قۇرۇلۇش سودىگىرى، ئۇنىڭ پۇلغا ئىھتىياجى يوق، سىز ئۇنىڭ خانىمى تۇرۇقلۇق سىرتلاردا يەنە خىزمەت قىلسىڭىز باشقىلار قانداق ئويلاپ قالىدۇ ؟ بىز خانىملار ئەرلىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلساق شۇ كۇپايە .
تىخىچە كونا باي خىنىملاردەك ئىدىيىسى ئۆزگەرمىگەن زۇمرەتنىڭ گىپى ئامىنە خانىمغا ياقمىدى بولغاي، ئۇ زۇمرەتكە رەددىيە بىرىپ :
- زۇمرەت خانىم، بۇ قايسى زامان ؟ ھازىر كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشتا ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز قىزىڭىز ئابىدەمۇ ئىشلەيمەن دىمەي، دىليارنىڭ خانىمى بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرسا بولغۇدەك .
كىنايە ئارلاش ئىيتىلغان سۆز زۇمرەتنىڭ زۇۋانىنى جىمىقتۇرۇپ قويدى، ئۇلار بىردەم ئايلىنىپ گىپى بىر يەردىن چىقماي ئۆيگە كىرىپ كىتىشتى.
ئابىدە بىلەن دىليار ماشىنىلىق ئايلانغىلى چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە شەھەرنىڭ غەربىدىكى سۇ ئامبىرى تەرەپكە كەلدى، جىمجىت يىيىلىپ ياتقان كەڭ سايلىقتا لايقىپ ئىقىۋاتقان سۇلار سۇس شاۋقۇن كۆتۈرەتتى ، ئامبار ئەتراپىدىكى چىراق غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان ئاسفالىت يوللار شۇ قەدەر جىمجىت بولۇپ، ئاسمان بوشلۇقىغا تۇتاشقان كەڭ زىمىن يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتاتتى . ئابىدە بىلەن دىليار پەسكە چۈشۈپ كۆۋرۈك ئەتراپىدا بىردەم پىيادە ئايلاندى .
- ئابىدە، بايا ئاپام ئىيتقان گەپنى كۆڭلىڭىزگە ئالمىغانسىز ؟ ئاپام ئۇ بەكلا تۈز، كۆڭلىدە نىمە بولسا شۇنى دەۋىتىدۇ . غۇر-غۇر شامالدا چاچلىرى ھەريان ئۇچىۋاتقان ئابىدە كۆزىگە چۈشىۋالغان چىچىنى قايرىغاچ :
- مەن ھاممامدىن رەنجىمىدىم، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى توغرا، سىز ئۇلارنىڭ بىر تاللا ئوغلى، ئەللىۋەتتە يىنىدا قىلىشىڭىزنى خالايدۇ، بىراق يىڭى ھايات شىركىتى ماڭا مۇھتاج، گەرچە شاڭخەيدىكى تارماق شىركەت بولسىمۇ، بۇ يەردىكى خىزمەت ئاساسلىق خىزمەت بازىسى، مەن دادامنىڭ چارچاپ قىلىشىنى خالىمايمەن .
- كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ، دادام مىنى قوللايدۇ، ئاپاممۇ شۇ، ئۇ پەقەت ماڭا قىيمايۋاتىدۇ، مەن پات-پات شاڭخەيگە بىرىپ ئۇلارنى كۆرۈپ كەلسەم بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتنىمۇ ئىچىۋالدىم، بۇ يەردىن ئايرىلىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .
- رەھمەت سىزگە دىليار، سىز مەن ئۈچۈن ئاتا مىراس كەسپىڭىزنى تاشلاپ قايتىدىن ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولىۋاتىسىز، بۇ سىز ئۈچۈن ئاسان ئەمەس ، ھە راست، نىمىشقا بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركىتىڭىزنى تىزراق كۈچەيتىشنى خالىمايسىز ؟
ئەتراپتىكى چىراق يورىقىدا دىليارنىڭ چىرايىدىكى سۇس تەبەسسۇم ئابىدەنىڭ دىققىتىنى تارتتى :
- نىمىگە كۈلىسىز ؟ ياكى بىز بىلەن ھەمكارلاشقۇڭىز يوقمۇ ؟
- ياقەي، مەنمۇ بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ئەللىۋەتتە ياخشى سودا پۇرسىتى كەلسە چىڭ تۇتسام بولىدۇ، بىراق مەن باشقىلارنىڭ ئارقامدىن گەپ تىپىشىنى خالىمايمەن .
- نىمە ؟ ئابىدە قەدىمىنى توختىتىپ دىليارغا تىكىلدى :
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز ؟ باشقىلار نىمە دەپ ئارقىڭىزدىن گەپ تاپقۇدەك ؟ دىليار ئابىدەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى :
- مەن باشقىلارنىڭ، لايىقىنىڭ يولى بىلەن شىركىتىنى راۋاجلاندۇردى دىيىشىنى خالىمايمەن، ئۆز كەسپىمنى بىر بالداق، بىر بالداقتىن يۇقىرى كۆتۈرىمەن .
- دىليار، سەل ئارتۇق ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟ يىڭى ھايات شىركىتى ھازىر سىزدەك لاياقەتلىك، ھەقىقىي مۇشۇ كەسىپنى چۈشىنىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلارغا مۇھتاج، ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا مەن ھەمكارلىشىش ئىشىنى ئەتىلا ئورۇنلاشتۇراي .
- ماقۇل، بىراق بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۇن، مەن تىخى شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىپ بولالمىدىم .
- بولىدۇ، سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمەن . ئابىدە سۇس كۈلۈمسىرەپ قولىنى دىليارغا ئۇزاتتى، دىليار ئابىدەنىڭ قولىنى يىنىك سىقىمداپ :
- سىزدەك قابىلىيەتلىك رىقابەتچىم ھەم شىرىكىم بولغىنىدىن بەكلا خۇشال بولىۋاتىمەن .
- بولدى، بىز نەدىمۇ رەقىپ بولايلى ؟ ياخشى شىرىكلەردىن دىسىڭىز توغرا بولىدۇ . ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ قويدى .
- بۇ يەردە شامال كۈچلۈككەن، قايتىپ كىتەيلى، چوڭلار ئەنسىرەپ قالمىسۇن .
- ماقۇل .
ئابىدە بىشىنى لىڭشىتىپ كەينىگە بۇرىلىشىغا دىليار ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى :
- قولىڭىز بەك يۇمشاق، ھەر ۋاقىت تۇتىۋالغۇم كىلىدۇ . ئابىدە كۈلۈپ تاشلىدى :
- بۇ گىپىڭىز نىمانداق قىززىق، بارغانسىرى گەپ قىلىشنى ئۇقمايدىغان بوپ كىتىۋاتىسىز، توي قىلساق تاققا-تۇققا سۆزلەپ بىشىمنى ئاغرىتماڭ يەنە . بۇ گەپ بىلەن دىليارمۇ كۈلۈپ تاشلىدى :
- شۇ سىزنى كۆرسەم دىمەكچى بولغان گىپىمنىمۇ تاپالماي قالىدىكەنمەن .
- بۇ گىپىڭىزدىن قارىغاندا مەن شۇنچىلىك زومىگەر ھەم سۈرلۈككەنمەندە !
- ياقەي، مەن ئۇ مەنىدە دىمىدىم ، سىز مىنىڭ نەزىرىمدە بەك قابىلىيەتلىك ھەم گۈزەل، ئارتۇقچىلىقلىرىڭىز بەك كۆپ، شۇڭا سىزدىن سەل ئەيمىنىمەن دىمەكچى . ئابىدە قەدىمىنى توختىتىپ دىليارغا تىكىلدى :
- بۇنداق دىسىڭىز بولمامدۇ ، سىز مەندىنمۇ بەك قابىلىيەتلىك، پەقەت كەسپىڭىزنى يىڭى باشلىدىڭىز ، بۇنچە ئالدىراپ كەتمەڭ ، كەلگۈسىدە مەن سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بوپ قالامدىم تىخى ؟
ئابىدەنىڭ غۇۋا چىراق ئاستىدىكى تاتلىق كۈلكىسى دىليارنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈردى .
- رەھمەت جىنىم .
دىليار ئاستا ئابىدەنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باستى ، ئۈستى ئوچۇق ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن، ئەمدىلا پاختىدەك بۇلۇت ئۈستىگە ئىز باسقان ھىلال ئاي ئۇلارنى تەبىرىكلەۋاتقاندەك غۇۋا نۇرىنى كەڭ زىمىنغا سەپمەكتە !
ئادىلە سەھەردە چىرايلىق ياسىنىپ ئىشقا كەلدى ، بەختىيارنىڭ شىركىتىدىكى باشقا خادىملار بۇنىڭدىن ئانچە تاساددىبىيلىق ھىس قىلمىسىمۇ، ئادىلە ۋاستىلىك بۇ شىركەتكە كىرگەچكە كۆڭلىدە باشقىلارنى ئۆزى ئۈستىدە گەپ-سۆز قىلىدۇ دەپ ئويلايتى، تىخى سەھەر بولغاچقا خىزمەتچى خادىملار بىردىن-ئىككىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى، تەھرىر بۆلىمىدىكى بىر نەچچە خادىم ئادىلەنى كۆرۈپ سالام قىلىشتىيۇ، نەچچە مىتىر يىراقلاشمايلا كۇسۇرلاشقىلى تۇردى :
- مۇناسىۋەتكە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ چىرايى باشقىچە خۇشالغۇ ؟
- شۇ ئەمەسمۇ ؟ باش مودىل مىھراينىڭ چوقۇم پىكىرى چىقىدۇ .
ئادىلە ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قالغان بولسىمۇ، ئانچە بەك كۆڭلىگە ئىلىپ كەتمىدى، سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا شىركەت زالىغا چىرايلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى، ئادىلە بىر قاراپلا ئۇنىڭ بۇ شىركەتتىكى باش مودىل مىھراي ئىكەنلىكىنى تونىۋالدى، مىھرايمۇ ئادىلەنى كۆرۈپلا چىرايى ئۆزگىرىپ گەپ-سۆز قىلماي لىفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى، بەختىيار تىخىچە كەلمىگەن بولۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا چۈشۈپ بولغان ئىدى، ئادىلە زالدىكى چوڭ كىرىسلودا ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ سۆز-چۆچەك ئوبىكتىغا ئايلاندى . ئادىلە ئىشقا چۈشكىچە ساقلاپمۇ شەۋكەت ئەپەندىنىڭ قارىسىنى كۆرمەي سەل تىت-تىت بولدى، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مۇلازىمەت پوكىيىدىكى قىزنىڭ يىنىغا كەلدى، ۋە مۇلايىملىق بىلەن سورىدى :
- ياخشىمۇسىز ؟ بۇ شىركەتتىكى شەۋكەت ئىسىملىك ئەر قايسى بۆلۈمدە خىزمەت قىلىدۇ ؟ بۈگۈن ئۇنى كۆرمىدىمغۇ ؟
- باسما بۆلۈمدىكى شەۋكەت ئاكىنى دەمسىز ؟ ئۇ ئاغرىپ قىلىپ دوختۇرخانىدا ، بىر ئايلىق رۇخسىتى بار، خىلى بولدى، ساقىيىپمۇ قالاي دىگەندۇ ؟ ئۇ قىز ئادىلەگە مەنسىتمىگەندەك قاراپ :
- ئەجەپ ئۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟ بىرەر مۇھىم ئىش بىلەن ئۇنى ئىزدەپ كەلمىگەنسىز ؟
- يا ياق، مەن بۇرۇن رەڭدار قىزلار شىركىتىدە مودىل بولغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاكىمىز ماڭا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، ئالدىنقى قىتىم بەختىيار ئاكام مىنى شىركەتكە ئىلىپ كەلگەندە ئۇنى كۆرگەندەك قىلغان، بىراق بۈگۈن ئۇنى كۆرمىدىم، شۇڭا سوراپ بىقىشىم ئىدى .
- ھە مۇنداقكەندە، ئەمسە بۈگۈن ئىشقا چۈشۈش ئۈچۈن كەپسىزدە ؟
- ھە شۇنداق، ئاۋارە قىلدىم .
ئادىلە ئۇنىڭ غەلىتە نەزەردە قاراشلىرىدىن سەل بىئارام بولۇپ يەنە بايىقى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى .