دىللاردا سەنەم 99-قىسىم

文摘   2024-12-30 21:04   新疆  


  
 aziza  
 
دىللاردا سەنەم 

(رومان)

 ئاپتورى : ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
 دىللاردا سەنەم 1-قىسىم
دىللاردا سەنەم 2-قىسىم
دىللاردا سەنەم 3-قىسىم
دىللاردا سەنەم 4-قىسىم
دىللاردا سەنەم 5-قىسىم
دىللاردا سەنەم 6-قىسىم
دىللاردا سەنەم 7-قىسىم
دىللاردا سەنەم 8-قىسىم
دىللاردا سەنەم 9-قىسىم
دىللاردا سەنەم 10-قىسىم
دىللاردا سەنەم 11-قىسىم
دىللاردا سەنەم 12-قىسىم
دىللاردا سەنەم 13-قىسىم
دىللاردا سەنەم 14-قىسىم
دىللاردا سەنەم 15-قىسىم
دىللاردا سەنەم 16-قىسىم
دىللاردا سەنەم 17-قىسىم
دىللاردا سەنەم 18-قىسىم
دىللاردا سەنەم 19-قىسىم
دىللاردا سەنەم 20-قىسىم
دىللاردا سەنەم 21-قىسىم
دىللاردا سەنەم 22-قىسىم
دىللاردا سەنەم 23-قىسىم
دىللاردا سەنەم 24-قىسىم
دىللاردا سەنەم 25-قىسىم
دىللاردا سەنەم 26-قىسىم
دىللاردا سەنەم 27-قىسىم
دىللاردا سەنەم 28-قىسىم
دىللاردا سەنەم 29-قىسىم
دىللاردا سەنەم 30-قىسىم
دىللاردا سەنەم 31-قىسىم
دىللاردا سەنەم 32-قىسىم
دىللاردا سەنەم 33-قىسىم
دىللاردا سەنەم 34-قىسىم
دىللاردا سەنەم 35-قىسىم
دىللاردا سەنەم 36-قىسىم
دىللاردا سەنەم 37-قىسىم
دىللاردا سەنەم 38-قىسىم
دىللاردا سەنەم 39-قىسىم
دىللاردا سەنەم 40-قىسىم
دىللاردا سەنەم 41-قىسىم
دىللاردا سەنەم 42-قىسىم
دىللاردا سەنەم 43-قىسىم
دىللاردا سەنەم 44-قىسىم
دىللاردا سەنەم 45-قىسىم
دىللاردا سەنەم 46-47-قىسىم
دىللاردا سەنەم 48-قىسىم
دىللاردا سەنەم 49-قىسىم
دىللاردا سەنەم 50-قىسىم
دىللاردا سەنەم 51-قىسىم
دىللاردا سەنەم 52-قىسىم
دىللاردا سەنەم 53-قىسىم
دىللاردا سەنەم 54-قىسىم
دىللاردا سەنەم 55-قىسىم
دىللاردا سەنەم 56-قىسىم
دىللاردا سەنەم 57-قىسىم
دىللاردا سەنەم 58-قىسىم
دىللاردا سەنەم 59-قىسىم
دىللاردا سەنەم 60-قىسىم
دىللاردا سەنەم 61-قىسىم
دىللاردا سەنەم 62-قىسىم
دىللاردا سەنەم 63-قىسىم
دىللاردا سەنەم 64-قىسىم
دىللاردا سەنەم 65-قىسىم
دىللاردا سەنەم 66-قىسىم
دىللاردا سەنەم 67-قىسىم
دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 69-قىسىم
دىللاردا سەنەم 70-قىسىم
دىللاردا سەنەم 71-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 72-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 73-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 74-قىسىم
دىللاردا سەنەم 75-قىسىم
دىللاردا سەنەم 76-قىسىم
دىللاردا سەنەم 77-قىسىم
دىللاردا سەنەم 78-قىسىم
دىللاردا سەنەم 79-قىسىم
دىللاردا سەنەم 80-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 81-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 83-قىسىم
دىللاردا سەنەم 84-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 85-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 86-قىسىم
دىللاردا سەنەم 87-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 88-قىسىم
دىللاردا سەنەم 89-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 91-قىسىم
دىللاردا سەنەم 92-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 93-قىسىم
دىللاردا سەنەم 94-قىسىم
دىللاردا سەنەم 95-قىسىم
دىللاردا سەنەم 96-قىسىم
دىللاردا سەنەم 97-قىسىم
دىللاردا سەنەم 98-قىسىم
           

 
  
سەيدۇللا باي ئىككى بالىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ سورىماستىن ياكى ئۇلارغا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمەستىن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىر باشتىن سۆزلەپ گېپىنى تۈگەتتى. شەرۋانەمنىڭ خەيرۇللا باي قەسرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئايسەنەمنىڭ روھىيىتىدە بىلىنەرلىك داۋالغۇش پەيدا بولدى. بۇ ھالنى ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرغان سەيدۇللا بايمۇ ھېس قىلىپ يەتتى، شۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا ئايسەنەم خېنىم ئىختىيارسىز ئوڭ قولىنى دادىسىنىڭ بىلىكى ئۈستىگە قويۇپ، ئۇنىڭغا يۆلىنىپراق ئولتۇردى. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترەۋاتقانلىقى، ھۇجۇدىغا يىغا يامراۋاتقانلىقىنى دادىسى ئېنىق سېزىپ ئولتۇردى.

دانىيار بايۋەتچە سەيدۇللا باينىڭ ئېتىنى مىنىپ ئۆيىگە راۋان بولغاندىن كېيىن، سەيدۇللا باي قىزىنى يېتىلەپ قەسىر ھويلىسىغا يېنىپ كىردى ۋە ئۇنى ھۇجرىسىغا ئاپىرىپ قويغاچ ئاستا كېتىۋېتىپ مۇنداق دېدى:

-شەرۋانىخاننىڭ خەيرۇللا تاغىڭىزنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۆڭلىڭىزنىڭ پاراكەندە بولغىنىنى چۈشەندىم قىزىم، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىسىڭىز ئەتە ناشتىدىن كېيىن تەييار بولۇپ، باشقىلارغا «گېلەمخانىغا باراتتىم» دەپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ شۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئانىكام بىلەن خوشلىشىپ بولغاندىن كېيىن سىزنى شۇ يەردىن ئېلىۋالاي. ئەمما مەن سىزنى ھېچقانداق ئىشقا مەجبۇرلىمايمەن، ئۇنىڭ بىلەن خالىسىڭىز كۆرۈشسىڭىز بولىدۇ، خالىمىسىڭىز ئۇ پىكىرىڭىزگىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن، ئىشقىلىپ ياخشى ئويلىنىپ قارار چىقىرىڭ.

-بولدى ئاتا، ئويلىنىپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىرلا جاۋاب بېرەي، ھازىرچە شەرۋانىخان ئاچام بىلەن كۆرۈشمەي تۇراي، مومامنىڭ كەيپى نەدىن نەگىچە بولىدۇ، ھازىرچە تېخى ئۇقمايمىز. ئاۋۋال كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىن ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىپ بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش كۆرۈشمەسلىكنى ئەھۋالغا قاراپ كېيىنچە بەلگىلەي،- دېدى ئايسەنەم خېنىممۇ دادىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، چوڭلاردەك پىكىر يۈرگۈزۈپ. ئۇنىڭ شەرۋانەمنى «ئاچام» دەپ ئاتاشتىن تىلى كۆيىۋاتقانلىقى، لېكىن «ئانام» دەپ ئاتاشقىمۇ تىلى بارمىغاننىڭ ئۈستىدە بۇ ھەقتە ئۇلۇغ بىر ھەسرەتنىڭ ئىچىدە ئۆرتىنىپ كېتىۋاتقانلىقى سەيدۇللا بايغا مەلۇم بولدى.

شۇ قېتىمقى سۆھبەت ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئايسەنەم خېنىم چىرايلىق جابدۇنۇپ، ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ خەيرۇللا باينىڭ ئۆيىگە ماڭغان دادىسىنى ئۇزىتىپ بوسۇغىدا قالدى. دادىسىنىڭ شۇ تاپتا ئۆزىنى تۇغقان ئانىسىنى يوقلاپ ماڭغانلىقى ئايسەنەم خېنىمنىڭ كۆڭلىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى. شۇ تەرزدە ئۇنىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر مېھىردىن ۋىللىدە ئىللىپ قالغاندەك بولدى.



(138)



شۇ كۈنى قەسىر خىزمەتكارى سەيدۇللا باينى ئات ھارۋىسى بىلەن خەيرۇللا باينىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كېلىشىگە، دەرۋازا تۈۋىدە باش مەھەللىدىن شەرۋانەمنى ئىزدەپ كەلگەن مەتنۇر ياغاق بىلەن ئايىمخانغا دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلار خىزمەتكارنىڭ «شەرۋانىخان ئاچام بۇ ئۆيدە يوق، ئۇ سىلەرنىڭ ئۆيگە كەتكەندىن كېيىن قايتا كېلىپ باقمىدى» دېگىنىگە ئۇنىماي، «ھازىرلا بىزنى باشلاپ كىرىپ سائادەت خانىم بىلەن كۆرۈشتۈرىسەن!» دەپ جېدەل قىلدى. ئۇلارنى ئۆز گېپىگە ئىشەندۈرۈپ قايتىپ كېتىشكە قايىل قىلالمىغان خىزمەتكار ئامالنىڭ يوقىدىن يۇۋاشلىق بىلەن يول باشلىغىنىچە سائادەت خانىمنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ئىككەيلەننىڭ مومىسىنىڭ ھۇجرىسىغا ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ئايسەنەم خېنىممۇ كۆڭلىگە ئەندىشە چۈشۈپ يېقىمسىز بىر تولغانىدى.

ھېچ ئەھۋال سوراش، سالاملىشىشلارغا ئوخشىمىغان بۇ دىدارلىشىشتىن سائادەت خانىمنىڭمۇ، مەتنۇر ياغاق ئەر- خوتۇننىڭمۇ كەيپى بۇزۇلدى. مەتنۇر ياغاق چىرايىنى شاخ جىجىۋەتكەندەك پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ سائادەت خانىمدىن «قىزىم قېنى؟» دەپ سورىغاندا، ئۆزىگە مۇنچە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بۇ ئادەمگە بىزارلىقى تۇتقان سائادەت خانىممۇ قىلچە يۈز- خاتىرە قىلماي دوق قىلىپ سۆزلەپ:

-كىچىك قىزلىرى ئامانەم قەسىرىمىزدە بار، ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن بولسىلا ھازىرلا چاقىرتىپ بېرىمەن، ئەمما باشقىلىرىنى سورىسىلا مەن ئۇقمايمەن،- دېدى.

ئۇنىڭ بۇ گەپنى دېيىشى بۇ ئىككەيلەننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپلا «شەرۋانەم توي قىلىشنى خالىماي قېچىپ كەتكەن بولمىسۇن يەنە!» دېگەن گۇماننىڭ كۆڭلىگە كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سائادەت خانىم ئۇنى قېچىپ كەتمەيدۇ دەپمۇ ھۆددە قىلالمايتتى. ئىشىكنىڭ تېشىدا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئايسەنەم خېنىمنىڭ ئەقلىگە توساتتىن بىر ئىش كەلدى- دە، تاقلا كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپ ئۇدۇل ئارقا ھويلىغا - خىزمەتكارلار تۇرالغۇسىغا يۈگۈردى. شۇ يەردىن ئات مىنىشنى بىلىدىغان، ئايىغى چاققان خىزمەتكاردىن بىرنى چاقىرىپ، ئۇنى دەرھال خەيرۇللا باي قەسرىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئاندىن ئۆزى يەنە سائادەت خېنىمنىڭ ھۇجرىسى يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشىكنىڭ تېشىدا ئىچىدە بولۇنىۋاتقان گەپلەرنى تىڭشاپ تۇردى. ئۇ بۇنى دەپ، بۇ ئۇنى دەپ تالاش- تارتىش قىلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جېدەل سەل قاتماللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئايسەنەم خېنىم ئىشلارنىڭ مۇنداق بولۇپ كېتىۋېرىشىنى خالىمىدى- دە، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كەينىگە يېنىپ چىقىپ گۈلساھىپخان بىلەن قەمبەرنى چاقىرىپ كىردى. ئۇلار بولغاندا يا ئۇ تەرەپكە، يا بۇ تەرەپكە نەسىھەت قىلىپ، جىدەلنى بىردەم بولسىمۇ پەسكۇيغا چۈشۈرۈپ تۇرالىشىدا گەپ يوق ئىدى. ھېچ بولمىغاندا ۋاقىتنى سەيدۇللا باي قايتىپ كەلگۈچە كەينىگە سۈرەلىسە، ئۇ كىشى كەلگەندىن كېيىن باش مەھەللىدىن كەلگەنلەرگە مۇۋاپىق بىرنەرسە دەپ جاۋاب بېرەتتى.

قەمبەر كەلگەندىن كېيىن ئاستا شەرەتلەپ مەتنۇر ياغاقنى تالاغا چاقىرىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا شەرۋانەمنىڭ ھازىر قەسىردە يوقلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ پات يېقىندا سەيدۇللا باينىڭ يېڭى ئاغىچىسى بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، شۇڭا مەتنۇر ياغاقنىڭ سائادەت خانىم بىلەن ئارتۇقچە تىركەشمەي، ئۇنىڭ زىتىغا تېگىپ ئارىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ قويماي، ئارىنى ياخشى ساقلاپ تۇرۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مەتنۇر ياغاق باشتا ھەيرانلىقتىن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بۇ كۈيئوغلىغا قايتىدىن قارىدى. قانداقلا قارىسىمۇ قەمبەرنىڭ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتمايدىغانلىقى مەلۇملۇق ئىدى. شۇڭا ئۇ چىرايىغا مەمنۇنىيەت كۈلكىسى يۈگۈرتۈپ كەنجى كۈيئوغلىغا ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئاستا كىرىپ سائادەت خېنىمدىن يېنىش- يېنىشلاپ كەچۈرۈم سوراپ، بايا قىلغان ئەدەبسىز گەپلىرى ئۈچۈن بىرمۇنچە ناماقۇل بولدى. ئاندىن سائادەت خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن قەسىر كىشىلىرىگە بىر تالاي ياخشى تىلەكلەرنى ياغدۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىززەت- ئېكرام بىلەن ئىگىلىپ تازىم قىلغىنىچە كەينىچىلاپ مېڭىپ ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەتە بولىدىغان توينىڭ يېنىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى يەنە شۇ مەتنۇر ياغاق ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ ھەل قىلىپ، بولغۇسى قۇدىلارغا ناماقۇل بولۇپ بىر پاتمان ئۆزۈرخاھلىق ئېيتىدىغاندەك قىلاتتى. بەلكىم بولغۇسى قۇدىلار ئېلىپ كەلگەن تويلۇق ۋە باشقا سوۋغاتلىقلارنى ئۆز پېتىچە ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، بولالمايدىغان قۇدىلار قاتارىدا چىرايلىقچە ئۇزىتىپ قويۇپ، شەرۋانەمنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىككىنچى قېتىملىق تويىنى مانا مۇشۇنداق تۈگەتمەكچىدەك قىلاتتى. ناۋادا شەرۋانەم سەيدۇللا بايغا ياتلىق بولالايدىغان ۋە بۇ قەسىرنىڭ ئايال خوجايىنىغا ئايلىنالايدىغان ئىش بولسا، مۇنداق تويدىن ئالتە- يەتتىسى بۇزۇلۇپ، مەتنۇر ياغاق ئەر- ئايال مەيلى قانچە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بېشى تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ ھەممىگە چىدىغان بولاتتى.

مەتنۇر ياغاق قەمبەر بىلەن خوشلىشىپ ئايىمخاننى ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ باش مەھەللىگە راۋان بولغاندىن كېيىن، خىزمەتكارنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈشى بىلەن ئىنىسى خەيرۇللا باينى ئەگەشتۈرۈپ ئالدىراپ يېتىپ كەلگەن سەيدۇللا باي ئانىسىنىڭ سوغۇق چىرايىغا دۇچ كەلدى. ئۇ يولدا كەلگۈچە ئىنىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئانىسىنىڭ ئالدىدا شەرۋانىخاننى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشىگە ماقۇل بولۇشى ھەققىدە ئانىسىغا يالۋۇرۇپ بېقىش قارارىغا كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم يالغان ئېيتىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ھازىرمۇ يالغان ئېيتسا ھامان بىر كۈنى بۇ يالغانلارنى راستى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇمۇ تولۇق ھېس قىلغانىدى.



(139)



سەيدۇللا باي ئىنىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئەمدى تېخى ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ تۇرغىنىدا خەيرۇللا باي قەسرىدىن كەلگەن بىر خىزمەتكار تاپ بېسىپلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرىپ، قەسىردىن جىددىي خەۋەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، سەيدۇللا باي ئاكا- ئۇكىلارنىڭ ھازىرلا قەسىرگە قايتىشى لازىملىقىنى، مېھرىيار خېنىمنىڭ جەمەتى ئىچىدىكى بارلىق ئاياللارنى ئەگەشتۈرۈپ ئايچېھرە خېنىم ئۈچۈن دانىيار بايۋەتچىگە ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بەھرىيە ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۇلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك تىل قابىلىيىتى بولمىغانلىقتىن، قورقۇنچ ئىچىدە تۈگۈلۈپ قالغانلىقىنى، ھازىر ھەممەيلەننىڭ سەيدۇللا باي بىلەن خەيرۇللا باينى ساقلاپلا قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئاكا- ئۇكىلارنىڭ تەڭلا جۇدۇنى ئۆرلىدى. نەدىمۇ ئوغۇل ئىگىسى بىر ياقتا قېلىپ، قىز ئىگىسى ئوغۇل ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە ئەلچى بولۇپ بارىدىغان ئىش بار؟ يەنە كېلىپ بالىنىڭ تاپقان دادىسى بولغان سەيدۇللا باي بىر ياقتا قېلىپ، ھەممىگە باش بولۇپ تۇرۇشقا تېگىشلىك سائادەت خېنىممۇ بىر ياقتا قېلىپ، دانىيار بايۋەتچىگە لايىق كۆرۈلگەن ئايچېھرە خېنىمنىڭمۇ خەۋىرى يوق ھالدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەلچىلىك نېمە دېگەن سەت ئىش بۇ؟ تېخى تۆنۈگۈن كەچتە دانىيار بايۋەتچىنى ئايسەنەم خېنىم بىلەن قاچقىلىۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇپ توزاق قۇرۇپ تۇتىۋېلىپ، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي كامار ئىزدىگەن چاشقاندەك ئالدى- كەينىگە قارىماي بەدەر قاچقان بۇ خوتۇننىڭ ئارىدىن بىر كېچە ئۆتۈپلا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىر توپ ئاياللارنى باشلاپ ئەلچىلىككە كېلەلىگىنى قانداق گەپ؟ كىشىلەر ئادەتتە يۈزى قېلىن ئادەملەرنى «يۈزى پولودەك باركەن» دەپ قويىشىدىغان. ئەمما بۇ ئىشتىن مەلۇم بولۇشىچە ئار- نومۇس دېگەننى تامام ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ يۈزى ئاتنىڭ تاقىسىغا، ئۆتۈكنىڭ چەمىگە ياكى قېرى ئېشەكنىڭ تېرىسىگە ئوخشايدىغان دەرىجىدە قېلىندەك تۇراتتى.

ھەركىم ئاچچىق بىلەن نېمىلەرنى دېيىشتىن قەتئىينەزەر، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يۈزلەنمەي بولمايتتى. شۇڭا سەيدۇللا باي بۇ ئىشلارنىڭ باش- ئايىغىنى چۈشىنەلمەي ئەقلى گاراڭ بولغان ئانىسىغا ھېلى كېىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىنىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇنىڭ قەسرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئىمىنتوختى باي خوتۇن- بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ شۇنچە يىراق يەردىن زور ئۈمىد بىلەن كەلگىنىگە چۇشلۇق، ئانىسىنىڭ بۇ توي ئىشىنى قەتئىي رەت قىلىۋەتكەنلىكىدىن كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى-يۇ، يەنىلا تەن بەرگۈسى كەلمىدى. ئۇ ئانىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم ياخشىراق پاراڭلىشىپ بېقىش، ئۇنىڭ كۆڭلىدە قانداقلا غۇم بولسا ئاڭلاش ۋە رەنجىشتىن قالغان كۆڭۈل تۈگۈنلىرى بولسا ئۆز قولى بىلەن يېشىش قارارىغا كېلىپ، دەيدىغانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈۋېلىپ سائادەت خانىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا چوڭ ئوغلىنىڭ ھامان يەنە ئۆزىنى ئىزدەپ كىرىدىغانلىقىنى پەملىگەن سائادەت خېنىم ئۇنىڭغا دېمەكچى بولغانلىرىنى بىر باشتىن، خۇددى يىپقا مارجان تىزغاندەك كۆڭلىدە تىزىپ ساقلىۋالغان بولۇپ، ئوغلىنى كۆرۈش بىلەنلا مىيىقىدا كۈلۈپ سۇس جىلمايدى. ئانىسىنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىگەن ئىمىنتوختى باي بىر ئوڭايسىزلىق ئىلكىدە تولغاندى-يۇ، يەنىلا ئاستا سائادەت خېنىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ سوغۇق ئالقانلىرىنى ئارىدەك يوغان قوللىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، چىن ئىخلاسى بىلەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى. ئىككەيلەن ئەھۋال سورىشىپ بىر- بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىشقاندىن كېيىن، ئىمىنتوختى باي ئەسلى مەقسىتىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرماستىن ئانىسىغا ئىلتىجا قىلىپ، بىچارە مېيىپ ئوغلىنىڭ شەرۋانەمگە ئۆيلىنىشىگە ماقۇل بولۇشىنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا غۇچچىدە بىر يېقىمسىزلىق پۈتۈن بەدىنىگە تارىغان سائادەت خېنىم قوشۇمىسىنى تۈرگىنىچە تەنە قىلغان كەبى زىغىنىپ ئوغلىدىن سورىدى:

-ھېچ بىلمىدىم چىرايلىق ئوغلۇم، نېمە بولۇپ ھەممىڭلارنىڭ كۆڭلىگە شەرۋانەمنىڭ ئىشتىياقى چۈشۈپ قالغاندۇ؟ جاھاندا مىڭلىغان، كۈرمىڭلىغان ئادەملەر بار، شۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردىن، ئىككىدىن قىزلىرىمۇ بار. سىلى ۋە بالىلىرىغا كېرەك بولسا كېلىن دېگەن ماڭدامدا بىر تىزىلىپ تۇرۇپتۇ، مەن سائادەت خانىم «قىزىڭنى كېلىن قىلىۋالىمەن» دەپ ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بارسام، ھېلىغۇ بىر قىزكەن، ئون قىز بولسىمۇ قوش قوللاپ ئالدىمدا قويۇشتىن يانمايدۇ، گەرچە چوڭ نەۋرەم تاشپولات مېيىپ بولسىمۇ، ئۇنى مېيىپكەن دېمەي تېگىشنى خالايدىغان قىزلارنىڭ يەنىلا بارلىقىغا مەن ئىشىنىمەن، بۇ ھەم بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ بىزنىڭ جەمەتنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىدىن شۇنداق بولىدۇ، بۇ يۇرتتا ئەنە شۇنداق كاتتا ئىناۋىتىم بار دەپ ئويلايمەن، ئەگەر تاشپولاتقا لايىق تېپىش زۆرۈرىيىتى بولسا، مەن بۇ ئىمتىيازىمدىن پايدىلانسام تامامەن بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ، «لايىق تېپىپ ئوغلۇمنى ئۆيلەپ بەرسىڭىز!» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ئاشۇ شەرۋانەمنى كېلىن قىلمىسام بولمايتتى» دەپ تۇرىۋالغانلىرى نېمىسى جېنىم ئوغلۇم؟ ئەجەبا بولمىغۇر تارىخى بىلەن مېنىڭ كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ قالغان بىر چوكان سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا شۇنچە چىرايلىق كۆرۈنىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ يەنە كېلىپ شەرۋانەم تاشپولاتتىن توپتوغرا بەش ياش چوڭ، ئىككى ئەردىن چىققان، ئىلگىرى بىر بالىلىق، ھەياق، ئىككى بالىلىق بولغان چوكان ئۇ، شۇنداق تۇرسا، ئاۋۇ قوماق باش بالىڭىز يەنە ئۇنى ئېلىش پىكرىدە چىڭ تۇرامدىكەن؟


   
 

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章