دىللاردا سەنەم 104-105-قىسىم

文摘   2025-01-05 20:25   新疆  


  
 aziza  
 
دىللاردا سەنەم 

(رومان)

 ئاپتورى : ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
 دىللاردا سەنەم 1-قىسىم
دىللاردا سەنەم 2-قىسىم
دىللاردا سەنەم 3-قىسىم
دىللاردا سەنەم 4-قىسىم
دىللاردا سەنەم 5-قىسىم
دىللاردا سەنەم 6-قىسىم
دىللاردا سەنەم 7-قىسىم
دىللاردا سەنەم 8-قىسىم
دىللاردا سەنەم 9-قىسىم
دىللاردا سەنەم 10-قىسىم
دىللاردا سەنەم 11-قىسىم
دىللاردا سەنەم 12-قىسىم
دىللاردا سەنەم 13-قىسىم
دىللاردا سەنەم 14-قىسىم
دىللاردا سەنەم 15-قىسىم
دىللاردا سەنەم 16-قىسىم
دىللاردا سەنەم 17-قىسىم
دىللاردا سەنەم 18-قىسىم
دىللاردا سەنەم 19-قىسىم
دىللاردا سەنەم 20-قىسىم
دىللاردا سەنەم 21-قىسىم
دىللاردا سەنەم 22-قىسىم
دىللاردا سەنەم 23-قىسىم
دىللاردا سەنەم 24-قىسىم
دىللاردا سەنەم 25-قىسىم
دىللاردا سەنەم 26-قىسىم
دىللاردا سەنەم 27-قىسىم
دىللاردا سەنەم 28-قىسىم
دىللاردا سەنەم 29-قىسىم
دىللاردا سەنەم 30-قىسىم
دىللاردا سەنەم 31-قىسىم
دىللاردا سەنەم 32-قىسىم
دىللاردا سەنەم 33-قىسىم
دىللاردا سەنەم 34-قىسىم
دىللاردا سەنەم 35-قىسىم
دىللاردا سەنەم 36-قىسىم
دىللاردا سەنەم 37-قىسىم
دىللاردا سەنەم 38-قىسىم
دىللاردا سەنەم 39-قىسىم
دىللاردا سەنەم 40-قىسىم
دىللاردا سەنەم 41-قىسىم
دىللاردا سەنەم 42-قىسىم
دىللاردا سەنەم 43-قىسىم
دىللاردا سەنەم 44-قىسىم
دىللاردا سەنەم 45-قىسىم
دىللاردا سەنەم 46-47-قىسىم
دىللاردا سەنەم 48-قىسىم
دىللاردا سەنەم 49-قىسىم
دىللاردا سەنەم 50-قىسىم
دىللاردا سەنەم 51-قىسىم
دىللاردا سەنەم 52-قىسىم
دىللاردا سەنەم 53-قىسىم
دىللاردا سەنەم 54-قىسىم
دىللاردا سەنەم 55-قىسىم
دىللاردا سەنەم 56-قىسىم
دىللاردا سەنەم 57-قىسىم
دىللاردا سەنەم 58-قىسىم
دىللاردا سەنەم 59-قىسىم
دىللاردا سەنەم 60-قىسىم
دىللاردا سەنەم 61-قىسىم
دىللاردا سەنەم 62-قىسىم
دىللاردا سەنەم 63-قىسىم
دىللاردا سەنەم 64-قىسىم
دىللاردا سەنەم 65-قىسىم
دىللاردا سەنەم 66-قىسىم
دىللاردا سەنەم 67-قىسىم
دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 69-قىسىم
دىللاردا سەنەم 70-قىسىم
دىللاردا سەنەم 71-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 72-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 73-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 74-قىسىم
دىللاردا سەنەم 75-قىسىم
دىللاردا سەنەم 76-قىسىم
دىللاردا سەنەم 77-قىسىم
دىللاردا سەنەم 78-قىسىم
دىللاردا سەنەم 79-قىسىم
دىللاردا سەنەم 80-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 81-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 83-قىسىم
دىللاردا سەنەم 84-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 85-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 86-قىسىم
دىللاردا سەنەم 87-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 88-قىسىم
دىللاردا سەنەم 89-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 91-قىسىم
دىللاردا سەنەم 92-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 93-قىسىم
دىللاردا سەنەم 94-قىسىم
دىللاردا سەنەم 95-قىسىم
دىللاردا سەنەم 96-قىسىم
دىللاردا سەنەم 97-قىسىم
دىللاردا سەنەم 98-قىسىم
دىللاردا سەنەم 99-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 100-قىسىم
دىللاردا سەنەم 101-قىسىم
دىللاردا سەنەم 102-قىسىم
دىللاردا سەنەم 103-قىسىم
دىللاردا سەنەم 104-قىسىم
           

 

بۇ گېپىمگە شەكسىز ئىشەنسىلە، كۈلۈپ يۈرسەم ئادەمگە ئوخشىغىنىم بىلەن خۇيۇم تۇتسا قىپقىزىل ساراڭ خوتۇن مەن، بۇ ئىشنى سىلىگە تاپشۇرغىنىم ئۆزۈم قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغانلىقىدىن ئەمەس، قىزنىڭ دادىسى ئۆزلىرى بولغاندىكىن، ئۇ ھەققىدە تالادا ئۇچۇپ يۈرگەن گەپلەرنى يىغىشتۇرۇش سىلىنىڭ ۋەزىپىلىرى، ئەينى چاغدا «بالىچىلاپ بېقىۋالدىم» دېگەن بولغاندىكى ھەممە ئىشلىرىغا ئىگە بولسىلا، ھەتتا ئۇنىڭ نامىغا داغ بولىۋاتقان شۇ گەپلەرگىمۇ ئىگە بولۇشلىرى كېرەك! ئاندىن بالام، پەملەپ باقسام شەرۋانىخاننىڭ ئىشىنى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي باشلىرى بەك قاتقاندەك تۇرىدۇ، بولمىسا مۇنداق قىلايلىمۇ بالام؟ سىلى ئاۋۇ شەرۋانىخان دېگەن چوكاننى يوشۇرۇپ قويغان يەردىن چىقىرىپ ئالدىمغا باشلاپ كەلسىلە، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تولۇق بىر گەپ ئاڭلىمىساق يەنە بولمايدۇ، شۇنداققۇ؟ ئالدىمغا باشلاپ كەلسىلە دېسەم ئەمدى «ئانىكام ئۇنى تىرىك يۇتىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ئەنسىرەپ قالمىسىلا، ئورنۇمدىن قوپالماي سىلەرنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشىڭلارغا قاراشلىق بولۇپ مانا مۇشۇنداق ياتىمەن بالام، بۇ تۇرقۇمدا ئۇنى تىرىك يۇتىۋېتىش ئەمەس، شۇنچىكى بىر چىمدىۋېلىشمۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ، پەقەت چىرايلىق پاراڭلاشساقلا بولدى. بەكمۇ كەينىگە سوزماي، مېنىڭ دېگەن گەپلىرىمنى ئۇنىڭغا تولۇق يەتكۈزۈپ چىرايلىق ئالدىمغا باشلاپ كەلسىلە، قالغان گەپلەرنى چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى.

سائادەت خېنىمنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەيدۇللا باي تولىمۇ يېقىمسىز بىر تولغاندى. ئەھۋالدىن قارىغاندا شەرۋانەمنى بۇ ئوتقا ئىتتىرىپ قويۇپ «قانداق قىلساڭ قىلىپ شۇ يەردىن ئۆزۈڭ چىق!» دەپ قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوقتەكمۇ قىلاتتى. چۈنكى سائادەت خېنىم «ئۇنى ئالدىمغا باشلاپ كەل!» دېگەنىكەن، باشلاپ كەلمىگىچە، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىغۇچە زادىلا بولدى قىلمايتتى. سەيدۇللا باينىڭ ئەسلىمىسىدە ئانىسى قارار قىلغان ئىشنى رەت قىلالىغان بىرمۇ ئادەم بولۇپ باققان ئەمەس ئىدى.

بىر تالاي تەڭلىكلەردىن كېيىن ئاخىرى بۇ ئىشقا يۈزلەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن سەيدۇللا باي بىر كۈنى شەرۋانەم بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ يېتىلەپ ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. خۇددى كاتتا جەمەتتىن چىققان ئاغىچا خېنىملارغا ئوخشاش ئىسكەت كىرىپ قالغان شەرۋانەمنى چىرايلىق، ئېسىل كىيىملەر ئىچىدە كۆرگەن سائادەت خېنىمنىڭ ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭغا مەستلىكى كەلدى. شۇنداقتىمۇ كۆڭلىدە بولىۋاتقان داۋالغۇشلارنى ھەر ئىككىسىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىپ، سەيدۇللا بايغا قاراپ:

-سىلى چىقىپ ئىشلىرىنى قىلىۋەرسىلە ئوغلۇم، شەرۋانىخان ئىككىمىز بىردەم مۇڭدىشىمىز، چۈشلۈك غىزا ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەلسىلىلا بولدى،- دېدى.



باش مەھەللە، ئېزىز مىسگەرنىڭ ھويلىسى.

كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزارغان، ئاچچىقتىن لاغىلداپ تىترەۋاتقان رەجەپ مىسگەر ھويلىدا چوڭ بىر كالتەكنى سىقىمداپ تۇتىۋالغىنىچە ئوغلىنىڭ يولىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قاچان قايتىپ كېلىشى ئېنىق بولمىغان ئوغلىنىڭ يولىغا قاراپ مۇشۇنداق ئولتۇرغىنىغا ئىككى ئاش پىشىم بولغان بولۇپ، مۇشۇ ئىككى ئاش پىشىم جەريانىدىمۇ ئاچچىقى قىلچە يانمىغانىدى. ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئاچچىقلىنىۋاتقىنىغا قاراپ قورقۇپ كەتكەن خوتۇنىمۇ بىر ئېغىز گەپ سوراشقا پېتىنالماي، ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىكىدىن پات- پات بېشىنى چىقىرىپ ئۇنى ماراپ بېقىپ ئولتۇراتتى. ئايالنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدىكى، ئەگەر ئوغلى قايتىپ كەلسىلا بۇ ھويلا ئىچىدە بىر مەيدان قاتتىق جەڭ بولاتتى.

ئالاھەزەل ئىككى ئاش پىشىم ئەنە شۇنداق كۈتكەندىن كېيىن ئېزىز مىسگەر ئاخىرى پەيدا بولدى. بۇ چاغ مەھەللىدىكى پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرى ئۆچۈپ خولۇم- خوشنىلار سۇۋارى ئۇيقۇغا كەتكەن ئېغىر ئەلياتقۇ مەزگىلى بولۇپ، ئەگەر ئوغلىنى ساقلاپ ئولتۇرمىغىنىدا ئىدى، رەجەپ مىسگەرمۇ ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كېتىپ ئىككى قىسىم چۈش كۆرۈپ بولغان بولاتتى.

دەرۋازىدىن كىرىپلا ھويلىدا يېنىقلىق تۇرغان چىراقنى كۆرگەن ئېزىز مىسگەر ئۆيدىكىلەرنىڭ تېخى ياتمىغىنىغا ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا كۆزلىرى دادىسىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، جايىدا تۇرۇپلا قالدى. ئۇ بۇ ھالدىن ئۆزىنى كۆڭۈلسىز بىر سوراقنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي كېلىپ دادىسىغا سالام قىلماقچى بولىۋېدى، رەجەپ مىسگەر ئۇنى گەپ قىلدۇرماي ئاچچىقلاپ كايىپلا چۈشتى:

-نەگە باردۇق؟ كەچ بولغاننى كۆرمىدىما كۆزلىرى؟ يېرىم كېچە بولمىغىچە ئۆينى تاپالمايدىغان بۇ قېلىقلىرىنى تاشلىماي ئۆتەملا جاھاندىن؟ يېشىڭ قىرىقتىن ئېشىپ چېچىڭغا ئاق ئارىلىدى ھەي ئەقىلسىز، مۇشۇنداق ئۆيگە كىرمەي ئېشەكنىڭ تاپىدەك سۆرۈلۈپ كېچە- كېچىلەپ تالادا يۈرسەڭ قانداق بولىدۇ؟ قېرىغان جېنىمدا ھە دېسە غېمىڭنى يېگۈزۈپ كەينىڭدىن پالاقشىتماي مېنىمۇ ئارامىمدا كۈن ئۆتكۈزگىلى قويساڭ بولمامدۇ ھەي بىغەرەز؟...

-دادا... شۇ... شۇ ئاغىنە بالىلار بىلەن...

-نەسلى قۇرۇپ تۈگەر شۇ ئاغىنە بالىلىرىڭنىڭ! ھۇ ئەقلىگە مىتە چۈشكەن كاساپەت! قاچانلا قارىسا بار شۇ ئاغىنىلىرىڭ، يا موچەنلىك پايدىسى تەگمەيدۇ ساڭا، يانچۇقۇڭنى قۇرۇغداپ تاپقان پۇللىرىڭنى تەڭ خەجلىشىپ بېرىشتىن باشقا ئىشىمۇ يوق ئۇ ھىيلىگەر تۈلكىلەرنىڭ. ھېي قاچانغىچە شۇلارنىڭ پېشىنى كۆتۈرۈپ كەينىدىن سوكۇلدايسەن، ھە؟ ئەقىل كىرمەمدۇ سەن گۇيغا؟ سەن ھېچنېمىدىن غەم يېمەي مۇشۇنداق ئەتىگەندە چىقىپ كەتسەڭ ئەل ئۇيقۇغا كەتكەندە قايتىپ كىرىپ ياشاۋەرگىنىڭ بىلەن، مېنىڭمۇ يېشىم بىر يەرگە بېرىپ بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى، تاپاۋىتىم، ئىش- ئوقەتلىرىم ياش ۋاقتىمدىكىدەك ئەمەس ھازىر. مۇشۇنچىلىك ۋاقتىمدا كۆڭلۈڭنى ئۆيگە يىغىپ قولۇمدىكى ئىشلارنى ئىلكىڭگە ئالساڭ، مېنىڭ ئىشلىرىمغا يېقىن تۇرۇپ ئاناڭنىڭ ھالىغا يەتسەڭ، قېرىغىنىمدا نېمە يەپ نېمە ئىچىمەن، نېمە كىيىپ نېمە خەجلەيمەن دېگەنلەرنىمۇ خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ، كېيىنلىكىڭ ئۈچۈن ئاز- تولا پۇل- مال يىغىپ قويساڭ نېمە بولىدۇ؟...

-ۋايجان، دادا، مۇشۇ گەپلەرنى دېيىش ئۈچۈنمۇ بىرمۇنچە ئاچچىقلاپ كايىش كېتەمدۇ؟ ئەمدى قىلساممۇ ئۈلگۈرىمەنغۇ؟ ئاچچىقلىماي چىرايلىق دەڭە گەپ بولسا، كەچ بولغاندا ئادەمنىڭ كەيپىنى بۇزۇپ،- دېدى ئېزىز مىسگەرمۇ دادىسىنىڭ ئاچچىقىنى جايىدا مۆلچەرلىيەلمەي، ئەركىلىكىنى قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىلى تەمشىلىپ.

-قارا ما بەچچىغەرنىڭ گېپىنى، ئاچچىقلىماي چىرايلىق گەپ قىلىمىشمەن مەن تېخى! پوق بارمۇ يېنىمدا؟ تۈزۈك تۇرە ھە، قول باغلاپ تۈزۈك تۇر مېنىڭ ئالدىمدا! بۈگۈن سەن گۇينىڭ بالىسى بىلەن قىلىشمىسام بولمايدىغان راۋۇرۇس ھېساب- كىتاب بار، نەچچە ۋاقىتتىن «بوپتۇ، ئوينىۋالسۇن، ئويناپ ھارغاندا قايتىپ كېلەر» دەپ رايىڭغا قويغاننىڭ ئاقىۋىتى بۇرنىمىزدىن بۇلاق چىقىرىدىغاندەك تۇرىدۇ، سەن زادى ئادەم بولامسەن، قانداق قىلىسەن؟ بۈگۈن گېپىڭنى ئوچۇق قىل!...

-ۋايجان، شۇ كەچ قاپتىمەنغۇ شۇ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلسام، بالدۇرراق قايتىپ كەلسەملا بولمىدىمۇ؟

ئېزىز مىسگەر شۇنداق دەپ دادىسىنىڭ گېپىنى بۆلۈپ تۇرۇشىغا، رەجەپ مىسگەر ئاچچىقلىغان پېتى قولىدىكى كالتەكنى ئوغلىنىڭ كۆزلىرىگە چىنەپ ئاپىرىپ تېخىمۇ جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى:

-گېپىمنى تارتىۋېلىپ كاكىرىغان زۇۋانىڭغا ماۋۇنى تىقىۋېتىمەن ھېلى، تولا لىڭشىماي تۈزۈك تۇرۇپ گېپىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلا، ھەي، سەن ئاۋۇ شەرۋانەم دېگەن بۇزۇق قانجۇقنىڭ كەينىدىن قاچانغىچە سوكۇلدىماقچى؟ ئۇنى ئىزدەپ ئالتە كۈندە يەتتە قېتىم ئاياغ مەھەللىگە بېرىۋېلىپ سەيدۇللا باينىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىڭدىن خەۋىرىڭ بارمۇ، يوقمۇ؟ شۇ ئادەملەر ئۈستۈڭدىن شىكايەت قىلىپ ئۆيگىچە كەلدى، ئۇقامسەن شۇنى؟ توخۇ پوق يەيدىغان خۇيىنى ئۆزگەرتمىگەندەك سەن بىرنېمە ئاشۇنىڭ كەينىدىن سوكۇلدايدىغان خۇيلىرىڭنى بىر ئۆمۈر تاشلىماي كەلدىڭ، ئەمدى كېلىپ بېشىمغا بالا بولاي دەمسەن ھەي ئەقىلسىز؟ ئۇ شەرۋانەمنىڭ ماقۇللۇقىدىن خەۋەر يوق تۇرۇپ ئۆيدە بىر ئوبدان ئولتۇرغان خوتۇنۇڭنى ئۇرۇپ دەسسەپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويدۇڭ، ھاي بالام دېسەم ئاجرىشىپ كېتىمەن دەپ ھېلىغىچە قۇلاق مېڭەمنى يەۋاتىسەن، نېمىشقا كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ سېنىڭ؟ سەن شۇنچە پالاقلاپ ئىزىدىن چىقماي يۈرگىنىڭ بىلەن ئۇ شەرۋانەم ساڭا تېگىشنى خالىمايدىكەن ئەنە، ھېچنېمىدىن باشقا، سەيدۇللا باي «مېنىڭ ئادىمىم» دەپ ئالدىغا تارتقان ئادەمنى ساڭا ئۆتۈنۈپ بېرەمتى؟ تولۇق ئىلكىگە ئېلىشقا كۆزى يەتمىسە ئىگىلەپ ئالدىغا تارتىپمۇ يۈرەمتى؟ بىزدەك ئۇششاق تىجارەتچى كۆك نامرات خەقلەرنى بىر قولى بىلەنلا مىجىۋېتەلەيدىغان ئۇ سەيدۇللا بايدىن خوتۇن تالىشىپ ھەددىڭمۇ سېنىڭ؟ كۈندە سىرتقا چىقىپ كېتىپ «ئاغىنىلىرىم، ئاغىنىلىرىم...» دەپ يۈرسەڭ ئاشۇ بولار- بولماس تايىنى يوق شۇملار بىلەن ئىزدىشىپ، نەلەردە ئويناپ يۈرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئەسلى ئاياغ مەھەللىگە بېرىۋېلىپ سەيدۇللا باينىڭ دەرۋازىسىغا چالما ئېتىپ ئوينىغىنىڭكەنغۇ ئۇ سېنىڭ. تۇخۇمنىڭ تاش بىلەن تەڭ بولغىنى بارمۇ؟ شۇ ئادەمنىڭ چىشىغا تېگىپ قانداق قىلىسەن؟ ماڭا ئىش تېپىپ بېرەي دېگەنمىدىڭ؟ مانا ئەمدى ئوبدان بولدىمۇ؟ بۈگۈن ئولتۇرسام شۇ ئادەم كىشى ئەۋەتىپتۇ، ھېلىقى باشقۇرغۇچىسى قەمبەر دېگىنى كېلىپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى. سەيدۇللا باي مېنى «ئوغلىنى گەپكە كىرگۈزۈپ بىز بىلەن ئېتىشمايدىغان، شەرۋانەمنىڭ ئىزىغا چۈشمەيدىغان قىلالىسا قىلسۇن، بولمىسا بالىۋاقىسى، جەددى- جەمەتىنى ئېلىپ بۇ مەھەللىدىن يۈتسۇن، ئەگەر بۇ گەپلەرگە كۆنمىسە مەن ئۆزۈم ئارىغا چۈشسەم بەكلا ئېغىر زىيان تارتىپ ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز پۇشايمانغا قالىدۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دادىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بالىسىغا كەڭچىلىك قىلدىم. لېكىن بۇ قېتىم داۋاملىق كەڭچىلىك قىلىۋەرمەيمەن، شەرۋانەم بىلەن مېنىڭ ئارامىمنى بۇزغانلىق ئۆز بېشىغا پىت تېرىغانلىق، ئېزىز مىسگەرنىڭ بىزدە ئالىدىغان ھېچنېمىسى يوق، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۆزىنى بىلمىسە مېنىڭ ئۇنىڭ ھەددىنى بىلدۈرىدىغانغا تۈرلۈك ئۇسۇللىرىم بار» دەپتۇدەك. شۇنچە قاتتىق گەپنى ئۇ ئادەم مۇنداقلا ئوينىشىپ دەپ قويمايدۇ، سەن زادى شۇنىڭ چىشىغا تېگىپ بىز بىلەن ئۆچەكەشمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ قويۇپسەن. ئەمدى يا سەن غىتىڭنى قىسىپ تۈزۈك ئادەم بولىسەن، يا بىز بۇ مەھەللىدىن يۈتىمىز، ئۇقتۇڭمۇ؟ مېنىڭ بالىلىقىم مۇشۇ يەردە ئۆتكەن، ياشلىقىممۇ، قىرانلىقىممۇ، قېرىلىقىممۇ مۇشۇ يەردە ئۆتتى، ئەمدى بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندا سەن بىغەرەزنىڭ خاپىلىقىدىن يۇرتۇمنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشكە توغرا كەلسە، سېنى ئاپىرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرسەم بېرىمەنكى «نېمە قىلساڭ مۇشۇنى قىل» دەپ، مەن ھەرگىز يۇرتۇمنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا كېتىپ يۈرمەيمەن، خىيالىڭدا «مېنىڭ نوچىلىقىم مەڭگۈ ئاقىدۇ» دەپ چۆچۈرىنى خام سانىغان ئوخشايسەن، سېنىڭ ئۇ پىسپاس نوچىلىقىڭ بىرگە سەيدۇللا باينىڭ ئالدىدا، يەنە بىرگە مېنىڭ ئالدىمدا ئۆتمەيدۇ، مەن دېگەن سېنىڭ داداڭ، پەقەتلا گېپىمنى ئۆتكۈزەلمىسەم پۇتۇڭنى چېقىۋېتىپ، ئۆيگە سولاپ ئالدىڭغا نان تاشلاپ بېرىپ باقساممۇ مېنىڭ ھېساب! شۇڭا ھازىر گەپنى چىرايلىق دەپ قويدۇم، بۈگۈندىن باشلاپ شەرۋانەم، ئاياغ مەھەللە، سەيدۇللا باي، ئايسەنەم خېنىم دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى پاك- پاكىز ئۇنتۇپ كېتىسەن! يۇۋاشلىقچە قولۇمدىكى ئىشلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جەمەتىمىزنىڭ ئىگىلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىسەن، ئەگەر يەنە گەپلىرىمگە بويۇن تولغاپ «ئۆزۈم خالىغاننى قىلىمەن» دەيدىكەنسەن، ما بىز ئوبدان دېيىشىپ قالىمىز! ئاڭلاۋاتامسەن گېپىمنى؟ ما مەن چاقچاق قىلمىدىم، ئەستايىدىل ئويلىنىپ تېزدىن بىر قارارغا كەل! سەن بىلەن سۆزلىشىپ ئىشلارنى ھەل قىلغانلىقىم ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىسەم ئەتە چۈشكىچە سەيدۇللا باي قەسرىدىن يەنە ئادەم كېلىدۇ، سېنىڭ پۇتلىرىڭنى چېقىپ بېشىڭنى يېرىپ قويسىغۇ داداڭ مەن بولغاندىكىن ئۆلۈپ قالمىساڭلا باشقىسىنى داۋالىتىۋالالايمەن، ئەگەر ماڭا توككىدە بىرەر- ئىككى كالتەك تېگىپ كېتىپ ئالدىڭدىلا جان بەرسەم، ئۇ چاغدا دادىنىڭ قاتىلىغا ئايلانغان بولىسەن... ئاناڭ ئىككىمىز قېرىپ قالدۇق، ئەمدى ئازار كۆتۈرگۈچىلىكىمىز يوق، ئېسىڭنى بىلگىنىڭدىن ھازىرغىچە تارتىپ كېلىۋاتقان خاپىلىقلىرىڭ ھېلىغىچە تۈگەپ قالغىنى يوق، ئەمدى بولسىمۇ بىزلەرنى ئويلاپ، ئازراق بولسىمۇ ئاياپ قويغىن، ئەگەر ئاشۇ شەرۋانەم ئاناڭ ئىككىمىزدىن مۇھىم بولسا ئۇنىڭ گېپىنى قىل، ئىشقىلىپ... بۇ قېتىم ئالدىڭدا پەقەت ئىككىلا يول بار، يا ئاناڭ ئىككىمىزدىن ۋاز كېچىسەن، يا شەرۋانەمدىن!...

-دادا... بۇ... مەن... ئۇنداق دېمىگىنە دادا...

-مەن ئۇنداق دېمىگىنىم بىلەن سەيدۇللا باي دېمىگىنىمگە قويامدىكەن؟ بوش ئادەم ئەمەس ئۇ، ئەگەر ئىشلارنى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلمايدىغان بولساق بىر يەرلىرىدىن چاتاق چىقىرىپ ئىككى پۇتىمىزنى بىر پاي ئۆتۈككە تىقىدۇ، ئۇنى دېمىگەندىمۇ مەن ئۇ شەرۋانەمنى قىز ۋاقتىدىمۇ كېلىن قىلىشنى خالىمىغان، ھېلىھەم تېخىمۇ خالىمايمەن، شۇ چاغلاردىمۇ يامان ئاتىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ ئاز سېسىمىغان ئۇ، ئەمدى ھازىر سەيدۇللا باينىڭ قەسرىگە بېرىۋېلىپ شۇ كىشىنىڭ ئوينىشىغا ئايلىنىپ كەتكىلى نە زامان، ئاشۇنداق ئىشتان بېغى بوش، قوڭى پەس خوتۇننىڭ كەينىدىن ھەجەپمۇ يۈرۈپ كەتتىڭ پالاقشىپ دۇنيادا ئاياللار ئۆلۈپ تۈگىگەندەك...

-ياق دادا، شەرۋانەم ئۇ ئادەمنىڭ قەسرىدە تۇرغىنى بىلەن شۇ ئادەمنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇ... سەيدۇللا باي بىلەن باشقا ئىشى يوق ئۇنىڭ، سەن ئارتۇقچە...

105-قىسىم


سېنىڭ جاھاننامە ئەينىكىڭ بارمىدى نەلەردە نېمە ئىش بولىۋاتقىنىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپلا كۆرەلەيدىغانغا؟ ئۇ خوتۇن سەيدۇللا باينىڭ قەسرىدە تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە نېمە ئىش بولىۋاتقىنىنى بۇ مەھەللىدە يۈرۈپ سەن بىلەمتىڭ؟ شۇنداقراق بىر يەرلىرى بولمىسا نېمىشقا يىللاپ ئۆيىدىن چىقارتمايدۇ شەرۋانەمنى؟ تېخى ئىككى قېتىملىق تويىنى بۇزۇپ شەرۋانەمنى ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆزىچىلا ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتىمىش، باشقا ئىشى بولمىسا نېمىشقا تويىنى بۇزۇپ ئېلىپ كېتىدۇ ئەمىسە؟ دوپپاڭنى تىزىڭغا كىيدۈرۈپ قويۇپ ئولتۇرۇپ تۈزۈك ئويلان سەن، ئۇ شەرۋانەم ھازىر سېنى ياراتمايدۇ، بىلىۋاتامسەن؟ سەيدۇللا بايدەك يولىمۇ، پۇلىمۇ بار، قولىنى قاياققا سوزسا شۇ ياققا يېتىدىغان، ھەركىمگە ھەرنېمە دېسە گەپ يوق ئۆتىدىغان، يۇرتنىڭ كۆزى بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇنداق باي ئادەم ھىمايىسىگە ئالغانىكەن شەرۋانەم چوقۇم ئۇ تەرەپتە دېگەن گەپ. باشقا بىرەر ئۆزگىرىش بولۇپ قېلىپ سەيدۇللا باي ئۆزى ئۇرۇپ تىللاپ قەسرىدىن قوغلىۋەتسە قانداقكىن، بولمىسا ئۇ شەرۋانەم سېنى زىنھار ياراتمايدۇ، ھالىڭغا بېقىپ ئىش قىل، ھەممىدىن مۇھىمى ھازىر تاللاشنى ساڭا بەردىم، يا مەندىن ۋاز كېچىسەن، يا شەرۋانەمدىن!...

رەجەپ مىسگەر شۇلارنى دەپ گېپىنى تۈگەتتى. قان ئىچىدىغاندەك غەزەب بىلەن چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان كۆزلىرىگە باققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭ چاقچاق قىلمىغانلىقىنى، ھەممە گەپلىرىنى تولىمۇ ئويلىشىپ، پۇختا قارار چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن ئوتتۇرىغا قويىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتەلەيتتى. دادىسىنىڭ قەتئىي نىيەتلىرى ئۇچقۇن چاچرىتىپ تۇرغان ئۇ كۆزلىرىگە باشقا يۈزلىنىشى قالمىغان ئېزىز مىسگەر ئىلاجىسىزلىقتىن لېۋىنى چىشلىگىنىچە بېشىنى ئەگدى.



(147)



سائادەت خېنىم شەرۋانەم بىلەن ئايرىم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇنى قەسىردىن كېتىشكە زورلىماي شۇ ئۆيدە قېلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن ئاتايىن ئىمىنتوختى باينى چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، شەرۋانەمنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ تاشپولات بايۋەتچىگە تەگكۈسى يوقلىقىنى، ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا تاشپولات بايۋەتچىگە غەمخورلۇق قىلغانلىقى پەقەت ئۇنىڭ مېيىپ بولغانلىقى تۈپەيلى ئىچ ئاغرىتىپ ھەم تەسەللىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەنگىنى ئۈچۈن كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ قويۇش سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى، يەنە بىر جەھەتتىن سائادەت خېنىم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن بېجىرىپ، بۇ ئۆيدىكى ھەممە ئىشلارنى جايى- جايىدا رەتكە سېلىپ مېڭىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى بىلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە تاشپولات بايۋەتچىنى ئۈمىدلەندۈرگۈدەك ھېچقانداق ئارتۇقچە ئىش ۋە ئارتۇقچە خىياللاردا بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىمىنتوختى باينىڭ ھەم كۆڭلى يېرىم بولدى، ھەم ئاچچىقى كەلدى. ئۇ ئوغلى بىلەن شۇ گەپلەرنى دېيىشىپ قەشقەردىن بۇيانغا ماڭىدىغان چاغدا شەرۋانەمنى چوقۇم ئالالايمىز دەپ ئىشەنچ بىلەن قەدەم ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلارنىڭ مۇنداق نەتىجە بەرگىنى ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي كۆڭلىنى بەكلا يېرىم قىلغانىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان يەردە تاشپولات بايۋەتچىنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولاتتى. بەلكىم ئۇ مۇشۇ بىر ئىش تۈپەيلىدىن ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ياشاشتىنمۇ رايى قايتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. كونىلارنىڭ «كېسەلچان بالا يۈرەككە ئەڭ يېقىن بولىدۇ» دېگەن گېپى ھەقىقەتەن راست ئېيتىلغانمىكىن، ئىشقىلىپ ئىمىنتوختى باي ئەر- ئايالغا مۇشۇ ئوغلى باشقا بالىلىرىغا قارىغاندا سۆيۈملۈك، مېھىرلىك تۇيۇلاتتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مېھرى باشقىچە ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە تولۇق قاندۇرۇش، ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى ئۇ كۈتكەندىن ئاشۇرۇپراق ئورۇنلاپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايتتى ھەم شۇنىڭدىن خۇشال بولاتتى. مانا ئەمدى چوقۇم قىلالايمىزغۇ دەپ كۆزگە ئىلمايلا قارار قىلىۋەتكەن بۇ ئىشتا گېپى ئۆتمىدى. شۇ تاپتا ئۆز ئانىسىنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئېيتىپ چىقسا تاشپولات بايۋەتچىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ئىمىنتوختى باي مۇنداق بولۇشىنى خالىمايتتى ۋە ئوغلىنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىملىقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى خەنجەر تىققاندەك ئاغرىتاتتى.

شۇلارنى ئويلىغان ئىمىنتوختى باي بۇ قېتىم ئانىسىدىن رەنجىۋالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئانىسىنىڭ شەرۋانەمگە گېپى ئۆتەتتى، ئەگەر «مۇشۇ نەۋرەمگە تېگىشىڭ كېرەك» دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلسا، شەرۋانەم بۇ گەپكە ھەرگىز ياق دېيەلمەيتتى. ئەمما ئانىسى ياردەم قىلماقتا يوق باشتا «بۇ ئىشقا قوشۇلمايمەن» دەپ تۇرىۋالدى، ئارقىدىنلا «مەن قوشۇلاي دېگەن، لېكىن شەرۋانەمنىڭ تاشپولاتقا تەگكۈسى يوقكەن» دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، شۇ گەپكە ھەممەيلەننى ئىشەندۈرمەكچى بولدى. دېمەك، شەرۋانەمنىڭ تەگكۈسى يوق ئەمەس، سائادەت خېنىمنىڭ شەرۋانەمنى تاشپولاتقا بەرگۈسى يوق. ئانا تۇرۇپ مۇنداق باغرى تاش بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئۆزىنى يوقلاپ پات- پات كېلەلمىگەنلىكىگە ئاداۋەت قىلسىمۇ مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە ئۆچىنى ئالمىسا بولمامدۇ؟ ئىشلارنى مانا مۇشۇنداق ئويلاپ ئۆز كۆڭلىنى بىسەرەمچان قىلىۋالغان ئىمىنتوختى باي ئاخىرى چىشىنى غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئانىسىغا گۆلەيدى ۋە:

-مەن سىلىدىن قوللىرىدىن كەلمەيدىغان نەرسىنى تەلەپ قىلمىدىم، ئانىكا، «تاغنى تالقان قىلىپ بەرسىلە، چۆلنى بوستان قىلىپ بېرەتتىلە...» دەپ بولمىغۇر تەلەپ قويۇپ باققان يېرىم يوق، پەقەت قول ئاستىلىرىدىكى بىر دېدەكنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا سوراۋاتىمەن، خالاس. شۇنچىكى تەلىپىم خىياللىرىغا مەنزۇر كەلمىگەن بولسا نەزەرلىرىدە مەندەك ئوغۇللىرى يوقكەن، مېنى مۇنداق نائۈمىد قويار دەپ پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم سىلىنى. ھازىر چىقىپ بۇ گەپلەرنى تاشپولاتقا دەپ باقاي، ئەگەر ئۇ توغرا چۈشىنىپ «بوپتۇ، مومامنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسۇن» دەپ قالسا ئىشنىڭ يولى باشقىچە، ناۋادا شۇ بالامنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ كۆزىدىن ياش ئېقىپلا قالىدىغان بولسا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە سىلىگە ئاداۋىتىم بار، پەملەپ باقسام، سىلى ئۇ شەرۋانىخاننى مېنىڭ بالامغا ئەمەس، ئۆز ئوغۇللىرى سەيدۇللاغا ئېلىپ بەرمەكچىدەك قىلىلا، كىمگىلا بەرسىلە ئوخشاشلا مۇشۇ ئائىلىگە كېلىن بولىدىغان بىر ئايالنى مەندىن، بالامدىن ئاياپ قالدىلا، مۇشۇ سەۋەبلىك ئاداۋەتلىشىپ قالساق، بەلكىم بۇ قېتىم كەتسەم ئەمدى بۇ يۇرت تەۋەسىگە ئالدىمنىمۇ قىلماسمىنا!- دېدى.

ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى سائادەت خېنىمغا ئېغىر كەلدى. شۇ بىر كېتىۋالغىنىچە ساق ئۈچ يىلغىچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن ئوغلىنىڭ بۇ قېتىم تۇيۇقسىز كېلىپلا ئۆزىنى يوقلىغىلى ئەمەس، قەسىردىن بىر ئايالنى كېلىنلىككە سوراپ كەلگىنى ھەم بۇ كېلىنلىك قوبۇل قىلىنمىغىنىدا مانا مۇشۇنداق گۆلىيىپ زەھىرىنى ئۆز ئانىسىغا سانجىغىنى ھەقىقەتەن بۈزرۈك خانىمنىڭ كۆتۈرۈش تۆۋەن چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلىنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئاچچىقى كەلگەن سائادەت خانىمنىڭ غەزەبتىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. ئۇ خۇددى ئىمىنتوختى باينى ئېغىز چىشىغا ئېلىپ چايناپ پۈركۈۋېتىدىغاندەكلا بىر غەزەب بىلەن چەكچىيىپ تۇرۇپ:

-ياخشىغۇ، مانا خويمۇ ئوبدان ھە! قانات- قۇيرۇقلىرى يېتىلگەن نوچىلار ئەمدى كېلىپ ئۆز ئانىسىغا چەكچەيگۈدەك، كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ گۆلەيگۈدەك بوپتۇ، مۇشۇنداق قىلار دەپ مىڭ جاپادا بېقىۋېدىم ئۆزلىرىنى، ھەرنېمە بولسا ئۈمىدىمنى يەردە قويمىدىلا جېنىم بالام، بوپتۇ، ھازىرلا چىقىپ ئوغۇللىرىغا مېنىڭ دېگەن گەپلىرىمنى يەتكۈزسىلە، ئەگەر شۇ ئوغۇللىرى كۆزىنىڭ يۇندىسىنى چىقىرىپ مىتتىدە يىغلاپ سالىدىغانلا بولسا ماڭا ھەرگىز رەھىم- شەپقەت قىلماي ئاداۋەتلىرىنى تۇتىۋەرسىلە! ۋاقتى كەلگەندە شۇ ئوغۇللىرى ئۈچۈن شەرۋانىخاننى تالىشىپ يا مەندەك ئانىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئانا- بالىىقتىن تېنىشىپ كېتەرلا!...- دېدى.

بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن ۋەزنى ئېغىر ئىدى. سائادەت خېنىممۇ بۇ گەپنى ئوغلىدىن ئۈمىدىنى ئۈزەي دېگەندە ئاندىن ئېغىزىدىن چىقىرىپ سالغانىدى. ئىمىنتوختى باي بۇ گەپنى ئاڭلاپ غىققىدە بولۇپ ئۇجۇقۇپلا كەتتى-يۇ، ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ يارىماي تېقىمىغا تىنىپ ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتى.



سەيدۇللا باي قەسرىدە قالغان باشقا بالىلىرىنى كۆرمىگىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشقاندا ئۇلارنى سېغىپ چىدىمىغان مېھرىيار خېنىم ئاخىرى ئاۋۇت باينىڭ قەسىر باشقۇرغۇچىسىنى بالىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرىدى. لېكىن گەپنىڭ ئورامىدىن خەۋەر تاپقان سەيدۇللا باي قىلچە يۈز ئاياپ ئولتۇرماستىن ئۇ كىشىگە:

-بالىلارنى ئاۋۇت باي قەسرىگە ئەۋەتمەيمەن، مېھرىيار خېنىمنىڭ ئۇلارنى كۆرگۈسى بولسا بىرمەزگىل چىداپ تۇرسۇن، ئاۋۋال ئايسەنەم خېنىم بىلەن دانىيار بايۋەتچىنىڭ تويىنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن ئەۋەتەي، بولمىسا ئۇ بالىلارغا ئىش ئۆگىتىپ باشقا ئىشلارنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ، ئۆيدىكى ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىپ بولالماي قالغاندا ئۇ تېرىپ بەرگەن ئىشلارنى جۆندىگۈدەك ھالىم يوق مېنىڭ،- دېدى.

خېلى سالا- سۈلھىلەرنى قىلىپ مەسلىھەتكە قىستاپ بېقىپمۇ سەيدۇللا بايغا گېپىنى يېگۈزەلمىگەن بۇ كىشى ئاخىرى سالپايغىنىچە كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ كېتىپ، سەيدۇللا باي بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى مېھرىيار خېنىمغا تولۇق يەتكۈزدى. بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ تاتلىق تاماسىدا ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان مېھرىيار خېنىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يىغلىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىسىغا نە تەسەللى، نە كۆڭلىنى ياساشلار كار قىلمىدىكى، ئاچچىقىدا باغرىنى سۆكۈپ كىملەرنىڭدۇر ئالدىغا ئاتقۇدەك، ئۆزىنى ئۆزى ھەريان ئۇرۇپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ۋەيرانە بولغۇدەك بىر ھالدا تۈگىشىپ كەتتى. مېھرىزات ئاغىچا خېنىممۇ قىزىنى باغرىغا بېسىپ ئۇزاقتىن ئۇزاق تەسەللىي بەردى، ئەمما بۇ تەسەللىلەرنىڭ قىلچە پايدىسى بولمىغاندىن كېيىن بىردەم مۇشۇنداق يىغلىۋالسا يەڭگىللەپ قالار دېگەننى ئويلاپ، ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى. يىغلايدىغاننى يىغلاپ ئۆزىنى خېلى ئۇزۇن بىسەرەمجان قىلغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئەقلىگە كېلىپ، مۇنداق يىغلاپلا ئولتۇرسا ئىش تاڭ ئاتمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشقا ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىدىن قاچىدىغان بولۇپ قالغىلى خېلى بولغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ياشلىرىنى زەردە بىلەن سۈرتتى. ئاندىن ھېلىلا سەيدۇللا باي قەسرىدىن قايتىپ كەلگەن باشقۇرغۇچىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇنىڭغا:

-سىز ھازىرلا چىقىپ مەپە قېتىپ مېنى سەيدۇللا باي قەسرىگە ئاپىرىپ قويۇپ كېلىڭ، ئۇ بالىلىرىمنى يېنىمغا كەلگىلى قويمىغانىكەن، مەن ئۆزۈم بالىلىرىمنىڭ يېنىغا بارىمەن، قائىدىمىزدە ئۆيگە كەلگەن تىلەمچىنىمۇ قۇرۇق قول ياندۇرمايدىغان، ئۆيگە باشلاپ مېھمان قىلىپ، ھېچ بولمىسا بىرەر نان تەڭلەيدىغان ئادەت بار، ئۇ خەقنىڭ ئالدىدا ھېچ بولمىغاندا تىلەمچىلىك بولسىمۇ يۈزۈم باردۇ؟ مېنىڭ يۈزۈمنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم دادامنىڭ يۈزىنى قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزى يۈز قىلمىسا مەنمۇ بوش كەلمەي جىدەل قىلىمەن، قېنى نوچى بولسا مېنى ئۇرۇپ سوقۇپ سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ يولغا تاشلىۋېتىپ باقسۇن!- دېدى.

ئاۋۇت باينىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىشنى تازا مۇۋاپىق كۆرمىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئۆيدە قالغان بىردىنبىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر ئاۋۇت باي ۋە مېھرىزات خېنىملار ھەممىسى مېھرىيار خېنىمنىڭ ئېغىزىغا قارايدىغان، ئۇنىڭ رايىغا بارىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ مېھرىيار خېنىمنىڭ ئالدىدىن ھۆرمەت- تەۋەزۇ بىلەن ئاستا يېنىپ چىقىپ، ئۇدۇل بېرىپ بۇ ئىشنى ئاۋۇت بايغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە سالدى.

ئاۋۇت باي بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي بىرھازا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەي، ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتقىنىچە لاغايلاپ مېڭىپ مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قالغان باشقۇرغۇچىسى بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى. ئاندىن سەل- پەل كاللىسى ئىشلىگەندەك بولۇپ ئاۋۇت باينىڭ بۇ قېلىقىنى مۇنداق تەھلىل قىلىپ باقتى؛ ناۋادا ئاۋۇت باي بۇ ئىشقا قوشۇلغان بولۇپ «مېھرىيارنىڭ دېگىنىدەك قىلىڭ» دەپ بۇيرۇپ قويسا، شۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر بۇ ئىش يامىنىغا ئۆرۈلۈپ قالسا «قىزىنى دادىسى قوللىغان» دېگەن ئاتاققا قالىدۇ، ناۋادا «ئۇنداق قىلماڭ، مېھرىيارنىڭ گەپلىرى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن» دېسە، بالىلىرىنى كۆرەلمىگەن ھەم ئاچچىق يۇتىۋالغانلىق سەۋەبىدىن مېھرىيار خېنىم ئۆزىگە بىرەر ئىش قىلىپ جېنىنى قەستلەپ قويسا ئاۋۇت باي ئەر- ئايالمۇ ئوخشاشلا ئازابلىنىدۇ. بەلكىم تېخى مېھرىزات ئاغىچا خېنىم ئېرىگە ئېسىلىۋېلىپ «ئەگەر سەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلغىلى قويغان بولساڭ قىزىم ھايات قالاتتى، يېنىمدا تۇراتتى» دەپ جېدەل قىلىپ، ئالەمنى مالەم قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ھازىر ئىشتىن بۇرۇن خەۋەر تاپمىغان بولۇۋېلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالسا، ۋاقتى كېلىپ ئۇنداق، مۇنداق بىر ئىشلار بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاۋۇت بايغا ھېچقانداق سەۋەنلىك ياكى جاۋابكارلىق يۈكلەنمەيتتى.

شۇلارنى ئويلاپ تەھلىل قىلىپ تۇيۇقسىز كۆڭلى پاللىدە يورۇپ كەتكەن باشقۇرغۇچى كۈلۈپ كەتكىنىچە مەپىنى قوشۇش ئۈچۈن ئېغىل تەرەپكە ماڭدى.


       

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章