دىللاردا سەنەم 107-قىسىم

文摘   2025-01-07 21:54   新疆  


  
 aziza  
 
دىللاردا سەنەم 

(رومان)

 ئاپتورى : ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
 دىللاردا سەنەم 1-قىسىم
دىللاردا سەنەم 2-قىسىم
دىللاردا سەنەم 3-قىسىم
دىللاردا سەنەم 4-قىسىم
دىللاردا سەنەم 5-قىسىم
دىللاردا سەنەم 6-قىسىم
دىللاردا سەنەم 7-قىسىم
دىللاردا سەنەم 8-قىسىم
دىللاردا سەنەم 9-قىسىم
دىللاردا سەنەم 10-قىسىم
دىللاردا سەنەم 11-قىسىم
دىللاردا سەنەم 12-قىسىم
دىللاردا سەنەم 13-قىسىم
دىللاردا سەنەم 14-قىسىم
دىللاردا سەنەم 15-قىسىم
دىللاردا سەنەم 16-قىسىم
دىللاردا سەنەم 17-قىسىم
دىللاردا سەنەم 18-قىسىم
دىللاردا سەنەم 19-قىسىم
دىللاردا سەنەم 20-قىسىم
دىللاردا سەنەم 21-قىسىم
دىللاردا سەنەم 22-قىسىم
دىللاردا سەنەم 23-قىسىم
دىللاردا سەنەم 24-قىسىم
دىللاردا سەنەم 25-قىسىم
دىللاردا سەنەم 26-قىسىم
دىللاردا سەنەم 27-قىسىم
دىللاردا سەنەم 28-قىسىم
دىللاردا سەنەم 29-قىسىم
دىللاردا سەنەم 30-قىسىم
دىللاردا سەنەم 31-قىسىم
دىللاردا سەنەم 32-قىسىم
دىللاردا سەنەم 33-قىسىم
دىللاردا سەنەم 34-قىسىم
دىللاردا سەنەم 35-قىسىم
دىللاردا سەنەم 36-قىسىم
دىللاردا سەنەم 37-قىسىم
دىللاردا سەنەم 38-قىسىم
دىللاردا سەنەم 39-قىسىم
دىللاردا سەنەم 40-قىسىم
دىللاردا سەنەم 41-قىسىم
دىللاردا سەنەم 42-قىسىم
دىللاردا سەنەم 43-قىسىم
دىللاردا سەنەم 44-قىسىم
دىللاردا سەنەم 45-قىسىم
دىللاردا سەنەم 46-47-قىسىم
دىللاردا سەنەم 48-قىسىم
دىللاردا سەنەم 49-قىسىم
دىللاردا سەنەم 50-قىسىم
دىللاردا سەنەم 51-قىسىم
دىللاردا سەنەم 52-قىسىم
دىللاردا سەنەم 53-قىسىم
دىللاردا سەنەم 54-قىسىم
دىللاردا سەنەم 55-قىسىم
دىللاردا سەنەم 56-قىسىم
دىللاردا سەنەم 57-قىسىم
دىللاردا سەنەم 58-قىسىم
دىللاردا سەنەم 59-قىسىم
دىللاردا سەنەم 60-قىسىم
دىللاردا سەنەم 61-قىسىم
دىللاردا سەنەم 62-قىسىم
دىللاردا سەنەم 63-قىسىم
دىللاردا سەنەم 64-قىسىم
دىللاردا سەنەم 65-قىسىم
دىللاردا سەنەم 66-قىسىم
دىللاردا سەنەم 67-قىسىم
دىللاردا سەنەم 68-قىسىم
دىللاردا سەنەم 69-قىسىم
دىللاردا سەنەم 70-قىسىم
دىللاردا سەنەم 71-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 72-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 73-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 74-قىسىم
دىللاردا سەنەم 75-قىسىم
دىللاردا سەنەم 76-قىسىم
دىللاردا سەنەم 77-قىسىم
دىللاردا سەنەم 78-قىسىم
دىللاردا سەنەم 79-قىسىم
دىللاردا سەنەم 80-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 81-قىسىم
دىللاردا سەنەم 82-قىسىم
دىللاردا سەنەم 83-قىسىم
دىللاردا سەنەم 84-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 85-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 86-قىسىم
دىللاردا سەنەم 87-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 88-قىسىم
دىللاردا سەنەم 89-قىسىم
دىللاردا سەنەم 90-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 91-قىسىم
دىللاردا سەنەم 92-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 93-قىسىم
دىللاردا سەنەم 94-قىسىم
دىللاردا سەنەم 95-قىسىم
دىللاردا سەنەم 96-قىسىم
دىللاردا سەنەم 97-قىسىم
دىللاردا سەنەم 98-قىسىم
دىللاردا سەنەم 99-قىسىم
 دىللاردا سەنەم 100-قىسىم
دىللاردا سەنەم 101-قىسىم
دىللاردا سەنەم 102-قىسىم
دىللاردا سەنەم 103-قىسىم
دىللاردا سەنەم 104-قىسىم
دىللاردا سەنەم 104-105-قىسىم
دىللاردا سەنەم 106-قىسىم
           

 

 بۇ ئىشتىنمۇ شۇنچىلىك كۆڭلى يېرىم بوپتۇ-يۇ لېكىن مۇشۇ قېتىم كەتسە بۇ ئۆيگە يەنە كېلەلىشى تەسكەن، كېلەي دېسىمۇ ئەدەپ- قائىدە يۈزىسىدىن خالىغانچە كېلىپ- كېتىشلەرگە يول قويۇلمايدىكەن، شۇڭا ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ قەسىرىمىزدىكى بىر خىزمەتكاردىن ئايچېھرە ئاچامنى سوراپتۇ، خىزمەتكار ئايچېھرە ئاچامنىڭ ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ، لېكىن نۇركامىل ئاكامنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ كىرىشكە ئۇنىماپتۇ. يالۋۇرۇپ ئېغىزىنىڭ نەچچە قات تېرىسى چۈشۈپ كەتسىمۇ، «پۇل بېرەي، كۈمۈش بېرەي، ئالتۇن بېرەي...» دەپ خېلى قىزىقتۇرۇپ باقسىمۇ ئۇ خىزمەتكار ئاچامنىڭ يېنىغا باشلاپ كىرگىلى زىنھار ئۇنىماي تۇرىۋالغانمىش. ئامالنىڭ يوقىدىن ئۇ خىزمەتكاردىن ئاچامنىڭ ئەھۋالىنى، بۇ يىللاردا توي ھەققىدە گەپ بولۇنغان، بولۇنمىغانلىقىنى تەپسىلىي سوراپ بەكلا ئۇزۇن گەپ كوچىلاپتىمىش. خىزمەتكارمۇ ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە ئىچكىرىلەپ سوراپ كېتىشلىرىدىن سەل ھەيران بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنى نائۈمىد قويماي ئايچېھرە ئاچامنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى تولۇق دەپ بېرىپتۇ. ئۇ ھەممە گەپلەرنى سوراپ بىلىپ بولغاندىن كېيىن خۇشال- خۇرام ھالدا ئۆيىگە قايتىپتۇ ھەمدە شۇ كۈنى كەچتىلا ئايچېھرە ئاچامغا ئۆيلەنگۈسى بارلىقىنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېيتىشنى قارار قىپتۇ، لېكىن قېرىشقاندەك ئۇلار ئۆيىگە قايتىش يولىدا كېتىۋاتقاندا نۇركامىل ئاكامنىڭ چوڭ ئانىسى تۈگەپ كېتىپ قېلىپ، ئۆز ئۆيىگە بارىدىغان مەنزىل چوڭ ئۆيگە بارىدىغانغا ئۆزگىرىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ بىر بارغانچە چوڭ ئۆيدە ئۈچ ئاي تۇرۇپ قاپتۇ. چوڭ ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن چوڭ دادىسىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ناچارلاپ گېپىدىن ئازىدىغان، ئەقلى جايىدا تۇرمايدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن بىر ئادەم مەخسۇس يېنىدا تۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ مۇئەللىم مۇشۇ قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن نۇركامىل ئاكامنى چوڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ ئۆزلىرى يېنىپ كەلگەنىكەن. لېكىن ئۇ شۇ تۇرغانچە خېلى ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاتا- ئانىسىغا ئاچام بىلەن توي قىلىش ئىشىنى ئېيتىش مەسىلىسى كېيىنگە قاپتۇ. چوڭ ئۆيدىن قايتىپ كېلىپ تۇرۇشىغا ئانىسى ئاغرىپ قېلىپ، ئانىسى ساقايغاندا يەنە بىر ئىش چىقىپ دېگەندەك ئارقا- ئارقىدىن پاراكەندىچىلىكلەر بولىۋېرىپ، بۇ توي ئىشى شۇ كېچىككەنچە قايتا- قايتىلاپ كېچىكىپ كېتىپ مانا ھازىرغا كەپتۇ، شۇ چاغدا بىزنىڭ مۇئەللىم نۇركامىل ئاكامغا «ئاڭلىسام ئايچېھرە خېنىمنىڭ يۈزلىرى كۆيۈپ تامام بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم، لېكىن ئاناڭ كۆرۈپتىكەن، بىز ئۇنى كۆرۈپ بولۇپ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئاناڭ ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تولىمۇ بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەنىدى، ھازىر شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىڭغا قاراپ تۇرۇپ ئايچېھرەگە ئۆيلەنسەم دېگەن گەپنى قىلدىڭ، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرىدىغان بولساڭ بۇ نىيىتىڭدىن يېنىپ قالامسەنكىن؟» دېگەنىدى، نۇركامىل ئاكاممۇ «مەن بۇ توغرىدا بەك جېق ئويلانغان، لېكىن قانداقلا قىلساممۇ ئايچېھرەدىن كۆڭلۈمنى ئۈزەلمەيدىغاندەك قىلىمەن دادا، مەيلى ئۇ قانچىلىك سەت بولۇپ كېتىشتىن قەتىينەزەر، قانچە بەتبەشىر بولۇپ كېتىشتىن قەتىينەزەر كۆڭلۈم باشلىغان يولدىن يالتايمايمەن، كۆڭۈل رىشتىم ئۇنىڭغا باغلانغىلى نەچچە يىل بولدى، ئەگەر ۋاز كېچەلىگەن بولسام مۇشۇ يىللار مابەينىدە ۋاز كېچىپ بولاتتىم، بۇ يىللار جەريانىدا نېمە ئېغىر قىيىنچىلىق، نېمە ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن زادىلا كۆڭلۈمنى ئۈزەلمىدىم، ماڭا يول قويۇڭ جېنىم دادا، كۆڭلۈم ئىزدىگەن قىزغا ئۆيلىنىپ ئۆز بەختىمنى تاپاي» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تېخى ئىككەيلەن بىزنىڭ ئۆيگە قاچان ئەلچى باشلاپ كېلىدىغانلىقى، ئەلچىلىكتە نېمە- نېمىلەرنى دەيدىغانلىقى، ئەگەر توي قىلىپ قالسا ئاچامغا قانچىلىك تويلۇق بەرسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خېلى ئۇزۇن مەسلىھەتلەشتى. نۇركامىل ئاكاممۇ دادىسىغا «قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى ئىدى دادا، ئايچېھرەنىڭ يېشىمۇ خېلى چوڭىيىپ قالدى، ئالىمادىس باشقا يەردىن ئەلچى كېلىپ قېلىپ، سەيدۇللا ئاكاملار خەقكە ماقۇللۇق بېرىپ قالسا ئۇنى قولدىن بېرىپ قالىمەن» دەپ ئالدىرىتىۋېدى، بىزنىڭ مۇئەللىم «بولىدۇ، ئەمىسە مەن كەچتە بېرىپ ئاناڭ بىلەن سۆزلىشەي، ئىمكان بولسا بۈگۈن كەچتىلا بېرىپ ئايچېھرە خېنىمنى سوراپ كېلەيلى» دېيىشتى. قارىسام چۈش بولۇپ قاپتۇ، كەچكە ھېچقانچە ۋاقىت قالمىدى دېگەن گەپ، تۇيۇقسىزلا ئەلچى كېلىپ قالسا سىلەرنى پاتپاراق بولۇشۇپ تەييارلىقلارنى قىلىپ بولالماي قالارمىكىن دەپ ئويلاپ «قورسىقىم ئاغرىپ قالدى» دېگەننى باھانە قىلىپلا رۇخسەت سوراپ ئالدىراپ يېنىپ كەلدىم دادا. ئەگەر شۇ گېپى راستلا بولۇپ قالسا بۈگۈن كەچتە ئايچېھرە ئاچامنى سوراپ ئۆيىمىزگە ئەلچى كېلىپ قالامدىكىن. ئىشقىلىپ... داستىخانيۇ قازان بېشى ئىشلىرىدا ئازراق تەييارلىق كۆرۈپ قويامسىلەركىن دەپ ئويلاپ قالدىم، قانداقلا بولسا تەييارلىقسىز چاغدا مېھمان كېلىپ قالسا قاتتىق- قۇرۇق ئۇزاپ قالىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇلار ھەم مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم بىلەن ئوقۇتقۇچىمنىڭ ئايالى، ئوغلى، يەنە كېلىپ سىز ئەڭ ئەنسىرەپ، ئەڭ غېمىنى يەيدىغان ئايچېھرە ئاچامغا ئەلچى بولىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا... باشقا ئىشلار قولۇمدىن كەلمىسىمۇ مۇشۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپ ئازراق ياردەم قىلاي دەپ ئويلىدىم، دادا.

ئايمەمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەيدۇللا باينىڭ قەلبى تۇيۇقسىز لەرزىگە كەلدى. «بىچارە قىزىمنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، خوتۇنلۇققا  ئېلىشنى خالايدىغان ئادەممۇ چىقىدىكەنغۇ مانا!» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆزلىرىگە غىل- پال ئۇلاشقان ياشنى ئوغلىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىپ. شۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشىغا يەنە بىر ئېھتىماللىق ئۇنىڭ كۆڭلىگە مەيۈسلۈك سايىسى تاشلاپمۇ ئۆتتى. ناۋادا مۇئەللىم ئۆيگە بېرىپ بۇ ئىشنى خۇشناچىمغا ئېيتسا، خۇشناچىم ئايچېھرە خېنىمنىڭ يۈزىدىكى كۆيۈك يارا تارتۇقلىرىنى ئالدىغا تاشلاپ تۇرىۋېلىپ، «مۇنداق بەتبەشىرە، سەت قىزغا ئۆيلەنمەيسەن!» دەپ تۇرىۋېلىپ ئوغلىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويسا يەنە قانداق قىلغۇلۇق؟ راست، بۇ تەرىپىنىمۇ ئويلىماي بولمايدۇ. ھەر ئىشنىڭ ياخشى- يامان تەرەپلىرى بار ئەمەسمۇ؟ ھەقىقەتەن ئايمەمەت ئېيتقانغا ئوخشاش ئىشلار ياخشى تەرىپىگە تارتىپ قېلىپ، بۈگۈن كەچتە، ھېچ بولمىغاندا ئەتە، ئۆگۈنلەردىن بولسىمۇ ئەلچى كېلىپ قالسىغۇ مەيلى، لېكىن خۇشناچىم ئۇنىماي تۇرىۋېلىپ، «ئۇنداق سەت قىزنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بەرمەيمەن!» دەپ تاش چىشلىۋالسا...

شۇلارنى خىيال قىلغاندىن كېيىن سەيدۇللا باي بۇ ئىشتا ئارتۇقچە ئۈمىدلىنىپ كەتمەسلىكنى، لېكىن ئۈمىدنى پۈتۈنلەيمۇ ئۈزۈۋەتمەسلىكنى ئويلاپ قالدى. ئۇ ئايمەمەتنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ خىيال سۈرۈپ ماڭغىنىچە بىلىپ- بىلمەي ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ قالدى. ئۇ يەردە گۈلساھىپخان ۋە ئامانەملەر خىزمەتكارلارنى ئىشقا بۇيرۇپ، قانداقتۇر ئىشلار بىلەن ئالدىراش پالاقشىپ يۈرۈشەتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ بىر ئىش يادىغا يەتكەن سەيدۇللا باي شەرەت قىلىپ ئامانەمنى ئالدىغا چاقىرىپ كېلىپ ئۇنىڭغا:

-قەمبەرگە دەپ قويسىڭىز، ياشراق پاقلاندىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ئۆيگە گۆش پەيدا قىلىپ قويسۇنمىكىن، ئاندىن يەنە داستىخان يېمىشلىرى، ھۆل، قۇرۇق مېۋە- چېۋە دېگەنلەردىنمۇ ئازراق تەييارلاپ قويۇڭلار، بولسا ھازىرلا خېمىر ئېتىپ بىرەر تونۇر يېڭى نان يېپىڭلار ئۇكام، مېھمان كېلىپ قالسا ئالدىغا قويارمىز، مېھمان كەلمەي قالسىمۇ يېڭى نان يېمىگىلى خېلى بوپتۇ، ھويلا ئىچىنىڭ يېڭى نان پۇراشلىرىنى سېغىنىپ قالدىم، يەنە... ھازىرلا كىرىپ ئانىكامنىڭ ئىگىنلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ھۇجرىسىنى بىر تازىلاپ قويسىڭىز، قىزلارنىڭ قولى بىكار بولسا ھويلا- ئاراملارنى باشقىدىن بىر تازىلاپ چىقسۇن، بۇ نەچچە كۈندە قەسىرنىڭ تازىلىق، ئۇ- بۇ ئىشلىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىڭلار، ئامال بار تازىلىقلارنى تېز- تېز تۈگىتىپ، ئۆيگە ھەرۋاقىت مېھمان كېلىپ قالارمىكىن دېگەن ئىدىيە تەييارلىقىدا تۇرۇڭلار، تۇيۇقسىز مېھمان كېلىپ قالسا ئالدى- كەينىڭلارغا قاراپ پالاقشىپ قالىدىغان ئىشلار بولمىسۇن،- دېدى.

ئامانەم ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ھەممە گېپىگە يېنىش- يېنىشلاپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، باش لىڭشىتىپ تۇردى. سەيدۇللا باي كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىدىن خېلى ئۇزۇن ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇردى ۋە بۇ گەپلىرىنى قايتا- قايتا دەڭسەپ كۆردى. شۇنداقتىمۇ ھېچ بىر ئىشقا كاللىسى يەتمەي، بېشىنى چايقاپ قويغىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ دىلىغۇللۇق، ئىككىلىنىش ۋە قانداقتۇر ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە سەيدۇللا باي ئىختىيارسىز يولغا قارايدىغان بولۇپ قالدى. قەسىرنىڭ چوڭ- كىچىك ھەممە ئىشلىرىنى قەمبەر بىر قوللۇق يۈرۈشتۈرىدىغان، تامامى ئىشلارنى ئۇ ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغاچقا، سەيدۇللا باي بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدىن قاتراپ يۈرمىسىمۇ بولاتتى. يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك كۆڭلىدە قانداقتۇر بىر ئىشلار داۋالغۇپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇ ئەلۋەتتە ئىشىكتىن چىقمايتتى.

شۇ تەرزدە كۈن كەچ بولۇپ كۆز باغلىناي دېگەندە چوڭ دەرۋازا تاراقشىپ ئېچىلىپ، «ھويلىدا ئادەم بارمۇ؟ مېھمان بولۇپ كەلدۇق، بىزنى قارشى ئېلىۋالغان بولساڭلار!» دېگەن نازۇك ئاۋاز بىلەن تەڭ چوڭ- چوڭ زەللە ئېتىپ بىردىن داستىخاننى كۆتۈرگىنىچە يەتتە- سەككىز ئايال قاتارلىشىپ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن سۇمبادلىق، پوزۇر كىيىنگەن تۆت- بەش ئەر كىشىمۇ ئەگىشىپلا كىرگەندەك قىلدى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ خۇددى چۈش كۆرگەندەك ئەلەڭلەپ قالغان سەيدۇللا باي كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا ئىختىيارسىز شۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ چېھرى خۇددى ئاپتاپ كەبى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. چېھرىلا ئەمەس، ئۇنىڭ يۈرىكىدىمۇ بايرام شادىيانىلىقى تەنتەنە قىلماقتا ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ ئايچېھرە خېنىمنىڭ يۈزى كۆيۈپ كەتكەن چاغدا ئانىسى سائادەت خېنىمنىڭ ئوغلىغا تەسەللىي بېرىپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنى يادىغا ئالدى:
«-كۆڭۈللىرىنى يېرىم قىلمىسىلا بالام، ھايات دېگەندە بېشىغا ئەگرى- توقايلىق كەلمەيدىغان كىم بار دەيدىلا؟ بۇ قىسمەت بىزنى ئىزدەپ تاپقان بولسا بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ، قانائەت قىلايلى، بالىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمىسىلە، قىز بالا دېگەن يەردە قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىشلىرى كېرەككى، ھاياتتا ھەتتا يەكپاي كەشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خېرىدارى بولىدۇ، ھەممە ئىشنىڭ ياخشىلىنىدىغان بىر نۇقتىسى، بىر ۋاقتى- سائىتى بولىدۇ، سىلى- بىزلەر ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ بېشىمىزنى ئون تاشقا ئۇرۇپ يېرىپ بەرگەن بىلەنمۇ ۋاقتى كەلمىگۈچە ئوڭشالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، شۇڭا بالىنىڭ كېيىنلىكىدىن غەم يېمەي، ئۇنىڭ تويىنى قانداق قىلىپ بېرىمەن دېگەننىلا ئويلىسىلا، جان بولسىلا قالغان ئىشلارنى ھەل قىلىۋالىمىز، بالام!...» (90-باب تۈگىدى)


-91باب

ئاكا- ئىنىلەر ئاداۋەتتە


(152)


سائادەت خېنىم ھەممەيلەن يېتىپ قالىدىغان بولۇپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇيقۇسى كەلمەي، ئوچۇق تۇرغان دېرىزىدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلغاچ يېتىپ، ھېلىقى كۈنى شەرۋانەم بىلەن يۈزلەشكەندە بولۇنغان پاراڭلارنى بىر باشتىن ئەسلەپ چىقتى. شۇ چاغدا شەرۋانەم كۆزلىرىدىن مۆلدۈردەك ياش تۆككىنىچە سائادەت خېنىمنىڭ ئىككى قولىنى پېشانىسىگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇپ خېلى ئۇزۇن يىغلىغان ۋە قايتا- قايتىلاپ كەچۈرۈم سوراپ، بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئايسەنەم خېنىم ۋە ئۆزىگە قىلغان غەمخورلۇق، مېھىر- شەپقەتلىرى ھەققىدە ئۇزۇن توختىلىپ، بەكلا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتقانىدى.

شۇ چاغدا سائادەت خېنىم شەرۋانەمدىن بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ مىڭ بىر خىجالەت ۋە تەڭقىسلىق دەستىدىن ئانارنىڭ دانىسىدە قىزارغان، ئارقىدىنلا سەل ئۆزىگە كېلىپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، پىسىڭڭىدە كۈلۈپ گېپىنى باشلىغانىدى:

-ئون يەتتە ياش ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدىكى ئېزىز مىسگەر دەيدىغان بىر يىگىت بىلەن ياخشى ئۆتۈپ قالدىم، ئېزىزنىڭ ئۆيى بىلەن بىزنىڭ ئۆينى ئىككى تاختا ئېتىز ۋە بىر ئېرىق ئايرىپ تۇراتتى، بىر مەھەللىدە بولغاچقا تولا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق، قىزغىن مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان ئوتتەك چاغلىرىمىز ئىدى، دەسلەپكى ئىككى يىلدا ئارىمىزدا قالايمىقان ئىشلار بولۇنماي شۇنداق پاكىز، ياخشى ئۆتتۇق، ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە ئېزىز مەندىن ئۆزى خالايدىغاننى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى، باشتا ئۇنىماي رەت قىلدىم، جېدەللىشىپ سوقۇشۇپمۇ قالدۇق، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ تەلەپ قىلىشلار توختاپ قالمىغاندىن كېيىن ھەم دائىم كۆرۈشۈپ يېقىنلىشىپ تۇرۇشلار بولىۋەرگەندىكىن بىلىپ- بىلمەيلا شۇ قەدەمنى خاتا بېسىپ قالدۇق... خاتالىق شۇ بىر قەدەم بىلەنلا تۈگىگەن بولسا كېيىنكى ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقماس ئىدى دەپ ئويلايمەن ھازىر، لېكىن بىز توختاپ قالالماي ھەر قېتىم كۆرۈشكەنلەردە شۇ ئىشلار يۈز بېرىپ تۇردى. ئالاھەزەل نەچچە قېتىم شۇنداق بولغاندىن كېيىن مېنىڭ بويۇمدا قاپتۇ، شۇ چاغدا مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ «بويۇمدا قاپتۇ، ئەمدى توي قىلمىساق بولمايدۇ، ئۆيۈمگە ئەلچى ئەۋەتىڭ» دېدىم، لېكىن ئېزىز «ئەيمەنمەي مېنىڭ قوينۇمغا كىرىپ ياتالىغان قىز بالىنى مەن ھەرگىز ئالمايمەن، كىم بىلىدۇ، ئۇ بالا مېنىڭمۇ ياكى خەقنىڭمۇ تېخى...» دەپ تۇرىۋېلىپ پەقەتلا ئىگە بولمىدى. ئۇنى بۇ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغانلىرىم قالمىدى، ھەتتا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يالۋۇرۇپ يىغلاپمۇ كەتتىم، لېكىن ئۇ باشتىكى ئاشۇ بىر ئېغىز گېپىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ، مەن بىلەن قەتئىي توي قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

       


aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章