ئاياللار ھىيلىسى 108-قىسىم

文摘   2025-01-03 21:03   新疆  



 aziza  
 
 ئاياللار ھىيلىسى 

(رومان)

 ئاپتورى :    تاھىرجان يۈسۈپ
ئاياللار  ھىيلىسى 1-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 2-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 3-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 4-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 5-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 6-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 7-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 8-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 9-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 10-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 11-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 12-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 13-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 14-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 15-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 16-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 17-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 18-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 19-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 20-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 21-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 22-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 23-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 24-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 25-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 26-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 27-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 28-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 29-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 30-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 31-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 32-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 33-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 34-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 35-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 36-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 37-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 38-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 39-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 40-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 41-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 42-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 43-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 44-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 45-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 46-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 47-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 48-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 49-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 50-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 51-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 52-53-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 54-قىسىم
ئاياللار  ھىيلىسى 55-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 56-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 57-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 58-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 59-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 60-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 61-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 62-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 63-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 64-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 65-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 66-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 67-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 68-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 69-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 70-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 71-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 72-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 73-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 74-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 75-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 76-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 77-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 78-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 79-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 80-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 81-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 82-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 83-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 84-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 85-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 86-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 87-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 88-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 89-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 90-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 91-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 92-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 93-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 94-95-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 96-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 97-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 98-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 99-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 100-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 101-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 102-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 103-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 104-قىسىم
 ئاياللار ھىيلىسى 105-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 106-قىسىم
ئاياللار ھىيلىسى 107-قىسىم
   سالونىمىزدىن ئەسەر سېتىۋالغاندا ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىڭ  ئۈندىدار: 2099928447     
،

    

 

108-قىسىم 

  

ئۇنداقتا،گۇلنىسانىڭ ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنىنى ئېنىقلاپ چىقالىدىڭىزمۇ؟- تۇرغۇن مۇدىر كېچە-كۈندۈز ئارامىنى بۇزۇپ،چۈشلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقان ھېلىقى ئامۇتتەك ئايالنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ،چۆچۈگىنىدىن دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيىماي قالدى.

-ھازىرچە ئۇنىڭ قەيەردىلىكى ئېنىق ئەمەس، قابىلنىڭ دىيىشىچە،شەمسىيە ھېلىقى رەھىمە دىگەن قىز بىلەن ئىككىسىنى ئۆيىگە ئەكىلىپ بىر مەزگىل تۇرغۇزۇپ،ھالىدىن خەۋەر ئاپتىكەن،كىيىن سىزنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلىڭىزدىن سىزنىڭ خانىمىڭىزنى  ئىزدەۋاتقانلىقىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ،ئۇنى باشقا بىر جايغا يۆتكىۋىتىپتۇدەك-

-سابىق ئىرىڭىز بىلەن ھازىرمۇ مۇناسىۋىتىڭىز ياخشىكەن ھە،ئۇ  گۇلنىسانىڭ  قەيەردە ئىكەنلىكىنى راسلا بىلمەمدىكەن ياكى سىزدىن قەستەن يوشۇرىۋاتامدۇ؟

-بۇنى مەنمۇ تازا ئۇقالمىدىم،قارىماققا ھېچبىر مىنى ئالداۋاتقاندەك قىلمايدۇ،يەنە بىر قارىسام ئۇ بىلىدىغاندەكمۇ قىلىپ تۇرىدۇ،بىراق،ئۇ بىلسىمۇ بىزگە ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئېيتىپ بەرمىگۈدەك ئەلپازدا تۇرىدۇ-

- ئۇنى زۇۋانغا كەلتۈرىدىغان چارىڭىز يوقمۇ؟

- يوقمىغۇ ئەمەس،ئۇنىڭ پەقەتلا مەيدانى يوق  بىرەر ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالساقلا بىلىدىغانلىرىنى  چوقۇم ئېيتىپ بىرىدۇ-

- قانداق ئامالىڭىز بار - دىدى تۇرغۇن مۇدىر خانقىزنىڭ ئامالىنى ئاڭلاشقا ئالدىراپ-سىزگە دەپ قوياي، سىز بىز دىيىشكەن ئىككى ئىمتىھاننىڭ ئەمدى تېخى بىرسىدىن ئۆتتىڭىز،  سابىق ئىرىڭىزنىڭ يېرىم ياتا جۆيلۈشلىرى بىلەن ئىككىنچىسىدىنمۇ ئۆتۈپ كىتىمەن دىيىشىڭىز خام-خىيالىڭىز -

-كىبىرىڭىزنى كۆرسەتمىسىڭىزچۇ مۇدىر ئەپەندى،قابىلنىڭ ئاجىزلىقىنىغۇ مەن بىلىمەن-

- بىلسىڭىز، تىلىڭىزنى چاينىماي ئېيتمامسىز ئەمىسە -

-ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاجىزلىقى دەل مەن،ئۇ ماڭا چىدىمايدۇ، ئەگەر سىز مىنى تۇتقۇن قىلىۋالسىڭىزلا،ئۇ مىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم بىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارلايدۇ-

- بۇ چارىڭىز سەل خەتەرلىكمۇ قانداق،ناۋادا ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قالسا قانداق قىلىمىز

-ئۇنىڭدا بۇنچىلىك يۈرەك يوق، سىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلساڭ، ئايالىڭنى ئۆلتۈرىۋىتىمىز دىسەڭلارلا، ساقچىغا مەلۇم قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،ئۇ ماڭا خىيىم-خەتەر يىتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيدۇ-

- بۇ چارىڭىزغۇ، بولۇپمۇ قالىدىكەن،ئاۋۋال ئەتىكى خېرىدار چاقىرىش يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزىۋالايلى،بۇ چارىنى ئاندىن ئويلىشايلى- تۇرغۇن مۇدىر شۇنداق دەپ،ئۆزىگە شەھۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ تۇرغان خانقىزغا يېقىن كەلدى-بىراق،مەن بىر ئىشقا تولىمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن،سىز قانداق بولۇپ، تۇيۇقسىزلا ماڭا ياردەم قىلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز،مىنىڭ ئىشەنچىمگە ئىرىشىش ئۈچۈن شۇنچە كۈچىشىڭىزدىكى سەۋەب زادى نىمە، شۇنى بەكلا بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ-

- مىنىڭ مەقسىدىم ناھايىتىمۇ ئاددىي تۇرغۇن ئەپەندى، بىرىنچىدىن، شەمسىيە مىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىم،ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىدىم بار،ئەمما مەن يالغۇز ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالىشىم مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا سىزدەك بىر يۆلەنچۈككە ئېھتىياجىم بار،ئىككىنچىدىن، يېقىندىلا شەمسىيەنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئىرىم ۋە ئىگىلىكىمدىن بىراقلا ئايرىلدىم،شۇڭا تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدىم،سىزنىڭ ماڭا بىر كىشىلىك خىزمەت بىرىشىڭىزگە ئېھتىياجلىقمەن،  ئۈچۈنچىدىن،سىز پۈتكۈل يىشىل شەھەردىكى ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى غايىۋى ئوبراز، قالتىس كارخانىچى بولۇپلا قالماي، يەنە قالتىس بىر ئەرسىز، ئەلۋەتتە بۇ شەھەردىكى ھەربىر ئايالدا سىزدەك بىر ئەرنىڭ مەشۇقى بولۇپ قالسا، قانداق بولىدىغانلىقىدەك بىر تۇيغىنى سىناپ بېقىش ئىستىكى مەۋجۇت، مەنمۇ خۇددى شۇ ئاياللارغا ئوخشاش، ئاددىي بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزنىڭ سەلتەنەتلىرىڭىزگە مەپتۇن بولدۇم، قالتىس ئوبرازىڭىزغا قايىل، قەيسەرلىكلىرىڭىزگە مايىل بولدۇم،شۇڭا سىزدەك بىر ئەرنى ماڭا تۈۋرۈك بولسا، قار-شىۋىرغان ھەم جۇدۇنلاردىن مىنى قوغدىسا، ئاشۇ كەڭرى گۆرەنلەرگە يۆلىنىپ، يۇڭلۇق مەيدىلەرگە بېشىمنى قويۇپ يېتىپ باقسام دىگەن ئىستەك ئۇزۇندىن بۇيان مىنى قىيناپ كەلدى،مانا ئەمدىلىكتە ئېرىمدىن ئايرىلغان غېرىبلىقىمغا بۇ ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇيۇم قوشۇلۇپ، مىنى بىر مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرغۇزماي، سىزنىڭ ئالدىڭىزغا باشلاپ كەلدى. - خانقىز ھەربىر ئېغىز سۆزنى نازلىنىپ، خۇلۇق چىقىرىپ، ئەركىلەپ، ھەتتا  مەيدىسى بىلەن تۇرغۇن مۇدىرنى يىنىك سوقۇپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنىڭ سېھرى  كۈچىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى.

- مەن سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىرىڭىزنى تونۇمىساممۇ ئەمما، يالقۇننى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بويى بىرمىتىر توقسان كىلىدىغان،ئۇسقىنى مەندىن ئىككى چىقىدىغان زەبەردەس بىر ئەر ئەجەبا سىزگە ئاشۇ ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىككى قاۋۇل ھەم ياش ئەرنىڭ نەرى يارىماي، مەندەك بىر قېرىنىڭ پۈكلەنگەن گەۋدىسىگە يۆلەنگۈڭىز كىلىپ قالدى؟ بۇ سۆزلىرىڭىز سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟

-بىر مىتىر توقسان سانتا بويى بىلەن ئۇسقىنى بولسىلا ھېسابمۇ مۇدىر ئەپەندى،مىنىڭ ئۇ ئەرلىرىمدە سىزدە بار ھەيۋە، ھەم سۈلكەت نىمە قىلسۇن، بىرسى بېشىغا چىچىپ قويساممۇ پىتىغا ئالمايدىغان غورۇرى يوق يۇمشاقباش، يەنە بىرسى گۈلدىرى بار يامغۇرى يوق،ئۇسقىنى بولغان بىلەن، ياتسىلا دىۋىدەك ئۇخلايدىغان ئىشقى يوق بىرسى،قارىڭە سىزگە ئەرلىك جاسارىتىڭىزنىڭ ئون سەككىز ياشلىق يىگىتلەردەك ھەربىر ئېغىز گىپىڭىزدىن ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرىدۇ،ئادەم دىگەننىڭ كۆڭلى قېرىمىسىلا ئۇنى ھەرگىز قېرىدى دىگىنى بولمايدۇ،باياتىن مەندىن بىر قېرى دىۋىدىڭىز، بۇ گەپنى سىزگە قىلچىلىك ماس كەلمەي قالغاندەك ھېس قىلىپ كەتكىنىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز،ئەمدى ھەرگىز بۇنداق دىمەڭ،قېرىغىنىڭىزگە تەن بەرمىسىڭىزلا سىز يەنىلا ياش،مەندەك ياش ئاياللارنى ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە قىلىپ ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ ياشىرىپ يۈرمەمسىز دەيمەن -

- سىز، سىز راسلا بەك قالتىس ئايالكەنسىز، مەن مەن، بۇنداق قىلساق-تۇرغۇن مۇدىر ئەمدى خانقىزنىڭ قۇلاق يۇمشاقلىرىغا شىۋىرلاپ يىنىك،  يىنىك تىگىشىپ غىدىقلاشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي بوشۇشۇپ، بارغانسېرى ئۆزىنى قويۇۋەتتى-

- ئەمدى بولدى،مەن مۇشۇنى كۈتكەنتىم،مىنىڭ مۇدىرىم، جېنىم، شىرىم مىنىڭ -

-گۈزىلىم، سىز بەك قالتىسكەنسىز، سىز بەك چىرايلىقكەنسىز- خانقىزنىڭ پاس بىرىشى بىلەن تۇرغۇن مۇدىرنىڭ قۇتراپ تۇرغان ھايۋانى نەپسى كونتىرولسىز قېلىپ،ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى تاقاشنىمۇ ئۇنتۇپ،ئۇنىڭغا  ياۋۇز بۆرىدەك بىراقلا ئېتىلدى.

- ئىشىكنى تاقاپ، پەردىلەرنى چۈشۈرىۋىتەيلى، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ-

- ھاجىتى يوق، ھېچكىم مىنىڭ ئىشخانامغا مەندىن قورقماي، مىنىڭ رۇخسىتىمسىز كىرەلمەيدۇ-شۇ تاپتا تۇرغۇن مۇدىردا، بۇرۇنقى قائىدىللىرىنى، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايالنىڭ مەقسىدىنى ئويلىغۇدەك ئەقىل-ھۇش قالمىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەينەت تەبىئىيتىنى بىراقلا يالىڭاچلىۋەتكەن ئىدى،شۇنداق قىلىپ،ئۆزىنىڭ مەقسىدىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان بۇ رەزىل ئايال، ئاخىرى نىمە قىلسا قىلىپ، تۇرغۇن مۇدىر دىگەن بۇ قۇۋ تۈلكىنى ئوڭۇشلۇق ئوۋلىۋالدى.

- ئەجەبا رىشىت دادامنىڭ باياتىنقى سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسىدى زادى نىمىدۇ؟ئۇ ئەلقۇتنىڭ تۇنجى قېتىم ئاياللارغا نىسبەتەن ھىسسىي تۇيغۇ ۋە قىزىقىشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتىم دەيدىغۇ؟ھەرقانچە بولسىمۇ،ئۇ مەندەك ئىككى بالىسى بار ئىككى ئەردىن قالغان بىرئايالنى شۇنچە مۇنەۋۋەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى توي قىلمىغان ئوغلىغا لايىق كۆرمەيۋاتقاندۇ؟ ئۇ تېخى قايسى كۈنىلا ئەلقۇتنى ھاياتىمنى ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىدىم، ئاياللارنى دەپ ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرىمنى بەربات قىلغۇم يوق، دەيدۇ، دەۋاتقان تۇرسا، ئەلقۇتنىڭ شۇنچە يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن مۇستەھكەم ئىرادىسىنىڭ شەمسىيەدەك ياشلىق جىلۋىسىنى يوقاتقان ئىككى بالىسى بار ئىككى ئەردىن چىققان قېرى خوتۇننى دەپ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىشى  مۇمكىنمۇ؟ بەلكىم رىشىت ئەپەندى ئارتۇق ئويلىۋالغاندۇ، ۋە ياكى ئەلقۇت شۇنداق دەپ چاق-چاق قىلىپ قويغاندۇ؟ - باللىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ، ئۇخلىتىدىغاننى ئۇخلىتىپ بولۇپ، پۇت-پوللىرى ئۈزۈلۈپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چارچاپ  ياتقان شەمسىيە شۇنچە ھېرىپ تۇرسىمۇ، كاللىسى ئارام ئېلىشنى خالىماي، كۆزلىرىدىن ئۇيقۇ قاچقان بولۇپ، ئەلقۇت، رىشىت ئەپەندى ۋە ئەلقۇت بىلەن ئۆتكەن بالىلىقى ھۆججەتلىك فىلىمگە ئوخشاش، كۆز ئالدىدا ئايان بولماقتا ئىدى.

ئۇ چاغلاردا، شەمسىيەنىڭ دادىسى سىدىق بىلەن رىشىت ئەپەندى تولىمۇ يېقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ،شىرىكلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، پايدىنى تەڭ ئايرىشىپ، ئورتاق تىجارەت قىلاتتى، يىشىل شەھەردىكى داڭلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەمسىيە بىلەن ئەلقۇتمۇ باشلانغۇچتىن تارتىپ بىر مەكتەپتە، بەزىدە پاراللىل، بەزىدە بىر سىنىپتا دىگەندەك بىللە ئوقۇدى، ئەلۋەتتە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېرىپ كىلىشى داۋمىدا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ خېلىلا قۇيۇقلىشىپ قالغان بولۇپ،ئەلقۇت شەمسىيەگە ئالاھىدە كۆيۈنەتتى ۋە مەكتەپتە دائىم ئۇنىڭغا ئاكىلىق قىلىپ قوغدايتتى.ھەتتا ئىككىسىنىڭ بالىلىق دەۋرىدە خۇددى سىمسىم يامغۇر تامچىلاپ ئۆتكەنچىلىك، ئاز-تولا بالىلارچە ھېس-تۇيغۇمۇ بولۇپ باققان بولۇپ،شەمسىيە چوڭلاردىنمۇ، ئەلقۇت بىلەن شەمسىيە چوڭ بولغاندا، بېشىنى چېتىپ قويۇش توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئانچە مۇنچە ئاڭلاپ قالاتتى. شەمسىيە ئەلقۇتقا نىسبەتەن ئۆزىدە باشقىچە بىر ھېسىياتلارنىڭ بولۇپ باققانلىقىنى ئەسلىيەلمەيتتى،ئەمما،بالىلىقىدا ئۇنىڭ ئاجايىپ تەپەككۇرلۇق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقى ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىدە تۇرۇپتۇ.

- مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى چەتئەلدە ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم،ئەسلى سەنمۇ چەتئەلدە ئوقۇغان بولساڭ،بەكمۇ ياخشى بولاتتى،ئەپسۇس!ئاڭلىسام دادام،داداڭغا ئىككىسىنى بىللە ئەۋەتەيلى دىسە،داداڭ،مىنىڭ مۇشۇ بىر تال بالام بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزبالا،ئۇنى يىراقلارغا ئەۋەتىۋىتىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ دەپ ئۇنىماپتۇدەك،بوپتۇ،ئۇنىڭمۇ ئويلىغانلىرى توغرىدۇ بەلكىم،ئەمما  مەن قايتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى سەنمۇ مۇھەببەتلىشىش توي قىلىش دىگەندەك ئىشلارنى ئويلاشماي، ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇ، چوڭلارمۇ بىكىتىپ بولدى،سەن بەرىبىر توينى مەن بىلەن قىلىسەن، شۇنداق بولغاندىكىن ۋاقتىڭنى بىكار ئىشلارغا ئىسراپ قىلىۋەتمەي، كەلگۈسىدىكى ئائىلىمىزگە ئۇل سالغاچ تۇر- دىگەن ئىدى، ئەلقۇت چەتەلگە ماڭىدىغان چېغىدا شەمسىيە بىلەن كۆرۈشۈپ، شەمسىيە ئۇنىڭ ئۇ سۆزلىرىنى  شۇنچىلىك ئاڭسىز ھالدا ئاڭلىغاچقا، ئاددىيلا قىلىپ، ماقۇل دىگەن جاۋابنى بەرگەن، ئەمما بۇ ماقۇل دىگەن جاۋابنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەلقۇتنىڭ سۆزلىرىنىڭ  ۋەزنىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئويلاپمۇ قويمىغان ئىدى، كىيىن، ئەلقۇتمۇ چەتەلگە چىقىپ كىتىپ، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ، ئاسپىرانتلىق ھەتتا دوكتۇرلۇقلارغا قەدەر شۇيەردە تۇرۇپ ئوقۇدى،ئۇ تۇنجى قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن چېغىدا،ئىككىلىسىلا چوپچوڭلا بولۇپ قالغاچقا، تارتىنىشىپ، بىر-بىرى بىلەن ئاددىيلا تىنىچلىق سوراشقاندىن باشقا ئايرىم ئۇچرىشىش ۋە قەلبىنى ھاياجانغا سالالىغۇدەك پاراڭلارنى قىلىشمىدى، كىيىن، شەمسىيە ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي ۋە ساددا كۆرۈنىدىغان كىلىشكەن يالقۇنغا قەلب دەرۋازىسىنى كەڭرى ئېچىۋىتىپ،ئۇنىڭ بىلەن ئۆمرىنى بىللە ئۆتكۈشكە ۋەدە بەردى،داشۆنى پۈتكۈزۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،دادىسى سىدىق ئەپەندى، مىنىڭ رىشىتقا بەرگەن ۋەدەم بار، سەن ئەلقۇت بىلەن توي قىلىشىڭ كىرەك دەپ، شۇنچە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يالقۇنغا تەگمىسەم، ئۆلىمەن دەپ يۈرۈپ،ئاخىرى ئۇنى قايىل قىلىپ، مۇرادىغا يەتتى. ئەمدى بولغاندا، شۇنچىۋالا ئىشلاردىن كىيىن، بولۇپمۇ،  شەمسىيە رىشىت ئەپەندى ۋە ئەلقۇتنىڭ ئازىراقمۇ يۈزىنى قىلىپ قويماستىن، مەن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئادەمنى بىر ئۆمۈر ساقلامتىم، دەپلا، ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرىۋېلىپ، يالقۇن بىلەن توي قىلىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجرىشىپ، قابىل بىلەن توي قىلىپ، ئىككى ئەردىن چىققان دىگەن ئاتاقنى ئېلىپ ئولتۇرغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا ئاھانەت ۋە سەۋەنلىكلەرگە پىسەنت قىلماستىن، شەمسىيەدەك تۇل خوتۇن بىلەن بالىلىقىدا پۈتۈشكەن توي ئىشىنى قايتا ئويلىشىشى مۇمكىنمۇ؟ ياق ئۇلار شۇنداق ئويلاشقان ھالدىمۇ، شەمسىيەنىڭ بۇنىڭغا ماقۇل دىيىشى مۇمكىن ئەمەس، خىل-خىلى بىلەن، جۈپ-جۈپى بىلەن بولغىنى ياخشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە شەمسىيەدە ئەلقۇتقا نىسبەتەن بالىلىقتىكى سىرداش  دوستىغا بولغان سەمىمىي ھېسىياتتىن باشقا ھېچقانداق قىزىقىش ۋە باشقىچە تۇيغۇ يوق،شۇڭا ئارتۇق ئويلىۋالماسلىق ھەم ئارتۇق ئاۋارىچىلىق تاپماسلىق كىرەك،-ئەنۋەر شۇ تاپتا نىمىش قىلىۋاتىدىكىن،-شۇ يەكۈنلەردىن كىيىن شەمسىيەنىڭ كۆز ئالدىدا ئىختيارسىز ھالدا ئەنۋەرنىڭ جەلپكار قىياپىتى نامايەن بولدى. ئۇ ئىختيارسىز ئاۋازسىز قىلىپ، توكقا چېتىپ قويغان يانفونىنى ئېلىپ،ئۈندىدارىنى ئاچتى.

-بۈگۈن قانداقراق تۇرىسىز، پۈتۈن بىركۈن خىزمەتنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، سىزگە ئۇچۇر يوللاپ بولالمىدىم،باياتىن دوۋيىندىن سىزنىڭ ماكانىم گورۇھىنىڭ باش دىرىكتورى بولۇپ سايلانغانلىقىڭىز توغرىسىدىكى بىۋاستە كۆرسىتىشنى تەكرار قويۇپ كۆردۈم، قالتىس ئىش بوپتۇ، مۇبارەك بولسۇن- ئۈندىدارنى ئېچىشىغىلا خىياللىرىنى كۆرۈپ تۇرغاندەكلا ئۆزىنىڭ ئېچىپ كۆرىشىنى ساقلاپ تۇرغان ئەنۋەرنىڭ ئۇچۇرى كۆزىگە چېلىقتى.

-ئەمدى ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ؟-قايتۇرۇپ ئۇچۇر يوللىدى ئۇ.

- مەن سىزگە ئاشۇ ئۇچۇرنى يوللىغان ۋاقىتتىلا ئىشتىن چۈشكەن،ھازىر بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرىۋىتىپ،يېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن-

-ساقچىلىق خىزمىتى بەكلا جاپالىق،قانچىلىك چارچاپ كىتىدىغانسىز ھە؟-

- جاپالىقلىقىغۇ جاپالىق ئەمما سۈيۈملۈك تەرەپلىرىمۇ بار،بۇرۇن مەنمۇ جاپا ھېس قىلىپ،ئىستىپا بىرىشنى ئويلاشقان ئەمما،ئويلاپ باقسام،مەن بۇ خىزمەتنى بەكلا سۈيىدىكەنمەن،ئەگەر خىزمىتىمنى جاپالىق دەپلا ۋاز كەچسەم،سۇدىن ئايرىكشان بىلىقتەكلا ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغۇدەكمەن-

-دىمىسىمۇ خىزمىتىڭىز گەرچە جاپالىق بولغان بىلەن،ۋەتەن-خەلققە تۆھپە يارىتىدىغان شەرەپلىك خىزمەت،ئوغلۇم بارخانمۇ دائىم،چوڭ بولغاندا ساقچى بولىمەن دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ،ساقچىلىق خىزمىتىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ كەسىپ ئىكەنلىكىنى باللىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئارزۇلىرىدىنلا كۆرىۋالساق بولىدۇ-

-ھە راس ئاجرىشىش ئىشىڭىز قانداق بولۇپ كەتتى، ھېلىقى خانقىز دىگەن ئايال،سىزنى ئىزدەپ پاراكەندە قىلمايۋاتقاندۇ،-

-ئادۇۋكاتىم ئاجرىشىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ، ئاجرىشىش گۇۋانامىسىنى قولۇمغا يەتكۈزۈپ بەردى،مىنىڭ خانقىز دىگەن بۇ دوستۇمنىڭ مەندە مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان پۈتمەس،تۈگىمەس ئاداۋىتى بار چېغى،مەن ئۇنىڭدىن نېرى تۇراي دىگەنسىرى ،ھېچبىر ئارامىمدا قوياي دىمەيدىغۇ!

- سىزنى ئىزدەپ جىدەل قىلغان ئوخشىمامدۇ؟

- ياقەي،مىنى ئىزدەپقۇ كەلمىدى،ئەمما ھېلىقى يۇمشاقباش ئىرىنى ئەۋەتىپتۇ،چۈشتە تېخى ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى قولغا ئېلىۋىدىم،كەچ بولغاندا پۇشايمان قىلدىم دەپ كەپتۇ-

- نىمانداق نۇمۇس قىلمايدىغان ئەر ئۇ؟كىچىككىنىمۇ غورۇرى يوق نىمىكىنا –

-ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايمەن،ئۇ خانقىزنىڭ سادىق مەستانىسى،ئۇنىڭ رولى خانقىزنىڭ باشقۇرىشىدا،ئۇنى خانقىز ماكانىم گورۇھىنىڭ پىلان لايھىيەسىنى ئوغۇرلاشقا ئەۋەتىپتۇ-

-ئاندىن ئۇ مەقسىدىگە يىتەلىدىمۇ؟

- ئەسلى مەقسىدىگە يىتەلمەيتتى،مەن يەتكۈزۈپ قويدۇم-

-سىز نىمانچە ئاقكۆڭۈل،قارىسام ئىككىلىسىگە ئاقكۆڭۈللۈك قىلسىڭىز ياراشمايدىغان كىشىلەردەك قىلىدۇ،ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ،خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەمسىز؟پىلان-لايھىيەسىنى ئاشكارلىۋىتىش،ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس،ئاقىۋىتى ئېغىر بولسا تۈرمىدە ياتىدىغان گەپ-

-كەسپى كىسلىڭىز بويىنچە سۆزلىۋالدىڭىز ھە،ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى خانقىزنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا،ئۇنىڭغا ساقتا پىلان لايھىيەسىنى بەردىم،قارىغاندا خانقىز تاغام بىلەن بىرلىشىۋالغاندەك قىلىدۇ،ئۇنى تاغام شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان،بۇ قېتىمقى خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدا ماكانىم بىلەن يىشىل شەھەر گورۇھى رىقابەتلىشىدۇ،تاغام بىزنىڭ پىلان لايھىيەگە ئېرىشىش ئارقىلىق،بۇ تۈرنى ئوڭۇشلۇق قولغا كەلتۈرمەكچى-

-راس گەپ قىلسام،مۇشۇ سودا-سانائەت،پىلان -لايھىيە دىگەنلەرگە ئەزەلدىن قىزىقمايمەن،شۇڭا بۇ گەپلىرىڭىزنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم،ئەمما چۈشەنمەيمۇ قالمىدىم،ئىشقىلىپ،بۇ قېتىم تاغىڭىزغا يېڭىلىپ قالمايدىكەنسىز شۇنداقمۇ؟-ئەنۋەر شەمسىيەگە شۇ خەتلەرنى يېزىۋاتنىدا،مۇراتنىڭ كىملىكى ۋە ئۇ ئېيتقان سىدىق ئەپەندىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى شەمسىيەگە ئېيتىش،ئېيتماسلىق توغرىسىدا ئويلۇنۇپ قالدى،ئەمما ئۇنىڭ قۇبۇل قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،يەنە ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭغا ئېيتماسلىقئى قارار قىلدى.

-سىزنىڭ چۈشەنگىنىڭىز توغرا،بولدى يېرىم كىچىدىمۇ خىزمەت پاراڭلىرىنى قىلىپ،ئارامىمىزنى بۇزمايلى،ھەراس،باللىرىڭىزنى ئېلىپ،بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدىغان بولغانتىڭىز؟

- سىز تېخى تەكلىپ قىلمىغان تۇرسىڭىز،ئۈسۈپلا بارسام بولماس -چاق-چاق قىلدى ئەنۋەر.

- قايسى كۈنىكى تەكلىپىم ئىناۋەتسىز بولغان ئوخشىمامدۇ؟ۋاقىت بىلەن ئورۇننى بىكىتىپ، باغاق يېزىپ ئەۋەتسەم ئاندىن كىلىدىغان ئوخشىمامسىز،ئۆزىڭىز قاۋۇل ئەر بولغىنىڭىز بىلەن تازىمۇبىر تاتىنچاق ھەم تاۋى نازۇك ئوخشىمامسىز،ساقچىلار دىگەن تەشەببۇسكار تارتىنىشنى ئۇقمايدىغان كەلسە توغرا بولاتتىغۇ ئەسلى؟

- خاتا ئويلاپسىز،ساقچىلار خىزمەتنى  تارتىنماي جاپاغا چىداپ ئىشلىگەن بىلەن،ئادەتتە بەكلا تارتىنچاق كىلىدۇ،كۆپىنچە ساقچىلار كىشىلىك مۇناسىۋەتكە بەك ماھىر ئەمەس –

- ھە،ئەسلى مۇنداقكەندە،ئۇنداقتا مەن بىرقانچە كۈن سەل ئالدىراش بولۇپ قالىمەن،ئالدىراش ئىشلىرىمنى تۈگىتىۋالساملا،سىزگە باغاق ئېلىپ باراي ھە –

-چاق-چاق قىلىپ قويسام، باغاق، باغاق دەۋەرگىنىڭىزنى قاراڭ، ماڭا كۈننى بىكىتىپ، ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ-

-ماقۇل ئەمىسە شۇنداق بولسۇن،سىزمۇ ئەتە ئەتىگەندە ئىشقا چىقمىسىڭىز بولمايدۇ،ئەمىسە بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ،ياخشى چۈش كۆرگەيسىز-

- ماقۇل،سىزمۇ شۇ،ياخشى چۈش كۆرۈڭ،قانداق ياردىمىم كىرەك بولسا تارتىنماى ئىزدەۋىرىڭ-

نىمىشقىكىن،ئەنۋەر بىلەن بولغان پاراڭ ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ،ئەمما شەمسىيەنىڭ قەلبىگە ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ھېس قىلىپ باقمىغان ئىللىقلىقنى باشلاپ كىرىۋاتاتتى،ئۇ شۇ كۈنى ئاشۇ قىسقىغىنە سۆھبەتنىڭ قوغدىشى بىلەن خاتىرجەم بىر كىچىلىك شىرىن ئۇيقۇنى كۈتىۋالدى.

-شەمسىيە قىزىم،تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟-

ئەتىسى شەمسىيە چۈشتىن كىيىنكى مۇراسىمغا  ئالدىراش تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدا،رىشىت ئەپەندىم ئۇنى سۈيلەپ كىرىپ كەلدى.

- تەييارلىقىم پۈتۈپ قالدى رىشىت دادا،بۈگۈن ئۇ يەرنى چوقۇم تۇرغۇنغا ئەڭ يۇقۇرى باھادا ئالغۇزغىنىم ئالغۇزغان –

-ئۇنداقتا ياخشى،بۇ قېتىملىق پىلانىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن-

- ھە راس رىشىت دادا،تۈنۈگۈن سىزگە بىر ئىشنى ئېيتىمەن دەپ جىددىيچىلىكتە ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ،تۈنۈگۈن مەن،سىزگا مەسلىھەت سېلىشقا تىگىشلىك بىر ئىشتا مەسلىھەتىڭىزنى ئالمايلا قارار چىقىرىۋەتتىم،بۇ باش-باشتاقلىقىمنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن؟

- راسلا باش-باشتاقلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتۇپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلىمەن،ئەپۇ سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،ئەمما يەنىلا بۇ ئىشنى بىلىپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ-

- قارىغاندا خانقىز تۇرغۇن بىلەن بىرلىشىۋالغان ئوخشايدۇ،ئۇ قابىلنىڭ مىنىڭ ئىشخانامغا بۈگۈنكى يىغىنغا تەييارلىغان لايھىيەرىمىزنى ئوغۇرلاشقا ئەۋەتىپتۇ،مەن سىزدىن سورىمايلا لايھىيەنى ئۇنىڭغا بېرىۋاتتىم-

-ئۇنىڭغا بىز بۈگۈن يىغىنغا سۇنماقچى بولغان لايھىيەنى بەردىڭىزمۇ؟

- ئەلۋەتتە ئۇنى بەرمەيمەندە،بىزنىڭ بۈگۈن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويىدىغان لايھىيەرىمىز بەكلا ئاددى،تۇرغۇننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە،ئۇ يا راسلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ،ياكى بىزنىڭ لايھىيەنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغا سىرلىرىمىزدىن گۇمان قىلىدۇ،شۇڭا ئۇنىڭغا گورۇھىمىز بۇ تۈردىن ۋاز كىچىشتىن ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايھىيەلەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر دەپ قارىغان بىر لايھىيەنى بەردىم،تۇرغۇن ئۇ لايھىيەگە قاراپ،بىز بىلەن تېخىمۇ قاتتىق رىقابەتلىشىشكە بەل باغلىسۇن، گۇمانسىز ھالدا باھانى تېخىمۇ ئۈستۈن قويسۇن-

- ھا،ھا ھا -رىشىت ئەپەندى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى-تۇرغۇننى كىچىدىن بۇيان تازا ئاۋارە قىپسىزدە،ئۇ ئۆزىنىڭ لايھىيەسىنى بىزنىڭ لايھىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،مۇنەۋۋەر تەرەپلىرىنى تاللايمەن دەپ،كىچىچە ئۇخلىمىغاندۇ ھەقىچان –

-ئۇخلىمىغىنى ياخشى،ئۇنىڭ ئۇخلىمايدىغان كۈنلىرى تېخى ئالدىمىزدا رىشىت دادا -شەمسىيەمۇ رىشىت ئەپەندىمگە ئەگىشىپ كۈلدى.

- ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، كارخانا گورۇھ خوجايىنلىرى، خانىملار،ئەپەندىلەر ھازىر يىشىل شەھەر ساياھەت كوچىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان،ئون مىڭ كىۋادىرات مىتىرلىق ئالتۇن زىمىنغا  كىم ئارتۇق قىلىپ،خېرىدار تاللاش پائالىيتىنى رەسمىي باشلايمىز- رىياسەتچى بۈگۈنكى يىغىننىڭ ماھىيتى،كۈن تەرتىپى ۋە قاتناشقۇچى  قاتناشقۇچىلارنى بىرەر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كىيىن، يىغىننىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

-بۇ زىممىننىڭ دەسلەپكى سېتىلىش باھاسى 100مىليون يۈەن،100مىليون يۈەنگە باھا قوشىدىغانلار بارمۇ؟ -

- 110مىليون يۈەن،

-115مىليون يۈەن

120مىليون يۈەن.

-120مىليونغا قوشىدىغانلار بارمۇ؟ 120مىليون بىر، بىر يۈز يىگىرمە مىليون ئىككى

-بىر يۈز ئوتتۇز مىليون- باھالار شۇنداق قويۇلۇپ ئۆرلەپ200مىليونغا چىققاندا، ئۈستۈنلۈك ماكانىم گورۇھىدا بىردەملىك توختاپ قېلىۋىدى، رىشىت ئەپەندىمنىك چىرايى تاتىرىپ، قان دىدارىمۇ قالمىدى.

-220مىليون- ئەمما، ئاخىرىدا، تۇرغۇن يەنىلا شەمسىيەنى قۇتۇلدۇرىۋالدى.

- 250مىليون -باھا رىقابىتى ئۈزۈلسىز داۋاملاشىپ، ماكانىم بىلەن يىشىل گۆھەر ئوتتۇرىسىدىكى باھا جېڭىنىڭ نەتىجىسىدە زىمىن باھاسى 500مىليوندىن ئاشتى.

- 550مىليون-شەمسىيەنىڭ بىراقلا قويغان باھاسى تۇرغۇن مۇدىرنىلا ئەمەس، رىشىت ئەپەندىمنى ئۇنىڭدىنمۇ بەكىرەك چۆچۈتىۋەتتى.

550مىليون بىر، 550مىليون ئىككى، 550مىليون ئۈچ 550مىليون.. –

- 600مىليونغا يىشىل شەھەر گورۇھىمىز سېتىۋالىدۇ- پىلان ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى،ئاچكۆز تۇرغۇن گەرچە بۇ زىمىندىن پايدا ئېلىشقا كۆزى يەتمىسىمۇ، ئامما  50مىليوننى بىراقلا قوشۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا يەنىلا شەمسىيەنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، بۇ زىمىننىڭ رەسمىي خېرىدارىغا ئايلاندى.

-بۈگۈنكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن كىيىن،بۇ زىمىنغا قويۇلغان  ئەڭ يۇقۇرى باھا 600مىليون، ئەڭ تۈۋەن باھا 100مىليون، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرلۇش لايھىيەسىگە قويغان تەلىپى قاتتىق بولغاچقا، ھەرقايسى قاتناشنۇچىلارنىڭ لايھىيەلىرىگە قاراپ،مۇۋاپىق پەيتتە خېرىدار بولغۇچىنىڭ نامى ئېلان قىلىنىدۇ، بۈگۈنكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيتى مۇشۇ يەردە تامام. –

- ۋەي، شەمسىيە ھەدە، سىز قەيەردە، ۋاقتىڭىز بولسا، سىزنى ئازىراق ئاۋارە قىلاي دىگەنتىم، سىزگە دىمىسەم بولمايدىغان مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى-رىياسەتچىنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا، شەمسىيە ئىزچىل سايراپ توختىمايۋاتقان ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن تىلفوننى جىددىي  ئالدى، بۇ رەھىمەنىڭ ئاۋازى ئىدى! 


 

aziza
ئەڭ يېڭى ئاۋازلىق رومان، پوۋېست ھىكايىلەر يوللىنىدۇ قوشىۋېلىڭ
 最新文章