دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
-ئەمدى... مېھرىيار خېنىم، بۇ يەردە ھېچكىم سىلىنىڭ خالاش- خالىماسلىق، قوشۇلۇش- قوشۇلماسلىق، ئېتىراپ قىلىش- قىلماسلىقلىرىنى سوراپ ئولتۇرمايدۇ. مەن بالىلارنىڭ دادىسى، بېقىۋالغىنىمۇ مېنىڭ بالام، ئۆزۈم تاپقىنىممۇ مېنىڭ بالام. ئۇلارنىڭ توي مەسىلىسى، كېيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئويلاشقا توغرا كەلگەندە «ئۇ مۇھىم، بۇ مۇھىم ئەمەس» دەپ ئولتۇرماي، ھەممىنى مۇھىم بىلىپ ئويلىشىمەن، مۇنداق بىر ئىشنى سەمىلىرىگە سېلىپ قوياي، ھاياتتا بىر ئوغۇل بالىغا ئۆزىنىڭ كۆڭلى يوق بىر قىزنى ئېلىپ بەرسەك، ئۇ ئۆيگە، ئۇ ئايالغا كۆڭلى چۈشمىسە، ئالغان خوتۇننى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ تالادا ئوينايدىغان چىقىپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئۆزى خالايدىغان، بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغاننى ئېلىپ بەرسەك ئۇلارنىڭ ئۆيى مېھىر- مۇھەببەتلىك بولىدۇ، تۇرمۇشىمۇ خۇشال- خۇرام ئۆتىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىپ بەش، ھە ياق، تۆت بالىنىڭ ئانىسى بولغان بىر ئايالغا بۇ گەپلەرنى مەن دەپ يۈرۈشۈمنىڭ ئورنى يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ مەيلى. ماھىبەدەر خېنىم ئىككىڭلار ئايچېھرە خېنىمنى «ئۆيدىن چىقالماي بىچارىلەرچە ئولتۇرىدۇ» دەپ كەتتىڭلار، ناۋادا ئۇنى ياخشى كۆرەلمەيدىغان دانىيارغا زورلاپ تويىنى قىلىپ قويساق، دانىيار ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرەلمىسە ئوخشاشلا ئۆيدىن تالاغا چىقالماي، يەنىلا ئازاب- ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ، سىلى بۇ ئاقىۋەتنى خالامدىلا؟ ئۇ گەپلەرنى دەۋېرىپ شۇ تاپتا مېنىڭمۇ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، ئايال كىشى دېگەن ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا يول ماڭمايدىغان، ئۇلار ھەممىسى مېنىڭ بالىلىرىم تۇرسا، ئەجەبا مەن شۇلارغا يامان بولىدىغان نۇقتىدىن ئويلارمەنمۇ؟
-مېنىڭچىمۇ سىلى بەك جېق سۆزلەپ كەتتىلە، بىز دانىيار بايۋەتچە ئۈچۈن خەيرۇللا بايدىن ماقۇللۇق سورىغىلى كەلگەن، سىلى ئارىلىشىۋالمىغان بولسىلا ناھايىتى ياخشى بولاتتى،- دېدى ماھىبەدەر خېنىم ئولتۇرغان ئورنىدىن ئوبدانلا قىمدىنىپ كۆتۈرۈلۈپ قويۇپ.
-سىلى مۇنداق دەپ يۈز- خاتىرىنى قايرىۋەتكەن ئىكەنلا مەنمۇ يۈزىمىزنى ئاياپ ئولتۇرماي ئەمىسە گەپنى ئوچۇق قىلاي، دانىيار ئالىمەن دېسە ئايسەنەمنى بېرىمەن، ئايچېھرەنى ئەمەس. يەنە كېلىپ ئايچېھرەنىڭ توي ئىشىدا ئانىسىنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، مەن - دادىسىنىڭ دېگىنى ھېساب! ئۆزلىرىنىڭ ئىككى بالىنىڭ دادىسىدىن بىسوراق ھالدا ئەلچى بولۇپ كېلىشلىرى ئۆز ئۆزىنى چاغلىمىغانلىق، گۈرۈچتىن خەۋەر يوق سەۋزە دەم يېگەنلىك! پەمىمچە سابىق پەدەرى قېيىنئاتام بۇياققا كېلىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئوخشايدۇ، ئەگەر شۇ كىشى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان بولسا ھەر قايسىلىرىنى ھەرگىزمۇ كەلگىلى قويمىغان بولاتتى، چۈنكى شۇ كىشىمۇ بۇ ئەلچىلىكلىرىنىڭ پەقەتلا قاملاشمىغان بىتايىن ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى ئاللىقاچان پەرەز قىلغان بولاتتى،- دېدى سەيدۇللا بايمۇ بىراقلا چىرايىغا سۈرلۈك تۈس بېرىپ، سابىق قېيىنئانىسى بولمىش مېھرىزات خېنىمغا چەكچىيىپ قاراپ. ئۇنىڭ بۇ سۈرلۈك قاراشلىرىدىن تېنى شۈركەنگەن مېھرىزات ئاغىچا خېنىممۇ لېۋىنى چىشلىگىنىچە يەر بېقىپ جىم بولدى.
شۇنداق قىلىپ باشقا نورمال پەيتلەردە بولسا ئۆيگە كەلگەن ئەلچىلەرنى «بالا بىلەن، ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋابىنى بەرسەك» دەپ يولغا سالىدىغان قائىدە بىرياقتا قېلىپ، ئۇلار كەلگەن كۈنىلا ئوڭدىن، سولدىن، شېخىدىن، بېغىدىن قېقىپ يۈرۈپ، گەپكە تويغۇزۇپ يولغا سېلىپ قويۇشتى. شۇ جەرياندا ئاساسىي مەقسەت ئايدىڭ بولدىكى، سەيدۇللا باي ۋە خەيرۇللا باي ھەر ئىككىلىسى دانىيار بايۋەتچىگە ئايچىھرە خېنىمنى بېرىشنى قەتئىي قوللىمايدىكەن، ئۇلار جان- جەھلى بىلەن ئايسەنەم خېنىمنى دانىيارغا جۈپلەشنىڭ كويىدا ئەقلىدىن ئازايلا دەپ قالغان «بىئەقىل كىشىلەر» ئىكەن.
ئەلچىلىكتىن سوغۇق داستىخان ۋە سوغۇق گەپلەر بىلەن بىتايىنلا ئۇزىغان ئاياللار تاكى ئۆز ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتىشكىچە بىر- بىرىگە تاپا- تەنە، دوقا- دەشناملار بىلەن قاتتىق، يىرىك تېگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىلدىكى چەكتىن ئاشقان ئەلچىلىككە ئىككىنچىلەپ ئاۋاز قوشمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز ئىپادىلىرىنى بىلدۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرۈشتى. ئارىدىكى نەچچىسى ھەتتا «ۋاي ئۆلەي، ۋاي نومۇسۇم!... بۇنىڭدىن كېيىن توي بولىدىغان ئىش بولسىمۇ بىزنى چاقىرماڭلار، ئايچېھرە خېنىمنىڭ تويىغا كەلمىگەنگە يۇرت خەلقى بىزنى بۇ يەردىن قوغلىۋەتمەس!؟...» دەپمۇ تەنە قىلىشتى. مەيلى كىم نېمە دېيىشىدىن، ئۇ باشلىغان ئىشنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەر بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، مېھرىيار خېنىمنىڭ ئانىلىق قەلبىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ئۆز بالىلىرىنىڭ بەختىنى ئويلىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن يۈرىكىمۇ، يۈزىمۇ كۆيىدىغان بۇ نومۇسلىق ئەلچىلىككە تەۋەككۈل قىلىپ باققان ئىدى...
(142)
ماھىبەدەر خېنىم سىڭلىسىنىڭ ئەلچىلەر ئۆمىكىگە قاتنىشىپ خەيرۇللا باينىڭ ئۆيىدە سازايى ۋە شەرمەندە بولۇپ ئولتۇرغان شۇ پەيتتە ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەتىۋارلىق ئوغلى باھايىدىن بايۋەتچە سەيدۇللا باينىڭ گېلەمچىلىك كارخانىسىغا ئىشلەمچى بولۇش ئۈچۈن كەلدى. بۇ چاغدا ئايسەنەم خېنىم سىڭىللىرى بىلەن ئەمدىلەتىن ياخشى بولۇپ قالغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن قەسىردە قالغان بولۇپ، گېلەمخانىغا كەلمىگىنىگە نەچچە كۈن بولۇپ قالغانىدى. ئەلۋەتتە ئۇ كەلمىگىنىگىمۇ ئىشلار توختاپ قالمايتتى. ئۇ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئىككى نەپەر ياردەمچىسى ئۇنىڭ ئورنىدا ھەممە ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇراتتى ھەمدە ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئالدى بىلەن قەسىرگە كېلىپ ئۇنىڭغا بىر كۈنلۈك ئىشلارنى مەلۇم قىلىۋېتىپ، ئەتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتاتتى. بۇ ياردەمچىلەر ئايسەنەم خېنىمنىڭ ئورنىدا گېلەمخانىغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئىشقا ئالسا، ئايلىق مائاش ۋە باشقا تەمىناتلىرىدىن مەلۇمات بېرىپ ئۇلارنى كۈندىلىك ئىشلارغا بۇيرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ كەتسە بولىۋېرەتتى. گېلەمخانىدىكى بارلىق ئۇستا، ئىشلەمچى ۋە شاگىرتلارغا ئوخشاشلا ئۇلارمۇ باھايىدىن بايۋەتچىنى تونۇيتتى. ئۇنىڭ ماھىبەدەر خېنىمنىڭ ئەتىۋارلىق يالغۇز ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلەتتى. لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئايسەنەم خېنىمغا ئەلچى قويۇپ بىر قېتىم رەت قىلىنغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭا ئۇلار باھايىدىن بايۋەتچىنىڭ «ئۆمۈر بويى ئانىكامنىڭ قولىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈپ بولالمىغۇدەكمەن، ئەمما ئانىكام ئىگىلىكنى مەن باشقۇراي، پۇل تاپىدىغان ئىشلارغا مەنمۇ ھە- ھۇ دېيىشەي دېگىنىمگە ئۇنىماي، سەن دېگەن مېنىڭ بىر تاللا ئوغلۇم، ئىش قىلساڭ، چارچاپ قالساڭ بولمايدۇ، سەن پەقەت ئۆيدە ئولتۇرۇپ مەن تېپىپ بەرگەن پۇلنى خەجلەپ راھەت- پاراغەتتە كۈن كەچۈرسەڭلا بولدى، دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن مەن بۇلارنى خالىمىدىم، تەييار تاماقنى يەپ، تەييار پۇلنى خەجلەپ ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكتىم، شۇڭا ئىشلەپ ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ جېنىمنى بېقىشنى ئۆگىنەي دەۋاتىمەن، بەلكىم مۇشۇ يوللاردىن ئاز- تولا تەجرىبە ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ قالساممۇ ئەجەب ئەمەس» دېگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپ قېلىپ، ئۇنىمۇ باشقا ئىشلەمچىلەرگە ئوخشاشلا ئىشقا قوبۇل قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەمچى بولۇشتىكى بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ ھەرۋاقىت ئايسەنەم خېنىمنى كۆرۈپ تۇرۇش ئىكەنلىكى ۋە پۇرسەت تاپسا ئۇنىڭ بىلەن ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، كۆڭلى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ ئۇنى ئۆزىگە تېگىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولىۋاتقانلىقىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئايسەنەم خېنىم ۋە ئايتۇرسۇن خېنىملارنىڭ ئۇ ياردەمچىلىرى ئادەتتە گېلەمخانا ۋە كەشتىخانىلارغا ئىشلەمچى ئالسا بۇ ئىشنى ئىككى قىزغا مەلۇم قىلمايتتى. «ئىشلەيتتىم» دەپ كەلسە تىزىملاپ خىزمەتكە ئېلىپ، «ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالدىم» دېسە ئايلىق مائاشىنى ھېسابلاپ قولىغا تۇتقۇزۇپ يولغا سېلىپ قويۇپ، ئىشلارنى نورمال ئېلىپ مېڭىۋېرەتتى. شۇ سەۋەبتىن باھايىدىن بايۋەتچىنىڭ سەيدۇللا باي گېلەمخانىسىغا ئىشلەمچىلىككە كېلىپ شۇ يەردە بولۇپ قالغىنىدىن ئايسەنەم خېنىمنىڭ پەقەتلا خەۋىرى بولمىدى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى بولمىغان بۇ ئىشلار ماھىبەدەر خېنىمنىڭ ئاچچىقىنى قاق تۈۋىدىن تۇتقۇزۇپ، ئۇنى گويا ئەقلىدىن ئازغان ساراڭدەكلا قىلىپ قويغانىدى. ئەتىۋارلىق يالغۇز ئوغلىنىڭ باي قەسىرىنىڭ گېلەمخانىسىغا ئادەتتىكى بىر ئىشلەمچى، يەنى مەدىكار ھېسابىدا بېرىۋالغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ماھىبەدەر خېنىم شۇ يەرگە ئادەم باشلاپ بېرىپ، تىللاپ تارتقۇشلاپ سۆرەپ يۈرۈپ ئوغلىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن ئوغلى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئەگەر ئانىسى داۋاملىق مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىۋەرسە ئۇنىڭ بىلەن ئانا- بالىلىقتىن تېنىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تاش چىشلەپ تۇرىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكىلەر بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي، بىر- بىرىگە قارىغىنىچە تۇرۇپلا قېلىشتى. ئوغلىنىڭ بۇ قاراملىقىدىن بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ يۈز- ئابرويىنى تۆكۈۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ بەكلا خاپا بولغان ماھىبەدەر خېنىم كۆزلىرىدىن تارام ياش تۆكىنىچە:
-ئۆيگە ياكى ماڭا لازىم بولۇپ قېلىپ «ئىشلەپ بەش تەڭگە پۇل تېپىپ كەل» دېگەن بولسام ھەرگىزمۇ ئۇنىماستىڭ، كونىلار «كۆڭۈل ياتقان جايدا ئىت ياتماپتۇ» دەپ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن، سەن ئاشۇ ئايسەنەمنى دەپ ھەتتا بۇ خەقنىڭ مەدىكارى بولۇشتىنمۇ باش تارتمىدىڭ... سېنى مۇشۇنداق قىلسۇن دەپ... مېنى رەسۋايىئالەم قىلىۋەتسۇن دەپ باققان بولغىيمىتىم؟... ئاناڭنى مۇنداق قاقشاتمىساڭ، مۇنداق يىغلاتمىساڭ نېمە بولار جېنىم بالام؟...- دېدى.
ئېزىز مىسگەر مەھەللىدىكى مىش- مىش پاراڭلاردىن شەرۋانەمنىڭ ئۆگۈنلۈككە تويى بولىدۇ دېگەن كۈنى ئاخشىمى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى، مەتنۇر ياغاق ئەر- ئايالنىڭ ئامالسىزلىقتىن بۇ توينى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قۇدا بولمىش تەرەپنىڭ سوۋغا- سالام ۋە تويلۇقلىرىنى جايىدا قايتۇرۇپ، بىرمۇنچە ئىزا- ئاھانەتكە كۆمۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلاردىن ئەپۇ سوراپ ئىشنى تۈگەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا توينىڭ بۇزۇلغانلىقىغۇ ياخشى بولغان ئىش ئىدى. لېكىن شەرۋانەمنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى، نېمە سەۋەبتىن يوقاپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش بولۇپ قالدى.
دەل كۆڭۈل ئارامىنى بۇزغان مۇشۇ ئىش يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ ئەقلى- ھوشىنى قالايمىقان قىلىپ، قانچە كۈچىسىمۇ ياخشى تەرەپكە تارتمايۋاتقان ھەممە ئىشلارنى باشقىلاردىن كۆرۈپ، ئەتراپىدىكى ھەممىلا ئادەملەردىن خاتالىق ئىزدەپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئەينى چاغدا ئاتا- ئانىسى شەرۋانەمگە ئۆيلىنىشكە قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ بىلەن تويىنى قىلىپ قويغان بولسا، مانا ھازىر ئايسەنەم خېنىممۇ ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇنى «دادا» شەرۋانەمنى «ئانا» دەپ چوڭ بولغان بولاتتى، ھەمدە شەرۋانەممۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بىرمۇنچە بالىلارنى تۇغۇپ بېرىپ، ئائىلىسى گۈللەپ ياشنىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. مانا ھازىرچۇ؟ ھازىر بولىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىنى خەقنىڭ ئالدىدا تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ. ئايسەنەم خېنىمنى «مېنىڭ قىزىم ئىدى» دەپ بىرلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قولىغا ئېسىلغىلى بولمايدۇ. شەرۋانەمنى «مېنىڭ خوتۇنۇم بولاتتى» دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ سالسۇنچۇ قېنى، مەھەللە كىشىلىرى ئۇنى چوقۇم پوقىدا كۆمىدۇ. لېكىن خەقنىڭ ئالدىدا تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان بۇ ئىشلار ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈپ، ئارامسىز قىيناپ تۇرىدۇ. بۇ چاغ بولغاندا يا ئۆتمۈشنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمىسا، يا چىرايلىق گەپلەر بىلەن شەرۋانەمنى ئېرىتىپ ئۆزىگە مايىل قىلغىلى بولمىسا، كونىلاردا «خوتۇن كىشى دېگەن ئۆچكە يېغى» دەيدىغان گەپ بار، ئۇنىغۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئېرىتىۋالار ماقۇل، لېكىن بېشىغا ئېشەك تېپىۋەتكەن ئاۋۇ مەتنۇر ياغاق دېگەن ئادەم ئۆلسىمۇ قىزىنى ئۇنىڭغا بەرمەيدىغان تەرەپكە ئۆتۈپ تاش چىشلەپ تۇرىۋالدى، بۇ ئىشنى يەنە قانداق قىلغۇلۇق؟...
ئوڭنى ئوڭشاپ كېلىۋاتسا سولى بۇزۇلۇپ تۇرغان بۇ ئىشلاردىن جەھلى قاتقان ئېزىز مىسگەر ئاخىرى نېمە كۆرسە كۆرۈپ ساراڭلىق قىلىش قارارىغا كەلدى- دە، بىر كۈنى سەيدۇللا باينىڭ قورۇسىغا بېرىپلا «ئايسەنەم خېنىمنى چىقىرىپ بېرىڭلار، شەرۋانەمنى چىقىرىپ بېرىڭلار، مېنىڭ قىزىم بىلەن خوتۇنۇمنى قەسىرىڭلارغا سولىۋېلىپ سىرتقا چىققىلى قويمىغىنىڭلار ئوبدان بولمىدى، ئەگەر ياخشىلىقچە ئۇلارنى ماڭا چىقىرىپ بەرمەيدىغان بولساڭلار ھۆكۈمەتكە بارىمەن، تەشكىلگە بېرىپ ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىمەن...» دەپ پوپوزا قىلدى. ئۇ شۇ جېدەلنى قىلىۋاتقاندا سەيدۇللا باي خەيرۇللا باينى يوقلاپ كېلىش، توغرىراقىنى ئېيتقاندا شەرۋانەم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىش ئۈچۈن ئىنىسىنىڭ قەسرىگە كەتكەن بولۇپ، قەمبەر ئارقا ھويلىغا خىزمەتكارلارنى قاتار تىزىۋېلىپ ئۇلارغا ئىش ئورۇنلاشتۇرىۋاتاتتى. دەرۋازا ئالدىدا ۋاراڭ- چۇرۇڭ قايناپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلغان ئامانەم شەرەت قىلىپ قەمبەرنى يېنىغا چاقىرىۋېلىپ، ئۇنى دەرۋازا يېنىغا چىقىپ كىرىشكە دەۋەت قىلدى. خوتۇنىنىڭ تۇيۇقسىز تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئىشنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان قەمبەرمۇ خىزمەتكارلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ئاستا دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى.
ئۇ يېتىپ كەلگەندە ئېزىز مىسگەر دەرۋازا ئالدىدا ئۇنى توسىۋېلىۋاتقان ئىككى خىزمەتكار بىلەن تاكاللىشىۋاتقان بولۇپ، ئاڭلىماققا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەر تولىمۇ ۋەھىمىلىك، ئاجايىپ غەلىتە ئىدى. ئۇ ئېزىز مىسگەردىن بۇ يەرگە زادى نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى سوراۋاتقاندا، ئېرىگە ئەگىشىپلا كەلگەن ئامانەم قەمبەرنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ:
-بۇ پاراڭلىشىدىغان يەر ئەمەس، مەيلى ئۇ نېمە مەقسەتتە كەلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قەسىردىكىلەر ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ھەم جېدەل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسە بولمايدۇ، مېنىڭچە ئۆيگە كىرىپ ئايرىم پاراڭلىشىڭلار،- دېدى.